يۇقارقىلاردىن كۆرۈش مۇمكىنكى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين «ئىناند خۇزخۇراند» دېگەن ئاتالغۇنى ئۆزى بىۋاستە ئوتتۇرغا قويمىغان بولۇپ، ئۇ، تۈرك پادىشاسىنىڭ «سىرلىق تاكتىكا»سىنىڭ تەسىرىدە، «خۇزخۇر»غا خۇددى ئۇيغۇر نامىنى تەتقىق قىلغۇچىلارغا ئوخشاش تىل شۇناسلىق نوقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى ھەربى ۋە سىياسى نوقتىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچى- خالاس.
ئىسكەندەرنىڭ شەرق ئىستىلاسىغا ئاتلىنىپ تۈرك زىمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرىشى، بىز يۇقۇردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، «خۇزخۇر» نامىنىڭ قويۇلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان تۈركى قەۋملىرىنىڭ جەڭگىۋار پەيتى ئەمەس. بەكلى ئۇلارنىڭ ھەربى مۇداپىئە ھالىتىدە، ھەتتا چېكىنىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى ئىككى تەپسىلاتتىن ئېنىق كۆرەلەيمىز:
«...زۇلقەرنەين سەمەرقەنتتىن ئۆتۈپ، تۈرك شەھەرلىرىگە يول ئالغان چاغلاردا، تۈركلەرنىڭ ‹شۇ› ئىسىملىك بىر ياش خاقانى بار ئىدى. ئۇ چوڭ قوشۇن ئىگىسى ئىدى. بالاساغۇن يېنىدىكى ‹شۇ› قەلئەسىنى ‹شۇ› ئۆزى ئالغان ۋە بىنا قىلدۇرغان. بۇ قەلئە ئالدىدا ھەر كۈنى بەگلەر شەرىپىگە ئۈچ يۈز ئاتمىش قېتىم دۇمباق چېلىناتتى. ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ‹زۇلقەرنەين يېقىن كېلىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرىشىمىزمۇ ؟ نىمە بۇيرۇقلىرى باركىن ؟ › دەيدۇ. ئەسلىدە خاقان ‹شۇ› خۇجەند دەرياسى بويىغا قاراۋۇل قويۇش ۋە زۇلقەرنەيننىڭ دەريادىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، دەريا قىرغىقىغا تارخانلاردىن تەركىپ تاپقان قىرىق كىشىلىك چارلىغۇچى ئەۋەتكەن ئىكەن. چارلىغۇچىلار مەخپى ھالدا كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ كەتكەنلىكىنى خان ئەسكەرلىرىدىن ھېچكىممۇ بىلمەيدىكەن. خاقاننىڭ كۆڭلى بۇنىڭدىن خاتىرجەم ئىكەن. خاقاننىڭ كۆمۈشتىن ياسالغان بىر كۆلچىگى بولۇپ، سەپەرگە چىققاندا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇلغاندىن كېيىن، غاز، ئۆدەكلەر چۈشۈپ شۇڭغۇپ ئوينايدىكەن. خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشىمىزمۇ دېگەنلەرگە ئۆزىنىڭ موشۇ كۆمۈش كۆلچىكىنى كۆرسىتىپ: ‹غاز، ئۆدەكلەرگە قاراڭلار، ئۇلار سۇغا قانداق شۇڭغۇيدىكەن ؟ ›دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، خاقاننىڭ بەرگەن جاۋابى ئادەملىرىنى ئويغا سېلىپ قويۇپتۇ، ئۇلاردا ‹خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشماقچىمۇ ئەمەس، چېكىنمەكچىمۇ ئەمەس› دېگەن گۇمان پەيدا بولۇپتۇ. زۇلقەرنەين دەريادىن ئۆتۈپتۇ. چارلىغۇچىلار ئۇنىڭ ئۆتكەنلىكىنى خاقانغا كېچىسى كېلىپ مەلۇم قىپتۇ. خاقان شۇ كېچىسىلا دۇمباق چالدۇرۇپ، شەرققە قاراپ يول ئاپتۇ. خاقاننىڭ تەييارلىقسىزلا يولغا چىققانلىقىدىن، خەلق ئارىسىدا ئەنسىزلىك، تەشۋىش پەيدا بوپتۇ. ئۇلاق تاپالىغانلار ئالدىراش- تېنەش ئۇدۇل كەلگەن ئۇلاقلارغا مىنىشىپ خاقاننىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ، ئالدىراشچىلىقتا ئۇ بۇنىڭ، بۇ ئۇنىڭ ئۇلىغىنى ئېلىۋاپتۇ، تاڭ ئاتقاندا قارارگاھ تۈپ-تۈز بىر سايغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ چاغلاردا تىراز، ئىسپىجاپ، بالاساغۇن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەھەرلەر بىنا قىلىنمىغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن بىنا قىلىنغان. ئۇ يەرلەردە چېدىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەنلەر ھايات كۆچۈرەتتى. خاقان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى كېچىلەپ كېتىپ قالغاندا، يىگىرمە ئىككى كىشى ئۇلار بىلەن بىللە كېتىشكە ئۇلاق تاپالمىغانلىقتىن، بالا –چاقىللىرى بىلەن شۇ يەردە قېلىپ قاپتۇ، مەن ئۇلارنىڭ ناملىرىنى كىتاپنىڭ بېشىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم، ماللىرىغا باسىدىغان تامغىللىرىنىمۇ شۇ يەردە بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۇ يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارنىڭ كەينىدىن پىيادە بېرىش ياكى مۇشۇ يەردە تۇرىۋېرىش ھەققىدە مەسلەھەتلىشىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يېنىغا ئىككى كىشى كەپتۇ ئۇلارنىڭ بالا-چاقىللىرىمۇ بىللە ئىكەن. ئۇلار يۈك-تاقلىرىنى دۇمبىللىرىگە ئارتىپ، قوشۇننىڭ كەينىدىن كېتىۋېتىپ، ھېرىپ-ئاچقان، ئېغىر يۈكنىڭ دەستىدىن تەرگە چۈمگەن ئىكەن. بۇ ئىككى ئائىلە قېلىپ قالغان ھېلىقى يىگىرمە ئىككى ئائىلىگە يولۇقۇپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپتۇ، يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارغا: ‹ئەي ئادەملەر، زۇلقەرنەين بىر يولۇچى، ئۇ بىر يەردە تۇرمايدۇ، بىزنىڭ يەرلەردە قېپقالمايدۇ، ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىز بەرىبىر ئۆز يېرىمىزدە ئۆزىمىز قالىمىز› دەپتۇ. ئۇلار ئىككى ئائىلىگە تۈركچە: ‹قالاچ-مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىڭلار› دەپتۇ. كېيىن ئۇلار ‹قالاچ › دەپ ئاتىلىپ قالغان. خالاچلارنىڭ ئەسلى شۇ. ئۇلار ئىككى قەبىلىدۇر. زۇلقەرنەين كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈركلەرگە خاس بەلگىللىرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن گەپ سورىمايلا بۇلار ‹تۈرك مانەند-تۈرككە ئوخشايدۇ› دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز ئۇلارغا بۈگۈنكە قەدەر نام بولۇپ قالغان. تۈرۈكمەنلەر ئەسلىدە يىگىرمە تۆت قەبىلىدۇر. لىكىن ئىككى قەبىلىدىن ئىبارەت بولغان خالاچلار بەزى جەھەتتە ئۇلاردىن ئايرىم تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوغۇزلار قاتارىغا كىرمەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى شۇدۇر. خاقان ‹شۇ› چىن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. زۇلقەرنەين ئۇنىڭ كەينىگە چۈشىدۇ. ئۇيغۇرلارغا يېقىن بىر يەردە خاقان زۇلقەرنەينگە بىر قىسىم چارلىغۇچى قوشۇن ئەۋەتىدۇ، زۇلقەرنەينمۇ شۇنداق قوشۇن ئەۋەتىدۇ. توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەين ئەۋەتكەن قوشۇن مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ توقۇنۇش ‹ئالتۇنقان- ئالتۇن خان› دېگەن يەردە بولغان ئىكەن. بۇ تاغ ھازىرقى كۈندە ‹ئالتۇنخان› دەپ ئاتىلىدۇ، زۇلقەرنەين ئەنە شۇ يەردە خاقان بىلەن سۈلھ تۈزىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى بىنا قىلىدۇ ۋە بىر مەزگىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. زۇلقەرنەين چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، خاقان ‹شۇ› قايتىپ كېلىدۇ. ۋە بالاساغۇنغا قەدەر ئىلگىرلەيدۇ، ئاندىن ئۆزنامى بىلەن ئاتالغان ‹شۇ› شەھەرنى سالدۇرۇپ، ئۇ يەرگە بىر تىلسىم قۇردىرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە لەيلەكلەر ئۇ تىلسىملىق شەھەرنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ توختاپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ. تىلسىم بۈگۈنگە قەدەر بۇزۇلماي كېلىۋاتىدۇ» (3-قىسىم، 564-بەت).
« سۈ كەلدى يەر ياپا
قارار قار (كۆكنى با)سا
قاچتى ئاڭار ئالب ئايا
ئۇفۇت بولۇپ ئول ياشار»
(«يەر يۈزىنى قاپلاپ ئەسكەر كەلدى، ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن چىققان چاڭ- توزان ئۇپۇقنى ۋە قارلىق تاغلارنى قاپلىدى، شۇڭا ئالپ ئايا دىگەن كىشى قاچتى، ئۇ يېڭىلگەچكە ئۇيۇلۇپ ياشىدى.») («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 288- بەت). شېىردىكى دەسلەپكى ئىككى مىسرا، ئىسكەندەر قوشۇنىنىڭ پامىر-قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىغاندىكى دەھشەتلىك كۆرىنىش تەسۋىرى. كىيىنكى ئىككى مىسرادىكى تەسۋىرلەنگەن شەخس «تۆۋەن چىن»نىڭ پادىشاسى «ئالپ ئايا» بولۇپ، ئۇ بەلكىم ئالپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ)تىن 171 يىل كېيىن ياشىغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 329- يىللاردىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تۇنجى قېتىم زەربىسىگە ئۇچرىغان، ئالپ ئەرتۇڭانىڭ 4-، 5-ئەۋلادى بولىشى مۇمكىن. «ئالپ ئايا» چوقۇمكى «ئالىپ ئەرتۇڭا»دىكى «ئالپ»نى تەخەللۇس قىلغان.
يۇقارقى تارىخى بايانلاردىن كۆرۈش مۇمكىنكى، ئىسكەندەر ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر نامىنى قوغۇچىلاردىن ئەمەس بەلكى، ئۇيغۇر نامىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىتىكى جەڭگىۋارلىقىغا ئىجابى جەھەتتىن باھا بەرگۈچى خالاس.
ئۇيغۇر نامىنى قويغۇچى ئەڭ ئاخىرقى ئىھتىماللىق يەنىلا ئوغۇزخان.
يۇقارقى تەپسىلاتتىكى ئۇيغۇر نامىنىڭ قويۇلىشىدىكى 5400 يىلدىن ئاتۇق تارىختىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى، گەرچە ھونلارنى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى دېسەكمۇ، ئەمەلىيەتتە «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم»لارنىڭ بىرقىسمى بولغان ھون (سۇمرۇغ)لارنىڭ مىلادىدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى تارىم ۋە جۇڭغاردىن ئايرىلىپ شەرقكە سىلجىشى تۈپەيلى پەيدا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئايرىلىش ئۇلارنىڭ ئەجداتلىق سالاھىيىتىنى غۇۋالاشتۇرىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، تارىم ۋە جۇڭغاردىن ئايرىلماي، ئىپتىدادىن ئىنتىھاسىغىچە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئەجدادى «ئۇرۇم»لىقلار نەزەرگە ئېلىنماسلىقتەك «تۆگىنى مىنىپ ئۇنىڭ سانىنى كەم چىقىرىش» ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]