ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى سىرلار
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-12-02
مۇتەخەسىسلەر ۋە تېببىي ئالىملار ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى سرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بىرىپ ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبىىنى ئۇلارنىڭ فېزوئولوگىيىلىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكتە ، يەنى ئىچكى ئاجراتمىلاردىكى پەرق ۋە ئالاھىدىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىققان .
ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى يۇقارقى تۈپ سەۋەبتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى قوشۇمچە سەۋەبلەرمۇ مەۋجۈت:
1. ئاياللار گەپنى كۆپرەك قىلىدۇ . ئالىملارنىڭ تەتقىقات يەكۈنىدىن قارىغاندا ، ئاياللارنىڭ <شەيئىلەرنى كۈزىتىش ئىقتىدارى ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتى> ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپرەك ئۈستۈن تۇرغاچقا كۆپ گەپ قىلىدىكەن .
ئاياللار كۆپ سۆزلەيدىغان بولغاچقا ئويلىغانلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ . روھىي كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ . ئۆز ھېسىياتىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ . روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ھەرخىل بىسىملارغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ . شۇڭا ئۇلار پسىخىك ۋە جىسمانىي جەھەتتە ساغلام بولىدۇ .
2. ئاياللار ئومومەن سىلىق - سىپايە ، ئاقكۆڭۈل ، يۇۋاش - يۇمشاق كىلىدۇ . بىر ئائىلىدىمۇ ئايالنىڭ مۇلايىملىقى ۋە ئاقكۆڭۈللىكى بىلەن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ روھىي كەيپىياتىدا ئۈستۈن بولىدۇ . مۇلايىملىق ، ئاقكۆڭۈللۈك ، ئۇلارنىڭ روھىي - كەيپىياتىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ نەتىجىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ .
3. ئاياللار ئاسان كۆز يېشى قىلىدۇ . بۇ ئارقىلىق ئىچ - پۇشقىنى ، خاپىچىلىقىنى پەسەيتىدۇ . بىراق ئەرلەر ناھەقچىلىككە ، قايغۇ - ھەسرەت ۋە خۇرلۇققا ئۇچرىغاندا ياكى غەزەپلەنگەندە ئاياللارغا ئوخشاش يىغلىماستىن دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ يۈرۈيدۇ . بۇنداق قىلىش پسىخىكا جەھەتتىن ساغلاملىققا زىيانلىق .
تېببىي ئالىملارمۇ <تېگىشلىك بولغاندا ئازراق يىغلاپ كۆزدىن ياش ئېقىتىش كۆزنىڭ ۋە بەدەننىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق> دەپ كۆرسەتتى .
4. ئەركىلەش ۋە نازلىنىش قىز - ئاياللاردىكى تەبىئې ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت بولۇپ ، ئۇ ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە ئىناقلىق ۋە مېھىر - مۇھەببەتنى ئۇرغۇتالايدۇ . تەتقىقاتلاردىن ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئاياللارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئەركىلەش ، نازلىنىش ، كۈلگۈنچەكلىك ، ئوچۇق مىجەزلىك ۋە ئاددى - ساددا خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى .
5. گۈزەللىككە ئىنتىلىش ، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈش ، پاكىزلىق ئاياللاردىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ ، بۇلارمۇ ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە پايدىلىق .
گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ئاياللارنىڭ جەزبىدارلىقى ۋە ھاياتى كۈچى دائىم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ . بەزى ياشانغان ئاياللارنىڭمۇ پەرداز قىلىپ ئۆزىنى ياساپ يۈرۈشى ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق . ئالىملار ، ئۆزىنى ياش تۇتۇش بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى شۇنداقلا مېڭە ، يۈرەك - قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستېكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ ، بۇلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ، دەپ كۆرسەتتى .
مەنبە : <بىلىم - كۈچ> 2009 - يىللىق 1 - سان .
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئايال
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: