خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

فىزىكا تارىخى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-12-03 23:43

 
فىزىكا تارىخى
 
ئەخمەت غوپۇر
 
      نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، ئەقىل كىرىپ ئۇنى-بۇنى خىيال قىلىدىغان، شەيئىلەر ماھىيىتىنىڭ قىسمەن تەرىپىنى بولسىمۇ چۈشىنىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان چاغلىرىمدا، سەرەڭگىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى تونۇشتۇرۇلغان بىر ماتېرىيالنى كۆرۈپ (تەپسىلاتى ئېسىمدە يوق) قالتىس خۇش بولۇپ كەتتىم. سۈركىسىلا ئوت ئالىدىغان بۇ ياغاچ تېلى مېنى ئىزچىل قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. كېيىن تۇيۇقسىزلا ئويلاپ قالدىم. ئىنسانلار سەرەڭگە ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى نېمە بىلەن ئوت ياققان بولغىيتتى؟ بىر كۈنى دادامدىن سورىدىم:
--- دادا، ئادەملەر سەرەڭگە ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى نېمە بىلەن ئوت ياققان؟
--- ئۇ چاغلاردا گۈڭگۈرت دەيدىغان بىر نەرسە بار. ئۇنى پاختىنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ، تاشنى ئۇنىڭغا يېقىن تۇتۇپ، ئىلمەك تۆمۈر بىلەن ئۇرساق ئۇچقۇن چىقىپ، گۈڭگۈرتكە تۇتۇشۇپ ئوت ئالىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئوت تۇتاشتۇرۇۋالىمىز، --- دېگەنىدى.
ئەينى چاغدا مۇشۇ جاۋابلا مېنى قانائەتلەندۈرگەن بولغاچقا، گۈڭگۈرت بىلەن تۆمۈر بولمىغان ئەھۋالدىچۇ؟ دېگەن سوئالغا ئۆتۈش خىيالىمغا كەلمەپتۇ. بەلكى، ئىنسانلار سۈنئىي ئۇسۇلدا مەلۇم تېخنىكىلىق ماھارەت بىلەن بىر نەرسە (ئوت) پەيدا قىلىشتىن بۇرۇنلا، تەڭرىم ئاشۇ خىل نەرسىلەرنى تەبىئەت باغرىغا ئورۇنلاشتۇرغانىكەن. ھەممىلا نەرسىنىڭ چوقۇم بىر ئامالى بار. بىز ئىزدىسەكلا ئۇنى چوقۇم تاپالايمىز، دېگەندەك خىياللار كاللامدىن كەچتى. بۇنداق يەكۈن مېنى قاتتىق روھلاندۇرۇۋەتتى. بىراق، كېيىنچە نۇرغۇن چۈشىنىكسىز ئىشلارنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ ھەيرانۇھەس بولدۇم. خۇدا زادى بارمۇ-يوق؟ بار بولسا، نېمىشقا بەندىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا جەننەتكە كىرگۈزۈۋەتمەي، بىر قىسمىنى دوزاخقا تاشلايدۇ؟ دۇنيا قانداق پەيدا بولغان؟ ئۇ نەگە بارىدۇ؟ ئالەمنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن باشلىنىش نۇقتىسى بارمۇ؟ ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ياكى ئۇ بىز چۈشىنەلمەيۋاتقان ئۇقۇم مەسىلىسىمۇ؟ ئۇقۇملىرىمىزدا مەسىلە بارمۇ قانداق؟ ماددىلارنى ھەرقانچە كىچىك بۆلەكلەرگە ئاجراتساقمۇ، ئاشۇ ئاجرالغان بۆلەك ھامىنى ئۆزىدىنمۇ كىچىك بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ، مەڭگۈ ئاخىرى چىقمايدۇ، بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ئىنسان تۇرمۇشىدا چوقۇم پىرىنسىپ، ئۆلچەم بولامدۇ؟ ياكى بىز خالىغانچە ياشىساق بولمامدىكەن؟ ئۇ چاغدا ئىنسانلار ئارا مېھرى-مۇھەببەت، كۆيۈم، ۋاپادارلىق، ساداقەت يوققا چىقىدىغۇ؟ دىنىي پىرىنسىپلار بىلەن تەبىئەت ئىنتىزاملىرى بىردەكلىككە ئىگىمۇ؟ ياكى ئۇ بىر نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپىمۇ؟ ئىنسانلار ئىلىم-پەن، سەنئەت، دىن، سىياسەت، پەلسەپە بىلەن شۇغۇللىنىپ بارغانچە تاكامۇللىشىۋاتامدۇ؟ ئۇنداقتا مەدەنىيلەشكەنچە كۈچىيىپ بارغان ئۇرۇش، تالان–تاراج، ئىنسانىي ياتلىشىش ۋە ئۆچمەنلىكنى نېمە دەيمىز؟ ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىز ئىنسانلار شۇغۇللىنالايدىغان ئەڭ ئۇلۇغ خىزمەتمۇ؟ ئۇنىڭ غايەت زور ۋەيران قىلىش كۈچىنى نېمە دەيمىز؟ بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مىللەتلەردە ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىيىتى بولمىغان. شۇڭا، ئىلىم ساھەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان «غەرب مەركەزچىلىك ئىدىيەسى»نى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى «بىز ئاللانىڭ تاللىغان ئۇممەتلىرى، شۇڭا بىزنىڭ ئىنسانلار تۇرمۇشىنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن رەتلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش بۇرچىمىز ۋە ھوقۇقىمىز بار» دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، ئەمەلىي تۇرمۇشتا مۇسۇلمانلار نىمانچە قاشاڭ؟ شۇنداقلا، مۇسۇلمانلار ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن بولۇۋاتقان ئۇلۇغ ھەم جاپالىق خىزمەت، ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرالمىدىغۇ؟ دەۋرىمىزنىڭ خاراكتېرىنى، تۇرمۇش شەكلىنى بەلگىلىگەن يېقىنقى زامان ئىلىم-پېنى راست گەپنى قىلساق، ئۇ قەدىمكى گىرىك ئىلىم-پېنى ۋە ئىدراكىزم (ئەقلىيلىك) نى مەنبە قىلغان غەرب تەپەككۇرىنىڭ مەھسۇلىغۇ؟ دېگەندەك ئىزتىراپلاردا يۈردۈم.
مەدەنىي دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. مەدەنىيەت دېگەن كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى، دوپپا مەدەنىيىتى، ئۇسسۇل مەدەنىيىتى دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. مەدەنىيەت مۇشۇنداق ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ ياكى بىزنىڭ ئۇقۇملىرىمىزدا مەسىلە بارمۇ؟ بىلەلمىدىم. ئىشقىلىپ، دۇنيادا تېخى ھازىرغىچە ئۇنىڭغا بېرىلگەن تەبىر بىردەك ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، بىز ئۇنىڭ ھېچبولمىغاندا سەنئەت، مائارىپ، ئىلىم-پەن، دىن، ئېدىئولوگىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز.
ھازىر بىزدە مەدەنىيەت دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ بېرىدىغان مەنە دائىرىسى ئېنىقسىز. يەنىمۇ ئاددىي دېسەك، خەنزۇلار 文明,文化 دەپ ئايرىغاندەك ھالدا ئەمەسمىز. بىز ھازىر ھەممىنى بىراقلا يۆگەپ مەدەنىيەت دەپلا ئاتاۋاتىمىز. نادانلىق ۋە ياۋايىلىق ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇزاق تارىختا ئەجدادلىرىمىز تەبىئەتنى چۈشىنىش، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان شەيئىلەر بىلەن نېمە پەرقى، باغلىنىشى بارلىقىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن جىق كۈچىدى. تەبىئەتتىن ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرگە ئېرىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى ئىزدىدى. ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت (ماترىئارخاللىق) تىن ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت (پاترىئارخاللىق) كە ئۆتۈش، ئائىلىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىش، ئوتتىن، تۇزدىن پايدىلىنىشنى بىلىۋېلىش ۋە ئۈچ چوڭ ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى (چارۋىچىلىقتىن دېھقانچىلىقنىڭ ئايرىلىپ چىقىشى، ئاندىن قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئايرىلىپ چىقىشى، ئاخىرى بۇلاردىن سودا-تىجارەتنىڭ ئايرىلىپ چىقىشى تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئۈچ چوڭ ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى دەپ قارالدى) قاتارلىق ئىشلار نادانلىقتىن مەدەنىيەتكە ئۆتۈشتىكى «سەكرەش تاختىسى» بولغانىدى. شۇنداقلا، مەدەنىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسىي ئامىللاردىن بولدى. بۇ پىلانىتىمىزدا ياشاۋاتقان ھەرقايسى ئىنسان توپلىرى جاپالىق، ئاستا، پۇختا قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلدى. ئەلۋەتتە، ھەرقايسى ئىنسان توپلىرى ئۇچرىغان كەچۈرمىشلەر (تەبىئىي مۇھىت، ئىجتىمائىي شارائىت، تارىخىي پۇرسەت، يولۇققان دىشۋارچىلىق بىلەن ئۇنى ھەل قىلىش خاھىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋاھاكازالار) پەرقلىق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىدىمۇ زور پەرق كۆرۈلدى. مەسىلەن: ھون مەدەنىيىتى، كۆك تۈرك مەدەنىيىتى، موڭغۇل مەدەنىيىتىدە ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، ھەتتا تەبىئىي پەن ئىلمىدە قوللىنىلىۋاتقان بىر فورمۇلا، تىئورىما ياكى بىرەر شەرتلىك بەلگىنىڭ قوللىنىلىشىدىمۇ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق تۆھپىسى يوقلۇقىنى بىلىمىز. قىسقىسى، بىز ھەرگىزمۇ موڭغۇل مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، قازاق مەدەنىيىتى دېگەنلەرنى، شۇنداقلا خېلى كۆپ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى مىسىر، ئىراق (مىسسىپوتامىيە)، گىرىك مەدەنىيەتلىرىگە سېلىشتۇرالمايمىز. ئەھۋال شۇنداق بولغاچقا، بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىز ياشاۋاتقان بۇ مەدەنىي دۇنيانى قۇرۇشتىكى ئەجىر-تۆھپىسىنىڭ زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى تەن ئالىمىز.
تارىختا نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر يوقالدى ياكى ئۆزگىرىپ كەتتى ۋە ياكى بىرىكتى. يېڭى مەدەنىيەتلەر بارلىققا كەلدى. ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزىگە چۇشلۇق مەدەنىيەت يارىتىپ، ھازىر بىز ياشاۋاتقان بۇ مەدەنىي دۇنيانى قۇرۇپ چىقىشقا ھەسسە قوشتى.
ئاتالمىش مەدەنىيەت مەزمۇنلانغان چوڭ ئۈچ تارماق سەنئەت، ئىلىم-پەن ۋە دىن بىزنىڭ مەدەنىي دۇنيايىمىزنى تۈزگەن ئاساسىي ئامىللاردۇر. دىن تۇرمۇشىمىزغا مۇئەييەن قېلىپ، ئۆلچەم بېكىتىدۇ. ئۇ بىر يۈرۈش ئىبادەتلەر، دىنىي مۇراسىملار، يېمەك-ئىچمەك، قىلىق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئەمەل قىلىدىغان ئۆلچەم، پىرىنسىپلارنى، چەكلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ بىزنىڭ گۇمراھلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھىدايەت تېپىشىمىزغا سەۋەب بولىدۇ. دۇنيا بىلەن ئىنسانلارنىڭ سەۋەبسىز يارىتىلمىغانلىقىنى بەلكى ياراتقۇچىنىڭ ئۇنى ئېنىق مەقسەت بىلەن ياراتقانلىقىنى، شۇڭا ئىنسانلارنىڭ تەڭرى يۈكلىگەن ۋەزىپە (ھەقىقەتنى ئىزدەش، ھەقنى قوغداش)نى بېجىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. قىسقىسى، دىن بىزنى خۇدا بىلەن باغلايدۇ.
ئەدەبىيات-سەنئەتمۇ ئەسلىدە دىنغا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرىدىغان، گۈزەللىك، رەزىللىك، ھەق-ناھەق، ھەقىقەت، سەپسەتە دېگەندەك ھادىسىلەر ئارقىلىق بىزگە ھەقنى تونۇتىدىغان ۋاسىتە بولۇشى كېرەك ئىدى. بىراق، ئۇ ھازىر «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» دەيدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن پەقەت «رېئاللىقنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ۋاسىتە» بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئىنسانلارنى ئادىمىيلىك پىرىنسىپى بويىچە تەربىيەلەش رولى دىنىي ئىدىيەلەرگە سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە ئاجىز بولۇۋاتىدۇ.
ئەمدى مەدەنىيەتنىڭ ئۈچىنچى تارمىقى بولغان ئىلىم-پەننىڭ قىممىتى ھەققىدە توختىلىمىز.
بىز باشتا دېگەندەك، مەدەنىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلىرىنى بەلگىلىگەن ئامىللار ئىچىدە، ئىلىم-پەن ھەم تېخنىكا «ئىنسانلار تەبىئەتتىن ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرگە ئېرىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى ئىزدەش نۇقتىسى»دىن مەدەنىيەتنىڭ ماددىي تەرىپىنى شەكىللەندۈردۇق، دېگەنىدۇق، بولۇپمۇ ئۇ تېخنىكا بىلەن بىرلىشىپ قورال-سايمان شەكلىدە ئالدىمىزدا پەيدا بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق. ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنى بىز ئىنسانلار شۇغۇللىنالايدىغان ئەڭ ئۇلۇغ خىزمەت دېيەلمىسەكمۇ، ئەمما ئۇ ئەڭ جاپالىق خىزمەت. ئۇ نامەلۇم دۇنيانىڭ سىرلىق ماھىيەت، قانۇنىيەتلىرىنى ئىزدەيدىغان خىزمەت بولغاچقا، مەسىلىلەرنى ئەقلىيلىك پىرىنسىپى بويىچە كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا شەخسىي مۇددىئا بىلەن سىياسىي غەرەزلەرنى تاڭغىلى بولمايدۇ. ئىككىنى ئىككىگە قوشسا تۆت بولىدۇ. بەش ئۈچتىن چوڭ. ئوخشاش ھەجىمدىكى تۆمۈر بىلەن پاختىنىڭ ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنى بىز جۇڭگودا كۆزەتسەكمۇ ياكى گېرمانىيە، تۈركىيەلەرگە بېرىپ ئۆلچىسەكمۇ نەتىجە يەنىلا ئوخشاش. ياق، ئۇنداق بولمايدۇ دەپ يىغلاپ-قاقشىساقمۇ بىكار. تەبىئىي قانۇنىيەتلەر بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. ئىلىم-پەن تەتقىقاتى قاتمۇقات توسقۇنلۇق ۋە چەكلىمىلەر ئىچىدە بارىدۇ، ئەنئەنىۋى قاراشلار بىلەن تىپىشىپ قالىدۇ، چەكلىنىدۇ. ئالىملار تۆھمەتلەرگە قالىدۇ. «بىدئەتچى» دەپ ئەيىبلىنىدۇ. سوقرات، ئارخىمىد، ئۇلۇغبېك، گالىلېي، بىرونولارنىڭ پاجىئەلىرى ئىلىم-پەننىڭ تولىمۇ جاپالىق خىزمەت ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. شۇڭا، ماركس: «ئىلىم-پەننىڭ ئىشىكى دوزاخنىڭ ئىشىكىگە ئوخشايدۇ» دەپتىكەن.
ئىلىم-پەن قەدىمكى شەرق دۇنياسىدا بارلىققا كەلدى. ئاندىن گىرىكلار ئۇنى نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈردى. ئوتتۇرا ئەسىردە مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا نەزەرىيە، ئەمەلىيەت، تەتقىقات مېتودى تەرەپلەردىن زۆرۈر تولۇقلاشلاردىن كېيىن غەربتە يېقىنقى زامان ئىلىم-پەنلىرى رەسمىي شەكىللەندى. 18-ئەسىردە تېخنىكا بىلەن بىرلىشىپ قورال-سايمان، ماشىنا، ئۈسكىنە شەكلىدە ئەمەلىيلەشتى. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشتا تەبىئىي كۈچلەر (ئادەم كۈچى، ھايۋان كۈچى، شامال، سۇ كۈچى...) نىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئىجتىمائىي ئەمگەكنىڭ ئۈنۈمى بىلەن كۆلىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، ماددىي مەھسۇلاتلار كۆپەيدى. ئەتراپىمىز سۈنئىي قورال، سايمان، ماشىنا، ئۈسكىنە، زاۋۇت، فابرىكا بىلەن قاپلاندى. پەن ۋە تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن ماددىي بايلىق ئىنسان ئىقتىدارىنىڭ چەكسىزلىكىنى كۆرسەتتى. قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە «ئىلىم-پەن ئىلاھىيەتنىڭ دىدىكى» بولۇپ قالغان ۋە ئۇ زىيالىيلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇق دەپ قارالغان. شۇنداقلا، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشتا قوللانسا غايەت زور بايلىق يارىتىدىغانلىقىغا ئىسپات تېپىلمايۋاتقان بولسا، مانا ئەمدى پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللانغان ھازىرقى ئىنسانلار چەكسىز ئالەمگە يۈرۈش قىلىپ ئايغا چىقتى، مارسقا يۈرۈش قىلدى. بۇنداق ئەمەلىيەت ئىلىم-پەننىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى يېتەكچى ئورنىنى بەلگىلىدى. ئۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا، ئىنسانلار تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ئالغاندا، مەدەنىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە قارىغاندا كۈچلۈك، بىۋاسىتە، كۆپ تەرەپلىمىلىك تەسىر كۆرسەتتى. ئىنسان تۇرمۇشىغا قەدىمدىن بۇيان سالماق ۋە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان دىنلار كېرەكسىز نەرسىلەر دەپ قارالدى. جاھاننى خۇداسىزلىق قاپلاپ كەتتى. پىرىنسىپسىز ھايات باش كۆتۈردى. نېمىلا دېسە، نېمىلا قىلسا بولىدىغان بولۇپ قالدى. دۇنيانى چۈشكۈنلۈك، ئەخلاقسىزلىق قاپلاپ كەتتى. گەرچە، دۇنيانىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى شۇنداق بولسىمۇ، يېقىندىن بۇيان ئەۋج ئېلىۋاتقان دىنىي قىزغىنلىق ئادەمنى سەل ئۈمىدلەندۈرىدۇ. گەرچە، بۇ قىزغىنلىقنىڭ مەنىسى خۇدا بار، ئەمما ئۇ بىزنىڭ مەئىشەتلىرىمىزگە ئارىلاشمىسۇن، «خۇداغا تەۋە نەرسىلەر خۇداغا مەنسۇپ، قەيسەرگە تەۋە نەرسىلەر قەيسەرگە مەنسۇپ» دەيدىغان غەربچە شەكلەن ئىبادەتمۇ؟ ياكى تەقۋادار مۇسۇلمانلار تەلەپ قىلىۋاتقان كىشىلىك ھايات بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى دىنىي ئەقىدىلەرگە ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىدىن ھەقىقەت نۇرى چاقنايدۇ دەيدىغان ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيەمۇ؟ ئۇنىڭغا ھازىرچە ھۆكۈم قىلمايلى.
تارىختا كۆرۈلگەن ئىلىم-پەن بىلەن دىننىڭ كۈرىشى ئەمەلىيەتتە بۇرمىلانغان، ئەسلىي ماھىيىتىدىن چەتنىگەن خىرىستىيان دىنى بىلەن قەدىمكى گىرىك مەرىپىتىدىن چۆنەك تارتىپ كەلگەن يېقىنقى زامان غەرب تەبىئىي پەنلىرى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتى ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بولدى. ئۇنىڭ نەتىجىسى ئىلىم-پەننىڭ خىرىستىيان دىنىنى كىرىسقا مىخلىشى بولدى. بىز ھازىر ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىني ئەقىدە، كۆرسەتمىلىرىنى ئەينەن بىلىشكە ئامالسىز. چۈنكى، ئىنجىلنىڭ بىر قىسمى بولغان «يېڭى ئەھدە»نى ھاۋارىيون پائول يازغان. يەنە كېلىپ ئەيسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدى پەيغەمبەر بولۇپ، پەلەستىندە ياشىغان. كېيىن خىرىستىيان دىنى ياۋروپاغا تارقىلىپ رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ دۆلەت دىنى بولغان. مۇشۇ جەرياندا خىرىستىيان ئىسلامىيەتچىلىرى گىرىكلارنىڭ كۆپ ئىلاھلىق دىنى بىلەن خىرىستىيان ئەقىدىلىرىنى مۇرەسسەلەشتۈرۈپ ئۈچ خۇدا (يەھۋا، مەريەم، ئەيسا) نەزەرىيەسى (ئۈچنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى)نى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە، شەرقتىكى زېمىنلار پەلەستىن، شام، مىسىر ۋە كىچىك ئاسىيا (ھازىرقى تۈركىيە)، مۇقەددەس شەھەر ئېرۇسالىمنى مۇسۇلمانلارغا تارتقۇزۇپ قويغان. خىرىستىيانلار مۇرىتلىرى تەلپۈندۈرىدىغان بىر جايغا ئېھتىياجى چۈشكەن. پاپا تۇرۇۋاتقان ۋاتىكان بۇنىڭغا ماس كېلەتتى. خىرىستىيان تېئولوگلار (ئىلاھىيەتشۇناسلار) خىرىستىيان ئەقىدىلىرى بىلەن يۇنان پەلسەپىسىنى بىرلەشتۇرۇش (مۇرەسسەلەشتۈرۈش)كە كىرىشكەن. نەتىجىدە پىتولومىي ئوتتۇرىغا قويغان يەر مەركەزدە جىم تۇرىدۇ، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار ئۇنى ئايلىنىدۇ دېگەن ئىلمىي قىياسى ئۆز نۆۋىتىدە «ۋاتىكان دۇنيانىڭ مەركىزى» قارىشىنى تەستىقلايدۇ. دېمەك، ئەسلىي ساملار مەدەنىيەت مۇھىتىدا پەيدا بولغان خىرىستىيان دىنى ھىندى-ئارىئانلار دۇنياسىدا ئاينىپ ئەسلىي ماھىيىتىدىن زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن. كېيىن خىرىستىيان دىنىي جەمئىيەتلىرى كۈچەپ بازارغا سالغان يەر مەركەز تەلىماتى ئىلىمنىڭ ئىلگىرىلىشى بىلەن گۇماندا قالدى. بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئىلمىي دەلىل، نەزەرىيىۋى ئىسپات، ئەمەلىي پاكىتلار ئالدىدا «يەر مەركەز تەلىماتى»، «قۇياش مەركەز تەلىماتى»غا ئورۇن بوشاتتى. غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدە بارلىق دىنلار گۇماندا قالدى. ئىلىم-پەننىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشى، تېخنىكىلىق تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن قولايلىق ۋە ماددىي بايلىقلار ئادەملەرنىڭ نەزىرىنى خۇدادىن رېئال دۇنياغا، ماددىي مەئىشەتكە بۇرىدى. ئىلىم ۋە تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلار، ماددىي بايلىقلار، مەئىشەت ۋە پاراۋانلىقلار پەقەت ئىلىم-پەنلا ھەق، دىنىي ئەقىدىلەر ئويدۇرما، خۇدا يوق، پەقەت بىزنىڭ بۇ دۇنيايىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزلا بار، دېگەن يەرگە كەلتۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئىلىم-پەن تارىخىدا، ئىلىم-پەننىڭ نەزەرىيە، قاراش، مېتودىدا ۋە ئىلىم نوپۇزلۇقلىرىدا دىن بىلەن ئىلىم-پەننىڭ مۇناسىۋەت تارىخىنى چۈشەندۈرۈشتە، ئىلىم-پەن ئىدىيەسى بىلەن دىن قارمۇقارشى ۋە دۈشمەن قىلىپ چۈشەندۈرۈلدى. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئىلىم-پەن بىلەن دىن (ئىسلام دىنى) ئۆزئارا زىت ئەمەس. ئىسلام ئەزەلدىن يەر ئالەمنىڭ مەركىزى دېمىگەن. تارىختا كۆرۈلگەن ئىلىم بىلەن دىننىڭ كۈرىشى ئەمەلىيەتتە ئەسلىي ماھىيىتىدىن ئاينىغان خىرىستىيان دىنى بىلەن ئىلىم-پەننىڭ كۈرىشى بولدى.
قىسقىسى، مەيلى قانداقلا دېمەيلى، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئالغاندا، ئىلىم-پەننىڭ تەسىرى بارغانچە ئېشىپ بارماقتا. بەلكى، ھەل قىلغۇچ ئورۇنغا چىقتى. ئىلىم-پەننىڭ ھاياتىمىزغا، ئېھتىياجلىرىمىزغا، جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مىخايىل خارت ئەپەندى نيۇتوننىڭ خىزمەتلىرىنى باھالىغاچ ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلىگەنىدى. «سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەھمىيىتى زور بولسىمۇ، ھەققانىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتساق، دۇنيادىكى زور كۆپچىلىك ئاھالىنىڭ ئىمپېراتور ئالىكساندىر ماكېدونىسكى ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى 500 يىل ئىچىدىكى تۇرمۇشى، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئالىكساندىر ماكېدونىسكىدىن بۇرۇنقى 500 يىل ئىچىدە كەچۈرگەن تۇرمۇشىدىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇن كۈندىلىك پائالىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مىلادىيە 1500 -يىل بىلەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1500-يىلنىڭ ئەھۋالىدىمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرگىنى يوق. لېكىن، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 500 يىل ئىچىدە ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيادىكى كۆپچىلىك ئاھالىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. بىزنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، خىزمەت ۋە ئىشتىن سىرتقى پائالىيەت شەكلىمىز مىلادىيە 1500-يىللاردىكىدىن پەرقلىنىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان يېرىمىز بىزنىڭ كۆپلەپ دەم ئېلىش ۋاقتىمىز بار. ئىلىم-پەندىكى كەشپىياتلار تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي ئىنقىلاب پەيدا قىلىپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن سىياسەت، دىنىي ئىدىيە، سەنئەت ۋە پەلسەپە ساھەلىرىدىمۇ تولۇق ئۆزگىرىش ياسىدى. شۇ قېتىمقى ئىلىم-پەن ئىنقىلابى ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ھەربىر جەھەتلىرىگىچە دېگۈدەك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى»① («100 مەشھۇر شەخس»، 18-،19-،20-بەتلەر).
غەربلىكلەرنىڭ قولىدا ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنى رەتلەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان قانداقتۇر ئەخلاقىي قىممەت، ئىجتىمائىي قىممەت ۋە ھەق دىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا ئاشۇ مەقسەتلەرگە يەتكۈزىدىغان ئۆتكۈر پەن-تېخنىكا، سانائەت ۋە ئىلغار قوراللار بار. غەربلىكلەر مۇشۇ ئىقتىدارىغا تايىنىپ، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى نېرى-بېرى قىلماقتا، ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، قىممەت قاراشلىرىنى باشقىلارغا تاڭماقتا. غەيرىي غەرب ئەللىرى ئۇلارنىڭ چىرايىغا بېقىپ ئىش قىلماقتا. دەل مۇشۇ تېخنىكىلار ھونلار، كۆك تۈركلەر، ئەرەبلەر، موڭغۇللار ۋە ئوسمانىلارغا ئوخشاش تەبىئىي كۈچتۈڭگۈرلۈك ۋە ياۋايى جاسارىتىگە تايىنىپ، ئات مىنىپ، قىلىچ ئوينىتىپ جاھان سورىغان كۆچمەنلەر دەۋرىنى تارىخ مۇزېيىغا تىزىپ قويغان. بىزنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن باشقا ئامالىمىز يوق. بەلكى، «قىزىققان ھېسسىيات، رومانتىك غايە بىلەن شەھەر ئالىدىغان دەۋرلەرنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكى«نى ھەقىقىي تونۇپ يېتىشىمىز، راستچىللىق، سەمىمىيلىك بىلەن جاپا-مۇشەققەتلەرگە چىداپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان، ئەقىل، ئىلىم-پەن ۋە لوگىكىغا تايىنىپ ماڭىدىغان دەۋرنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك.
مەدەنىيەت (ئىلىم-پەن)كە نىسبەتەن تارىخنىڭ ۋاقىت تەرتىپى ۋە ئادالەت نۇقتىسىدىن قارىساق سۆزىمىزنى مىسىر بىلەن ئىراق (مېسسوپوتامىيە ۋادىسى)تىن باشلىماي تۇرالمايمىز.
قۇياش سۈبھى ۋاقتىدا شەرق تەرەپتىن ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ زېمىنغا نۇر چېچىپ، ئاندىن كەچقۇرۇن غەربكە پاتقىنىغا ئوخشاش مەدەنىيەت قۇياشىمۇ ئاۋۋال شەرقتە پەيدا بولۇپ راۋاجلىنىپ، ئاندىن غەربتىن ئۆز تاكامۇللىقىنى تاپتى. ئالاھەزەل بەش مىڭ يىل مۇقەددەم نىل دەرياسى بويىدىكى مىسىر بىلەن مېسسوپوتامىيە ۋادىسى تارىخنىڭ تاڭ نۇرىغا چۆمۈلدى. مىسىر ئېھراملىرى بابىلدىكى مۇئەللەق باغچا، ھازىرقى زامانىۋى پەن-تېخنىكىمۇ تەركىبىنى ئېنىقلىيالمىغان جەسەتنى مۇميا قىلىش ھۈنەر-تېخنىكىسى قەدىمكى ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتىنى بىزگە چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. ئېھرام ياساشتىكى غايەت زور بايلىق، ئادەم كۈچى ۋە قوللىنىلغان ماتېماتىكىلىق بىلىملەر، بىناكارلىق تېخنىكىسى بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يەنە چوڭ دىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ رايوندا پەيدا بولدى.
قىسقىسى، «گىرىك ئېدىئولوگىيەسى تېخى يېتىلىۋاتقان چاغلاردا شەرق مەرىپىتى ئاللىقاچان جۇلالىنىپ شەرەپ قۇچۇپ، گىرىكلارنىڭ ئېدىئولوگىيەسىگە ئىلھام بېرىدىغان، يورۇقلۇق بېرىدىغان مەنبەلەرگە ئايلانغانىدى. شەرق مەرىپىتى پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە تولۇپ، 2000 يىللاردىن كېيىن غەربتىن پىفاگور چىقىپ ئاندىن پەلسەپە دېگەندەك گەپلەرنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. ھەتتا شۇنداق دەلىل كەلتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئەيسا دۇنياغا كېلىپ ئىككى ئەسىردىن كېيىن ئۆتكەن دىئوگىنىس لارشىف ھەرقايسى مەشھۇر پەيلاسوپلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىدىيەسى خاتىرىلەنگەن بىر ئەسەر يازغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىدە مىسىر ۋە شەرق پەلسەپەسىنى تىلغا ئالغان ۋە پەلسەپەنىڭ دۇنياغا كېلىشى قەدىمكى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ شاھانە مىراسى دەپ بىلگەن. بۇ خىل قاراش نۇرغۇن ئالىملارنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، شۇنىڭلىق بىلەن بىرلىككە كەلگەن پىكىر، يەنى قەدىمىي شەرق گىرىتسىيەدىن بۇرۇن باي ۋە سەلتەنەتلىك مەرىپەتنى يارىتىپ ئۆتكەن، دېگەن خۇلاسە كېلىپ چىققان. بۇ مەرىپەت تويۇنغان ئەمەلىي پەنلەر ۋە بىباھا دىنىي تەتقىقاتلارنىڭ مېۋىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان، ھەتتا پەن توغرىسىدا گەپ بولغاندا بىز مىسىرلىقلارنىڭ ماتېماتىكا بىلەن مېخانىكىنى تەڭ بالدۇر بەرپا قىلغانلىقىنى، خىمىيەنى كەشىپ قىلىپ، تېببىي ئىلىملەرنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالىمىز. يەنە يېزىق توغرىسدا گەپ بولغاندا يېزىقنى بىرىنچى بولۇپ مىسىرلىقلارنىڭ ئىجاد قىلغانلىقىنى، كۇتۇپخانىلارنى قۇرۇپ، كىتابخانىلار ئاچقانلىقىنى دەيمىز. بىز بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرىنى ئالتە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مىسىر ئېھراملىرى، موميالىرىدىن ھازىرمۇ ئاندا-ساندا كۆرۈپ قالىمىز. ھەممىگە روشەنكى، ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ جەسەتكە ئىشلەتكەن چىرىش، سېسىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماددىنىڭ ئىزىنى باسقۇدەك ماددىنى ھازىرغىچە تاپالمايۋاتىدۇ. يەنە ئالىملار گەرچە تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى بىر-بىرىدىن ئىلغار زور كۆلەملىك تەجرىبىخانىلاردا تۇرسىمۇ، يەر شارى ۋە چەكسىز سامانيولىنىڭ ئىچكى يەرلىرىدىكى توپا-توزانلارنى بايقايدىغان زىل پەننىي ئۈسكۈنىلەرگە ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا مىسىرلىقلار ئەينى چاغدا قانداق ماددا بىلەن موميا ياسىغانلىقىنى تاپالمىغانلىقىغا تەن بېرىپ يۈرمەكتە. ئەلۋەتتە، قەدىمىي شەرق مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى مىسىرلا ئەمەس. بابىلۇنلۇقلار، چالدىلىقلارمۇ پىلانىتلارنى تەتقىق قىلىپ ئاسترونومىيە بەرپا قىلغان. دىنىي نەزەرىيەلەرنىڭ ئۆرە بولۇشىغا كەلسەك، شەرق غەربتىن تېخىمۇ ئالدىدا. دەلىل شۇكى، قەدىمكى شەرقلىقلەر بىزگە ئىلاھىي سۈپەت، ياخشى-يامان ۋە تەقدىر ھەققىدىكى ئاقىلانە قاراشلارنى قالدۇرغان. كېيىن يۇنان پەيلاسوپلىرى ئارىسىدا قايتا-قايتا تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەر مانا مۇشۇ قاراشلارنىڭ ئىنكاسى» («ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە»، 9-،10-،11- بەتلەر).
مانا بۇلار شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرچە بىز تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان تەرەپلىرى. يەنە تېخى نۇرغۇن سىرلار بىزنىڭ ئېچىشىمىزنى كۈتمەكتە.
مەن بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىمگاھى بولغان مىسىر بىلەن ئىراق توغرىسىدا تولىمۇ سۆيۈنۈش ئىچىدە توختالدۇق. بۇنىڭدا مۇنداق چوڭقۇر مەقسەت ۋە ئارزۇ ئويلىشىلغان. «خېچىر شۇنداق ھايۋانكى، ئۇنىڭ پەخىرلەنگۈدەك ئەجدادىمۇ يوق، سۆيۈنگۈدەك ئەۋلادىمۇ يوق» دېگەن گەپ بار. يەنە «ئۆتمۈشى قاراڭغۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىمۇ قاراڭغۇ» دەپتىكەن. ھازىر بىز شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان ئاشۇ كىشىلەرنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. ئاشۇ سەلتەنەتلىك دەۋرلەرنى ھەتتا تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. گەرچە، ئۇلار بىزنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادىمىز بولمىسىمۇ، ئەمما بىز مەسىلىلەرنى ئومۇمىي شەرق نۇقتىسىدىن، ئاسىيا نۇقتىسىدىن، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئويلىشىمىز كېرەك. غەربلىكلەرمۇ قەدىمكى گىرىك مەدەنىيىتى، ئىلىم-پېنى، سەنئىتىنى بىزنىڭ ئورتاق مىراسىمىز دەۋاتمامدۇ؟ مەسىلىلەرنى ياۋروپا نۇقتىسىدىن، خىرىستىيان مەنبەسى نۇقتىسىدىن ئويلىشىۋاتمامدۇ؟
غەربلىكلەردە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنى رەتلەيدىغان، يېتەكلەيدىغان ھەق دىن، ئەخلاق قىممىتى ۋە ئىجتىمائىي قىممەت بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا باشقىلارنى ئۆزىگە بويسۇنغۇزالايدىغان، باشقىلارغا ئۆز ئىرادىسىنى تاڭدۇرالايدىغان ئۈنۈملۈك ۋاسىتە پەن-تېخنىكا، سانائەت ۋە ھەربىي ئىقتىدار بار. غەربلىكلەر مۇشۇ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى، قىممەت قارىشى، تۇرمۇش قارىشى ۋە قىلمىشىنى دۇنياغا سىڭدۈرۈپ بولدى. شۇڭا، (شەرقنىڭ) ئاشۇ شانلىق دەۋرلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇقلۇق قىلماس. شۇڭا، ھازىرچە ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ نېگىزلىك قىسمى بولغان فىزىكا ئىلمىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى قىسقا، ئاممىباب شەكىلدە بايان قىلىش بىلەن قانائەتلەندۇق. يەنە كېلىپ ئەسلىي مەقسىتىمىزمۇ ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ساۋات خاراكتېرلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئىلىم-پەن پەقەت فىزىكىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ماتېماتىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە، يەنە نۇرغۇن تارماق ۋە ئارىلىق پەنلەر بار. مېنىڭ ئەسلىدە چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىممۇ ھەرقايسى ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەن تارىخى ئىدى، بىراق بىر پارچە ماقالە بىلەن ھەممە ساھەلەرنى ئاممىباب تىلدا چۈشەندۈرمەك تەس كېلىدىكەن.

قەدىمكى زامان فىزىكىسى
(ئىلىم-پەن، تېخنىكىنىڭ غايەت زور بايلىق يارىتىدىغانلىقىغا ئىسپات تېپىلمايۋاتقان دەۋر)
 
ناھايىتى ئەپسۇسكى، شەرقتىكى مەدەنىيەتلىك ئەللەر ماتېماتىكا، خىمىيە، ئاسترونومىيە ۋە پەلسەپەنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار فىزىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمىدى. بۇ شەرق ئىلىم-پېنىدىكى چوڭ كەمتۈكلۈك ئىدى. كەسكىن قىلىپ ئېيتساق، بۇ ئىلىم قەدىمكى گىرىتسىيەدە بارلىققا كەلدى. ئەلۋەتتە، ئۇمۇ باشقا پەنلەرگە ئوخشاش ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى ۋە ئېھتىياجىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. بۈگۈنكى ئىنسانلار كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە ئېلېكتىر توكىدىن ئايرىلالمايدۇ. توك پەيدا قىلىشتا تۈپكى ئاساس بولغان رودىنىڭ بايقىلىشىمۇ بەك قىزىقارلىق. «رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ‹ماگنىتزم› سۆزى بىر پادىچى بالىنىڭ ئىسمى Mayunsدىن كېلىپ چىققانىكەن. چۈنكى، ئۇ بالا ئاجايىپ بىر ۋەقەنى --- ئۆزىنىڭ قاڭالتىر بىلەن قاپلانغان تايىقىنى يول بويىدىكى بىر تاش (ماگنىت رۇدىسى)نىڭ تارتىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغانىكەن. ‹ئېلېكتىر› سۆزىمۇ گىرىكچە ktioo٤ńr سۆزنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى ‹كەھرىۋا› دېگەندىن ئىبارەت. مۆلچەرلىنىشىچە، باشقا بىر گىرىك پادىچى كەھرىۋانى قوي تېرىسىگە سۈركەپ پارقىراتماقچى بولغاندا، كەھرىۋانىڭ ئۇششاق ياغاچ كىچىكلىرىنى تارتىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقتىن شۇنداق ئىسىم قويۇلۇپ قالغان»① («فىزىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى»، 5-بەت). گەرچە ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، قەدىمكى زامان فىزىكىسى ھەرگىزمۇ ئېلېكتىر فىزىكىسى ئەمەس، يادرو فىزىكىسىمۇ ئەمەس، بەلكى ئاۋاز ئىلمى (ئاكوستىكا)، مېخانىكا، سۇيۇق جىسىملار فىزىكىسى ۋە يورۇقلۇق ئىلمى ساھەسىدىكى بەزىبىر بىلىملەردىن ئىبارەت.
دەسلەپتە پىفاگور تارلىق مۇزىكا ئەسۋابلىرىغا قىزىقىپ تار بىلەن ئارىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ، شۇ ئاساستا «تار قانۇنى»نى تاپتى. يەنى، ئۇ تارلىق ساز دېيىلىدىغان بىر سازنى، يەنى ئۇزۇنلۇقىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان بىر تال تارنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئېغىر بىر جىسىمنى ئېسىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇنى ئوخشاش بولمىغان كېرىلىش كۈچىگە ئۇچرايدىغان قىلدى. ئۇ ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى جىسىمدىن پايدىلىنىپ، ئەمما تار ئۇزۇنلۇقىنى ئۆزگەرتىپ، تار ئۇزۇنلۇقلىرى ئارىسىدا ئاددىي ساز مۇناسىۋىتىنى ھاسىل قىلغاندا، جۈپ-جۈپ ماس گارمونىك ئاۋازغا ئېرىشىش مۇمكىنلىكىنى بايقىدى. 2:1 بولغاندا تار ئۇزۇنلۇقىغا كۆپچىلىككە ئايان 9-دەرىجىلىك ئاھاڭ، 3:2 بولغاندا تار ئۇزۇنلۇقىغا 5-ئاھاڭ، 4:3 بولغاندا تار ئۇزۇنلۇقىغا 4-ئاھاڭ ماس كېلىدۇ. بۇ كەشپىيات مۆلچەرلىنىشىچە، فىزىكا قانۇنلىرى بىرىنچى قېتىم ماتېماتىكىلىق فورمۇلا بىلەن ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھازىرقى كۈندىكى نەزەرىيىۋى فىزىكا تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى قەدىمى دەپ تونۇشقا ھەقلىقمىز. ھازىرقى زامان فىزىكا ئىبارىسى ئارقىلىق پىفاگورنىڭ كەشپىياتىنى مۇنداق بايان قىلىش مۇمكىن: «بىرىككەن كېرىلىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە بىرىككەن بىر تارنىڭ چاستوتىسى (ھەر سېكۇنت ئىچىدىكى تەۋرىنىش سانى) ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ» («فىزىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى»، 6-،7-بەتلەر).
ئەمدى پۈتكۈل كائىناتنى تۈزگۈچى ماددىلارنىڭ ماددىي تۈزۈلۈشى ھەققىدىكى يەنە بىر مۇھىم نەزەرىيەنى مىلادىدىن تەخمىنەن تۆت ئەسىر ئىلگىرى ياشىغان يەنە بىر گىرىتسىيەلىك ئالىم دېموكرىت ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشى مۇنداق: «بارلىق جىسىملار سانىنى ئېنىقلاپ بولغىلى بولمايدىغان، كىچىكلىكىدىن كىشىلەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلمەيدىغان زەررىچىلەر يىغىندىسىدىن تەشكىل تاپىدۇ، دەپ قاراشتىن ئىبارەت. ئۇ بۇ زەررىچىلەرنى «ئاتوم» دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ مەنىسى گىرىك تىلىدا «بۆلۈنمەيدىغان» (aktouos) دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ بۇ زەررىچىلەرنى جىسىمنى بۆلىۋەرگەندە مەيدانغا كېلىدىغان بۆلەكچىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ ئىشىنەتتى» («فىزىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى»، 8-بەت).
ئەمدى نەزىرىمىزنى قەدىمكى زامان فىزىكىسىنىڭ ئاساسىي قىسمى بولغان، شۇنداقلا باشقا تارماقلارغا قارىغاندا خېلى مول ھوسۇللۇق بولغان مېخانىكا ساھەسىگە ئاغدۇرايلى. بۇ ساھەدە ئارخىمىد ئەڭ داڭلىق.
مېخانىكا پېشۋاسى ئارخىمىد يۇناننىڭ مۇستەملىكىسى بولغان سىتسىلىيە ئارىلى (ھازىر ئىتالىيەگە تەۋە)نىڭ مەركىزى سىراكوزادا ياشىغان. ئۇ بىر ئاسترونومنىڭ ئوغلى بولغاچقا، ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا مول نەتىجە ياراتقان. ئەڭ ئېسىلى شار جىسىم ۋە ئۇنىڭغا سىرتتىن تېگىشكەن سىلىندىرنىڭ يۈزى ھەم ھەجىمى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كەشىپ قىلغانلىقى بولدى. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق ئىش بەلكىم ئۇنىڭ «مەن تاپتىم، مەن تاپتىم» دېگىنىچە مۇنچىدىن قىپيالىڭاچ ھالدا كوچىغا يۈگۈرۈپ چىققانلىقى بولسا كېرەك. بۇ ئىش ئەسلىي مۇنداق بولغان. سىراكوزانىڭ پادىشاھى زەرگەر ئۇستام ياسىغان ئالتۇن تاجنىڭ ساپلىقىدىن گۇمانلىنىپ قالغان. ئۇ تاجنى بۇزۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن ئۇنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى ئارخىمىدقا تاپشۇرىدۇ. ئۇ بۇ ئىشنى تولا ئويلپ بەك قىينىلىدۇ، ھەتتا يۇيۇنغاندىمۇ بۇ ئىشنى ئويلايدۇ. ئۇ ۋاننىغا چۈشكەندە، ئۇنىڭ تېنى سۇ ئىچىگە قانچە چوڭقۇر چۆكسە، ۋاننىدىن تېشىپ چىقىپ كېتىدىغان سۇنىڭمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ بايا دېگەندەك ۋاننىدىن سەكرەپ چىقىپ، «Eupnka,Eupnka» دېگىنىچە ئۆيىگە چاپىدۇ...
ئارخىمىدنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى ئاددىي تىل بىلەن دېسەك، ھەر خىل جىسىملارنىڭ زىچلىقى ئوخشاش بولمايدۇ. كۈمۈشكە قارىغاندا ئالتۇننىڭ زىچلىقى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ئالتۇنغا نىسبەتەن قارىغاندا كۈمۈشنىڭ ھەجىمى چوڭ بولىدۇ. ئارخىمىد تاج بىلەن ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ئالتۇننى ئېلىپ سۇغا سالغاندا، تاجنىڭ سىقىپ چىقارغان سۈيى كۆپ بولغان، شۇڭا ئارخىمىد تاجغا كۈمۈش ئارىلاشتۇرغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان. مانا بۇ ئارخىمىدنىڭ جىسىملارنىڭ لەيلەش ھەققىدىكى قانۇنى. ئۇنى ھازىرقى زامان كەسپىي تىلى بىلەن دېسەك، ھەرقانداق قاتتىق ھالەتتىكى جىسىمنىڭ سۇيۇقلۇققا چۆكۈرۈلگەندە يوقاتقان ئېغىرلىقى ئۇ ئۆزى سىقىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ بولىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ قانۇنلىرى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى. ئەمدى ئۇنىڭ مېخانىكا ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى بىلەن تونۇشىمىز.
ئارخىمىد ئۆزىنىڭ «تەكشىلىكنىڭ تەڭپۇڭلۇقى توغرىسىدا» (ئىككى توم) دېگەن داڭلىق كىتابىدا پىشاڭ قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇرمەنلەر ئارخىمىد ئەسەرلىرىنىڭ ئىستىلىنى بەكمۇ مۇشەققەتلىك ھەم بەكمۇ چۇۋالچاق، نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئېۋكىلىد. گىئومېتىرىيەنىڭ ئىستىلىغا ئوخشاش دەپ ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئارخىمىد دەۋرىدىكى گىرىتسىيە ماتېماتىكىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك گىئومېتىرىيە بىلەن چەكلەنگەنىدى. ئالگىبىرا ناھايىتى كۆپ ۋاقىتلاردىن كېيىن ئەرەبلەر تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىندى. شۇڭلاشقا، ئەينى ۋاقىتتا ماتېماتىكا ساھەسى بىلەن فىزىكىنىڭ باشقا تارماقلىرىدىكى ھەرقايسى ئىسپاتلاشلار بىزنىڭ ھازىرقىدەك ئالگىبىرالىق تەڭلىمىلەرنى يەشكىنىمىزدەك ئەمەس، بەلكى گىئومېتىرىيەلىك رەسىملەرنى سىزىش ئارقىلىق بېجىرىلەتتى. ئېۋكىلىد گىئومېتىرىيەسىگە ئوخشاش (نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئۇنى ئۆگەنگەن چاغدا تەرلەپ-پىشىپ چارچاپ كەتكەن) ئارخىمىدنىڭ «سىتاتىكا» (تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسى) نىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىنى تەسۋىرلەش «ئاكسىئوما»لارنى قويۇپ ئاندىن ئۇنىڭدىن بىرقانچە «تېئورىمىلار»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىدى. بىز بۇ يەردە ئۇنىڭ شۇ ئەسىرىنىڭ بىرىنچى تومىنىڭ باش قىسمىنى تونۇشتۇرىمىز.
1) ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى جىسىملار ئوخشاش ئارىلىقلارغا قويۇلسا، ئۇ ھالدا تەڭپۇڭ ھالەتتە بولىدۇ. ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى جىسىملار ئوخشاش بولمىغان ئارىلىقلارغا قويۇلسا، ئۇ ھالدا تەڭپۇڭ بولمايدۇ. پىشاڭ ئۇزۇنراق ئارىلىققا قويۇلغان جىسىم تەرىپىگە يانتۇلىشىدۇ.
2) بەلگىلىك ئارىلىققا قويۇلغان جىسىملار تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرغان چاغدا، ئەگەر شۇنىڭدىكى بىر جىسىمنىڭ ئۈستىگە ئازراق ئېغىرلىق قويۇلسا، ئاندىن ئۇلار تەڭپۇڭ بولمايدۇ. پىشاڭ ئازراق ئېغىرلىق قويۇلغان جىسىم تەرىپىگە قاراپ يانتۇلىشىدۇ.
3) ئوخشاشلا ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جىسىمدىن ئازراق ئېلىۋەتسەك، ئۇلار ئاندىن تەڭپۇڭ بولمايدۇ. پىشاڭ ئازراق ئېلىۋېتىلمىگەن تەرەپكە يانتۇلىشىدۇ.
4) پۈتۈنلەي تەڭ بولغان تەكشىلىكنىڭ شەكىللىرى ئەگەر ئۆزئارا قاتلىنىپ، دەل بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇلسا، شۇ ھالدا ئۇلارنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىمۇ ئوخشاشلا بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.
5) ئەگەر شەكىللەر ئۆزئارا تەڭ بولمىسا، لېكىن ئوخشاش بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ ئېغىرلىق مەركەزلىرىمۇ ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ. ئوخشاش شەكىللەر ئوخشاش ئورۇنلۇق نۇقتىلارغا ئىگە بولىدۇ دېگەننىڭ مەنىسى، ئەگەر بۇ نۇقتىلاردىن ئۆزئارا تەڭ بولغان بۇلۇڭلارغا تۈز سىزىق ئۆتكۈزۈلسە، ئۇ ھالدا ئۇلار بىلەن ماس بولغان تەرەپلەر ياسىغان بۇلۇڭلارمۇ ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ، دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ.
6) ئەگەر مۇئەييەن ئارىلىقتا تۇرغان ئىككى جىسىم تەڭپۇڭ بولسا، ئۇلاردىن باشقا ئۇلارغا ئۆزئارا تەڭ بولغان ئىككى جىسىم ئوخشاش ئارىلىقتا تۇرغان چاغدىمۇ ئۆزئارا تەڭپۇڭ بولىدۇ.
7) ئەگەر خالىغان بىر شەكىلنىڭ گىرۋەكلىرى خالىغان بىر يۆنىلىش بويىچە تۆۋەنگە قارىتا ئېگىلگەن بولسا، ئۇنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى مۇقەررەر ھالدا شەكىلنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.
بۇ ئاكسىئومىلاردىن چىقىپ بىۋاسىتە لوگىكىلىق ئىسپاتلاشقا يۆلىنىپ 15 تىئورىمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ. بىز بۇ يەردە ئالدىنقى بەش تىئورىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىسپاتلىرىنى بەرمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 6-تىئورىمىنىڭ ئىسپاتىنى مۇكەممەل بايان قىلىمىز. چۈنكى، ئۇ ئاساسلىق بولغان پىشاڭ قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تىئورىمىلار:
1) ئوخشاش ئارىلىقتا تەڭپۇڭلۇقتا تۇرغان جىسىملار ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ.
2) تەڭ بولمىغان جىسىملار تەڭ ئارىلىقلاردا بولسا جىسىم تەڭپۇڭ بولمايدۇ. پىشاڭ ئېغىرراق بولغان جىسىم تەرەپكە يانتۇلىشىدۇ.
3) تەڭ بولمىغان جىسىملار ئوخشاش بولمىغان ئارىلىقلاردا بولغاندا تەڭپۇڭلۇققا ئىگە بولىدۇ. ئېغىرراق جىسىم ئەلۋەتتە يېقىنراق ئارىلىقتا بولۇشى كېرەك.
4) ئەگەر ئۆزئارا تەڭ بولغان ئىككى جىسىم ئورتاق ئېغىرلىق مەركىزىگە ئىگە بولمىسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنى بىر پۈتۈن نەرسە دەپ قارىغاندا، ئۇنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئۇلارنىڭ ئېغىرلىق مەركەزلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان سىزىقنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسىدا بولىدۇ.
5) ئەگەر ئۆزئارا تەڭ بولغان ئۈچ دانە جىسىمنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بولسا ھەمدە ئۆزئارا تەڭ بولغان ئارىلىقلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرسا، ئۇ ھالدا بىر پۈتۈن سىستېمىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئوتتۇرىدىكى جىسىمنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.
ئەمدى بىز 6-تىئورىمىنىڭ ئىسپاتىغا ئۆتىمىز. كىتابخانغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بىز ئۇنى ئازدۇر-كۆپتۇر ھازىرقى زامانغا ماسلاشتۇرىمىز.
6) ئىككى جىسىم تەڭپۇڭ بولغاندا تۇرىدىغان ئارىلىقلىرى ئېغىرلىقلىرىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ (ئىسپاتى قىسقارتىلدى).
ئارخىمىدنىڭ پىشاڭ قانۇنى نۇرغۇن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ نېگىزلىك يېرى پىشاڭ ئىككى ئۇچىنىڭ ئىشلىگەن ئىشلىرىنىڭ ئۆزئارا تەڭ بولۇشىدىن ئىبارەت. ئىشلىتىش دائىرىسىمۇ كەڭ. دېھقانلارنىڭ كالتەك ئارقىلىق ئېغىر تاشلارنى يۆتكىشىدىن تارتىپ، ھازىرقى زامان قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل مۇرەككەپ مېخانىزملارغىچە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. ئارخىمىد بىزگە يەنە پىشاڭ ئارقىلىق بولىدىغان ئىشلاردا تەسىر قىلغۇچى كۈچنىڭ قىلىدىغان ئىشىدىن ئىبارەت بەكمۇ مۇھىم بولغان مېخانىكىلىق ئۇقۇمنى تونۇتتى. ئارخىمىد بىر يۈرۈش غالتەكلەر گۇرۇپپىسىدىن پايدىلىنىپ، يوغان بىر كېمىنى سۇغا چۈشۈرگەن ۋە باشقىلار.
گىرىك مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان گىگانت ئادەم ئارستوتېل گىرىك پېنىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە ئۇل سېلىش خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ فىزىكا ساھەسىدە بۇ پەننىڭ ئىسمى uots& (تەبىئەت)نى قويۇپ بېرىشتىن باشقا ئىشنى قىلالمىدى. بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى. ئالىكساندىر ئىلمى ئېقىمى نامى بىلەن مەشھۇر بولغان مىسىرنىڭ پورت شەھىرى ئالىكساندىرىيە (ئىسكەندەرىيە) شەھىرى قەدىمكى گىرىك مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگە ۋەكىللىك قىلدى.
ئالىكساندىرىيە ئىلمى ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى ھېرون بىلەن پىتولومىي يورۇقلۇق (ئوپتىكا) ساھەسىدە بىرمۇنچە تەجرىبە كۆزىتىشلىرىنى خۇلاسىلىگەن. گەرچە ئۇلار بۇ ساھەدە مۇھىم بىر قانۇننى تاپالمىغان بولسىمۇ، بىراق نۇرنىڭ بىر مۇھىتتىن ئىككىنچى بىر مۇھىتقا ئۆتكەندە سۇنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر ھادىسىنى بايقىدى.
 
ئوتتۇرا ئەسىر فىزىكىسى
(ئىلىم-پەن ئىلاھىيەتنىڭ دېدىكى)
 
ئىمپېراتور ئالىكساندىر ماكېدونىسكىدىن باشلاپ گىرىتسىيە ياۋروپانىڭ سىياسىي مەركىزى بولۇشتىن قالدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گىرىك مەدەنىيىتى ۋە ئىلىم-پېنىمۇ چۈشكۈنلەشتى، كېيىن بۇ رايونلار رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسىگە ئايلاندى. گەرچە رىملىقلار گىرىك مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار قەدىمكىلەرنى دورىدى، ئۆزلەشتۈردى، تەقلىد قىلدى، خالاس. ئۇلار ئابىستراكت پىكىر قىلىشقا بەك ئاز كۆڭۈل بۆلدى. ئۇلار ئەمەلىي نەرسىلەرگە، ئۈنۈمگە ۋە ئىشلىتىش مەسىلىلىرىگە بەكرەك قىزىقتى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىمۇ ئەمەلىيەتتە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ مەدەنىيىتى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىرىستىيان دىنىنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ ئومۇملىشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، گىرىكلارنىڭ كۆپ ئىلاھلىق دىنلىرى، مەدەنىيىتى ۋە گىرىك پەنلىرى تېخىمۇ خارابلاشتى. رىم ئىمپىرىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن ياۋروپا ئاساسەن بۆلۈنۈش ھالىتىدە تۇردى. «مىڭ يىلدىن ئوشۇق ۋاقىتقا سوزۇلغان ئۇزۇن دەۋردە بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر قوزغاتقۇچىسى بولغان خىرىستىيان دىنى ئىبادەتخانا، چېركاۋ ۋە مۇناستىرلار مەدەنىيەتنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. شۇڭا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاساسىي قىزىقىش ئىداركىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتى. قەدىمكى گىرىك مەدەنىيىتىدىن قېلىپ قالغىنى مەيلى قانداق بىر ئىلمىي ئىدىيە بولمىسۇن، ھەممىسىلا دىنىي دىكتاتورىغا تىز پۈكتى. پىتولومىينىڭ ئاسمان ھەرىكىتى تەلىماتى، يەنى يەر مەركەزدە تىنچ تۇرىدۇ، قۇياش، سەييارە ۋە تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئۇنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، دەپ قارايدىغان نەزەرىيە ھەممە ئىقرار قىلىدىغان، تەۋرەنمەس ئەقىدە بولۇپ قالدى. چۈنكى، بۇ خىل تەلىمات ۋاتىكان مەركىزىي ئورۇندا تۇرىدۇ دەيدىغان ئۇقۇمغا، ۋاتىكان بولسا ئاللانىڭ يەر شارىدىن تاللىغان ئەلچىسى تۇرىدىغان جاي دەيدىغان قاراشقا ئەڭ ئۇيغۇن كېلەتتى. «پەن» مۇزاكىرىلىرىمۇ بىر تال يىڭنە ئۇچىدا قانچە پەرىشتە ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ، ئاللاتائالا ئۆزىمۇ كۆتۈرەلمەيدىغان چوڭ تاشنى ياسىيالامدۇ، دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر بىلەنلا چەكلىنەتتى» («فىزىكا تارىخى»، 46-،47-بەتلەر). شۇنداق قىلىپ، غەربكە نىسبەتەن ئالغاندا، ئوتتۇرا ئەسىردە ئىلىم-پەن تەتقىقاتى، بولۇپمۇ فىزىكا تەتقىقاتى تامامەن توختاپ قالدى. غەرب چۈشكۈنلەشكەن مۇشۇ مەزگىلدە مۇسۇلمانلار دۇنياسى بارلىق ساھەلەردە تېز ئىلگىرىلىدى. بۇ ئەلۋەتتە قەدىمكى گىرىك مەدەنىيىتى ئىلىم-پېنىنى تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈشتىن ئايرىلالمايدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى مۇھىم خىزمىتى شۇكى، ئۇلار ھىندىلارنىڭ ئونلۇق سىستېمىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئاخىرىدا «ئەرەب رەقەملىرى» قىلىپ ئومۇملاشتۇردى. ئالگىبىرانى ئىجاد قىلىپ، ماتېماتىكىنىڭ قەدىمكى گىرىك دەۋرىدىكى پەقەت گىئومېتىرىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىش ھالىتىگە خاتىمە بەردى. ئۇنى يېقىنقى زامان ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدا كەڭ قوللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردى. راست گەپنى قىلغاندا، ئوتتۇرا ئەسىردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم-پەنگە قوشقان تۆھپىسىنى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. مانا بۇ ئىلىم-پەن تارىخىدىكى ئەرەب دەۋرى. بىراق، بۇ باسقۇچنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تېخى تولۇق يورۇتۇپ بېرىلمىدى، مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىدى. شۇ دەۋر ۋە شۇ قوۋملەر (مۇسۇلمانلار)گە مەنسۇپ ئىدىيەلەر، نەتىجىلەر، كەشپىياتلار، ئىلىم-پەن تارىخىغا، ئىلىم-پەن مېتىدولوگىيەسىگە، دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈلمىدى. ئۇنىڭ يېقىنقى زامان ئىلىم-پەنلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە رولى يېتەرلىك تەتقىق قىلىنمىدى. بۇ نۇقتىلارنى مېنىڭ تارىخىي ئىسپات كەلتۈرۈپ، قاتتىق لوگىكىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىپ دەلىللەپ بېرىشىمنىڭ تەسىرى چوڭ بولمايدۇ. چۈنكى، بىزدە «ئۆزۈڭنىڭ مەھەللىسىدىكى موللا جا موللا، باشقا مەھەللىدىكى موللا داموللا» دەيدىغان گەپ بار. كەمىنە كىچىك ئەخمەت نام-نىشانسىز ئاددىي ئىنسانمەن. شۇڭا، قاراشلىرىمنى پاكىت ئاساسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن سۆزۈمنى يەنىلا يىراقتىكى «داموللا»نىڭ ئالاقىدار بايانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ دەلىللەيمەن. بۇ ھەقتە ئىككى قېتىم نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ئالغان پاكىستانلىق ئالىم مۇھەممەت ئابدۇسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىلىم-پەن ئىجادىيەت پائالىيىتىدىكى بۇ دەۋرىي ئايلىنىشنى مەن تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتىپ بېرەلەيمەن. گېئورگى سارتون (George Sarton) ئۆزىنىڭ بەش توملۇق ئىلىم-پەن تارىخى ھەققىدىكى ئۆچمەس ئەسىرىدە دەۋرلەرنى پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر بىلەن بۆلگەن. ھەربىر دەۋرنى 50 يىلغا ئايرىپ، ھەربىر 50 يىلنى بىر مەركەزلىك شەخسكە باغلىغان. مەسىلەن: سارتون مىلادىدىن ئىلگىرىكى 450-400-يىللارنى ئەپلاتون دەۋرى دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئارستوتېل دەۋرى، ئېۋكىلىد (Evclid)، ئارخىمىد دەۋرى قاتارلىق دەۋرلەرگە ئايرىغان. مىلادى 600-يىلىدىن 700-يىلىغىچە بولغان دەۋرنى ئەيچىڭ ۋە شۇەنزاڭ ۋەقەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلار دەۋرى دەپ ئايرىغان. ئاندىن مىلادى 750-يىلىدىن 1100-يىلىغىچە بولغان 350 يىلنى جىملىئى جابىر (Jabir)، خارەسىمى (Khwarizimi)، رازى (Razi)، مەسئۇدى (Masudi)، ۋافا (Wafa)، برونى (Brani)، ئىبىن سىنا، ئىبىن ھەسەن ۋە ئۆمەر ھەييام دەۋرلىرىگە ئايرىغان. بۇ شەخسلەر ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئەللىرىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئەرەب، تۈرك، ئافغان ۋە پارسلار ئىدى. ئۇلار ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئەللىرىگە مەنسۇپ بولغان خىمىيە، ماتېماتىكا، مېدىتسىنا، جۇغراپىيە، فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە ئالىملىرى ئىدى. گىئورگى سارتوننىڭ ئىلىم-پەن ھەققىدىكى ھېكايىلىرىدە پەقەت مىلادى 1100-يىلىدىن كېيىنكى ۋەقەلەر سۆزلەنگەن چاغدىلا ئاندىن غەربلىكلەرنىڭ ئىسمى، يەنى سېرىمونادىكى گېرارد (Gerad)، روگېر باكون (Roger Bdcon)لارنىڭ ئىسمى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىبىن روشىد (Ibn-rushd)، نەسرۇددىن تۇسى (Nasirud-din Tuei) ۋە ئىبىن نەفسى (Ibn-Nafis) (بۇ ئادەم خارۋىي --- Harreyدىن ئىلگىرى قان ئايلىنىش نەزەرىيەسىنى كەشىپ قىلغان) قاتارلىقلار مەيدانغا كەلگەن. بۇ كېيىنكى 250 يىللىق تارىخ جەريانىدىكى شان-شەرەپ غەربلىكلەر بىلەن ئىسلام مىللەتلىرىگە ئورتاق مەنسۇپ، ئەلۋەتتە. ئۆزۈم شۇغۇللىنىۋاتقان فىزىكا ئىلمىنى مىسال قىلىدىغان بولسام، ئەينى زاماندىكى ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى ھازىرقى زامان ئاتالغۇلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تۆۋەندىكى نەتىجىلەر يېتىپ-ئېشىپ تۇرۇپتۇ. قەدىمكى گىرىكلارنىڭ پىكرىنىڭ ئەكسىچە ئىبىن سىنا (Ibn-Sina، يەنى ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ 980-يىلىدىن 1037-يىلىغىچە ياشىغان) يورۇقلۇقنى، يورۇقلۇق مەنبەسى چىقارغان، چەكلىك سۈرئەتتە تارقىلىدىغان زەررىچىدىن ئىبارەت دەپ قارىغان. ئۇ يەنە ئىسسىقلىق، كۈچ ۋە ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەنىدى. ئۇنىڭ زامانداشلىرى بولغان ئىبىن ھىسام (Ibn-Alhaisham، 965-يىلىدىن 1039-يىلىغىچە ياشىغان) ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يورۇقلۇق (ئوپتىكا) ئىلمىنى تەجرىبە قىلىش جەھەتتە تۆھپە ياراتقان. ھەتتا، ئۇ فىرمان ئەڭ قىسقا ۋاقىت پىرىنسىپىنى بايقاشتىن ئىلگىرىلا ‹نۇر مۇھىتتىن ئاسان ۋە تېز يېتىدىغان مۇساپە ئارقىلىق ئۆتىدۇ› دەپ جاكارلىغان. ئۇ يەنە ئىنىرتسىيە قانۇنىنىمۇ بىلەتتى. كېيىن بۇ قانۇن نيۇتوننىڭ بىرىنچى ھەرىكەت قانۇنى بولدى. ئۇ مېخانىكا ئاتالغۇلىرى ئارقىلىق نۇرنىڭ سۇنۇش جەريانىنى بايان قىلدى. يەنى، نۇر ئىككى مۇھىتنىڭ چېگرا يۈزلىرىدىن ئۆتكەندە ‹نۇر زەررىچىلىرى›نىڭ ھەرىكىتى كۈچلەرنىڭ تىك تۆتبۇلۇڭ قائىدىسىگە بويسۇنىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ قانۇن كېيىن نيۇتون تەرىپىدىن بايقىلىپ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى. ھېرو ئالىمى ئەل خارەزمى (Al-Khzzini) يەر شارى مەركىزىگە يۆنەلگەن ئالەملىك تارتىشىش كۈچى ئىجاد قىلغان. ئۇ ھاۋانىڭ ئېغىرلىقى بار دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان. قۇتبىدىن شىرازى (Qutb-udin Al-Shirazi، 1311-1236) ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى كامولىددىن (Kamal-dn-din) تۇنجى قېتىم ھەسەن-ھۈسەننى چۈشەندۈرگەن ھەمدە يورۇقلۇق (نۇر) سۈرئىتى مۇھىتنىڭ ئوپتىك زىچلىقى بىلەن (ماددا زىچلىقى ئەمەس) تەتۈر تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى ھىپىربولا سىرتلىق لىنزا ئارقىلىق شار سىرتى ئابېراتسىيەسىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ قۇردىكى بايانلاردا مەن بىرونى (Al-Bruni، 973-1048)نى تىلغا ئالمىدىم. ئەل بىرونى ئۆزىنىڭ زامانداشلىرى ئىبىن ھېسامغا ئوخشاشلا ئۇلۇغ بىر تەجرىبە ئالىمى ئىدى. ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرى گالىلىيغا ئوخشاش ئوتتۇرا ئەسىرگە ئەمەس، بەلكى ئەڭ زامانىۋى ئېقىمغا تەۋە ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن گالىلىي ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا (بىرونى بۇرۇنراق) تەبىئەت قانۇنىنىڭ گەلىلىي ئۆزگەرمەسلىكىنى كەشىپ قىلغان. ئەگەر بىز بۈگۈنكى كۈندە ئەل بىرونى بىلەن ئىبىن سىنانىڭ ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ تۈپ خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدىكى بىر-بىرىگە يېزىشقان خەتلىرىنى كۆرىدىغان بولساق، ئەل بىرونىنىڭ ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇللىرى يەنىلا يېڭى بىلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى ئادەملەر يالغۇز فىزىكا ئالىملىرىلا بولۇپ قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ مېدىتسىنا، ماتېماتىكا، گىئولوگىيە، پەلسەپە ۋە ئاسترونومىيە ساھەلىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى ۋە بىلىملىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جارى قىلدۇرۇپ ۋە بايان قىلىپ 11-ۋە 12-ئەسىردىكى فىزىكىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كىرگۈزۈلمىگەن؟ مانا بۇ ئىلىم-پەندە كىشىنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ئىش، بۇنىڭغا شۇ چاغدا جەمئىيەتتە قايتا-قايتا ئۆزگىرىش بولۇپ، كېيىنكى ھۆكۈمرانلار دائىم ئۆزلىرىنىڭ قارام ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىلىم-پەن ئۇچقۇنلىرىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكى سەۋەب بولغان» («ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىلىم-پەن ئىجادىيەت قۇدرىتى»، جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر، قازاق شۆبىسى، 1986-يىل نەشرى، 8-،9-،10-،11-بەتلەر).
 
يېقىنقى زامان فىزىكىسى
(ئىلىم-پەن زىيالىيلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇق)
 
يېقىنقى زامان فىزىكىسى دۇنيانىڭ تۈزۈلۈشى قانداق؟ ئەگەر تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈلگەن قانۇنىيەتلەر «ئىنجىل» بىلەن تىپىشىپ قالسا قايسىسىنى تەستىقلايمىز؟ دېگەن ماھىيەتلىك مەسىلىگە جاۋاب ئىزدەشتىن باشلاندى. كوپىرنىك يەر مەركەز تەلىماتىنى رەت قىلىپ، دۇنيا چەكسىز قۇياش سىستېمىسىغا نىسبەتەن ئالغاندا قۇياش مەركەز دەپ جاكارلاپ، بىزنىڭ ئالەم چۈشەنچىمىزنى توغرىلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ پىلانىتلار قۇياشنى بويلاپ چەمبەر شەكلىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، دېگەن بايانى خاتا ئىدى. بۇ تەرىپىنى كېپلېر ئەمەلىي كۆزىتىش ۋە ئىنچىكە ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش ئېلىپ بېرىپ، ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھەل قىلدى. يەنى، بارلىق پىلانىتلار قۇياشنى چۆرىدەپ ئىللىپېس شەكىللىك ئوربىتا بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ، قۇياش بۇ ئىللىپېسلارنىڭ بىر فوكۇسىغا جايلىشىدۇ. ئۇنىڭ 2-قانۇنى مۇنداق: پىلانىتلار قۇياشقا يېقىنراق ئارىلىقتا (قۇياشقا يېقىن نۇقتا) تېزرەك ھەرىكەت قىلىدۇ. قۇياشتىن يىراق ئارىلىقتا (قۇياشتىن يىراق نۇقتا) ئاستىراق ھەرىكەت قىلىدۇ. پىلانىتلار ئۆز ئوربىتىسىنى بويلاپ قۇياشنى ئايلانغاندا ئۆزئارا تەڭ ۋاقىتلار ئىچىدە تەڭ يۈزلەرنى بېسىپ ئۆتىدۇ.
ئەڭ مۇھىم بولغان 3-قانۇن مۇنداق: ئوخشاش بولمىغان پىلانىتلارنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ھەرىكەت قىلغاندىكى دەۋرلىرىنىڭ كىۋادراتى ئۇلاردىن قۇياشقىچە بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقلىرىنىڭ كۇپىغا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، تا مۇشۇ كۈنگىچە ناھايىتى سىرلىق بىلىنگەن ئالەم بىزگە ئۆزىنىڭ بەزىبىر ئىنتىزاملىرىنى ئاشكارىلىغان بولدى.
يەنە بىر گىگانت شەخس نەزەرىيە فىزىكىسى، شۇنداقلا تەجرىبە فىزىكىسىنىڭ ئاساسچىسى گالىلىي دىنامىكا ساھەسىدە زور ئۇتۇق قازاندى. ئۇ ئالدى بىلەن ماياتنىكنىڭ ھەربىر قېتىمقى تەۋرىنىش ۋاقتى (دەۋرى)نىڭ تەۋرىنىشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى (ئامپىلىتۇدا) بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ يەنە ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمىغان ئىككى جىسىمنىڭ ئوخشاش بىر سىستېمىدا (ماياتنىكتا) ئوخشاش دەۋرىيلىك ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. بىراق، بۇ ئىككى تۈرلۈك ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى زادىلا تاپالمىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا دىففىرنىسال --- ئىننىگراللىق بىلىملىرى زۆرۈر ئىدى. ئاخىرىدا بۇ ئىككى مەسىلىنى نيۇتون بىلەن ئېينىشتىيىن ھەل قىلدى. لېكىن، مۇشۇ خىل ھادىسىنى سىستېمىلىق بايان قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگىنىمىزدە، ئەلۋەتتە گالىلىينىڭ رولىنى تۆۋەن چاغلىمايمىز. گالىلىي يەنە ئەركىن چۈشكەن جىسىمنىڭ تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تاپتى. يەنى، ئەركىن چۈشكەن جىسىم مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە بېسىپ ئۆتكەن ئومۇمىي ئارىلىق ئۇنىڭ ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتنىڭ كىۋادراتىغا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، مانا بۇلار گالىلىينىڭ مېخانىكا ساھەسىدىكى ئاساسىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى.
گالىلىي ۋاپات بولغان يىلى تۇغۇلغان نيۇتون يېقىنقى زامان فىزىكا بىناسىنى قۇرۇپ چىققۇچىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ فىزىكا، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرىنى «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتېماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى» دېگەن كىتابىدا ناھايىتى سىستېمىلىق تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مېخانىكا ساھەسىدىكى ھەرىكەتنىڭ تۈپ قانۇنى ۋە ئالەملىك تارتىشىش قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، نيۇتون بۇ ئەسىرىدە بارلىق فىزىكىلىق ھادىسىلەر ئۈچۈن مېخانىكىلىق چۈشەندۈرۈش دەپ ئاتالغان بىر پىروگراممىنى بېكىتىپ بەردى. ماددىنىڭ مىقدارى (ماسسىسى) بىلەن ھەجىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە ماسسا بىلەن ھەرىكەت مىقدارى، ئېنىرتسىيە ۋە كۈچ ئۇقۇملىرىغا ئېنىقلىما بەردى. مەسىلەن: ①ماددىنىڭ مىقدارى (ماسسىسى) ماددىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، ئۇنىڭ زىچلىقى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى (ھەجىمى) بىلەن بىرلىكتە ئۆلچىنىدۇ. ②ھەرىكەتنىڭ مىقدارى ھەرىكەتنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، ئۇ تېزلىك ۋە ماددىنىڭ مىقدارى بىلەن بىرلىكتە ئۆلچىنىدۇ. ③ماددىنىڭ ئېنىرتسىيەلىك كۈچى ياكى ئۆزىنىڭ خاس كۈچى بىر خىل قارشىلىق ئىقتىدارىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل كۈچ تۈپەيلىدىن ھەرقانداق جىسىم مەيلى ئۇ تىنچ تۇرغان بولسۇن ياكى تۈپتۈز سىزىق (تۈز سىزىق) بويلاپ ئالغا قاراپ تەكشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسۇن، ھەممىسىلا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتىنى ساقلايدۇ. ④سىرتقى كۈچ جىسىمغا چۈشىدىغان بىر خىل تەسىردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ جىسىمنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر. بۇ خىل ھالەت تىنچ ھالەتتىن ياكى تۈپتۈز (تۈز) سىزىق بويلىغان تەكشى ھالەتتىن ئىبارەت بولسىمۇ بەرىبىر.
ئەمدى نيۇتوننىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى ياكى تەپەككۇر يولى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
«قەدىمكى ئادەملەر مېخانىكىغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇلار مېخانىكىدىن ئىبارەت بۇ پەن تەبىئەت، شەيئىلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە» دەپ تونۇيدۇ. ھازىرقى ئادەملەر كونكرېتنى شەكىل ۋە يوشۇرۇن خۇسۇسىيەتلەرنى قايرىپ قويۇپ، ماتېماتىكىلىق قانۇنلار ئارقىلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن مەزكۇر ئىلمىي ئەسىرىمدە ماتېماتىكا ئارقىلىق (تەبىئەت) پەلسەپە مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا تىرىشتىم. قەدىمكى ئادەملەر مېخانىكا ئىككى ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارىغان. بىرى، ئەقلىي جەھەتتىن خۇلاسىلەنگەن مېخانىكا، يەنە بىرى، ئەمەلىي مېخانىكىدىن ئىبارەت. بارلىق سۈنئىي تېخنىكا سەنئىتى (قۇرۇلۇش بىلىمى) ئەمەلىي تېخنىكىغا مەنسۇپ بولۇپ، مېخانىكا دېگەن ئىسىم ئەنە شۇنىڭدىن ھاسىل بولغان. لېكىن، ئۇستىلارنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي توغرىمۇ ئەمەس، بۇ مېخانىكا بىلەن گىئومېتىرىيەنىڭ بەكمۇ ئوخشاش بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۈتۈنلەي ئېنىق بولغان پەن گىئومېترىيە بولۇپ، ئانچە ئېنىق بولمىغىنى مېخانىكا دېيىلىدۇ. لېكىن خاتالىق تېخنىكا سەنئىتىنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، بەلكى ئۇستىلاردا. توغرا بولمىغان ھالدا ئىشلەيدىغان ئۇستىلار ھەقىقىي ئۇستىلار بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. كىمىكى پۈتۈنلەي ئېنىق ئىشلىسە، شۇلا دۇنيادا ئەڭ مۇكەممەل ئۇستىدىن ئىبارەتتۇر.
مېنىڭ مۇھاكىمە قىلىۋاتقىنىم تېخنىكا سەنئىتى ئەمەس، بەلكى (تەبىئەت) پەلسەپەدىن ئىبارەت. يازىدىغىنىم ئادەملەر كۈچى ئەمەس، بەلكى تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۈچنى، يەنى مۇھىمى ھېلىقى ئېغىرلىق كۈچى، ئېلاستىك كۈچ، سۇيۇقلۇقلارنىڭ قارشىلىق كۈچى ھەمدە باشقا تۈردىكى كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك شەيئىلەر. ئۇلار تارتىشىش كۈچى ياكى ئىتتىرىش كۈچلىرى بولسىمۇ مەيلى، شۇڭلاشقا مەن بۇ ئەسىرىمنى (تەبىئەت) پەلسەپەنىڭ ماتېماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى دەپ ئاتىدىم. پەلسەپەنىڭ بارلىق ئېغىر ۋەزىپىسى گوياكى ھەرىكەتلىك ھادىسىلەر ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۈچلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئاندىن بۇ كۈچلەر ئارقىلىق باشقا ھادىسىلەرنى نەزەرىيىۋى جەھەتتىن ئىسپاتلاشتىن ئىبارەتتەك تۇرىدۇ. «مەن... بىزنىڭ... تەبىئەت ھادىسىلىرىنى... مېخانىكىلىق پىرىنسىپ ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەلۇم كۈچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىشىمدە نۇرغۇنلىغان ئاساسلىرىم بار. دەل مۇشۇ كۈچلەر جىسىملاردىكى زەررىچىلەرنى بەزى مۇشۇ كەمگىچە مەلۇم بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ياكى ئۆزئارا تارتىشتۇرۇپ مۇنتىزم شەكىلدە ئۇيۇشتۇرىدۇ ياكى ئۆزئارا تىپىشتۇرۇپ بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. دەل مۇشۇ كۈچلەر مەلۇم بولمىغانلىقتىن، پەيلاسوپلار ئىزچىل ھالدا تەبىئەتنى قېدىرىشقا بولسىمۇ ئاقىۋىتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشتى. مەن بۇ يەردە تىكلەيدىغان پىرىنسىپلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتە ياكى (تەبىئەت) پەلسەپە جەھەتتىن توغرىراق ئۇسۇل تېپىپ جەزمەن يورۇقلۇققا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» (98-،99-،100-بەتلەر). نيۇتون گالىلىي باشلىغان ئەركىن چۈشكەن جىسىم ھەرىكىتىنىڭ ئەھۋالىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئىنىرتسىيە قانۇنى (1-ھەرىكەت قانۇنى) بىلەن تېزلىنىش قانۇنى (2-قانۇن) ھالىتىگە كەلتۈردى. 3-قانۇننى (تەسىر كۈچ ۋە ئەكس تەسىر كۈچ) بولسا دېكارت، ھۇيگېنسلارنىڭ جىسىملارنىڭ سوقۇلۇش ھەرىكىتى ھەققىدىكى نەتىجىلىرىنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇپ تېپىپ چىقتى. ئۇ يەنە ھۇيگېنس، كېپلىرلارنىڭ ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسى (سەييارىلەرنىڭ ئۆز ئوربىتىسىدا قۇياشنى بويلاپ ئىللىپېس شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشى)نىڭ سەۋەبى بۇ جىسىملار ئارىسىدا ئۆزئارا تارتىشىش كۈچىنىڭ تەسىرىدىن بولغانلىقىدا دەپ جاكارلىدى ۋە ئۇنى ئۆزى ئىجاد قىلغان دېففىرنىسال --- ئېنتىگراللىق ھېسابلاش ئۇسۇلى بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەر جىسىملىرى بىلەن ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مېخانىكا ھادىسىلىرىنى سىستېمىلىق ئەقىلگە مۇۋاپىق چۈشەندۈردى. شۇنداق قىلىپ، بىز ماسسا، ھەجىم، كۈچ، ھەرىكەت، ئېنېرگىيە، تېزلىك قاتارلىقلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. بىزنى ئوراپ تۇرغان تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قۇرۇلمىسى، ھەرىكەت شەكلى (ھالىتى) ۋە ئۇنىڭدا كۆرۈلۈۋاتقان ئىنتىزاملارنى چۈشەنگەن بولدۇق.
ئەمدى بۇ قانۇنلار بىلەن تونۇشۇپ باقايلى.
1.ئېنىرتسىيە قانۇنى (نيۇتوننىڭ 1-قانۇنى)
بارلىق جىسىملار تاكى سىرتقى كۈچ ئۇلارنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغانغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ياكى تىنچ ھالىتىنى ساقلايدۇ.
2.تېزلىنىش قانۇنى (نيۇتوننىڭ 2-قانۇنى)
جىسىمنىڭ تېزلىنىشى تەسىر قىلغۇچى كۈچكە ئوڭ تاناسىپ، جىسىمنىڭ ماسسىسىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ.
3.3-قانۇن (تەسىر كۈچ ۋە ئەكس تەسىر كۈچ قانۇنى)
ئىككى جىسىم ئارىسىدىكى تەسىر كۈچ بىلەن ئەكس تەسىر كۈچنىڭ ھامان چوڭ-كىچىكلىكى ئۆزئارا تەڭ، يۆنىلىشى قارمۇقارشى بولۇپ، ئۇلار بىر تۈز سىزىقتا تەسىر قىلىشىدۇ.
4.ئالەملىك تارتىشىش قانۇنى
تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەرقانداق ئىككى جىسىم ئۆزئارا تارتىشىدۇ. تارتىشىش كۈچلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بۇ ئىككى جىسىم ماسسىلىرىنىڭ كۆپەيتمىسىگە ئوڭ تاناسىپ، ئۇلار ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ كىۋادراتىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ.
ئەمدى نەزىرىمىزنى تىرمودىنامىكا (ئىسسىقلىق ئىلمى) ساھەسىگە يۆتكەيلى.
بىزگە مەلۇمكى، ئىسسىقلىق دېگەن بۇ تەبىئەت ھادىسىسى مەۋجۇت. ئۇ ئىسسىقلىق چىقارغۇچى جىسىمدىن يەنە بىر جىسىمغا، ئىسسىق ئورۇندىن سوغۇق ئورۇنغا ئۇزىتىلىدۇ، ئەكسىچە بولمايدۇ (سوغۇق ئورۇندىن ئىسسىق ئورۇنغا يۆتكەلمەيدۇ). ئەمەلىيەتتە ئىسسىقلىق ھېچقانداق بىر رېئال جىسىم ئەمەس، بەلكى جىسىملارنىڭ بىر خىل ئالاھىدە ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. ئىسسىقلىق ھادىسىلىرىنى تەجرىبە ۋە تەتقىق قىلىش ئىشى ئالدى بىلەن تېمومېتىر (تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ) ياساشتىن باشلاندى. XVI-XVIIئەسىرلەردە گازلىق، سۇيۇق ئىسپىرتلىق تېرمومېتىرلار ياسالدى. XVIIIئەسىردە سىمابلىق تېرمومېتىر ياسالدى. فارنېگىت، سېلسىيە ۋە رېئامۇر قاتارلىق تېمپېراتۇرا ئۆلچەملىرى تۇرغۇزۇلدى. ئومۇملاشقىنى سېلسىيلىق تېمپېراتۇرا بولدى. ئەنگلىيەلىك ئالىم بلاك (1728-1799) «سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق»، «يوشۇرۇن ئىسسىقلىق»، «ئېرىش ئىسسىقلىقى»، «ھورلىنىش ئىسسىقلىقى» ئۇقۇمىنى تۇرغۇزدى. بۇ ئارقىلىق ھەر خىل جىسىملارنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش ھادىسىسى بىلەن ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىشتا نەزەرىيىۋى رامكا بەلگىلەپ بەردى. مۇشۇ ئاساستا بىز تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك ئېنېرگىيە شەكىللىرى (ئېلېكتېر ماگنىت، ئىسسىقلىق ۋە مېخانىك ئېنېرگىيە شەكىللىرى)نىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە ئۆتۈشۈش، ئۆزگىرىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۇق. شۇنداق قىلىپ، تېرمودىنامىكىنىڭ ئىككى قانۇنىغا ئېرىشتۇق.
1-قانۇن (ئېنېرگىيەنىڭ ئايلىنىش ۋە ساقلىنىش قانۇنى)
تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ماددىلار ئېنېرگىيەگە ئىگە بولىدۇ. ئېنېرگىيەنىڭ شەكىللىرى ھەر خىل بولىدۇ. ئۇ بىر خىل شەكىلدىن يەنە بىر شەكىلگە ئۆزگىرەلەيدۇ. بىر سىستېما ئۇنى يەنە بىر سىستېمىغا ئۆتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە قويۇپ بېرىش جەريانىدا ئومۇمىي ئېنېرگىيە مىقدارى ساقلىنىدۇ.
2-قانۇن
بىر يەككە مۇستەقىل سىستېمىدا ئىسسىقلىق ھامان ئۆزلۈكىدىنلا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق جىسىمدىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق جىسىمغا ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولمايدۇ.
يۇقىرىقى نەتىجىلەر كارنو، بولتسىمان، گېسى، جوئۇل، كېلۋىن، مېيىر، خېلىمخولتىر قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تەجرىبە، كۆزىتىش ۋە مەنتىقىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشىنىڭ مەھسۇلى، ئەلۋەتتە.
ئاخىرىدا ماكسىۋىل بىلەن بولتىزمان ئىسسىقلىق كۆپ مىقداردىكى مولىكۇلىلارنىڭ تەرتىپسىز، قانۇنىيەتسىز ھەرىكىتىنىڭ سىتاتىستىكىلىق ئىپادىسى، بۇ مولىكۇلىلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە تەسىرلىشىشى نيۇتون قانۇنلىرىغا بوي سۇنمايدۇ، بەلكى سىتاتىستىكا (تەڭپۇڭلۇق) قانۇنىغا بويسۇنىدۇ، دەپ خۇلاسىلىدى.
ئەمدى ئېلېكتىر ماگنىت ئىلمى بىلەن تونۇشىمىز.
ئېلېكتىر ماگنىت ئىلمى (ئېلېكتىر توكى) نىڭ ئىشلىتىلىشى تارىختىكى ھەرقانداق بىر ئىلمىي نەزەرىيە، كەشپىياتنىڭ قوللىنىلىشىدىنمۇ زور بولدى. ھازىر بىز توك بولمىغان دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلساقلا، ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ نەقەدەر زورلىقىنى ھېس قىلالايمىز. گەرچە، گىرىكلار ماگنىت ۋە ئېلېكتىر (كەھرىۋا) ھادىسىلىرىنى دەسلەپ بايقىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھادىسىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات يېقىنقى زامانغا كەلگەندە باشلاندى. ئەنگلىيەلىك گابېرت (1540-1603) ماگنىت رۇدىسىدىن بىر شار ياساپ، بىرقانچە ماگنىت ئىستېرىلكىلىرىنى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر خىل ئورۇن، ھەر خىل ئارىلىقلارغا قويغاندا، شار ئۈستىدە ماگنىت ئىستېرىلكىلىرى تارتىدىغان كۈچنىڭ ئەڭ زور قىممەتكە يېتىپ بارىدىغان بىر نۇقتىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدىمۇ ماگنىت ئىستېرىلكىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئەڭ زور چەكتە تارتىدىغان يەنە بىر نۇقتىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. شار ئۈستىدىكى ھەربىر نۇقتىغا قارىتا ئېيتقاندا، ماگنىت ئىستېرىلكىسى مۇئەييەن بىر ئورۇننى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئورۇن ئەڭ چوڭ تارتىشىش كۈچلىرىگە ئىگە بولغان نۇقتىلارنى ئۇلايدىغان سىزىق ئۈستىدە بولىدۇ ياكى ماگنىت شارىنىڭ ئىككى قۇتۇپلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ شار ئىچىگە جايلىشىدۇ.
گابېرت بۇ ھادىسىلەردىن خۇلاسە چىقىرىپ، يەر شارىمۇ ئىككى قۇتۇپى، جەنۇب ۋە شىمالىي قۇتۇپقا جايلاشقان چوڭ بىر ماگنىتتىن ئىبارەت دەپ يەكۈن چىقاردى. XVII-XVIII ئەسىرلەردە ئېلېكتىر، سىتاتىستىكا ۋە چېقىلغان چاقماق ھادىسىلىرىدە بىرقانچە كەشپىياتلار يارىتىلدى. يەنى، سۈركەپ زەرەتلىگۈچ، زەرەت ساقلايدىغان لېيدىن قاچىسى، چاقماق قايتۇرغۇچ قاتارلىقلار. تەسىرلەشتۈرۈپ زەرەتلەش، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ توك ئۆتكۈزىدىغانلىق ھادىسىسى بايقالدى. مۇسبەت ۋە مەنفىي زەرەتلەر پەرقلەندۈرۈلدى. چېقىلغان چاقماق بىلەن سۈركەشتىن ھاسىل بولغان ئېلېكتىرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ئىسپاتلاندى.
فىرانسىيەلىك كۇلۇن (1736-1806) يۇقىرىقى ھادىسىلەردىن مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشتى: ئېلېكتىرلەرنىڭ تارتىشىش كۈچى بىلەن تىپىشىش كۈچى بۇ ئىككى زەرەتنىڭ كۆپەيتمىسىگە ئوڭ تاناسىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ كىۋادراتىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. مانا بۇ بىز ھازىر دەۋاتقان كۇلۇن قانۇنى. 1800-يىلى ئىتالىيە ئالىمى ۋولت (1745-1827) رۇخ (سىنىك) تاختىسى بىلەن مىس تاختىنى ئىككى قۇتۇپ قىلغان تۇراقلىق توك باتارېيەسىنى كەشىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئېلېكتىر ئېقىمىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە بولغان تەتقىقاتىمىز باشلاندى. ئېلېكتىرولىزلاش، ئېلېكتىر بىلەن ھەل بېرىش مۇمكىنچىلىككە ئايلاندى. ئېلېكتىر بىلەن ئىسسىقلىقنىڭ بىر-بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.
1820-يىلى دانىيە فىزىكا ئالىمى ئېرىستېد ماگنىت يىڭنىسى ئەتراپىدىن ئۆتكۈزگۈچتىن توك ئۆتكەندە ماگنىت يىڭنىسىنىڭ ئېغىپ كېتىدىغانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۆتكۈزگۈچتە ھەرىكەتلىنىۋاتقان توك (زەرەت)نىڭ تەسىرىدىن بولغانلىقىنى، ئىستېرىلكىنىڭ ئېغىش يۆنىلىشىنىڭ توكنىڭ يۆنىلىشى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان فىرانسىيەلىك فىزىك ئامپىر توك بىلەن ماگنىت ئارىسىدا مۇنداق تەسىر مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزئارا پاراللېل تۇرغان ئىككى ئۆتكۈزگۈچتە ئوخشاش يۆنىلىشتە توك ئۆتكۈزسە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا تارتىشىدىغانلىقىنى، ئەگەر يۆنىلىشى قارمۇقارشى بولسا ئۆزئارا تىپىشىدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى. ئۇ يەنە ئېلېكتىر توكى زەرەتلەرنىڭ ئۆتكۈزگۈچ بويلاپ ھەرىكەت قىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، دېگەن ئىدىيەنى (تونۇشنى) تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنى ھازىرقى زامان تىلى بىلەن دېسەك، ئېلېكتىر توكى بولسا ئېلېكتىر بېسىمىنىڭ تەسىرىدە ئاتالمىش ئەركىن ئېلېكتىرونلار ئېقىمىنىڭ مېتاللارنى تەشكىل قىلىدىغان زىچ ئاتوملار ئارىسىدىن قىسىلىپ ئۆتۈشىنىڭ نەتىجىسى.
گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى ئوم (1784-1854) 1826-يىلى ئېلېكتىر توكىنىڭ كۈچى بىلەن توك ئۆتكۈزىدىغان ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال ۋە ئېلېكتىر توكىنى ماڭدۇرىدىغان ئېلېكتىر يۈرگۈزگۈچ كۈچ (بېسىم) ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى شەرھىلەپ بەردى. ئوخشاش بولمىغان ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ ئېلېكتىر قارشىلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېلېكتىر توكىنىڭ كۈچى بۇ توكنى پەيدا قىلىدىغان ئېلېكتىر پوتىنسىئاللار ئايرىمىسىغا ئوڭ تاناسىپ، ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى ئۆتكۈزگچنىڭ تۈزۈلۈشى، تەركىبىگە باغلىق بولۇپ، ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ئوڭ تاناسىپ، ئۇنىڭ توغرا كەسمە يۈزىگە تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ، دەپ خۇلاسىلىدى.
ئوم قانۇنىنى مۇنداق ئىككى فورمۇلا ئارقىلىق كۆرسىتىش (ئىپادىلەش) مۇمكىن.
         پوتىنسىئاللار ئايرىمىسى                        
      ___________________  = توك كۈچى
ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى
 
(ماگنىت مەيدانىنىڭ كوففىسىنتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق).
  
   ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئۇزۇنلۇقى              
___________________     c=ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى
  ئۆتكۈزگۈچنىڭ  توغرا  كەسمە  يۈزى   
 
(Cبولسا ئۆتكۈزگۈچنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان تۇراقلىق سان).
ماگنىت ھادىسىلىرى بىلەن ئېلېكتىر ھادىسىلىرى قەدىمكى گىرىكلاردىن باشلاپلا نۇرغۇن ئادەملەرنى قىزىقتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەلۇم ئورتاقلىق ۋە باغلىنىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نۇرغۇن كىشىلەر ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ كەمگىچە بۇ خىل باغلىنىشنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي كەلگەنىدى. زەرەت ماگنىتقا تەسىر قىلمايدۇ، ماگنىتمۇ زەرەتكە تەسىر قىلمايدۇ، لېكىن تىنچ تۇرغان ماگنىت ئىستېرىلكىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتكۈزگۈچكە زەرەت (توك) ئۆتكەندە، ماگنىت ئىستېرىلكىسى ئاغىدۇ. بۇ ئەھۋالنى يۇقىرىدا سۆزلىدۇق. شۇڭا، ماگنىت بىلەن زەرەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىگە ئايلىنىش مۇناسىۋىتىنىڭ بايقىلىشى ئېرىستېد بىلەن فارادىيغا مەنسۇپ. ئەنگلىيەلىك فارادىي (1791-1867) ئېرىستېدنىڭ بايقىشىدىن ئىلھاملىنىپ، ماگنىتنىڭ ئېلېكتىرگە ئايلىنىش مۇمكىنلىكىنى قىياس قىلدى ۋە جاپالىق. سىجىل تەجرىبە، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 1831-يىلى ئۆتكۈزگۈچ (تۇيۇق توك يولى)تە توك (ئېلېكتىر ئېقىمى) پەيدا قىلدى. مانا بۇ بىز دەۋاتقان ئېلېكتىر ماگنىت ئىندۇكسىيە ھادىسىسىدۇر.
فارادىي بۇ خىل ھادىسىنى شەرھىلەپ، ئېلېكتىر ماگنىت ئىندۇكسىيە قانۇنى (ئىندۇكسىيە ئېلېكتىر ھەرىكىتىنىڭ پوتىنسىئالىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تۇيۇق زەنجىردىن ئۆتكەن ماگنىت مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىش ئۈنۈمىگە ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ)، دەپ چۈشەندۈردى. ئۇ يەنە فىزىكا ئىلىمىگە «مەيدان»، «كۈچ سىزىقلىرى» ئۇقۇملىرىنى ئېلىپ كىردى. ئىلگىرى كىشىلەر ئېلېكتىر كۈچى، ماگنىت كۈچى ۋە ئېغىرلىق كۈچى مەلۇم بىر خىل مەۋھۇم بوشلۇق ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ئۇ ئۆزئارا تەسىرلەشكەن جىسىملاردىن ھالقىغان بولىدۇ، دەپ قارايتتى. فارادىي بولسا جىسىملار ئارىسىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇققا چېچىلغان ياكى ئۈزلۈكسىز تەقسىملىنىپ تۇرىدىغان «مەلۇم خىل نەرسە»، يەنى كۈچ مەيدانى بولىدۇ، بۇ خىل كۈچ بوشلۇقنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە مۇئەييەن بىر سانلىق قىممەتكە ئىگە، دەپ چۈشەندۈردى. فارادىينىڭ ۋەتەندىشى ماكسىۋىل بۇلارنى ئېنىق ماتېماتىكىلىق تەڭلىمە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بايان قىلدى.
شۇنداق قىلىپ، ئىلىم-پەن ئىدىيەسى (نەزەرىيە) بىلەن كەشپىياتلىرىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش نۇقتىسىدىن ئالغاندا، تارىختىكى ھەرقانداق بىر ئىدىيە ۋە تېخنىكىنى بېسىپ چۈشكەن ئېلېكتىر ماگنىت ھادىسىسىنىڭ كىلاسسىك تەتقىقاتى تاماملاندى.
 
بۇ دەۋردىكى ئوپتىكا (يورۇقلۇق ئىلمى) ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەشلەرگە كەلسەك، دەسلەپتە كېپلىر يورۇقلۇقنىڭ كۈچى بىلەن ئارىلىقنىڭ تەتۈر تاناسىپ تۈزىدىغانلىقىنى ۋە يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇشى بىلەن تولۇق قايتىشىدىكى بەزى قائىدىلەرنى ئېنىقلىدى. بۇ دەۋردە يەنە يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇش قانۇنى، يورۇقلۇقنىڭ دىفراكسىيە ھادىسىسى، تەۋرەتكۈچنىڭ توسقۇنلۇق ھادىسىسى، يورۇقلۇقنىڭ بەزىبىر كىرىستاللاردىكى قوش سۇنۇش ھادىسىسى قاتارلىقلار بايقالدى. نيۇتون يورۇقلۇقنىڭ ئوخشاش بولمىغان يەتتە خىل رەڭدىن تۈزىلىدىغانلىقىنى تەجرىبە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كۆرسەتتى. ئۇ يەنە يورۇقلۇق (نۇر)نىڭ تەبىئىتى (خۇسۇسيىتى) ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئۇ يورۇقلۇق مەنبەسىدىن ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەتراپقا شار يۈزى شەكلىدە تارقىلىدىغان زەررىچىلەر ئېقىمى، دەپ كۆرسەتتى. گوللاندىيەلىك ھۇيگېنىس ئۇنىڭغا قارشى يورۇقلۇق ئەتراپقا شار يۈزى دولقۇن شەكلىدە تارقىلىدۇ، ئۇنىڭ توشۇش ۋاسىتىسى پۈتۈن ئالەمنى قاپلىغان، ھەرقانداق جىسىم، ھەرقانداق مۇھىتتىن ئۆتەلەيدىغان ئېفىر (ئالەم ئېفىرى) دەپ جاكارلايدۇ. گەرچە ئالەم ئېفىرى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىسىمۇ (كېيىن ئۇنى ئېينىشتىيىن فىزىكا ئىلىمىدىن قوغلاپ چىقاردى)، بىراق كېيىنچە ئەنگلىيەلىك توماس يان (1773-1829)نىڭ يورۇقلۇقنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراش تەجرىبىسىنى ئىشلەپ كۆرسىتىشى، فىرانسىيەلىك فىرىنىل (1788-1868)نىڭ يورۇقلۇقنىڭ دىفراكسىيە ھادىسىسىنى ماتېماتىكىلىق چۈشەندۈرۈشى، فىرانسىيەلىك بوڭ (1819-1868)نىڭ يورۇقلۇقنىڭ سۇدىكى تېزلىكىنىڭ ھاۋادىكى تېزلىكىدىن كىچىك بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى (نيۇتوننىڭ قارىشى بۇنىڭ ئەكسىچە)، ئاخىرىدا گېرمانىيەلىك فېرتىزنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ يورۇقلۇقنىڭ بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى بىلەن ئاخىرى يورۇقلۇقنىڭ دولقۇن تەلىماتى مۇقىملىشىپ قالدى.
 
ھازىرقى زامان فىزىكىسى
(دۇنيانى ئۆزگەرتتى)
 
ھازىرقى زامان فىزىكىسى چېتىلىدىغان دائىرىسى بەك كەڭ، تارماقلىرى كۆپ ھەم بەك مۇرەككەپ. ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىشمۇ بىر مەسىلە، شۇڭا بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز پەقەت بۇ ساھەدىكى تۈپ قاراش ۋە ئاساسىي ئۇقۇملارنى چۈشەندۈرۈش، خالاس. ھازىرقى زامان فىزىكىسى --- نىسپىيلىك نەزەرىيەسى (بۇ نەزەرىيەنى خېلى كۆپ ساندىكى مۇشۇ كەسىپنى ئوقۇغانلارمۇ چۈشەنمەيدۇ)، كۇۋانت مېخانىكىسى ۋە ئاتوم يادروسى بىلەن ئاساسىي زەررىچىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان زەررىچىلەر فىزىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەسلەپتە گېرمانىيەلىك فىزىك پىلانىك (1858-1947) رادىئاتسىيە ئېنېرگىيەسى (يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى) ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان سۇ ئېقىمى شەكلىدە ئەمەس، بەلكى «كۇۋانت» زەررىچىلىرىنىڭ كىچىك تۈركۈمى شەكلىدە ياكى ئومۇمىي ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ مەلۇم بىر ئاساسىي مىقدارىنىڭ پۈتۈن ھەسسىلىك سانى بويىچە تارقىلىدۇ، دەپ جاكارلىدى. بۇنى بىز تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچرايدىغان ئەھۋاللاردىن يەنىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايمىز. يەنى، يىراقتىن قارىغاندا مارش قەدىمىگە دەسسەپ كېتىۋاتقان ھەربىي قوشۇن يىراقتىن قارىماققا بىر پۈتۈن گەۋدە ھالىتىدە كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەربىر ئەسكەرنىڭ ئومۇمىي گەۋدىگە ماسلاشقان خۇسۇسىي ھەرىكەتتىن ئىبارەت ياكى كېتىۋاتقان پويىز ۋاگونلىرىنى چاتقۇچنى نەزەرگە ئالمىغاندا، ھەربىر ۋاگوننىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.
 
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار