خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مىسكەرلىك ۋە مىس بۇيۇملار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-12-09 13:48

 
مىسكەرلىك ۋە مىس بۇيۇملار

 سابىرجان سىيىت
 

   مىسكەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئىزدىنىشى ۋە ئەقىل پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر – سەنئىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

   ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە مىستىن ياسالغان بۇيۇملار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. تۇرمۇشىمىزدا ئەزەلدىن مېھمان ئەزىزلىنىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق مېھمانغا تاماق تارتىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن مىس ئاپتۇۋا – چىلاپچىدا قولىغا سۇ بېرىلىدۇ. مىس بۇيۇملارغا ھەر خىل نەقىش چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا رەڭگا – رەڭ گۈل، ئۇچار قۇش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شەكىللىرى چۈشۈرۈلگەن. مىس بۇيۇملارغا نەقىش چىقىرىش سەنئىتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىنچىكە تېخنىكىلىق ھۈنەر – سەنئەت. ئۇيغۇر مىسكەرچىلىكىدىكى نەقىش سەنئىتىنىڭ ھەر بىر تۈرى مۇرەككەپ ئىش ھالقىلىرىدىن ئۆتۈپ، ئاندىن سەنئەت شەكلىگە كىرىدۇ. بەزى تۈرلەرنىڭ ئويۇش – چاپلاش ھالقىلىرى يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بەزىلىرىگە زامانىۋى ئۈسكۈنلەردىن پايدىلىنىپ گۈل نۇسخىلىرى سىزىپ چىقىرىلىدۇ. لېكىن كۆپ قىسىملىرى يەنىلا قول بىلەن ئىشلىنىدۇ. مىسكەرچىلىكىمىز ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىش جەريانىدا نەقىش گۈل نۇسخىلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ، ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلىغۇچىلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلماقتا.

   مىسكەرلىك ئاددىي ھالەتتىكى شەكىل چىقىرىپ، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشلا بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ھۈنەر – سەنئەت جەۋھەرلىرىنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرىدا ئىپادىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. مىس بۇيۇملارغا ئويۇلغان نەقىش شەكىللەر ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىشىنىڭ ناماياندىسى.

   بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مىستىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ نۇسخىلىرى تېخىمۇ سەرخىلاشتى ھەم كۆپەيدى، قەدىمقى نۇسخىلار يېڭىلىنىپ، يېڭى نۇسخىلار مەيدانغا كەلدى. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىقنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. مىستىن ياسالغان ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ نەپىس، كۆركەم، گۈزەل ۋە چىداملىق بولۇشىدا.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار