سەنئەتچىلىرىمىز توغرىسىدا ئاڭلىغان ئۆسەك سۆزلەر

.»بىر كۈنى دىگىنە،ئاداش- دېدى بىر ئايال يېنىدىكى خېلى پۇرۇز كىيىنگەن دوستىغا،-زاھىر بۇرھان دىگىنى تۇرپاندا ئاياللاردەك قۇيۇۋالغان ئۇزۇن چېچىنى تازا ياساپ كېچىدە ئاقسالىق قىلغان گەپ.ۋاھ ھاي،شۇنىڭ بىلەن يىگىتلەر ئۇنىڭ ئەدىبىنى راسا بىرىپتۇ.ئاڭلىسام بىچارە نەچچە ئاي ياتقان گەپ.مانا بۇ خەلق ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان ئون سەنئەتكارىمىز ئۈستىدىكى گەپ. كىيىن،زاھىر بۇرھاننىڭ بىر زىيارەت قىلىنىش خاتىرىسىدىن بىلدىمكى،ئەسلى ھەقىقى ئەھۋالدا، زاھىر بۇرھان تۇرپانغا ئۇيۇن قويغىلى بېرىپ ئاخشىمى تۇرپان كوچىلىرىنى ئارىلاۋاتقاندا،ئۈزىنىڭ بىر ناخشىسىنى بىرەيلەننىڭ شۇنداق ياخشى ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكىسى كېلىپ بارغانىكەن.قارىسا،ئۇ بىر ھاراقكەش بولۇپ ئەمدى بىر ئېغىز گەپ قىلىشىغا مەستلىكى تۇتۇپ ئۇرغان،شۇنىڭ بىلەن بەزى ئۇزاق قۇلاقلىرىمىز بۇ خەۋەرنى چالا پۇچۇق ئاڭلاپ يۇقارقىدەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ يۈرۈشكەن.
ئاداش ئاڭلىدىڭلىمۇ؟-دېدى بىر زىيالىي سۈپەت ياش،-ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى كاناي راكى بولۇپ ئۆلەپ كېتىپتۇ دەيدۇغۇ؟
-سىلىمۇ ئاڭلىدىڭلىمۇ بۇ گەپنى؟-دېدى ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ھەيرانلىقىنى يۇشۇرۇپ بولالماي،- مەن بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شۇنداق دەپ ئاڭلىغان.
-ھازىر ھەممە خەقنىڭ ئاغزىدا شۇپاراڭ. ھەي ئىسسىت بىچارە،كاناي راكى بولغان ئادەم ئۆيىدە ئارام ئېلىپ جىم ياتماي نېمە بار ناخشا توۋلاپ ھاياتىنى قىسقارتقۇچە!

4,396 گىرادۇس 7

تۈركىيە ناخشا چولپانلىرىدىن: مۇرات كەكىللى

مۇرات كەكىللى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تاركان،ئىبراھىم،گۆھتان قاتارلىق ناخشىچىلاردەك ئانچە تۇنۇش ئەمەس. بېراق، << بۇ ئاخشام ئۆلەرمەن >> دىگەن ناخشىنى ئاڭلاپ باققانلارغا ئۇ چۇقۇم ناھايىتى چۇڭقۇر تەسىرىنى قالدۇرغان. << بۇ ئاخشام ئۆلەرمەن >> دەل بىز بۈگۈن تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغان ناخشىچى مۇرات كەكىللىنىڭ بۇلىدۇ.

مۇرات كەكىللى 1968-يىلى 18- ئاپرىل ئادانا(Adana)دا تۇغۇلغان بولۇپ،باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئادانادا ئۆتكۈزگەن. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا،مۇرات كەكىللى كىچىگىدىن تارتىپ جاپا مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن.ئۇ تەتىل كۈنلىرى مەھەللىسىدە يەل يىمىش ساتاتتى،مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇرات كەكىللىنىڭ بېشىغا تەلەي قۇشى قۇنۇپ ئادانا ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشۈپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ يېنىدا ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.ھەمدە بىر پىئانىنو چالىدىغان ياش بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ پىئانىنوغا ناھايىتى ئىشتىياق باغلاپ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە باشلايدۇ.شۇنداق قىلىپ، مۇرات كەكىللىنىڭ سەنئەت ھاياتى باشلىنىدۇ.

1,802 گىرادۇس 4

تېپىۋالغان پۇل،شەيتان ۋە ئادەم (ئەبجەش يازما)

كىچىگىمدىن ئاجايىب ئارمىنىم بار ئىدى.گېزىت-ژۇرناللاردىن،مەكتەپ رادىئوسىدىن دائىم ‹‹ پالانى مانچە توننا ئالتۇن تېپىۋېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.››،‹‹پۇستانى مانچە مىليون خەلق پۇلى تېپىۋېلىپ ساقچىغانىغا ئاپىرىپ بەرگەن››دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ئىشىتكەندە ئاشۇ كىشىلەرگە ئاجايىب ھەۋىسىم كېلەتتى.ئىچىمدە ئۆرتىنەتتىم،نىمىشقا ماڭىمۇ ئاشۇنداق پۇل،ئالتۇنلار ئۇچرىمايدىغاندۇ،نېمىشقا ماڭا شۇنداق ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى كېلىپ داڭقىمنى پۈتۈن ئالەمگە تارىتىدىغان ۋاقىت يوقتۇ دەپ ئۆكۈنەتتىم.شۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ئاخشىمى بولسا ئاجايىب چۈشلەرنى كۆرەتتىم-يۇ يەنە ئويغۇنۇپ پۈتمەس ھەسرەتتە قالاتتىم.ھەي شۇ،شۇ ئارمانغا چۇشلۇق يول يۈرگەندە يەرنى تىشىۋەتكۈدەك قاراپ ماڭغان بولساممۇ،كىشىلەرنىڭ يانچۇقىغا ئوغرىدەك قاراپ قاچان بىر مانچە پۇلى چۈشۈپ قالاركىن دەپ تەلمۈرسەممۇ،ئۇنداق ‹‹تەلەي››لەر ماڭا نېسىپ بولمايۋاتاتتى،ئەمما ، گېزىتلەردە بۇنداق خەۋەرلەر زادى ئۆكسۈمەيتى،يۈرەك ئاغرىقىم ھەم توختىمايتى…
چوڭ بولدۇم،چوڭ بولغاندىن كىيىن مۇنداق خام خىيالنى بىر مەزگىل تەرك ئەتكەن بولساممۇ،بۈگۈنكىدەك يۇقىرى ئىستىمال مەزگىلىدە يانچۇقۇم ئۆكسۈشكە باشلىغاندا،شۇ خىيال ئازغۇندەك كاللامغا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالاتتىيۇ ،بىردەملىك ۋەسۋەسىگە تاشلاپ قويۇپ يەنە يوقاپ كېتەتتى،مەنمۇ رېئاللىققا قول قويۇپ يەنە ئىشىمغا ماڭاتتىم.كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىسىدە كېتىپ باراتتى…

1,411 گىرادۇس 1

EOT ئادرىسىنى ئۆزگەرتىش يۇمتالىنى چۈشۈرۈڭ

ناۋادا سىزEOT ياساشنى بىلمىسىڭىز ياكى ياساشنى ئەپسىز كۆرسىڭىز مەزكۇر يۇمتال ئارقىلىق توردىن تەييار بولغان EOTنى چۈشۈرۈپ ئادرىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئادرىسىغا توغرىلاپ قويسىڭىزلا يېڭى EOT ھاسىل بولىدۇ.قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق،چۈشۈرۈپلا ئىشلىتەلەيسىز!

كۆرۈنمە يۈزى يۇقارقىدەك

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرىۋېلىڭ

377 گىرادۇس 1

[ ئىجادىيەتلىرىمدىن] ئۆزىنى يۇتۇۋېتىش

شېئىرغا كۈيۈپ يۈرگەن زامانلىرىم تۇيۇقسىز ئېسىمگە كېلىپ قالدى.شۇنداق،ئۇزۇن بوپتۇ،قەلەم بىلەن مۇڭدىشىپ يۈرۈكۈمدىكى گەپلەرنى تۆكۈپ باقمىغىلى.تۇيۇقسىز،ئۇ -قەلەم كەلدى،مېنىڭ ھالىمنى سورىدى.يېغلىدىم،ھەيران بولدى؛كۈلدۈم،ئەجەبلەندى.شۇنىڭ بىلەن يۈرۈكۈمدىكى ئويلار پۈتۈلۈپ بىر شېئىر بولدى….
-خاتىرەمدىن

1,555 گىرادۇس 4

[تەجرىبىلىرىم]AppServ ئارقىلىق PHP مۇھىتى قۇرۇش

phpنى يېڭىدىن ئۆگەنگەن ھەۋەسكارلار ئۈچۈن، php مۇھىتى ھازىرلاش بىرقەدەر قېيىن بولغان ئۆتكەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۈگۈن مەن مۇشۇ ھەۋەسكارلارغا php مۇھىتىنى AppServ ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە،قولايلىق ھالدا قۇرۇپ چىقىشنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە مەزكۇز يازمامنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن(AppServ ئارقىلىق php ئىجرا مۇھىتىنى ھازىرلىغىلى بولۇپمۇ قالماي يەنە
Apache مۇلازىمېتىرى،MySQL ساندان،phpMyAdmin قاتارلىقلارنىمۇ قۇرغىلى بولىدۇ)

ئاۋۋال،توردىن ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولغان نەشىردىكى AppServ يۇمتالىنى چۈشۈرىمىز.ئوخشىمايدىغان نەشىردىكى بۇ يۇمتالنىڭ پەرقى پەقەت شۇ Apache مۇلازىمىتىرى،MySQl ساندانى نەشىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ئېبارەت.بۇ يەردە بىز 2.5.10 نەشىرىدىكى AppServ يۇمتالىنى چۈشەندۈرىمىز.

588 گىرادۇس 4