جۇڭگۇ مەدەنىيىتىدە، سۇمرۇغ ئوبرازى يالغۇز تەبىئەتتىكى ئىناقلىقنىلا ئىپادىلەپ قالماستىن، يەنە ئىنسانلار جەمئىيتىدىكى ئىناقلىقنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. سۇمرۇغدىكى بەش رەڭ كېيىنچە قەدىمقى جەمئىيەتتىكى ئىناقلىق، تىنىچلىققا چېتىلىدىغان (1) ئەخلاق، (2) ئادالەت، (3) ئەدەپ، (4) رەھىمدىللىك، (5) ئىشەنچتىن ئىبارەت بەش قائىدىنىڭ ۋەكىلى دەپ قارالغان. مەسىلەن، «山海经»دا مۇنداق دېيىلگەن: «سۇمرۇغنىڭ بېشى ئەخلاق، قانىتى ئادالەت، دۇمبىسى ئەدەپ، كۆكرىكى رەھىمدىللىك، قۇرسىقى ئىشەنچىنىڭ سىمۋولىدۇر.» مەزكۇر كىتاپتا يەنە مۇنداق دىيىلىدۇ: «ئەنقا ناخشا ئېيتسا، سۇمرۇغ ئۇسۇلغا چۈشىدۇ. سۇمرۇغنىڭ بېشىغا ئەخلاق، قانىتىغا ئىتائەت، كۆكرىكىگە رەھىمدىللىك، دۈمبىسىگە ئادالەت يېزىلغان بولۇپ، كۆرگۈچىلەر دۇنيادا تىنىچ ئامان ئۆتەر.»
قەدىمدە، سۇمرۇغ يەنە ئەخلاقلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىشتىمۇ ئىشلىتىلگەن. «ئىناقلىق ھەممىدىن ئەلا»نى تەشەببۇس قىلغان كۇڭزى دەل جۇڭگۇ تارىخىدا تۇنجى قېتىم سۇمرۇغ («风») دەپ تەرپلەنەن كىشىدۇر. قەدىمقى ئىدىئالوگ لاۋزى سۇمرۇغنى كۇڭزىغا تەمسىل قىلغان بولۇپ، «جۇاڭزىدا»دا مۇنداق خاتىرلەنگەن: «لاۋزى كۇڭزىنىڭ بەش شاگىرتىنى ئېلىپ ماڭغىنىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى سوراپتۇ، كۇڭزى جاۋاپ بېرىپ: «بىرىنچىسى باتۇرلۇق، ئىككىنچىسى پاراسەت، ئۈچىنچىسى ۋاپادارلىق، تۆتىنچىسى رەھىمدىللىك، بەشىنچىسى ئەلەم.» دەپتۇ. لاۋزى - «جەنۇپتا بىر قۇش بار، ئۇنىڭ ئىسمى سۇمرۇغ دەپ ئاڭلىۋىدىم... سۇمرۇغ بۈيۈكلۈك ۋە ئادالەت، پاراسەت، ۋە ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەن دە.» دەپتۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، سۇمرۇغ مەدەنىيىتىدىكى ئىناقلىق تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەلگەن. سۇمرۇغ ئوبرازىدىكى بۇ «بۇ ئىناقلىق»نىڭ ئالاھىدىلىكى سۇمرۇغقا مۇناسىۋەتلىك ئىدىئوملاردىمۇ دائىم ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: 1) «风和» - ئەنقا بىلەن سۇمرۇغنىڭ جۈر بولۇپ سايرىشى، بۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەنقا بىلەن سۇمرۇغ جۈر بۇلۇپ سايرىغاندا ئاۋازىنىڭ يېقىملىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنداقلا كىشىلەر ئارىسىدا ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىدۇ. 2) «百鸟胡风» -بارچە قۇشلار سۇمرۇغقا يۈزلىنەر. بۇ جەمئىيەتتىكى ئىناق تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇ يەنە كونا جەمئىيەتتە ھۆكۈمدارلارنىڭ دانالىقىدىن بارچىنىڭ ئۇنىڭغا بوي سۇنىشىغا تەمسىل قىلىنغان بولۇپ، پاراسەتلىك دانالارغا ئاممىنىڭ ئەگىشىشىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. 3) «风阳»- سۇمرۇغلار قوياشقا باقار. بۇ ئوبرازلىق ھالدا ئىپتىدائىي يېزا ئىگىلىكى دەۋرىدىكى قوياش قۇشى بىلەن قوياشنىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەن؛ يەنە پادىشا بىلەن ۋەزىر-ۋۇزرالار ئوتتۇررىسىدىكى ئىناق، ماسلاشقان ھالەتنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن، ۋاڭ شېجېننىڭ «风记» -سۇمرۇغ قوشىقىدا «ئەتراپىدا نىيەتداش ۋەزىرلەر بولسا، سۇمرۇغلار ھەمنەپەس قوياشقا باقار.» دەپ ئېلىنغان.
2-سۇمرۇغ رېۋايىتى
سۇمرۇغ ئەپسانىلەردىكى سېھىرلىك قۇش بولۇپ، ئەركىكى «风» (ئەنقا)، چىشىسى «凰» (سۇمرۇغ). قەدىمكىلەر بوبراكىيىك، سۇمرۇغ، تاشپاقا، ئەجدىھانى ئاسمان-زىمىندىكى «تۆت روھ» دەپ ئاتايدۇ. سۇمرۇغ ھەققىدىكى رىۋايەتلەر شەرقتە تارقالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ شەرقنىڭ ئىلاھى قۇشى، قېرىماس قۇش دېگەن ناملىرىمۇ بار. سۇمرۇغ يەنە قىزىل قۇش، ئوت قۇش، ئۆلمەس قۇش، قېرىماس قۇش دەپمۇ ئاتالغان. قەدىمكى مىسىر رېۋايەتلىرىدە، سۇمرۇغنى چوڭ كىچىكلىكى شۇڭقار بىلەن تەڭ، بەدەنلىرى ئالتۇن رەڭ پەيلەر بىلەن قاپلانغان، چاقناپ تۇرىدىغان قاناتلىرى بار، تاشقى كۆرۈنىشى رەڭگا-رەڭ، ئاۋازى يېقىملىق، كىشىلەرگە بەخت كەلتۈرۈپ، ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان قۇش دەپ قارايدۇ. سۇمرۇغ ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى بىر قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇق يېنىدا ياشايدىكەن. ھەر كۈنى تاڭ سەھەر يېتىپ كەلگەندە قۇش سەھەر قوياش نورىغا چۈمۈلىدىكەن ھەمدە يېقىملىق، گۈزەل ناخشىلارنى ئېيتىدىكەن. قوياش ئىلاھى بولسا جەڭ ھارۋىلىرىنى توختىتىپ، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى جىمجىتقىنە تىڭشايدىكەن. بۇ چاغدا جاھاندا خۇددى ئاران بىر سۇمرۇغلا مەۋجۇتتەك بولار ئىكەن. سۇمرۇغنىڭ ئۆمرى 500 يىل بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم ئۆلۈمگە يېقىنلاشقانلىقىنى بىلگەندە خۇشپۇراق دەرەخ شاخلىرىدىن ئۇۋا ياساپ، ئوت يالقۇنى ئىچىدە كۆيىدىكەن. ئۇ كۆيۈپ تۈگەر چاغدا يېڭى تۇغۇلغان بىر سۇمرۇغ ئوت يالقۇنلىرى ئىچىدىن ئۇچ ئۇچۇپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭ رەڭگى زىيادە ئوتلۇق، گۈزەل ئىكەن. ئۇ دورا دەرىخىنىڭ شەربىتىنى ئۆلگەن سۇمرۇغنىڭ جەسىتىگە سۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قوياش شەھرىگە ئۇچۇپ بېرىپ، تۇخۇمنى قوياش ئىلاھىنىڭ نەزىر سۇپۇسى ئالدىغا قويىدىكەن. سۇمرۇغنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەجدەرھادىن ئايرىلالمايدۇ. رېۋايەت قىلىنىشىچە شۈەن يۈەن پادىشا ئۈچ چوڭ قەبىلە، 72 كىچىك قەبىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۇنيادىكى تۇنجى ئومۇم مۈلۈكچىلىكتىكى دۆلەتنى قۇرۇپتۇ. پادىشا بىرلىككە كەلگەن توتېم بېكىتمەكچى بولۇپ، ئەسلىدىكى ھەرقايسى چوڭ-كىچىك قەبىلىلەر ئىشلەتكەن توتېملار ئاساسىدا يېڭىدىن بىر توتېم- ئەجدارھانى ياساپ چىقىپتۇ.
ئۇنداقتا، سۇمرۇغ قانداق بارلىققا كەلگەن؟ ئەجدەرھا توتېمى ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر قىسىم قەبىلىلەرنىڭ توتېملىرى ئىشلىتىلمەي قاپتۇ. پادىشاھنىڭ بىرىنچى ئايالى لېي زۇ ئىنتايىن ئەقىللىق ئايال بولۇپ، ئۇ پادىشاھنىڭ يېڭى توتېمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان قەبىلىلەرنىڭ توتېملىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىلغاپ، پادىشاھنىڭ ئەجدەرھا توتېمى ياساپ چىقىش ئۇسۇلىغا ئوخشىتىپ، توزنىڭ بېشى، ئاققۇنىڭ تېنى، ئالتۇن توخۇنىڭ قانىتى ۋە پىيى، ئالتۇن رەڭ قۇچقاشنىڭ رەڭگى... قاتارلىقلاردىن بىر جۈپ چىرايلىق، ئېسىل، چوڭ قۇش قۇراشتۇرۇپ چىقىپتۇ. ئىسىم قويغۇچى بۇ بىر جۈپ چوڭ قۇشقا ئايرىم- ئايرىم «风» ۋە «凰» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.
سۇمرۇغنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتى يېڭى تاش قۇراللار دەۋرى ئەتراپىدا بولۇپ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى رەڭلىك ساپال بويۇملاردىكى نۇرغۇن قۇشلار نەقىشلىرى سۇمرۇغنىڭ دەسلەپكى شەكلىدۇر. بۇنىڭدىن 6700 يىل بۇرۇنقى جېجىياڭ يۈياۋ خېمۇدۇ مەدەنىيەت خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان پىل چىشى سۆڭەك قۇرالىغا جۈپ قۇش شەكلى ئويۇلغان بولۇپ، بۇ جۇپ قۇش نەقشى چوقۇم قەدىمكى سۇمرۇغنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خاتىرلىنىشىدۇر.
قەدىمدە، سۇمرۇغ ئېسىللىك، ئالىجاناپلىق، ئەخلاق- ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ، كىشىلەر ياخشى ئىشلارغا بولغان ئىنتىلىش سەۋەپلىك بەزى تاغۇ-دەريا، شەھەر- بازارلارنى سۇمرۇغ نامى بىلەن ئاتىغان. مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردا خاتىرلىنىشىچە، دۆلىتىمىزدە ھازىر سۇمرۇغ تېغى دەپ ئاتالغان 42 تاغ بار ئىكەن. بۇ بەلكىم، شۇ تاغلارنىڭ سۇمرۇغقا ئوخشىغانلىقىدىن ۋەياكى قەدىمكى رېۋايەتنىڭ خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەنلىك تۈپەيلىدىن بولىشى مۇمكىن. بۇ سۇمرۇغ نامى بىلەن ئاتالغان تاغلار ئېلىمىزنىڭ تۆۋەندىكى 20 گە يېقىن ئۆلكىسىگە تارقالغان:
(1) لىياۋنىڭ ئۆلكىسى چاۋياڭ شەھرى فېڭ چىڭ مانجۇ ئاپتۇنۇم ناھىيىسى
(2) جېجىياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھرى رۇيئەن ناھىيىسى
(3) خۇنەن ئۆلكىسى خېڭدۇڭ ناھىيىسى، فېڭ خۇاڭ ناھىيىسى، چىياڭ ناھىيىسى، پىڭ جىياڭ ناھىيىسى
(4) شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن ياھىيىسى، تۇڭگۈەن ناھىيىسى، ئەنكاڭ ناھىيىسى
(5) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى چاۋجۇۋ شەھرى، زېڭ چىڭ شەھرى
(6) گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاتۇنۇم رايونى نەندەن، تىيەنئې، خېچى، يىشەن قاتارلىق تۆت ناھىيە شەھەر
(7) سىچۈەن ئۆلكىسى پىڭشۈي مىياۋزۇ، تۇجىيا ئاپتۇنۇم ناھىيىسى، چىڭدۇ شەھرى، شىيۇشەن تۇجىيا مىياۋزۇ ئاپتۇنۇم ناھىيىسى، شىچۇڭ ناھىيىسى، داشىيەن ناھىيىسى
(8) خېبېي ئۆلكىسى چىڭلۇڭ مانجۇ ئاپتۇنۇم ناھىيىسى، تاڭشەن ناھىيىسى
(9) خۇبېي ئۆلكىسى جىڭشەن ناھىيىسى، جىيايۈ ناھىيىسى، دايې ناھىيىسى، شۈەنخۇا شەھرى
(10) شاڭخەي شەھرى سۇڭجىياڭ ناھىيىسى
(11) جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇجىن ناھىيىسى، جىياڭنىڭ ناھىيىسى
(12) فۇجىيەن ئۆلكىسى شاشىيەن ناھىيىسى
(13) يۈننەن ئۆلكىسى نەنپىڭ بەيزۇ پۇمى ئاپتۇنۇم ناھىيىسى
(14) خېنەن ئۆلكىسى شىن يې ناھىيىسى
(15) ئەنخۇي ئۆلكىسى فىڭياڭ ناھىيىسى
(16) خيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسى لۇبېي ناھىيىسى
(17) جىياڭشى ئۆلكىسى فىڭچېڭ ناھىيىسى، شيۇشۈي ناھىيىسى، يۈشەن ناھىيىسى
(18) گۇيجۇ ئۆلكىسى فىڭگاڭ ناھىيىسى
(19) نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتۇنۇم رايونى لۇڭدى ناھىيىسى
3- «سۇمرۇغ»نىڭ ھونلارغا ۋەكىللىك قىلىشىنىڭ تارىخى دەلىللىرى
بىرىنچى دەلىل، مۇتلەق كۆپ قىسىم تەتقىقاتچىلار «ھون» ئېتىمولوگېيىسىنىڭ «كۈن» نامىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى پەرەز قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ئۆز ھۆكىمىنى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئاتەشپەرەسلىك دەۋرىگە باغلاپلا قانائەت ھاسىل قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قانائەتچانلىق ھونلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار بىلەن قان-قېرىنداشلىق ھەم تارىختىن بېرىكى رىقابەت مۇناسىۋىتىنى يورىتالمايلا قالماستىن ھەتتا ھونلارنىڭ تارىختا شىمال ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىزدېرەكسىز يوقۇلۇش سەۋەبىنى ئەبەدىلىك مۇئەمماغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.
ئەمەلىيەتتە «ھون» ئاتالغۇسىنىڭ تىل يىلدىزى «يۇن» بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ «جۇۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىيەن يۈن» («تارىخى خاتىرىلەر» ئۇيغۇرچە نەشرى، 24-بەت)؛ مىلادىدىن بۇرۇنقى ھىندىستان پەيلاسوپى بىت پاي ھېكمەتلىرىدىكى چىن پادىشاھى«ھۇمايۇن» («كەلىلە ۋە دېمنە» 2-بەت)؛ «تۈكىي تىللار دىۋانىي»دىكى «يۇن» (3-قىسىم 197-بەت) ۋە «يۇن ئارىق» (سۇمرۇغ ئېرىقى) قاتارلىق ئاتالغۇلار ئىچىدىكى «يۇن»نى ئاساسىي مەنبە قىلغان. مەزكۇر «يۇن» (ھۇما قۇشى-بەخت قۇشى)- ئەنقا، سۇمرۇغ، قەقنۇس دېگەنلىك بولۇپ، بىز ئۇنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەرنىڭ دائىملىق كىنايە ئادىتى بويىچە ھوما قۇشىنىڭ چىشىسى «سۇمرۇغ» دەپ ئاتاپ تۇرايلى. بىر بوغۇملۇق «ھون» (ۋون) بىلەن «يۇن»نىڭ يىلدىزداشلىقى بويىچە «ئو»، «ئۇ»، «ئۈ» ۋە ھەر ئىككى بوغۇم بېشىدىكى «ھ»، «ۋ» ۋە «ي»نىڭ ئۆز ئارا ئالمىشىشچانلىقىنى نەزەرگە ئالغىمىزدا بۇ ھۆكۈم، شەكسىزكى «ھون» (يۈن) دىن ئىبارەت بۇ مۇبارەك نامىنىڭ تارىخى ئەينەنلىكىگە پۈتۈنلەي زىپچىلاشقان.
ھون (يۈن-سۇمرۇغ) نامىنىڭ قويۇلۇشتىكى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە كەلسەك، ئۇنىڭدا خەنزۇ خەلقى بىلەن ھونلارنىڭ تارىخى مۇساپىسىدا رىقابەتلىك، دەۋىر بۆلگۈچ ھەركەتلەرگە تۈرۈتكە بولىدىغان، كىشنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەيۋەتلىك ئوت ئۈچقۇنلىرىنىڭ مەشئەلدەك چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز...
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار بىلەن غەربى ۋە غەربى شىمالدىكى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى مۇناسىۋىتى، قەدىمكى يىپەك يولىنى ئاساسى لېنىيە قىلغان، غەرپتىن شەرقكە، شەرىقتىن غەرىپكە ئۈزۇلمەي قاتناپ تۇرغان سودا كارۋانلىرىنىڭ سودا-سېتىق مۇناسىتى، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت سورۇنى، ھەرقايسى سۇلالە ۋە ھەرقايسى خاندانلىق ئەلچىلىرىنىڭ قۇتلۇق قەدەم ئىزى چۈشكەن، جاھان كەزدى سەيياھلارنىڭ ئەلۋەك ئارامگاھى بولغان تىنىچلىق ئاساسىدىكى قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەت بولۇپ كەلدى. گەرچە ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋەت تارىخنىڭ ئاساسى ئېقىمى بولغان بولسىمۇ، گاھىدا بۇ خىل مۇناسىۋەت ئاندا-ساندىكى رىقابەت ئامىللىرى ئېلىپ كەلگەن زىددىيەت كەسكىنلىكىدە قارمۇ-قارشى قۇتۇپلارغا ئايرىلىپ دەھشەتلىك ئۇرۇشلارغىمۇ سەۋەپ بولغان. بۇنداق چاغدا ھەرقايسى تەرەپ ئۆزلىرىنى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ باتۇر كۆرسىتىش مەقسىدىدە ئۆزلىرى ۋەكىللىك قىلغۇچى قەۋم ۋە مىللەت توپىغا ئاجايىپ كۈچتۇڭگۈر ھايۋان ۋە يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ نامىنى توتېم ياكى قۇت بەلگىسى قىلىپ قوللىناتتى.
خەنزۇلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان ئەجدارھا (يىلان) بىلەن ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان «سۇمرۇغ» (ھۇما) مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا بارلىققا كەلگەن. ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئىنسانلار ئاتەشپەرەسلىك مەزگىلىدە ئاسمان (كۈن) تەڭرىسى بىلەن يەر تەڭرىسىنى ئاساسى ئىككى ئىلاھ دەپ قارىغاچقا، خەنزۇلار ئەجدەرھا (يىلان)نى يەر ئىلاھى دەپ قاراپ ئۇنى ئۆزىلىرىگە قۇت بەلگىسى قىلدى، ھونلار سۇمرۇغ (ھۇما)نى ئاسمان (كۈن) ئىلاھى دەپ قاراپ ئۇنى ئۆزلىرىگە قۇت بەلگىسى قىلىۋالدى. بۇ ئىككى قۇت بەلگىسى بولغان يىلان بىلەن سۇمرۇغنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىدىكى بىر-بىرىگە تۈپتىن قارمۇ-قارشى بولغان قورقۇنۇچلىق ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، يىلان ئاساسەن بارلىق ئۇچار قۇشلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ؛ سۇمرۇغ ئاساسەن يىلاننى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. بىز بۇ خىل ھۆكىمىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە قەدىمكى ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان سۇمرۇغنىڭ ئافرىقىنىڭ كېنىيە يايلىقىدىكى ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىغا نەزەر سالساقلا كۇپايە:
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]