خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟(6)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-12-04 00:07

تارىختا ئىرانلارنىڭ تۇرانلارنى نېمە سەۋەپتىن «ئەھرىمەن دېۋە» دەپ ئاتىغانلىقىغا قاراپ باقايلى؛ قەدىكى تۇرانلار (ئۇرۇملۇقلار-ئۇيغۇرلار) ئۆزىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان يىپەك (ئۇرۇم) بويۇملىرىنى «چۆل كېمىسى» بولغان زور مەخلۇق ئەڭ ئېگىز تۆگە (دەۋە)گە ئارتىپ، ھەتتا ئۆزلىرىمۇ تۆگىگە ئارتىلغان يۈك ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قەدىمكى يىپەك يولى بىلەن قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىپ پارىس زىمىنى ۋە ئىران زىمىنىغا كىرگەندە، بۇ كارۋانلار توپى ئۇلارغا بەھەيۋەت ئاجايىپ ئېگىز كۆرۈنۈپ (ئادەم تۆگىگە مىنگەندە تۆگىنىڭ ئېگىزلىكى تېخىمۇ زىيادىلىشىپ كېتىدۇ) بۇ كارۋانلارنىڭ ئىنسان سىياقىدىن ھالقىغان ھالدىكى ھەيۋەت كۆرۈنىشىنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمىغان ھالدا ھەيران قېلىشقان... ئاخىرى ئۇلار ئىران بىلەن تۇراننىڭ كېيىنكى پەيدا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك زىددىيىتى تۈپەيلى بۇ ‹ئاق يىپەك كارۋانلىرى›نى بەتبەشىرە «ئەھرىمەن دېۋە» سەلبى سىمۋولىغا موقۇملاشتۇردى... شۇ سەۋەپتىن، «شاھنامە»دە تۇرانلارنى كەمسىتىش تەرىزدىكى بايانلاردا «ئەھرىمەن دېۋە» ئىشلىتىلگەن بولسا، «سام»نىڭ بالىسى («زال»)نى بېقىۋالغانلىقىدەك تۇرانلارنىڭ ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى كۆرگەندە ئۇلارنى «سۇمرۇغ» قىياپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ...

بىز ئۈچ مەنبە («شاھنامە»، «تارىخى خاتىرىلەر» ۋە «ئوغۇزنامە»)دىن سۇمرۇغقا ئائىت قىسقىچە ئۇچۇرغا ئېگە بولىۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئىختىيارسىز ھالدا، ھىندىستان رىۋايەتلىرىدىكى «ھۇمايۇن»ۋە «ئۇما»غا دىققەت قىلماي تۇرالمايمىز؛ [قەدىمكى زاماندا چىن (بۇنىڭدىن 5500 يىل بۇرۇنقى «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇزخاننىڭ ئۈچ ئوغلىغا مەملىكەتنى ئۈچكە بۆلۈپ بېرىپ «ئۈچ قورىقان-ئۈچ چىن-ئۈچ قېرىنداش دۆلىتى» يەنى «ئۈچ خۇ- 三胡(ئۈچ ھون)» («تارىخى خاتىرىلەر» 230-، 238-بەتلەر) دىن ئىبارەت ئوغۇزخان قۇرغان چىن دۆلىتىنى كۆرسىتىدۇ) مەملىتىكىنىڭ بىر پادىشاھى بار ئىدى. ئۇنىڭ شانۇ-شەۋكىتى مەشرىقتىن مەغرىپكىچە تارالغان بولۇپ، بارلىق داڭلىق پادىشاھلار ئىتائەت ھالقىسىنى جان قۇلىقىغا سېلىپ ئۇنىڭ پەرمانىغا بوي سۇناتتى... بۇ پادىشاھنىڭ ئىسمى «ھۇمايۇن»...ئىدى...» («كەلىلە ۋە دېمنە» 1-2-بەتلەر)؛ [سانسكرىتچە «پۇرانا» دېگەن قەدىمكى تارىخى ھېكايىلەر توپلىمىدا <ھىما> (قار پەرىسى) بىلەن كائىنات ئىلاھى <شىۋا>نىڭ ئاشىق-مەشۇق بولۇپ توي قىلىشقانلىقى توغرىسىدا بىر ھېكايە سۆزلىنىدۇ...كېيىنكى زامانلاردا ھېندىستانلىقلار مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن <ھىما> پەرىگە چوقۇنغان، ئۇنى غايىۋانە كۈچ ھاسىل قىلغۇچىلارنىڭ سىمۋولى قىلغان. ئۇلار بۇ پەرىنىڭ ئىسمىنى «ئۇما» («ھىما»)دەپ ئاتايتتى...] («بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى، 1986-يىلى بىرىنچى نەشرى، 47-48-بەتلەر). بىز ھىندىستان رىۋايەتلىرىدىكى «ھۇمايۇن» ۋە «ئۇما» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دىكى «ئۇما-ئانا. تۈبۈتچە.»، «ئۇما-ئۆيگە كەلگەن مېھمان. مېھمان كەلسە قۇت كېلەر...» (124-بەت)نى سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق ئەجداتلىرىمىز ئەنئەنىسىدىكى «ھۇما-بەخت قۇشى»نىڭ دەل ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى سۇمرۇغنى نەزەردە تۇتىۋاتقانلىقىدەك تارىخى ئىزچىللىقنى بايقايمىز. ئۇنداقتا «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دا نىمە ئۈچۈن ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان سۇمرۇغقا «يۇن. يۇن قۇش- توز قۇشى» (3-قىسىم 197-بەت) دەپ ئىزاھات بېرىلىپ قالىدۇ. بىز «يۇن» ئاتالغۇسىنىڭ تەگ ئاساسىغا قارايدىغان بولساق، «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دا ئات بىلەن سۇمرۇغ ئاتالغۇسىنىڭ پەقەت بىر ئاخىرقى «د» تىل تاۋۇشى «يۇن. يۇن قۇش-توز قۇشى»، «يۇند-ئات، يىلقا» («تۈركىي تىللار دىۋانىي» 3-قىسىم 7-بەت) بىلەن پەرىقلىنىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئات بىلەن سۇمرۇغنىڭ قىسمەن تەن تۈزىلىشىدىكى ئورتاقلىقىغا قارايدىغان بولساق، يۇقۇرقى رەسىمدىكى سۇمرۇغنىڭ باش قىسمىدىكى پەيلىك تاجى قىسمى بىلەن ئات بوينىنىڭ يۇقۇر قىسمىدىكى ياللا بىلەن تامامەن ئوخشاش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تارىختا ھونلار تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى سۈپىتىدە ئات كۆندۈرگۈچى ۋە ئەڭ بۇرۇن ئات ئۈستىگە چىققان خەلق بولغاچقا ئاتنىڭ دۇلدۇلدەك يۈگرەش سۈرئىتىنى سۇمرۇغنىڭ ئۇچۇش تىزلىكىگە سېلىشتۇرما قىلىشمۇ «يۇن» بىلەن «يۇند»نىڭ تارىخىي ئورتاقلىقى بولسا كېرەك. «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دا توز قۇشىنىڭ «يۇن» دەپ ئىزاھلىنىپ قېلىشى، بىرىنچىدىن، سۇمرۇغنىڭ ئىككى ئۈزۈن قۇيرىقىنىڭ توزغا ئۆخشاپ قالغانلىقىدىن؛ ئىككىنچىدىن، 4000، 5000 يىللار مۇقەددەم تارىم، جۇڭغار ئويمالىقىنىڭ قۇرغاقلىشىپ سۇمرۇغ نەسلىنىڭ قۇرۇپ ئۇنى ئەسلەش مۇشكۈلچىلىكىدىن بولغان. غەرپ (ياۋرۇپا) مەنبەلىرىدە سۇمرۇغ (ھۇما) قۇشىنى ئوت قۇشى دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەپتىن كىشىلەر سۇمرۇغ بالىسى («قەقنۇس»)نى ئوتتىن تۆرىلىدۇ دەيدۇ . بۇنىڭ ئىلمى دەلىلى شۇكى ئىنسانىيەت ئاتەشپەرەسلىك مەزگىلىدە كۈننى ئۇلۇقلاش ئارقىلىق ئات بىلەن سۇمرۇغنى كۈنگە ئەگىشىپ تىز ئۈچقۇچى ۋە تىز يۈگۈرگىچى سانالغانلىقىدىن بولىشى مۇمكىن. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان تۈنجى ئوغلىغا «كۈن» ئىسمىنى قويىشىمۇ يۇقۇرقى دەلىلىمىزگە كۈچ بېغىشلايدۇ.

«ھۇما» قۇشىنىڭ ئەركىكى «ئەنقا»، چىشىسى «سۇمرۇغ»، بالىسى «قەقنۇس» بولۇپ، ئەجداتلىرىمىز «ھۇما» قۇشىنى «بەخت قۇشى» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ھەقىقى سىماسى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

ئافرىقىنىڭ كېنىيە يايلىقىدىكى ھۇما قۇشىنىڭ ئەركىكى ئەنقا رەسىمى (37)
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

ئافرىقىنىڭ كېنىيە يايلىقىدىكى ھۇما قۇشىنىڭ چىشىسى سۇمرۇغ رەسىمى (38)

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

ئافرىقىنىڭ كېنىيە يايلىقىدىكى ھۇما قۇشىنىڭ بالىسى قەقنۇس (39)
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

ئەگەر يۇقارقى ئەنقا، سۇمرۇغ ۋە قەقنۇسنىڭ بىرلەشمىسى «ھۇما- بەخت قۇشى»دەپ قارالمىغاندا «تارىخى خاتىرىلەر» (ئۇيغۇرچە نەشرى، 221-بەت)دىكى «مۇۋاڭ زاۋفۇغا ھارۋا ھەيدىتىپ ... شىۋاڭمۇ (西王母- غەربى خان ئانا) بىلەن...» كۆرۈشمەس ئىدى... مانا بۇ «西王母» (ئۇماي) ئانا، ئەڭ قەدىمكى رىقابەتچان ئىككى خەلق ھونلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ تارىخنامىلەردە داۋاملاشقان بىر-بىرىگە قىلىشقان كىنايە ئىزچىللىقىدۇر...

4- ھونلارغا ۋەكىللىك قىلغۇچى «رۇڭ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى

«تارىخى خاتىرىلەر»، «خەننامە» ۋە «كونا تاڭ نامە»دىكى ھون نامىنىڭ ھەرخىل ئاتىلىشى ھەم مەن ئوتتۇرغا قويغان  يۇقارقى تەپسىلاتلاردىن كۆرۈش مۇمكىنكى، ھونلارنىڭ نامى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار تىلىدا نەچچە ئون خىل ئاتالغان بولسىمۇ، بۇ خىل نامنى ئاساسەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرى ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بويىچە ئاتالغان «يۈن» (سۇمرۇغ) نامى؛ يەنە بىرى ھونلارنىڭ زىمىن تەۋەلىكى بويىچە ياكى ئېتنىك كېلىپ چىقىشى بويىچە ئاتالغان «رۇڭ» نامىدۇر. بىز ھونلارنىڭ «يۈن» دىن ئىبارەت قۇت بەلگىسى بويىچە ئاتالغانلىقىنى يۇقۇرقى يەتتە دەلىلىمىز ئارقىلىق ئوتتۇراغا قويغان ئىدۇق. ئەمدى ھونلارغا ۋەكىللىك قىلغۇچى يەنە بىر چوڭ ئاتالغۇ «رۇڭ» نامىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى دەلىللەيمىز.

ھونلارغا ۋەكىللىك قىلغۇچى يەنە بىر چوڭ ئاتالغۇ «رۇڭ»نىڭ كېلىش مەنبەسىنى «ئوغۇزنامە»دىكى «...سول تەرەپتە ئۇرۇم خاقان بار ئىدى...» دېگەن «ئۇرۇم» بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق دەپ ئىزدەنگىنىمىزدە، «رۇڭ»دىن ئىبارەت بىر بوغۇملۇق تىل تاۋۇشى «ئۇرۇم»نىڭ خەنزۇچە تىرانسكپكسىيە قىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بايقايمىز.

بىز «ئوغۇزنامە»دىلا «ئۇرۇم» ئاتالغۇسىنى كۆرۈپ قالماي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مەزگىزى «ئۈرۈمچى»نامىنىڭمۇ تارىختا «ئۇرۇمتاي» ۋە ئۇنىڭ قىسقارتىلما نامى «رۇمتاي(لۈن تەي)»  («دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە» 2-بەت) ئىكەنلىكىنى كۆرگىنىمىزدە، تەبىئىي ھالدا «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تارىخىي ئاتالغۇلار لوغىتى» (202-بەت)تىكى « 仑头国» (ئۇرۇم تاي بەگلىكى)نى ئەسلەش بىلەن بىرگە، «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇزخاننىڭ يۈرۈش لېنىيەسىنىڭ سول تەرپىگە توغرا كېلىدىغان «ئۇرۇم»نىڭ ماھىيەتتە جۇڭغار ۋە تارىم ئويمانلىقىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداقلا تارىم ئويمانلىقىنىڭ قەدىمدە «كىن ئۇرۇم» (مەرگىزى يىپەك دۆلىتى)، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ «ئۇرۇمتاي» (كىچىك يىپەك دۆلىتى) ئىكەنلىكىنى «تارىخىي خاتىرىلەر»دىكى شەخسكە باغلانغان «كىن ئوڭچۇر»دىكى «كىن» ۋە «شاھنامە»دىكى ئىككى قېتىم تەكرارلانغان «كىن»نىڭ شەكسىز ھالدا «كىن ئۇرۇم»دىكى «كىن»نى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرىمىز. بۈگۈنكى كۈندىكى «كۇئىللۇن تاغلىرى» (昆仑山)دىكى كۇئىللۇن ۋە «كىروران» بىز خەنزۇلاردىن قوبۇل قىلغان ئىككەمچى ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇ ئەسلى ئەجدادىمىزنىڭ تىلىدا «كىن ئۇرۇم »دەپ ئاتالغان بولسا، خەنزۇلار ئۇنى «昆仑» دەپ تىرانسپكسىيە قىلغاندىن كېيىن، بىز ئۇنى يەنە خەنزۇلاردىن قوبۇل قىلىپ «كۇئىللۇن» ئىككىلەمچى ئاتالغۇسىغا ئايلاندۇرىۋالغان.

دېمەككى، «ئۇرۇم» ۋە ئۇنىڭ قىسقارتىلمىسى «رۇم»نىڭ خەنزۇچە تىرانسپكسىيىسى «رۇڭ» ھونلارنىڭ توپىنومېيىلىك پاسىل ئېنىقلىمىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ موھىمى «رۇڭ» ھونلارنىڭ ئېتنىك مەنبە روشەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىشتىمۇ بىباھا قىممەتكە ئېگە.

5- خەنزۇلار بىلەن ھونلارنىڭ قان-قېرىنداشلىقى ھەققىدىكى دەلىللەر

بىرىنچى دەلىل، ھونلار بۇنىڭدىن ئالتە-يەتتە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار بىلەن قەدىمكى يىپەك يولى ئارقىلىق سودا ئالاقىسى قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خۇنەندىن 7800 يىل بۇرۇنقى سۇمرۇغ سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن ساپال بويۇمنىڭ بايقىلىشى بۇنىڭ ماددى پاكىتى بولالايدۇ.  بۇنىڭدىن ئالتە-يەتتە مىڭ يىللار ئىلگىرى تارىم، جۇڭغارنىڭ چەكسىز سازلىق، ئىپتىدائىي ئورمانلىق ۋە ئېكىنزارلىق ئېكولوگىيىلىك ئەۋزەل شارائىتىدا ئەللىك- ئاتمىش مىلىيۇن ئىنساننى بېقىش شارائىتىغا ئېگە ئىدى. «ئوغۇزنامە»دە «... سول تەرەپتە ئۇرۇم دېگەن بىر خاقان بار ئىدى. بۇ خاقاننىڭ لەشكەرلىرى ۋە شەھەرلىرى نۇرغۇن ئىدى...»دىكى «...شەھەرلىرى نۇرغۇن ئىدى...» دېگەن بايانغا قارىساق،  تارىم ۋە جۇڭغار ئېكولوگېيىسىنىڭ قەدىمدە باشقا رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ ئەلالىغىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. مانا مۇشۇنداق «شەھەرلىرى كۆپ» بولغان «ئۇرۇم»لىقلارنىڭ سەيياھ ۋە سودىگەر سۈپىتىدە باشقا ئەللەرگە بېرىشى تۇرغانلا گەپ. يەتتە مىڭ يىلدىن ئارتۇق خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتتە تۇرغان ئىككى ئېتنىك مەنبەدىكى ئىككى ئىنسان توپىنىڭ تەبىئىي يوسۇندا بىر-بىرىگە سىڭىشىشى ئەلۋەتتە تارىخى مەنتىقىگە زىت ئەمەس.

ئىككىنچى دەلىل، بىز «تارىخى خاتىرىلەر»گە ۋە «خەننامە»گە قارايدىغان بولساق ھونغا ۋە ھوننىڭ ئەۋلادىغا مۇناسىۋەتلىك نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئاساسەن خەنزۇچە ئىسىم بىلەن ئاتالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ تەبىئىي ئاسسىمۇلاتسىيە جەريانىدا ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.

ئۈچىنچى دەلىل، تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھونلارنىڭ ئىزدېرەكسىز يوقالغانلىقىغا قاراپ «ھونلار نەگە كەتتى؟» دېگەن خىتابى سۇئالىغا...  ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى بارماق ئىشارىسى بىلەن كۆرسىتىپ «ھونلار مانا بۇ يەردە » دەپ جاۋاپ بېرىشىمىز مۇمكىن. سەۋەپ شۇكى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەرقايسى پادىشاھلىققا ئەل بولغان ۋە تەسلىم بولغان ھونلارنىڭ سانىنى «تارىخى خاتىرىلەر»، «خەننامە» ۋە «كونا تاڭنامە»دىن تەخمىنى ئېنىقلىساقمۇ بىر مىلىيۇندىن ئېشىپ كېتىدۇ... ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى بىر مىلىيۇن نوپۇسنىڭ بۈگۈنكى ۋارىيانتى 100 مىليۇندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

تۆتىنچى دەلىل، ئىستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا  خەنزۇلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقان فامىلىسى 11 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ فامىلىسى ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ. بىز تارىخى مەنبەلەردىكى ھونلارغا مۇناسىۋەتلىك فامىلىنى ئېنىقلايدىغان بولساق مىڭدىن ئارتۇق فامىلە ھونلار ئەۋلادى بولۇپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى زاماندىكى تىببى ئىلىمنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئىرسىيەت ئىلمىدىكى «د ن ئا» ئېنىقلىمىسىنىڭ بارغانسىرى روشەنلىشىشى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بۇ 11 مىڭ فامىلە ئېگىسى يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزىگە  قايتىدىن ئېتنىك تامغىسى بېسىشى مۇكىن.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار