خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-12-04 00:07

 


ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

مۇھەممەت قادىر
 

ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى» دېگەن تەتقىقات ماقالىسىنىڭ قانداق مۇددائا ۋە قانداق مەقسەتتە يېزىلغانلىقىدىن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋىرى بولمىسا كېرەك. مەرھۇم ئالىمنىڭ بۇ كاتتا ئەمگىكى «چىن» ۋە «ماچىن» ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ تۈنجى سىگنالى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى يەنىمۇ چۇڭقۇر تەتقىق قىلغۇچىلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولدى. بۇ بوشلۇقنىڭ يەنىلا ئاسقۇدا تۇرىۋېرىشى ھەممىمىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ئەلۋەتتە... بۇ ئەپسۇسلۇق پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىدىن 3600 يىل بۇرۇنقى (ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ ھۆكىمى بويىچە) ئەڭ قەدىمقى تارىخىنى ۋە ئەڭ قەدىمكى ئەجدادىنى يورۇتۇپ بېرىش مەسىلىسى ئىدى...

«ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان ئالتە ئوغلىغا «يا ئوقنى قاياققا توغرىلىسا ئوق شۇ تەرەپكە ماڭىدۇ...» ھېكمىتى بىلەن ئۆزىنىڭ زىمىن دائىرىسىنى ئۈچكە بۆلۈپ دەسلەپكى ئۈچ ئوغلىنى «يا»غا ئوخشىتىپ، كېيىنكى ئۈچ ئوغلىنى «ئوق»قا ئوخشىتىپ، دەسلەپكى ئۈچ ئوغلىنى پادىشاھ، كېيىنكى ئۈچ ئوغلىنى ۋەزىر (دەسلەپكى ئۈچ ئوغلىغا بوي سۇنغۇچى) تەزىردە ئۈچ پادىشاھلىققا بۆلىۋەتكەن. بۇ ئەڭ قەدىمكى تارىخىمىزدىكى «ئۈچ چىن» («ئۈچ قورىقان») - ئۈچ قېرىنداش دۆلىتى ئىدى... ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى» دېگەن بۇ تەتقىقات دەل ئەشۇ تارىختىكى «ئۈچ چىن»نىڭ ئىككىسى بولۇپ، يەنە بىر «چىن» ئۇنىڭ تەتقىقاتىدا پەقەتلا تىلغا ئېلىنمىغان. ئەسلى ئوغۇزخان تەرىپىدىن ئۈچ ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن بۇ ئۈچ پارچە زىمىنىڭ بىرى غەرپتە، يەنە بىرى شەرقتە، ئۈچىنچى بىرى دەل ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغاچقا «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا : «يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىن...» (1-قىسىم، 592-بەت «ئۈچ قىسىملىق ‹تۈركىي تىللار دىۋانى» دەسلەپكى نەشرى»)دىن ئىبارەت «ئۈچ چىن» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ «ئۈچ چىن»نىڭ جايلىشىش ئورنىغا ئاساسەن ئەڭ غەرپتىكىسى تارىختا «ماچىن» (مۇرچىن- قاراچىن) نامى بىلەن ئاتىلىپ، ئۇنىڭ داۋاملاشقان شاھلىرى تارىختا قاراخان نامى بىلەن شۆھرەتلەنگەن. ئەڭ شەرقتىكىسى «تاڭ چىن» («داك چىن- كۈن چىقىش تەرەپتىكى چىن) نامى بىلەن ئاتىلىپ، ئۇنىڭ شاھلىرى تارىختا «تاڭ غۇز» (توڭغۇس-شەرقتىكى ئوغۇزلار) نامى بىلەن شۆھرەتلەنگەن. ئوتتۇردىكىسى «ئار چىن» (چىن) نامى بىلەن ئاتىلىپ، ئۇنىڭ شاھلىرى «چىن» نامى بىلەن شۆھرەتلەنگەن... بۇ «ئۈچ چىن» تارىختا «قورىقان»(قورىغار)، «ئۈچ قورىقان» دەپمۇ ئاتالغان...

«ئوغۇزنامە»دە يەنە ئوغۇزخان «ئوڭ تەرەپتىكى ئالتۇن خانلىق (ئۇيسۇنلار) بىلەن «سول تەرەپتىكى «ئۇرۇم»نى بىرلىككە كەلتۈرۈپ «ئۇيسۇنلار» (ئالتۇن خانلىق)نى باشقۇرۇشنى ئۇيسۇنلارنىڭ ئۆزىگە بەرمەي ئەكسىچە ئىنتايىن يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن «ئۇرۇم»لىقلارنىڭ جەڭگىۋار ھەربى قىسمى «يۇن» (ھون)لارنى شەرققە يۆتكىگەن. «ئۇرۇم»لىقلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئەمىنلىكى ئۈچۈن «ئۇرۇمتاي»لارنىڭ جەڭگىۋار قىسمىغا «ساقلاپ» (ساك) نامىنى بېرىپ غەرپكە يۆتكىگەن.

شۇ چاغدىكى شەرىقكە ئۇيسۇنلار(ئالتۇنخانلىق)نى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن يۆتكەلگەن «ئۇرۇم» ئەسكرىي قىسمى ۋە ئوغۇزلارنىڭ «قىنىق» قەبىلىسدىن چىقىدىغان پادىشاھ، ۋەزىرلەردىن باشقا «ئۇرۇم»لىقلارنىڭ  تۆۋەن ئەمەلدارلىرىغا «يۇن» (ھون) نامى بىلەن شەرىقكە يۆتكىگەنلىكى سىماچەننىڭ «تارىخى خاتىرلەر»دە شىمالدا «ھون»لارنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغانلىقى تەسۋىرىدە ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا «ھون» («يۇن») ئاتالغۇسى زادى قانداق ئاتالغۇ؟نېمە ئۈچۈن «تۈركىي تىللار دىۋانى»(3-قىسىم 197-بەت)كە «يۇن- توز قۇشى»، «يۇن ئارىق- بالاساغۇن يېنىدىكى يايلاق» تەرىزدە كىرىپ قالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن «كەلىلە ۋە دېمنە» دېگەن ھىندىستاننىڭ قەدىمكى كىتاۋىغا «ھۇمايۇن پادىشاھ» دېگەن ئاتالغۇ كىرىپ قالىدۇ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن «تارىخى خاتىرىلەر»نىڭ 24-بېتىدە «ھونلار» جۇۋ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى «شىيەن يۇن»لەر دەپ ئاتالغان دىيىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يۇقارقى ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسىدە «يۇن» نامى تەكرارلىنىدۇ؟ بۇ ئاددى ھالدىكى تەكرارلىنىشمۇ؟ ياق! ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس!! «يۇن» بىر قۇشنىڭ نامى بولۇپ ئەجداتلىرىمىز ئۇنى «ھۇما» قۇشى-بەخت قۇشى دەپ ئاتاشقان. پارسلار ۋە ھىندىستانلىقلار ئۇنى «ھۇمايۇن» قۇشى دەپمۇ ئاتايدۇ. «ھۇما» قۇشىنىڭ ئەركىكى «ئەنقا» (يۇنقا) چىشىسى «سۇمرۇغ»،  بالىسى «قەقنۇس» دەپ ئاتلىدىغان بولۇپ، بۇ قۇش مىلادىدىن 4000 يىللار مۇقەددەم تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى چەكسىز سازلىق، ئىپتىدائىي ئورمانلىق ۋە يايلاق ئېكىلوگىيىسى شارائىتىدا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 120 سانتىمېتىر بولۇپ، بۇ قۇش ئاساسلىقى يىلاننى ئوزۇقلۇق قىلىپ ياشايدىغان يىرتقۇچ قۇش تۈرىگە كىرىدۇ. ئۇ ھەتتا بۈركۈت ۋە بۆرىنىمۇ قورقىتالايدۇ.

سۇمرۇغ بىلەن بۆرىنىڭ سېلىشتۇرما رەسىمى (1)

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

شۇڭا ئەجداتلىرىمىز بۇ سۇمرۇغ قۇشىنى ئۇچار قۇشلارنىڭ پادىشاھى دەپ قاراپ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس داستانلار يېزىشقان. پەررىدىن ئەتتار ۋە ناۋائىي قاتارلىق غەزەلخانلار مۇڭغۇل ئىستىلاسى ۋە موڭغۇل ھوۆكۈمرانلىقىنىڭ زۇلمى ئاستىدىكى خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىنى، قەدىمكى جەڭگىۋار ئەجداتلىرىنى ئەسلەش بولۇپمۇ سۇمرۇغنى «يۇن» نامىدا ئۆزىگە قۇت بەلگىسى قىلغان ھونلارنى ياد ئېتىش ئۈچۈن «مەنتىقۇتتەير»نى مەڭگۈلىك تېما قىلىشقان.

      ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە سۇمرۇغ ھەيكىلىگە ئائىت تېپىندىلار ناھايىتى مول بولۇپ، ھەيكەلدە ئىپادىلەنگەن سۇمرۇغنىڭ سىرىتقى تەن تۈزۈلىشى ئاۋىستىرالىيە ۋە ئافرىقىنىڭ كېنىيە يايلاقلىرىدىكى ئېنگىلىزچە ئاتالغۇ بىلەن ئاتالغان <<  secretary bird  >>  دېگەن قۇشقا تامامەن ئوخشاش.

تۆۋەندىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تېپىلغان سۇمرۇغقا ئائىت مەدەنىيەت بويۇملىرى

رەسىم (2)

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (3)

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (4)

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (5)

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (6)

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (7)

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (8)

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (9)

   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (10)

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (11)

   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

بۈگۈنكى ئافرىقىنىڭ كېنىيەدىكى ۋە ئاۋستىرالىيەدىكى سۇمرۇغنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى كۆرۈپ باقايلى:

رەسىم (12)

   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (13)

   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (14)

   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (15)

   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (16)

          ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

 

1- جۇڭگۇدا سۇمرۇغنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى قاراشلار

سۇمرۇغ جۇڭگۇ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدىكى بىر سېھىرلىك قۇش بولۇپ، ئۇ كېيىنچە ئەجدەرھا بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا جۇڭخۇا مىللى روھىنىڭ سىمۋولى بولغان. ئەمما سۇمرۇغنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىزچىل سىر بولۇپ كەلدى. يېقىندا، خۇنەن ئۆلكىسى خۇڭجىياڭ شەھرى گاۋمىياۋ خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان بىر ئاق رەڭلىك ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمقى سۇمرۇغىنىڭ سۆرىتى بايقالغان بولۇپ، موتىخەسسلەرنىڭ ھۆكىمىچە 7800 يىللىق تارىخقا ئېگە ئىكەنلىكى ئايان بولغان. بۇ بايقاش «سۇمرۇغنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى»نىڭ سىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ماددىي ماتىريال بىلەن تەمىنلەپ، ئارخولوگىيە ساھەسىنى زىل-زىلگە سالدى.

جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمكى سۇمرۇغ سۆرىتىنىڭ خۇنەندىن بايقىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىبىلىك ئەمەس. خۇنەن بولسا مەملىكىتىمىز شالچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ ماكانى، سۇمرۇغنىڭ دۇنياغا كېلىشى قەدىمىي شالچىلىك مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سۇمرۇغ ئەسلىدىنلا شالچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى. چاڭشادىكى داتاڭ خارابىسىدىن بايقالغان 7000 يىل بۇرۇنقى سۇمرۇغ سۆرىتىدە سۇمرۇغ دەل شال مايسىسىنى چىشلەپ تۇرغان ئىدى.

زور مىقداردىكى يازما ماتىرياللار شۇنى كۆرسەتتىكى، جۇڭگۇنىڭ جەنۇبىدىكى شالچى مىللەتلەر قۇشنى تۇتېم قىلغان. بۇ ئىلىم ساھەسىگە تونۇشلۇق. مىڭ سولالىسى مىڭ شىنزۇڭ 44-يىللىرى (مىلادى 1573-1620 يىللار) سىزىلغان چاقماق ئىلاھى- قۇش باش، ئادەم تەنلىك بولۇپ، قولىدا يەنە بىر قۇش تۇتۇقلۇق ئىدى. بۇنداق ئادەم بىلەن قۇش بىرگەۋدىلەشكەن ئوبراز تىپىك قۇش تۇتېمىغا چوقۇنۇشنىڭ مەھسۇلى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بۇنىڭدىن 390 يىل ئىلگىرى قۇش تۇتېمىغا چوقۇنۇش ئىدىيىسى خونەن خەلقى ئارىسىدا ناھايىتى گەۋدىلىك ئىدى. خۇنەندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى كۆۋرۈك باشلىرىدا ھېلى-ھەم قۇش شەكىللىرى ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنى قۇش توتېمىغا چوقۇنۇش مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرى دىيىشكە بولىدۇ.
    قەدىمكىلەر توتېم قىلغان بۇ خىل قۇش «قىزىل قۇش»، «قوياش قۇشى»، «ئەنقا» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، شالچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. سىماچەننىڭ «تارىخى خاتىرىلەر» («史记»)دە مۇنداق دىيىلىدۇ: «يەندى دەۋرىدە قىزىل قۇش توققۇز تال باشاقنى چىشلەپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا، باشاقلار چۈشۈپ كەتسە پادىشا تېرىۋېلىپ ئېتىزغا تېرىپتىمىش، بۇ زىرائەتنى يىگۈچى ئۆلمەپتىمىش.» ئاتالمىش «قىزىل قۇش»، «قوياش قۇشى»، «ئەنقا» دېگەنلەر سۇمرۇغ ئىلاھى قۇشىنىڭ ئەسلى شەكىللىرى ئىدى. «广雅»دا «ئەنقا سۇمرۇغ تۈرىدىكى قۇشتۇر» دەپ ئېلىنغان.

سۇمرۇغ مەدەنىيىتى شالچىلىق مەدەنىيىتىنى چۇڭقۇر مەنبە قىلغانلىقتىن، ئىناقلىق، بىردەكلىك سۇمرۇغ ئوبرازىنىڭ ئاساسىي ئىپادىسى بولۇپ قالغان. «山海经»دا «سۇمرۇغ يىمەك- ئىچمىكى تەبىئىي، ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئۇينىيالايدىغان قۇش بولۇپ، ئۇنى كۆرگۈچىلەر بۇ دۇنيادا تىنچ-ئامان ئۆتىدۇ» دېيىلگەن. شۇڭا سۇمرۇغ كىشىلەر ئارىسىدا قەدىمدىنلا گۈزەللىك، ئىناقلىق ۋە خەيرىيەتلىكنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كەلگەن.

سۇمرۇغ ئوبرازى ئەسلىدىنلا ئىناقلىق قارىشىنىڭ مەھسۇلى. بىر جەھەتتىن، ئۇ «قارشىلىقنىڭ بىرلىكى»دەك زىددىيەتنىڭ بىرلىكى، يەنى ئەركىكى «风» (ئەنقا)، چىشىسى «凰» (سۇمرۇغ) بولۇپ، «凤凰» سۇمرۇغ دېگەنلىك ئەركەك بىلەن چىشىنىڭ بىرلىكى، بىرلىكنىڭ خەيرلىك بولىشىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇ كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكى بولۇپ، قۇش توتېمى ئاساسىدا، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئۇرۇق جەمەتلەر چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى يۇغۇرۇپ، توپلاپ، گۈزەللەشرۈتۈشتىن ھاسىل بولغان. مەسىلەن، «说文»دا سۇمرۇغ ئوبرازىدىكى كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «ئالدى تەرىپى ھاڭگىرتقا، كەينى تەرىپى بوبرا كىيىككە، پىشانىسى قاقىرغا، قوۋۇزى سوقسۇرغا، مەيدىسى ئەجدەرھاغا، دۈمبىسى تاشپاقىغا، ئىڭىكى قالغاچقا، تۇمشۇقى توخۇغا ئوخشايدىغان بولۇپ، بەش خىل رەڭنىڭ مۇجەسسىمى.» دەپ چۈشەنچە بېرىلگەن.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار