خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟(5)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-12-04 00:07

رەسىم (32)
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (33)
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (34)
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە سۇمرۇغنىڭ ئىككى تال قۇيرۇقلۇق قىلىپ سىزىلغان رەسىمى:

رەسىم (35)
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

يۇقارقى بەش رەسىمنى بىرگەۋدە قىلىپ قارايدىغان بولساق «تارىخىي خاتىرىلەر»دىكى «قالغاچ»نىڭ ئىككى تال قۇيرۇقى ھازىرقى ئافرىقىنىڭ كېنىيەدە ۋە ئاۋىستىرالىيىدىكى سۇمرۇغنىڭ ئىككى تال قۇيرىقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. «ئوغۇزنامە»دىكى خاتا ئاتالغان «شۇڭقار» بىلەن ئەمەلىيەتتە يەنە شۇ «ئوغۇزنامە»گە سىزىلغان شۇڭقار رەسىمى بىلەن ھازىرقى سۇمرۇغنىڭ قىياپىتى تامامەن بىردەك.

سۇمرۇغنىڭ تارىخنامىلەردىكى ئوبرازىنىڭ گاھى «قالغاچ»قا، گاھى «شۇڭقار»غا، گاھى «ياۋا توخا» (قىرغاۋۇلغا) ئوخشاش سىزىلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىگە قارايدىغان بولساق، ئارخىلوگلارنىڭ ھۆكىمى بويىچە تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىسىنىڭ 4000 يىللار مۇقەددەم قۇملىشىش ۋە قۇرغاقىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدىن سۇمرۇغنىڭمۇ بۇ رايۇندىكى نەسلىنىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن. شۇ سەۋەپتىن كېيىنكىلەر ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان سۇمرۇغنىڭ سىزىلىشىدا ۋە ھەيكىلىدە تارىخىي چىنلىق ئەكىس ئەتمىگەنلىكى چوقۇم.

بىز «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى: «دالىيەننىڭ چەۋرىسى مىڭشى جۇڭيەن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆكرىكى قۇشقا ئوخشايدىكەن، ئەمما ئۇ ئادەمدەك سۆزلەيدىكەن. شاڭ خانى ئۇنى ھارۋىكەش قىلماقچى بولۇپ، پال سالدۇرۇپ كۆرگەنىدى، پال چوڭ ياخشىلىقتىن بىشارەت بەرگەن...» دېگەن بۇ كۈلكىلىك بايانغا قارايدىغان بولساق، ئادەمنىڭ قۇشقا ئوخشاش ھالەتتە بولىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا «جۇڭ يەن»نىڭ ھون (ئۇيغۇر)لارغا ئوخشاش مويلۇق، مەيدىسى قويۇق تۈك قاپلىغانقى سەۋەپلىك «قۇش مەيدە» تەسۋىرىدە كەلگەنلىكىگە، يەنە بىر قېتىم قاقاھلاپ كۈلمەي قالمايمىز... ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭ يەننىڭ پادىشاھقا ھارۋىكەش بولىشىغا قاراپ ھون (ئۇيغۇر)لارنىڭ تارىختىكى ئېگىز ھارۋىلىقلار (قاڭقىللار) دېگەن پەخرى نامىنىمۇ ئىختىيارسىز ھالدا ئەسلەپ قالىمىز... ئەگەر بىز «جۇڭ يەن»گە ھەقىقى ئەجدات لەقىمى قويماقچى بولساق «قۇش مەيدە» ئەمەس «سۇمرۇغ مەيدە» بولىشى كېرك ئەلۋەتتە...

يەتتىنچى دەلىل، بىز ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمكى سۇمرۇغ سۆرىتىنىڭ خۇنەندىن بايقىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىبىلىك ئەمەس. خۇنەن بولسا مەملىكىتىمىز شالچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ ماكانى، سۇمرۇغنىڭ دۇنياغا كېلىشى قەدىمىي شالچىلىك مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سۇمرۇغ ئەسلىدىنلا شالچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى. چاڭشادىكى داتاڭ خارابىسىدىن بايقالغان 7000 يىل بۇرۇنقى سۇمرۇغ سۆرىتىدە سۇمرۇغ دەل شال مايسىسىنى چىشلەپ تۇرغان ئىدى...» دېگەن ئىدىيىنى ئالغا سۈرگۈچى، شال مايسىسىنى چىشلەپ تۇرغان ئاجايىپ بەدىئىي قىياپەتتىكى بۇ سۇمرۇغ ھەيكىلىدىن ھوزۇرلانغاچ تەپەككۇرىمىزنى تارىخنامىلەرگە ۋە تارىخى داستانلارغا ئاغدۇرۇپ باقايلى:

رەسىم (36)

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

 

«شاھنامە»دىن پارچىلار:

شاھقا ھالاللىق بولغاچ مۇيەسسەر،

بېشىغا نۇر يېغىپ بولدى مۇنەۋۋەر.

ئەھرىمەن دىۋىنى يېڭىپ ئۇرۇشتا،

مىندى تىزگىن قىلىپ يالىنى قولدا.

شۇندىن بۇيان توقۇپ خالىغان زامان،

مىنىپ كېزەر بولدى پادىشاھ جاھان.

جىنلار كۆرۈپ بۇ ئاجايىپ ئىشنى،

ئىسيان كۆتۈرۈشتى باشلاپ ئۇرۇشنى.

نەرە تارتىپ كېلەر قارا دېۋە پىشىۋاز،

ئاسمانغا يېتەتتى ھۆركىرىگەن ئاۋاز.

ئۇزۇنغا سوزۇلماي ئۇرۇش تۈگىدى،

نۇرغۇن دىۋىلەرنىڭ بېشى كېسىلدى.

ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ خوتۇنى ئەرسىز،

قالغانلىرىنى بولسا قىلىشتى ئەركسىز.

باغلاپ سۆرەپ كەتتى كەتتى، بارۇ خارۇزار،

ئىلتىجا قىلاتتى بارى زارۇزار.

«بىزنى ئۆلتۈرمىسەڭ يېڭى بىر ھۈنەر

ئۆگۈتۈپ قوياتتۇق سىلەرگە يارار»

ھەممىسىگە ھايات بەخش قىلدى شاھ،

يېڭى ھۈنەرلەردىن بولاي دەپ گاھ-گاھ

يېشىلگەچ پۇت قولىدىن ئىشكەل ۋە زەنجىر،

ئۆتۈشتى پادىشاھ پادىشاھ تەرەپكە ئاخىر.

شاھقا ئۆگىتىشتى خەت يېزىش سىرىن،

دىلىغا تولدۇرۇپ مەرىپەت نۇرىن.

بىرلا يېزىق ئەمەس ئوتتۇز يېزىقنى،

ئەرەپچە، رۇمچە، پارىسچە ئوقۇشنى،

سوغدىيۇ، چىنيۇ، پەھلەۋىنى ھەم،

شاھ يېزىپ ئوقۇيتتى ھەممىسىن ئىلدام،

پەقەت ئوتتۇز يىل ئۇ شاھ بولدى ئاخىر.

(7-، 8-بەتلەر)

(شاھ) خەلىققە ئۆگەتتى قوي يۇڭىنى ئېلىپ،

ئۇنى ئېگىرىشنى ئۇرچۇققا سېلىپ.

ئۆگەتتى ئېگىرىش، توقۇشنىمۇ ھەم،

يۇڭىدىن توقىماقچى ماتايۇ گىلەم.

تىز ماڭار جانىۋار بولسا بېقىشنى،

ئارپا، سۇلۇ يىغىپ قىش ئۈتكۈزۈشنى.

(7-بەت)

(شاھ) ئېرىقلارغا يوللاپ ئابى كەۋسەرنى،

ئاسان قىلدى ئىنسان جاپاسىنى.

ئاۋامنىڭ ئىھتىياجىنى قامدىماق ئۈچۈن،

تېرىشقا يىغىشقا ئۆگەتتى پۈتۈن.

ھەركىم تېرىپ تاپار ئۆز نېىنى،

كۆچمەنچىلىك ئەمدى قىينىماس جېنىنى.

بۇرۇن بۇ ئىشلار ئەمەستى ئادەت،

ياۋا مېۋىلەردىن باشقا يوق نېمەت.

كىشىلەر ھەمىشە يۈرەتتى ئاچ-توق،

بىر تېرىدىن باشقا يېپىنچىسى يوق.

(5-بەت)

«تارىخى خاتىرىلەر»دىن:

خۇاڭدى (شۋەن يۋەن)... بەش ئەناسىرنىڭ تەبىتى بويىچە بەش خىل زىرائەت ئۆستۈردى. ئاھالىلەرگە خەمخورلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ باش-كۆزىنى سىلىدى... ئۆي جاي سېلىپ، كېيىم كېچەك تىكىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلدى. ھەرخىل زىرائەت ۋە ئۆت-گىياھ دەرەخلەرنى ۋاقتىدا تېرىپ، تىكىپ ئۆستۈردى... خەلقنى سۇ، ئوت ۋە ھەممە بايلىقنى تېجەپ ئىشلىتىشكە ئۆگەتتى. تۇپراقنىڭ خاسىيىتىدىن بىشارەت بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇاڭدى (پادىشاھ)دېگەن نام قارار تاپتى.» ( «تارىخى خاتىرىلەر» ئۇيغۇرچە، ‹1987-يىل 9-ئاي 1-نەشرى› 16- 17- 18-بەتلەر)

«ئوغۇزنامە»دىن:

«... ‹ئىتىلنىڭ سۆيىدىن قانداق ئۆتەرمىز؟› لەشكەرلەر ئىچىدە ئولۇس ئوردا بەگ دېگەن بىر ياخشى بەگ بار بار ئىدى. ئۇ قابىلەتلىك ۋە ئەقىللىق ئادەم ئىدى. ئۇ بەگ دەريا بويىدا نۇرغۇن تال -ياغاچلارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەگ... ئاشۇ ياغاچلارنى كەستى. ئۇنى سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلىتىپ، ئۆزلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئىتىل دەرياسىدىن ئۆتتى. ئوغۇز خاقان شاتلىنىپ كۈلدى، ئېيتتىكى: <ھەي، سەن بۇ يەرگە بولغىن بەگ...» (52-بەت).  «...ئوغۇزخان بىر چىپار ئايغىر ئاتقا مىنەتتى... بۇ ئايغىر ئات كۆزدىن يۈتتى... ئۇ ئات مۇزتاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى... لەشكەر ئىچىدە بەستلىك ۋە تەمبەل بىر ئەر بار ئىدى، ئۇ ھېچنىمىدىن قورۇقماس باتۇر ئادەم ئىدى... ئۇ ئايغىرنى ھازىر قىلدى (ئايغىرنى تۇتۇپ چىقتى)... ئوغۇزخان خۇرسەن بولۇپ كۈلدى، ئېيتتىكى: «ھەي، سەن بەگلەرگە بولغىن باشلىق...» (53-54-بەتلەر).   «... لەشكەر ئىچىدە بىر چىۋەر ئۇستام بار ئىدى... ئۇ تۆمۈر دۇقاغۇل ئىدى... <سەن بۇ يەردە قال، ئىشىكنى (قۇلۇپلاقلىق تۆمۈر ئىشىكنى دېمەكچى ئاچ... (ئۇنىڭغا) قالاچ دەپ ئات قويدى...»

يۇقارقى «شاھنامە» ۋە «تارىخىي خاتىرىلەر»دە كىشىلەرگە دېھقانچىلىق قىلىشنى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قىلىشنى ۋە رەخت توقۇشنى نېمە ئۈچۈن پادىشاھ ئاۋام پۇقرالارغا ئۆگىتىدۇ؟ ئىشلەپ چىقىرىشقا بىۋاستە قاتنىشىدىغان ۋە مۇئەييەن ئىشلەپچىقىرىش تەجىربىسىگە ئېگە ئاۋام- پۇخرا نىمە ئۈچۈن بۇ خىل ئىقتىرانى يارىتالمايدۇ؟ بۇنىڭ ئەكسىچە «ئوغۇزنامە»دە نىمە ئۈچۈن يۇقارقى كەشپىياتلارنى ئاۋام-پۇقرا كەشىپ قىلىدۇ؟

بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇكى، «ئەھرىمەن دېۋە» ئىران شاھى «ھۇشەڭ» ۋە «تەھمۇرەس»كە 30 خىل يېزىقنى، تېرىقچىلىق قىلىشنى ۋە توقىمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى... ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى پادىشاھ «شۋەن يۋەن»گە شال ئۇرۇقىنى سۇمرۇغ تاشلاپ بەردى...

تارىخى مەنتىقىگە ئۇيغۇن شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، قەدىمكى زامانلاردا يات ئەلدىن كەلگەن دىن تارقاتقۇچىلار، ئەلچىلەر، سەيياھلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ  ئاۋال كۆرىشىدىغىنى شۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھ، ۋەزىرلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدۇر. بۇ سەۋەپلىك يات ئەلنىڭ ئۆزگىچە قول ھۈنەر سەنئىتى ۋە ھەرخىل يېڭىلىقلىرى ئاۋال ئوردا ئارقىلىق ئاندىن ئاۋام پۇقرا ئىچىگە ئۆزلىشىدۇ. بىز بۇ تارىخى مەنتىقىسىز ھەرقانداق پادىشاھنى ئوردىدا خارامان يۈرۈپ، ھېچقانداق ئىشلەپچىرىشقا بىۋاستە قاتناشماي تۇرۇپ ئاۋام -پۇقراغا تېرىقچىلىق ۋە قول-ھۈنەر تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى دېيەلمەيمىز... دېمەككى «ئوغۇزنامە»دىكى ھەرخىل ئىقتىرانىڭ ئاۋام تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقى شەكسىز تارىخى ھەقىقەت! ئىككى تەرەپتىكىسىنى تارىخ، ئۆزىمىزدىكىنى «ئىپوس» پۈچەكلىكىگە ئىتتىرىش «ئوغۇزنامە»دىن ئىبارەت بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كىلىپ چىقىش مەنبەسىگە ئىلمىي ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلمىغانلىق.

«شاھنامە»دە ئىرانلار ۋە پارىسلارنىڭ قەدىمكى تۇران (ئۇيغۇر~ ھون)لارنى «ئەھرىمەن دېۋە» دەپ ئېلىشىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشىگە قاراپ باقايلى؛ «ئەھرىمەن دېۋە» ئاتالغۇسىدىكى «دېۋە»گە «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دا: «تەۋە- تۆگە. بىرلىك ۋە كۆپلۈك ئۈچۈن ئوخشاش قوللىنىلىدۇ. ئىككى مەخرەج ئارىسىدىكى ‹ۋ› بىلەن ئېيتىلىدۇ. ئوغۇزلار بۇنى ‹دەۋە› دەيدۇ.» («تۈركىي تىللار دىۋانىي» 3-قىسىم، 311- بەت). «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دىكى ئوغۇزلارنىڭ تىل ئادىتىدىكى ھازىرقى تۆگە نامىنى كۆرسىتىدىغان «دەۋە» بىلەن «ئەھرىمەن دېۋە»دىكى «دېۋە»نى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، تىل تاۋۇشلىرىدىكى «ئە» ۋە «ئې» قىسمەن پەرقنى نەزەرگە ئالمىغاندا ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش ئاتالغۇ بولۇپ، «ئە» بىلەن «ئې» تاۋۇشىنىڭ ئۆز ئارا ئالمىشىش ۋە ئۆتۈشۈشچانلىقى ئىنتايىن تىز. مەسىلەن، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە «ئەلى»نى «ئېلى»، «سەلىم»نى «سېلىم» دەپ ئاتاش ئادىتىدە «ئە» تاۋۇشى بىلەن «ئې» تاۋۇشىنىڭ ئالمىشىشىغا ۋاقىت پەرقى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز ھاجەتسىز. تۆگىنى كۆرسىتىدىغان ئوغۇزلارنىڭ «دەۋە» ئاتالغۇسىدىكى ئىككى بوغۇم «دە» بىلەن «ۋە» بىرلىكتە تەلەپپۇز قىلىنغاندا «دە»دىكى «ئە» بىلەن «ۋە»دىكى «ۋ» ئۇچرۇشۇپ تىل تاۋۇشلىرىنىڭ يەڭگىللىك ئادىتى بويىچە ئەسلىدىكى «دەۋە» بويىچە ئەمەس بەلكى «دىۋە» ياكى «دېۋە» تىل ئىستىمالىغا يۈزلىنىدۇ. دېمەك، «ئەھرىمەن دېۋە»دىكى «دېۋە» بىلەن ئوغۇزلارنىڭ تىل ئادىتىدىكى «دەۋە»نىڭ ئوخشاشلىق تىل ھەقىقىتىدىن تۆگىنىڭ ئىككى ياكى بىر لوكىلىق ئاجايىپ بەھەيۋەت زور مەخلۇق ئىكەنلىكى، ھەمدە ئۇنىڭ ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن «چۆل كېمىسى» دېگەن تەمسىلىدىن ھوزۇرلانغاچ، «ئەھرىمەن دېۋە»دىكى «ئەھرىمەن»نىڭ زادى قانداق ئاتالغۇ، قانداق تىل يىلدىزىغا ئېگە ئىكەنلىكىنى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ تىل ئامبىرى بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دىن مۇئەييەن ئۇچۇرغا ئېگە بولۇپ باقايلى؛ «ئۇرۇمزۇن- بوياق (يىپەك بويىقى)» («تۈركىي تىللار دىۋانىي» 1-قىسىم 186-بەت). «ئۇرۇمزۇن»دىكى «زۇن» رەڭنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھېلىھەم ئاياللار ۋە قىزلار بوينىغا ئاسىدىغان مارجان-ھېقىقلارنى «زۇننار» دەپ ئاتاپ، «زۇننار»دىكى «زۇن» ئارقىلىق «ئۇرۇمزۇن»دىكى «زۇن»نى ئىپادە قىلىدۇ. بۇ يەردىكى «زۇن» پەقەت ۋە پەقەت بوياق ۋە رەڭنىلا كۆرسىتىدۇ. «زۇن»غا ئالدى قوشۇلغۇچى ياكى ئارقا قوشۇلغۇچى ئۇلانغاندا ئېگىلىك قوشۇمچىسى ھاسىل بولۇپ، «زۇن»نىڭ ئالدى ۋە ئاقا قوشۇلغۇچىسى «نېمە» ۋە «قانداق» دېگەن سۇئالغا ئېنىقلما بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن، بۇ نېمىنىڭ بويىقى؟ بۇ ئەتلەسنىڭ بويىقى؛ بۇ قانداق بوياق؟ بۇ ماتا بويايدىغان بوياق... دېمەككى، «ئۇرۇمزۇن»-يىپەك بويقى (يىپەكنىڭ رېڭى) بولۇپ. بىز «ئۇرۇمزۇن»دىكى «ئۇرۇم» بىلەن «ئوغۇزنامە»دىكى «...ئوڭ تەرەپتە ئالتۇنخانلىق... سول تەرەپتە ئۇرۇم خاقان بار ئىدى...» دېگەن تارىخى باياندىكى «ئۇرۇم»غا نەزەر سالساق «ئۇرۇم»نىڭ تىل يىلتىزىنى قېزىشقا بولغان ئىشتىياقىمىزنىڭ ئوتتەك يېلىجاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز... بىز ھازىرمۇ، ئاياللار ۋە قىزلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ «ئۆرۈمچاچ» دەپ ئاتايمىز، بۇ يەردىكى «ئۆرۈم» چاچنىڭ توقۇلىشىنى يەنى چاچنى ئۈزۈن ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ بۇ ئۈچ بۆلەك چاچنى بىر-بىرىگە ئالماپ توقۇش ۋە ئۆرۈشنى كۆرستىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈش مۇكىنكى «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دىكى «ئۇرۇم»نىڭ يىلتىزداشلىقى شەكسىز بولۇپ، ھەتتا بۇ ئىككى مەنبەدىكى «ئۇرۇم» بىلەن «ئەھرىمەن دېۋە»دىكى «ئەھرىمەن» تېخىمۇ چوڭقۇر يىلدىزداشلىققا ئېگە بولۇپ، «ئاق ئۇرۇم» (ئەھرىمەن)-ئاق يىپەك دېگەنلىك، «ئەھرىمەن دېۋە»نىڭ تىل يىلدىزى «ئاق ئۇرۇم دەۋە» ئېنىقلىمىسىدا كەلگەن بولۇپ، «ئاق ئۇرۇم دەۋە»نىڭ سانسىز تارىخى تەكرارى «ئەھرىمەن دېۋە»دە موقۇملاشقان. كۆرۈش مۇمكىنكى «ئەھرىمەن دېۋە» (ئاقئۇرۇم دېۋە)نىڭ ھەقىقى مەنىسى ‹ئاق يىپەك كارۋانلىرى› دېگەن تارىخى مەنانى ئاشكارىلايدۇ («تۈركىي تىللار دىۋانىي»دا «دەۋە» كۆپلۈك قوشۇمچىسى بولۇپمۇ كېلىدۇ دېگەن دەسلەپكى ئۇچۇرغا قاراڭ).

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار