ئۇيغۇرلارنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكى بولغان، بۇنىڭدىن 7000 يىل مۇقەددەم تارىم ۋە جۇڭغاردىن ئايرىلىپ ئۆزىگە يېتەلىك ئىرسىي خىرەلىكنى پەيدا قىلغان كىشىلەر توپى ھون(سۇمرۇغ)لارنى ئەجدادىمىز دېسەك، بۇ مۇقەددەس تۇپراقتىن مەڭگۈ ئايرىلماي ياشاپ كېلىۋاتقان «ئۇرۇم»لىقلارنى نېمە دەپ ئاتىساق بولار؟
6- ئوغۇزخاننىڭ زامان ئېنىقلىمىسى
«تۈركىي تىللار دىۋانىي»دىكى «تۆۋەن چىن ۋە ئوتتۇرا چىن (ئارچىن)»نى «ئۇرۇم»لىقلار تەۋە دېگەن يۇقۇرقى بايانىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر نامىنىڭ «يۇقۇرچىن»دىن كۆرە «ئۇرۇم»لار ئىپتىخارىغا مەنسۇپ بولۇپلا قالماي، ئۆزىنى ئۇيغۇر لەۋھەسى بىلەن يوپۇقدىغان ئوغۇزخان ئەڭ قەدىمكى ئەجدات ئاتىمىز ۋە ئەجدات خاقانىمىز بولىشى كېرەك.
ئۇيغۇر نامىنى ئوغۇزخان قويغانكەن، ئوغۇزخاننى مۇئەييەن زامان ھالقىسىغا ئېگە قىلىش، ئۇيغۇر نامىنىڭ قويۇلغان ۋاقتىنى تەخمىنلەشتىكى بىردىن-بىر توغرا ئۇسۇل بولىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن ئەبۇل غازى باھادىرخان بىلەن مۆجىزى ئوغۇزخاننىڭ ياشىغان دەۋرى ھەققىدە توختۇلۇپ، بىرى: «ئەجداتلىرىمىز بۇ زىمىندا ياشاۋاتقىنىغا ئالتە مىڭ يىلدىن ئاشتى» («تەۋارىخى مۇسقىييۇن»، 51-بەت) دېسە؛ يەنە بىرى: «ئوغۇزخان بەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن.» دېگەن قاراشنى ئالغا سۈردى. بىرى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنىڭ ياشىغان دەۋرى مىلادى 7- ئەسىرنى بەلدەم قىلغان بولسا، يەنە بىرى، مىلادى 16- ئەسىرنى بەلدەم قىلغان. ئەگەر بىز 7- ئەسىردىن ئىلگىرىكى ۋاقىتنى تۆت مىڭ يىل دەپ قارىساق، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3400 يىل بىلەن مىلادىدىن كېيىنكى 2012 نى قوشساق 5412 يىل بولىدۇ؛ 16-ئەسىردىن ئىلگىرىكى ئالتە مىڭ يىل بىلەن 16- ئەسىرىدىن كېيىنكى 500 يىلنى قوشساق 6500 بولۇپ قالىدۇ-دە ئىككىسىنىڭ قارىشىدا 1100 يىل پەرق شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ ئىككى خىل قاراش ئىچىدە، ئەبۇل غازى باھادىرخاننىڭ ئوغۇزخاننى 5412 يىل مۇقەددەم قىلىپ تەخمىنلىشى، تۈركى مىللەتلىرى تارىخىدىكى شاھلار نەسەبىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزنىڭ قارىشىنى تۆۋەندىكىدەك دەلىل كۈچىگە ئېگە قىلغان:
«شاھ مەلىكنىڭ... باشچىلىقىدا ئىراققا كەتكەن سالۇر خەلقى كۆپ يىللار ئۇ يەردە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇگۇرجىق ئاتلىق بىر ئېسىل يىگىت پەيدا بولدى. تۈركمەنلەرنىڭ تارىخ بىلىدىغان كشىلىرى ئۇگۇرجىق ئالىپنى ئون ئالتە ئەۋلاد ئاۋۋالقى ئوغۇزخانغا ئۇلاشتۇرۇپ شۇنداق سانايدۇكى: ئۇگۇرجىق ئالىپ، ... قازان ئالىپ... تاغ خان، ئۇنىڭ ئاتىسى ئوغۇزخان. بۇ سۆز تامامەن يالغاندۇر. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئوغۇز زامانىدىن تا بۇ ۋاقىتقا قەدەر بەش مىڭ يىل ئۆتتى. ئۇگۇرجىق زامانىدىن تا بۇ ۋاقىتقىچە بەش يۈز يىل، ئالتە يۈز يىل ئۆتتى. ئوغۇز بىلەن ئۇگۇرجىقنىڭ ئارىسى تۆتمىڭ تۆت يۈز يىل. ئون ئالتە ئەۋلاد تۆت يۈز يىلدا، ھەرقانچە بولسىمۇ تۆت يۈز ئەللىك يىلدا ئۆتۈپ بولىدۇ. خوش، ئۇگۇرجىقنىڭ قالغان تۆت مىڭ يىلدا ئۆتكەن ئاتىلىرىنىڭ ئېتى قېنى؟ بۇ يېزىلغان ئون ئالتە كىشىنىڭ ئوغۇز ئوغۇللىرى بولغىنى توغرا ۋە ئۇگۇرجىقنىڭ ئاتىلىرى بولغىنىمۇ توغرا. ئەمما قايسى كىشى قوۋم ئىچىدە مەشھۇر بولسا شۇ كىشىنى يازغاندۇر. ئاللاھ بىلىدۇكى، بۇ يېزىلغان كىشىلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئارىسىدا ئون بەش ۋەيا يىگىرمە كىشىنىڭ ئېتى يېزىلماي قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى، ئوغۇز بىلەن ئۇگۇرجىقنىڭ ئارىسىدا تۆت مىڭ تۆت يۈز يىل ئۆتكەن. ھەرمىڭ يىلدا قىرىق ئەۋلاد ياشاپ ئۆتسە، ئىككى يۈز ئەۋلات ئۆتكەن بولىدۇ. بەس، بۇمۇ يالغانچىلىق بولارمۇ؟ ... ئوغۇزخان بەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن. قازان ئالىپ پەيغەمبىرىمىزدىن ئۈچ يۈز يىل كېيىن ئۆتكەنىدى. ياشانغان چېغىدا مەككىگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلدى. ئۇ ھالدا سالۇر قازان ئالتە ئەۋلادتا ئوغۇزخانغا قانداق ئۇلىشار ؟ يەنە سالۇر قازان قايى قورقۇت ئاتا بىلەن بىر زاماندا ئىدى...» («شەجەرەئى تەراكىمە»، «بۇلاق»، 1999- يىللىق 3-سان، 115-116-بەت).
ئەبۇل غازى باھادىرخان ئوغۇزخاننىڭ دەۋران سۈرگەن پەيتىنى ئۆزى ياشىغان دەۋر (مىلادى 17-ئەسىر)دىن بەش مىڭ يىل ئىلگىرى قىلىپ كۆرسىتىشىدە نېمىنى ئاساس قىلغانلىقىنى پەرىق قىلالمىغان تەتقىقاتلچىلار، بۇ خىل ھۆكۈمنى ئاساسسىز، دەلىلى قايىل قىلىش كۈچىگە ئېگە ئەمەس- دەپ گۇمانلاندى. نامازنى تەرك قىلمايدىغان، تەرەت ئېلىپ پاكلانغاندىن كېيىن قولىغا قەلەم ئېلىپ، يېزىقچىلىققا تۇتىنىدىغان ئەبۇل غازى باھادىرخاندەك مۆتىۋەر دۆلەت ئەربابىنىڭ «ئاللاھ بىلىدۇكى» دېگەن سۆزنىڭ قانداق قەلىبدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغانلىقىنى ھەرقانداق كىشى پەرەز قىلالايدۇ- ئەلۋەتتە. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنىڭ ئاساسى ھۇلى تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتىن كەلگەنلىكى ئىھتىمال
بىرىنچى، ئەبۇل غازى باھادىرخان شاھ ئەۋلادى بولغاچقا، تۈركى مىللەتلىرى تارىخىدا ئۆتكەن شاھلار تارىخى، نەسەپ خاتىرىسى تەرىزدە ساقلىنىپ قالغان بولسا، ئەشۇ ماتىريالنى مەنبە قىلغان بولىشى مۇمكىن. ئىككىنچى، ئەبۇل غازى باھادىرخان، ئوبول قاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە» داستانىدىكى ئىران پادىشاھلىرىنىڭ سەلتەنەت سۈرگەن يىللار ھىساۋىنى ئاساس قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن. «شاھنامە»نىڭ مۇقەددىمە ئىلاۋىسى ئۈچۈن يېزىلغان («شاھنامە»نىڭ تېماتىكىسى ۋە تۈزۈلىشى)دە، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ: « ‹شاھنامە› چوڭ ھەجىملىك داستانلار تۈركۈمى بولۇپ... مىلادىدىن ئىگىرىكى 3223- يىلدىن مىلادىنىڭ 651-يىلىغىچە... بولغان 3874 يىللىق رىۋايەت ۋە ھېكايەت سۆزلەنگەن.» («شاھنامە»، 3- بەت) دېگەن سۆزىدىكى، «مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3223 يىل» بىلەن ئەبۇل غازى باھادىرخاننىڭ ۋاستىلىق ھالدا، ئوغۇزخان مىلادىدىن 3400 يىل ئىلگىرى ئۆتكەن دېگەن سانلىق مەلۇمات 177 يىل پەرىق بىلەن، ئىككىلا شەخسنىڭ يىل ھىساۋى ئاساسەن بىردەك. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، يات قەۋم ۋە يات ئەلدىن «سىندۇ»، «تاڭغۇت» ۋە «شاغام» تەرەپلەرگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. دېمەك، ئوغۇزخان ئىران زىمىنىغا بېسىپ كىرگەن ۋاقىت، ئىراننىڭ مىلادىدىن 3223- يىللار ئىلگىرىكى تۈنجى پادىشاسى «كەيۈمەرس» سەلتەنەتى بولۇپ، ئۇرۇشتا «كەيۈمەرس»نىڭ شاھزادىسى سىيامەك ھالاك بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئىرانلىقلارنىڭ ئوغۇزلارغا قويغان ھاقارەتلىك نامىنىڭ «ئەھرىمەن دىۋە» ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئوغۇزلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ئىران، پارىسلارغا تۈنجى قېتىم تەسىر كۆرسىتىش جەريانى بولۇش مۇمكىنلىكىنى يۇقۇردا كۆرۈپ ئوتتۇق.
ئۈچىنچىدىن، ئەبۇل غازى باھادىرخان «ئوغۇزنامە»دىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى، بولۇپمۇ ئۇرۇش قۇراللىرى ھەققىدىكى تەسۋىر ئارقىلىق، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ، ئۆزىدىن ياشىغان دەۋدىن 4900 يىل ئىلگىرىكى باسقۇچىنى كۆرۈپ يېتەلىگەنلىكىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك.
تۈركى خەلقلىرىنىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن تارىخنامىللىرى بىلەن مىلادىدىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن شەكىللىنىشكە باشلىغان تارىخى داستانلاردا ئىككى خىل ئالاھىدىلىك ئەكس ئەتكەن؛ تارىخنامىلەرنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا ئىنساننىڭ يارىلىشىغا ئائىت تەپسىلاتلار بېرىلگەندىن سىرت، ئىنسان ئىپتىداسىدىكى مۇئەييەن قەبىلە ۋە مىللەت يىلتىزىنى، ياراتقۇچىنىڭ ئەلچىلىرى (پەيغەمبەرلىرى)گە باغلىغان بولسا؛ تارىخى داستانلاردا ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى ئارقىلىق جەمىئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن ھالقىسى يورۇتىلغان. تارىخى داستانلاردىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك، ئۇنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى شەكلىدە ئىنساننىڭ ئالاقىلىشىش ۋاستىسى تىل شەكىللەنگەندىن كېيىنلا باشلانغانلىقىنى، شۇنداقلا، جەمىئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنىڭ كونكىرت ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، تارىخنامىلەردىن تولىمۇ مۇقەددەملىكى ۋە چىنلىقىنى ئىپادا قىلىدۇ.
«ئوغۇزنامە»نىڭ ئومۇمى مەزمۇنىدا ئوغۇزخاننىڭ ئاتىسى قىلچە تىلغا ئېلىنماي، ئەكسىچە، ئوغۇزخاننىڭ ئانىسى بولغان «ئايخان» دېگەن ئىسىمغا «ئاي» بىلەن «خان» (پادىشاھ) نامى قوشۇلۇپ، ئايال زاتىنىڭ پادىشا بولغانلىقىدەك، ئىنسانلار جەمىئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائەسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. «... بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورۇدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى... بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا، ئىككىنچىلەپ ئەممىدى.» دىگەن بايان ئارقىلىق «ئوغۇزخان» ئانا ئۇرۇقى جامائەسىگە ئىسيانكارلىق يولىنى تۇتقان. تارىختىن رىياللىققىچە، جانلىقلار دۇنياسىدىن ئاڭلىق ئىنسانلارغىچە، ئانىنىڭ ئىللىق باغرىدىن ئۆزىنى تارتىپ، بىر قېتىم ئېمىپلا قايتا ئېمىشنى رەت قىلىپ، ئانىغا ۋاپاسىزلىق ۋە تۇزكورلۇق قىلغان ئوغۇلنى پەقەت ۋەپەقەت «ئوغۇزنامە»دىلا ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئۇ، رىيال تۇرمۇشتا كۆرۈلىشى مۇتلەق مومكىن بولمايدىغان، بولۇپمۇ، ئەمدىلا تۇغۇلغان ئاڭسىز بوۋاقلاردا تېخىمۇ كۆرۈلمەيدىغان ھادىسە. بۇ بايان، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئاتا ئۇرۇقى جامائە ھوكۇمرانلىقىغا ئۆتىشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق ئەمىلى قىممىتى يوق. بۇ مۇناسىۋەتتە، ئەجداتلىرىمىزنى «ئوغۇزنامە»داستانىدا، بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتە يۈسەك پەللە ياراتقان تىل ئۇستىللىرى دىيىشكە بولىدۇ. ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىنى بىرلا قېتىم ئېمىپ، قايتا ئېمىشنى رەت قىلغان ئوغۇلغا «ئوغۇز» دەپ ئىسىم قويۇش بولسا كېرەك. بۇ، ئوغۇل ئانا ئۇرۇقى جامائە تۈزۈمىنى كەسكىن رەت قىلسىمۇ، ماھىيەتتە، گىن، ئىرسىيەت ۋە ئۇدۇم ئۇلاش قىممىتىدە، ئەجداتلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا، «ئوغۇز» تېخىمۇ ئۇلۇقلانغان ھالدا، «ئوغۇزخان»دەپ ئاتالغان بولىشى مۇمكىن. تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى: «... كۆك بۆرى بولسۇن ھەم ئۇران... ئۇ يورۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرى چىقتى... ئوغۇز خاقان ئەركەك بۆرىنىڭ لەشكەرلىرى ئالدىدا يول باشلاپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ شاتلاندى...» قاتارلىق بايانلاردىكى بۆرە تۇتىمى ئارقىلىق «ئوغۇزخان»، ئانا ئۇرۇقى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى «... ئاشۇنداق بولسۇن دېيىشتى؛ ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق<بۇ قۇرنىڭ ئاستىغا بىر كالىنىڭ رەسىمى سىزىلغان> شۇندىن كېيىن شاتلىققا مۇيەسسەر بولدى...» دېگەن- رايىش، يۇۋاش ئوتخور ھايۋان كالىنىڭ سىياقىدىن ھالقىپ، گۆشخور، يىرتقۇچ بۆرە سىياقىغا كىرگەنلىكىدە. دېمىسىمۇ، ئانا ئۇرۇقى جامائەسى ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىنى ئىنسانلار جەمئىىتىنىڭ تىنچلىق مەزگىلى؛ خۇددى كالىنىڭ سۈت بەرگىنىگە ئوخشاش ئىنساننى ئاپىرىدە قىلىش ۋە ئۇنىڭ تولۇق يېتىلىشى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق يەتكۈزگۈچى پەرىشتە سۈپەتلىكى؛ ئاتا ئۇرۇقى جامائەسى ھۆكۈمرانلىقى دېيىلگەندە- ئەرلەر ۋە ئاتىلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى، غەيۇر ۋە كۈچتۇڭگۈرلىكى، خۇددى بۆرىگە ئوخشاش يىرتقۇچ، ئوۋلىغۇچى ۋە بويسۇندۇرغۇچى رەۋىشتە بولىشى تەبىئى. ئۇنداق بولمىغاندا، «ئوغۇزخان» قەھرلىك ئەر (كۆك بۆرە) سۈپەت، دەبدەبىلىك تۇنجى يۈرىشنى باشلىماس ئىدى. بۇ جەھەتتە، «ئوغۇزنامە»نى نوقۇل رىۋايەت ۋە ئىپوس پۈچەكلىكىدىن، تۇركى قەۋملىرىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائە تۈزۈمىدىن ئاتا ئۇرۇقى جامائە تۈزۈمىگە ئۆتۈپ، مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەجدات سالاھىتى ھازىرلانغان، ئەڭ قەدىمى ئېتنىك قامۇس يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشى ئوبىكتىپ تارىخى ھەقىقەت. كونا تاش قۇرال دەۋرى ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ پادىلىق ئىجتىمائى تۈزىمىنى ئەكىس ئەتتۈرسە، يېڭى تاش قۇرال دەۋرى ۋە قىسمەن سانجىغۇچى قۇراللار ("جىدا" -تاش، سۆڭەك ۋە ياغاچتىن ياسالغان قىسقا قوزۇقسىمان نەيزە)نىڭ ياسىلىشى، ئوقيا، بال-بال قورچاقلار، ھەم قىسمەن يۇۋاش، رايىش (قوي،كالا پادىلىرى) ھايۋانلارنىڭ تۈنجى قەدەمدە كۆندۈرىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىنىشى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئانا ئۇرۇق جامائەسى ئىجتىمائى تۈزۈمىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. سىپتا تاش قۇراللار بىلەن تۈچ قۇراللار (ئېنېلوئىت)، ئالتۇن بويۇملار بىلەن مىس ۋە تۇچ قۇراللار (بىرونزا) ۋە ئاندا- ساندا تۆمۈر قۇراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى، جۈملىدىن چارۋىچىلىق كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ياۋىلىغى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئاتنىڭ كۆندۈرۈلىشى قەدىمقى مەرگىزى ئاسىيا تۈركى مىللەتلىرى ئاتا ئۇرۇقى جامائەسى ئىجتىمائى تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى روشەن بەلگىلىرىدىن ئىدى.
«ئوغۇزنامە»دىكى: «...ئوغۇز خاقان...قىئاتنى ئوۋلىماقچى بولدى... نەيزە، ئوق، يا، قىلىچ، قالقان ئېلىپ ئاتلاندى...قىئات...گەرچە تۆمۈردەك قاتتىق بولسىمۇ نەيزەم ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈردى...» دېگەن قۇرال- ياراق تەپسىلاتىدىن، ئوغۇزلارنىڭ ئەجدادىدىن تارتىپ نەيزە، ئوق، يا، قىلىچ ۋە قالقانلارنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەنلىكىنى، پەقەتلا تاياق ئۇچىغا بېكىتىلگەن تاش، سۆڭەك، تۈچ ۋە مىستىن سىلىقلاپ (سۈركەپ) ئۇچلانغان نەيزىنى ئىشلىتىشلا ئەمەس، بەلكى، ئەڭ ئۆتكۈر تۆمۈر نەيزىنىڭ تۇنجى ئىختىرا قىلىنىشى بىلەن ئوغۇزخان ئۇنى بەدىنى تۆمۈردەك قاتتىق چوڭ ھايۋان قىئاتقا ئىشلىتىش سىنىقى ئېلىپ بارغان. ئۇنداق بولمىغاندا، ئوغۇزخان «... تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان...»دىگەن شۇئارنى توۋلىمىغان بولاتتى. قىممەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئالتۇن بىرىنچى ئورۇندا، كۆمۈش ۋە مىس ئىككىنچى، ئۈچۈنچى ئورۇندا. ئەمما، «ئوغۇزنامە»دىكى «... بۇ ئۆينىڭ تېمى ئالتۇندىن، تۇڭلۇكى كۆمۈشتىن، ئىشىكى تۆمۈردىن ياسالغان ئىدى...» تەسۋىرىدىن: ئالتۇن، كۆمۈشنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىگى، ئالتۇن، كۆمۈشتىن تۆمۈرنىڭ تېخىمۇ ئەتىۋارلىغىدەك تۆمۈر قەھەتچىلىكى ئەكىس ئەتكەن. شۇڭا، «ئوغۇزنامە»دە ئالتۇن-زەرگەر ئۇستىسى تىلغا ئېلىنماي، «...تۆمۈر دوقاغۇل...»نى تۆمۈرچى تەرىزدە ئالاھىدا تىلغا ئالغان. «ئوغۇزنامە»دىكى «...ئوغۇزخان بىر چىپار ئايغىر ئاتقا مىنەتتى. ئۇ بۇ ئايغىرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. يولدا بۇ ئايغىر كۆزدىن يۈتتى... مۇز تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇزخان ئۇزۇنغىچە ئازاپ چەكتى.» دىگەن بۇ باياننى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى: "پادىشا مىنگەن ئاتنىڭ قېچىپ كېتىشى ھىچ ئەقىلغا سىغمايدىغان ھادىسە" دىيىشى تۇرغانلا گەپ. دىمىسىمۇ، نەچچە ئون مىڭ ئارغىماقلار ئىچىدىن تاللىنىپ قانچىلىغان سىناقلاردىن ئۆتۈپ، «شاھ تۇلپىرى» سالاھىتىگە ئېرىشكەن ئات، ئالدىدا تۇرغان مول يەم- خەشەككىمۇ پەرۋا قىلماي، «مۇزتاغ ئىچىگە» قېچىپ كىرىپ كېتىشى كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرمەي قالمايدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئات ئەمدىلا كۆندۈرۈلگەن، بىپايان يايلاقنى كۆرگەندە تۇۋىقى قىزىپ، كىشىنەپ ۋە چاپچىپ، يېشىل يايلاقلاردا يايلىغانلىرىنى ئۇنتىيالمىغان ياۋا ئاتتۇر.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]