ئاشقازاننىڭ ئېسىل دورىسى - جاۋارىش ئەمبەر


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ماڭا ئاشقازان ياللۇقى، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي ياللۇقى ھەم يارىسى دەپ دىئاگنۇس قويۇلغىلى خىلى يىللار بولۇپ قالدى. تېۋىپلار ئاشقازان سوۋۇپ كېتىپتۇ دەپ دورىلارنى بەردى، دوختۇرخانىلاردىمۇ كۆپ داۋالانغان بولساممۇ ياخشى بولالمىدىم. ماڭا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئەڭ ياخشى مەنپەئەت قىلىدىغان بىرەر دورىسىنى تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاشقازان كېسەللىرىنىڭ سەۋەپچى ئامىللىرىغا ۋە بىمارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمىغان داۋالاش چارىلىرى ۋە دورىلارنى ئىشلىتىشى مومكىن. سىلى دېگەن ئەھۋالغا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك بولغان، تەسىرى ئالاھىدە ياخشى بولغان دورا <<مەجۈنى جاۋارىش ئەمبەر>> نى تەۋسىيە قىلاي. بۇنىڭ ھازىرچە مېنىڭ بىلىشىمدە ئىشەنچلىك ھەم ئۈنۈمى ياخشى بولىۋاتقىنى قاراقاش ناھىيلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ئىشلىگىنىدۇر. بۇ دورىنىڭ خام ماتىرياللىرى كەم بولغانلىقى سەۋەبىدىن تولا ھاللاردا تاپقىلى بولمايدۇ. (قارا قاش نايىلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ ئۆزىدىن سىرتقا ئاشمايدۇ).

مەجۈنى جاۋارىش ئەمبەرنىڭ ئاساسلىق تەركىۋى: قاقىلە، پىلپىل، ئۆشنە، زەپە، ئەمبەر، مەستىكى رۇمى، جويۇز قاتارلىق 13 خل ئۆسۈملۈك دورىلىرى.

تەسىرى ۋە ئاساسى داۋالايدىغىنى: نۇرمالسىز بەلغەمنى تەڭشەيدۇ، سوغۇقنى تارقىتىپ يەل تارقىتىدۇ، ئاشقازاننى قىززىتىپ يەل ھەيدەيدۇ. ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. سۇغۇقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، ئاشقازان ياللۇقى، ئاشقازان يارىسى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، تۇتقاقلىق، پالەچ قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

قاچىلىنىش مىقدارى: 50گىرام.




[Birzat بۇنى 2011-02-01 03:33 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئاشقازان

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 9 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماتاش[2011-05-31 01:35 AM | del]
مىنىڭ بالامنىڭ ئاغزىدىن تۇختىماي شۈلگەي ئاقىدۇ بونىڭ سەۋەبى نىمە ؟ قانداق قىلىپ داۋالىغىلى بولىدۇ؟
回复قايتۇرماSIMIZ[2011-04-21 11:11 PM | del]
ياخشېمۇ سې.مەن يۇيۇلغان لوك دېگەن  دورېنې سورايدېگەنـېم
回复قايتۇرماظؤيچان[2011-03-29 01:24 AM | del]
ظةسسالامذ ظةلةيكذم مةن بذيئل 32يشقا كئردئم  توي قئلغئلئ 8يئل بولدئ ،بالئلئق بولالمئدئم ،مةن تولذقسئزدا ظوقئؤاتقان چصغئمدا چوثلارنئث قولئدا لةززةتلئنئؤتقانلئقئنئ كأرإپ شذ ظئش بئلةن شذغذللئنئپ خذمار بولذپ قالغان 1997-يئلئ ظذرذقدئنئمدا غةلئتة مذنةك پةيدا بولذپ قصلصپ دوختذرغا كأرسئتئشتئن نذمذس قئلئپ كأرسةتمئدئم نةتئجئدة جئنسئ مذناسئؤةت ظأتكإزگةندة مةنئ يوق هالةتكة كةلدئ پةقةتلا يوق،جئنسئ ظئقتئدارئمدا بةك چوث مةسئلة يوق لئكئن مئنئثچة ظانچة نورمال ظةمةس ،مةن هازئر ظأزإمنئ بةك ظةيئپلةيدئغان بولذپ كةتتئم ،بةزئدة بذ ظاللاهنئث ماثا بةرگةن جازاسئ دةپ قالئمةن .مةن قانداق قئلسام نورمال بولالايمان ،بالئلئق بولئشئئمدا ظإمإت بارمئدذ؟.ياش چوثايغانسئرئ جئنسئ ظئقتئدارئمدا مةسئلة كأرإلةرمذ؟ماثا بئر ظإنإملإك جاؤاپ بةرگةن بولساثلار،هةقئقئ ظةهؤالنئ چإشةدإرإپ قويساثلار رةخمةت!!!!!!!!!!!!!!
回复قايتۇرماpolat116[2011-03-17 11:37 PM | del]
ھۆرمەتلىك بىكەت باشقۇرغۇچىغا:
    مىنىڭ مۇشۇ بىرنەچچە كۇندىن بۇيان مىجەزىم يوق ، كورۇلدىغان ئالامەتلەر  تاماق يېسەم 5مىنۇت ئوتكەندىن كېيىن كۆڭلۇم ئېلىشىپ ياندۇردىغان ، تاماق يىگۇم كەلمەيدىغان، ئىچىمدىن تىتىرەك بېسىپ توڭلاپ كېتىدىغان بۇلۇپ قالدىم .  يەنە  كەچلىگى  پۇت - قۇلۇمنى سۇنۇپ دۇم ياتسام  ئىككى بېقىنىم قاتتىق ئاغرىيدىغان  ئەھۋاللار  كۇرۇلۇۋاتىدۇ.  شۇڭا بۇ جەھەتتىن مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز .
回复قايتۇرماMUZAT317[2011-02-27 11:02 PM | del]
مەن ئەسلىدە سۇئال يوللىماقچى ئىدىم ، لېكىن قانداق يوللاشنى بىلمەي مۇشۇ ئورۇنغا يوللىدىم ، مەن يېقىندىن بۇيان كۆپ سوغۇق تەرلەيدىغان بولۇپ قالدىم ، بولۇپمۇ كېچىلىرى بەك كۆپ تەرلەيمەن ، شۇڭا بېرزات ئەپەندى قانداق قىلغاندا كۆپ تەرلەشنى ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولىدۇ ، بولۇپمۇ بەدەندىكى زىيادە ھۆللۈكنى قانداق قىلغاندا يوقاتقىلى بولىدۇ ، مەسللىھەت بەرگەن بولسىڭىز .
回复قايتۇرماparixta0086[2011-02-27 04:44 PM | del]
مەنمۇ سۇئال يوللىماقچى ئىدىم ،ئەمما يوللايدىغان يەرنى تاپالمىدىم ،قەيەرگە يوللايدۇ؟
回复قايتۇرماdorigar[2011-02-27 01:48 AM | del]
مەن سوئال يوللاي دىگەن بىراق نەگە يوللايمەن. دەپ بەرگەن بولساڭلار.خاپا بولماي.
回复قايتۇرماBirzat[2011-02-09 05:07 PM | del]
ئەسلى سۇئاللارنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە يوللىماسلىقنى تورداشلارغا كۆپ قېتىم ئەسكەرتكەن ئىدۇق.
ئادەتتە ئاشقازاننى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىچمەكچى بولسىڭىز قايناق سۇدا مۇۋاپىق بولغان زەپەنى ئىرىتىپ سەل سوۋۇتۇپ ئاندىن بىر-ئىككى قوشۇق ھەسەل سىلىپ ئىچىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
زەپە ھەققىدە چۈشەنچە:
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ : ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﺧﻮﺷﻠﯘﻕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﮬﯧﺲ-ﺗﯘﻳﻐﯘﻧﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ، ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ، ﺑﻪﻟﻐﻪﻡ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﻚ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﯘﻓﯘﻧﻪﺗﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ، ﺧﯩﻠﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﺵ، ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮬﯚﻟﻠﯜﻛﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﺵ، ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ، ﺑﺎﮬﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ، ﺭﻭﮬﯩﻲ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﯩﻴﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ. ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﺩﻭﯞﺳﺎﻗﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ، ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻳﯜﺭﻩﻙ-ﻣﯧﯖﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ، ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ، ﺗﺎﻝ، ﻣﯧﯖﻪ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﺵ ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﮬﻪﻳﺰ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﻟﯩﻜﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻟﻴﺎﺗﻘﯘﻧﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﺍ -ﺩﻩﺭﻣﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ﭼﺎﻱ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
لۇبۇبى كەبىر، داۋائىل مىشكى، جاۋارىش زەرئۇنىي، مەجۈنى ئىمساك، بەرشىشا كەبىر، ئەبرىشىم شەربىتى، مۇپەررىھى ياقۇت، مۇپەررىھى قەلىپ، مەجۈنى ئاياللار گۆھىرى، مەجۈنى سەقەنقۇر، مەجۈنى سۆئىلەپ ، جاۋارىش ئەمبەر، خېمىرى مەرۋايىت دېگەندەك نۇرغۇن دورىلار زەپەسىز ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.
ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ: ﺋﯩﺮﺍﻥ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ، ﻣﯩﺴﯩﺮ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﭼﻪ ﺯﻩﭘﻪ ﭼﺎﻱ ﺩﻩﻣﻠﻪﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ:
ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ (ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ) ﺯﻩﭘﻪ، ﻻﭼﯩﻨﺪﺍﻧﻪ، ﺳﯩﺮﯨﻖ ﻧﺎﯞﺍﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﭼﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﺳﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ، ﺋﻮﭼﺎﻗﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﭼﺎﻱ ﻳﯜﺭﻩﻙ-ﻧﯧﺮﯞﯨﻐﺎ ﺧﻮﺷﻠﯘﻕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ. ﮬﺎﺭﺩﯗﻗﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻗﻪﮬﯟﻩﺩﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻱ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺷﯩﺪﺍ ( ﻛﯚﭘﻨﭽﻪ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ )، ﺋﺎﺋﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻣﯩﮭﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ-ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻩﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
__________ بىرزات
回复قايتۇرماzuhre[2011-02-02 11:51 PM | del]
زەپەنى ئىسسىق ھەم شىپالىق دەپ ناۋات قوشۇپ چاي قىلىپ ئىشلەتكىننى كۆرگەن ھەم بىر قانچە قىتىم ئىچكەنتىم.مىنىڭمۇئاشقازىنىم ئاجىز ،يەنە  بەدىنىمدە نەملىك كۆپ بولغاچقا ،ماڭا پايدىلىق دەپ ئويلايمەن،بىراق زەپە بەك ئىسسىق بولغاچ .ئۇنى ئىچىپ باشقا ئەزالارغا زىيانلىق بولۇپ يامان تەسىر بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەيمەن.
زەپەنى ھەر قانداق تىنى ساغلام ئاياللار ھەپتىدە(ھەر قىتىمدا ئۈچ-تۆت تال ئىلىپ چاي قىلىپ بىر -ئىككى قىتىم ئىچىپ بەرسە ،ئىككى ئايغىچە )كۆپ بولۇپ كىتەمدۇ؟ئاشقازاننى كۈچەيتكىلى ۋە بەدەندىكى نەملىكنى يوقىتىشقا ئاز-تولا ئۈنۈمى بولامدۇ؟بۇ توغۇرلۇق چۈشەنچە بەرسىلى بوپتىكەن.
بىز سۇئال سورىماقچى بولساق قەيەرگە يوللايمىز؟بىر قانچىلىغان سۇئالىم بار ئىدى.بولسا شۇ سۇئال يوللاش دىگەننى ئاسان كۆرگىلى بولدىغان يەرگە،قېنىق رەڭلەردە  قىلىپ چوڭ چىقىرىپ قويساڭلار.قارىسام نۇرغۇن ئادەم سۇئاللارنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە يوللاۋىرىپتۇ.مەنمۇ تاپالماي قالدىم.پىكىر يىزىش دەپتىرگە يازامدىغاندۇ دەپ قارىسام ئىچىلمايدىكەن.ئاللا رەھمەت قىلسۇن!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.