بېھى ئادەتتە بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، قان كۆپەيتىش ، ماغدۇرسىزلىق ۋە روھسىزلىقنى تۈگىتىش ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . بېھىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇلۇپ ئېچىتىلغاندىن كېيىن ، تاشقى ئەزالارنىڭ ئىشىقىغا چېپىپ بېرىلسە ، مەنپەئەت قىلىدۇ . جىگەر كېسىلىگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغانلار ، ئاشقازان – ئۈچەي كېسەللىكى ۋە ئىچى سۈرۈش ، ئىشتىھاسىزلىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشلەر مۇۋاپىق مىقداردا بېھى ئېستىمال قىلسا پايدىلىق .

ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ:

" /> بىھىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى - 80 خالتا بلوگى

بىھىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى


تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)

ﺑﯘ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﯧﮭﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ.
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﮬﯚﻝ ﺳﻮﻏﯘﻕ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ-ﭼﯜﭼﯜﻛﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ.
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﺧﻮﺷﻠﯘﻕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺋﯩﭻ ﺳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺭﯦﺘﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﻣﯧﯖﻪ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺸﺘﺎﮬﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯧﺰﯨﻜﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻗﯘﺳﯘﺵ ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺳﯧﯖﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ( ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ) ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ - ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ: ﺑﯧﮭﻰ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ( ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺟﺎﻝ) ﯞﻩ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﺳﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﻳﯚﺗﻪﻝ، ﮬﯧﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ، ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﮬﻪﺳﻪﻝ، ﺭﯗﻡ ﺑﻪﺩﯨﻴﺎﻥ
ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻯ: ﺋﺎﻟﻤﺎ
ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ:ﺳﻪﻓﻪﺭﺟﺎﻝ
ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: ﺑﯧﮭﻰ
ﺋﻮﺭﺩﻭﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: ﺑﯧﮭﻰ
ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: Quince
ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ:
wen po 温勃

بېھى ئادەتتە بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، قان كۆپەيتىش ، ماغدۇرسىزلىق ۋە روھسىزلىقنى تۈگىتىش ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . بېھىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇلۇپ ئېچىتىلغاندىن كېيىن ، تاشقى ئەزالارنىڭ ئىشىقىغا چېپىپ بېرىلسە ، مەنپەئەت قىلىدۇ . جىگەر كېسىلىگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغانلار ، ئاشقازان – ئۈچەي كېسەللىكى ۋە ئىچى سۈرۈش ، ئىشتىھاسىزلىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشلەر مۇۋاپىق مىقداردا بېھى ئېستىمال قىلسا پايدىلىق . بولۇپمۇ بالىلاردا كۆرۈلگەن ئۈچەي – ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە بېھى ئالاھىدە شىپا بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئون گرام بېھى بىلەن ئون گرام بەھمەن 500 گرام ئەتراپىدىكى سۇدا 200 گرام قالغۇچە قاينىتىلىپ ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بەش – ئالتە گرامدىن ئىچىپ بېرىلسە ، قان ئازلىق كېسەللىكى ، قان ئازلىق تۈپەيلىدىن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە رېماتىزم خاراكتېرىنى ئالغان شامال دارىش كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ . - لېكىن يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان سوغۇق مىجەزلىك كىشلەر بېھى ئېستىمال قىلسا بولمايدۇ . بىراق بېھىنى شېكەرگە ئارلاشتۇرۇپ مۇراببا ياساپ ياكى ھەسل ، ئارپىبەدىيان ۋە ئەنسون قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ .

بېھى.بېھى تەركىبىدىكى ۋىتامىنcئاپلېسىنغا قارىغاندا، ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ، بۇ خىل مېۋىنى داۋاملىق ئېستىمال قىلىپ بەرسە، ئۆت خالتىسى كېسەللىكىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

بىھى شەربىتى
بىھىنى سېقىپ سۈيى ئىلىنىپ تەييارلانغان بۇ دورىلىق ئىچىملىك يۈرەك-ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ. يۈرەك، ئاشقازان-ئۈچەي ئاجىزلىقلىرى، نېرۋا، جىگەر كېسەللىكلىرىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋائىي ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭۈل ئىلىشىش، سېزىكنى پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئىچىش ئۇسۇلى:تاماقتىن بۇرۇن 1~2قۇشۇق ئىچىدۇ.

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
 




[Birzat بۇنى 2011-10-05 12:20 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بىھى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.