خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟(3)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-12-04 00:07

ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان سۇمرۇغنىڭ يىلاننى ئوزۇقلۇق قىلىش ئادىتى رەسىمى:

رەسىم (17)
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (18)
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (19)
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (20)
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (21)
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

خەنزۇلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان «ئەجدەرھا» (يىلان)نىڭ قۇشنى ئوزۇقلۇق قىلىش ئادىتى رەسىمى:

رەسىم (22)
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (23)
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (24)
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (25)
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىم (26)

   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەرقايسى دەۋرلەردىكى پادىشاھلىق ۋە ھەرقايسى سولالىلەردە ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان سۇمرۇغ بىلەن خەنزۇلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان ئەجدەرھا (يىلان) ھېچ قاچان بىرلىكتە سىزىلمىغان. بۇ ئىككى رەقىپ قۇت بەلگىسى پەقەت مانجۇ خانلىقى (بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى ئېگەللىيەلمىدىم) مەزگىلىدىلا بىللە (قوش گېزەك قىلىپ) سىزىلدى. بۇ بەلكىم، مانجۇلارنىڭ ئاجدادى توڭغۇس (تاڭغۇز-شەرقى ئوغۇز)لاردىن كېلىپ چىققانلىقىدىن بولسا كېرەك.

بىللە سىزىلغان ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بىلەن خەنزۇلارنىڭ قۇت بەلگىسى رەسىمى (27):

   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

يۇقۇرقى ئابزاستىكى «...يېقىندا، خۇنەن ئۆلكىسى خۇڭجىياڭ شەھرى گاۋمىياۋ خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان بىر ئاق رەڭلىك ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمقى سۇمرۇغىنىڭ سۆرىتى بايقالغان بولۇپ، موتىخەسسلەرنىڭ ھۆكىمىچە 7800 يىللىق تارىخقا ئېگە ئىكەنلىكى ئايان بولغان. بۇ بايقاش «سۇمرۇغنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى»نىڭ سىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ماددىي ماتىريال بىلەن تەمىنلەپ، ئارخولوگىيە ساھەسىنى زىل-زىلگە سالدى. » دېگەن خۇشخەۋەردىن ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسىنىڭ 7000 يىللار مۇقەددەم بارلىققا كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ھونلار بىلەن خەنزۇلار تارىخى مۇناسىۋىنىڭ مەزكۇر ۋاقىتتىن باشلانغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز.

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار بىلەن ھونلارنىڭ  7000 يىلدىن ئارتۇق تارىخى قان-قېرىنداشلىق مۇساپىسىدە گاھىدا  خەنزۇلار ھۆكۈمران ئورۇننى ئېگەللىگەن بولسا گاھىدا ھونلار ھۆكۈمران ئورۇننى ئېگەللەپ، ئۇلارنىڭ رىقابەتلىك تارىخى كەچمىشلىرىنىڭ تارىخى يالدامىسى تاكى بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن. بىز ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تېپىلغان مۇنۇ مەدىنىي يادىكارلىق بويىمىغا قاراپ باقايلى:

ھونلار قۇت بەلگىسىنىڭ خەنزۇلارنىڭ قۇت بەلگىسىدىن ئۈستۈن تۇرغان ھەيكەل كۆرۈنىشى رەسىمى (28):

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

ئىككىنچى دەلىل، ئوبۇل قاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە» داستانىدىكى «ئەھرىمەن دېۋە» ۋە «سۇمرۇغ» ھەققىدىكى تەسۋىرى:

قاتا- قاتار يىللار ئۆتەر باشلىدى،

شەھرىيار دۆلىتى گۈللەپ ياشنىدى.

دۇنيادا يوق ئىدى ئاڭا بىر دۈشمەن،

ئەمما پىنھان ئىدى دىۋە ئەھرىمەن.

ئەھرىمەن دىلىدا پايانسىز ھەسەت،

يامانلىققا ئاستا كۆتىرەتتى قەد.

بۆرە بالىسىدەك ئوغلى بار ئىدى،

ۋەھشىيلىك يىرتقۇچلۇق ئاڭا يار ئىدى.

(«شاھنامە»، 2-، 3- بەتلەر)

 

پەرزەنتسىزلىكتىن كۆپ ئازاپ چېكىپ سام،

دەرت چېكىپ، دىلىغا ئىزدەيتتى ئارام.

بىر بوۋاق تۇغۇلدى ئاخىر ئانىدىن،

قوياشتەك نۇر چاچار ياتقان جايىدىن.

ھۆسنىدە، چىرايدا ئالەمدە بىر تاق،

ئەمما ئەيبى بار، چاچلىرى ئاپپاق.

بۇ بالا مىسالى كىچىك ئەھرىمەن،

كۆزلىرى قارايۇ چېچى ياسىمەن...»

«جۈپتى ھالالىڭدىن تۇغۇلدى» دەپ چال،

سامغا ئېيتىشقا يوق ھېچكىمدە ماجال.

غۇلىچىنى ئاسمانغا يېيىپ سام پېقىر،

ياراتقانغا نىدا ئەيلەپ قىلدى پىكىر:

«ئەگەر قىلغان بولسام مەن ئېغىر گۇناھ،

دىۋىلەرگە ئەگەشكەن بولسام گەر، گۇناھ.

بۇ شەرمەندىلىكتىن سىقىلدى جېنىم،

نۇمۇستىن تومۇردا  قاينايدۇ قېنىم.

ياتار پالۋان زاتى، بىگۇناھ گۈدەك،

ئاڭا ئاقمۇ بىردەك، قارىمۇ بىردەك.

مېھىرسىز ئاتىسى تاشلاپ قىلدى خار،

ئەمما ئەزىزلىدى پاك پەرۋەردىگار.

(«شاھنامە» 32-33-بەتلەر)

نارېسىدە بالا ياتار بىگۇناھ،

ياتاتتى ئۇ يالغۇز تاپالماي پاناھ.

بىر سۇمرۇغ بالىسىغا ئىزدەيتتى يىمىش،

ئېگىزدىن قىلاتتى يەرنى نامايىش.

كۆردى، بىر بوۋاق يىغلاپ ياتاتتى،

تىپچەكلەپ پۇتلرىن ھەريان ئاتاتتى.

بەزىدە بارمىقىن ئىمەر شوپۇلداپ،

بەزىدە يىغا باشلار ھەدەپ ۋار-ۋارلاپ.

مېھىر سالدى سۇمرۇغ دىلىغا خۇدا،

قەقنۇسلىرىنى ئۇنتۇپ ئۇ ھەتتا.

بالىنى ئاپتاپتىن ئېلدى سېلىپ چاڭ،

ئاسماندىن تاشلاپ تىز ئۆزىنى، قاراڭ!

ئىلبۇرز تاغ ئۈستىگە چىقتى كۆتۈرۈپ،

ئۇۋىسى ياققا باردى بۇلۇتنى يېرىپ.

سۇمرۇغ بالىلىرىغا تاشلىدى نەزەر،

بوۋاق كۆزلىرىدىن قانلىق ياش ئاقار.

كەرەم قىلغانىدى شەپقەتلىك خەللاق،

تەقدىرنىڭ يازمىشى باشقا ئىدى، باق...

ئاڭا لايىق ئوزۇق ئوۋلاپ كېلەتتى،

سۈت ئورنىغا ھايۋان قېنى ئېمەتتى.

گۈدەك ئۆسمۈر بولدى، يىگىتمۇ بولدى،

ئاستا ئاۋازمۇ جاھاننى ئالدى.

ئادەملەردىن خالىي ئۆسسىمۇ خامۇش،

ئادەملەر تىلىنى ئۆگەتكەندى قۇش.

سۇمرۇغ ئاۋازىدا سۆزلەيتتى چېچەن،

ئەقلى-ھۇش جايىدا،گەپ تاتلىق سۇخەن.

جايىڭ بۇ جاھاندا ئەڭ يورۇق دەرگاھ،

ئىككى قانىتىڭ ماڭا تاج-كۇلاھ.

سۇمرۇغ جاۋاپ بېرىپ دېدى: «سەن ئەگەر

شاھانە تۇرمۇشقا تاشلىساڭ نەزەر،

بۇ جاي كۆرىنەر ساڭا بەكمۇ تار،

يېڭى ھايات چىللار سېنى، ئەمدى بار.

دوستانە مېھىر بىلەن ساڭا باقىمەن،

شۇدەم پادىشاھلىق تەرەپكە ئۇزىتىمەن.

(«شاھنامە» 32-33-34-35-بەتلەر)

مىلادىدىن نەچچە ئەسىر ھەتتا نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى پارس خەلقىنىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان بۇ تارىخى داستاننىڭ جەۋھىرى بولغان ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى قەلەمگە ئالغان «شاھنامە»نىڭ بىز يۇقۇردا تەكىتلىگەن پارچىلىرىدا ئىران شاھلىرى ۋە ئىران خەلقى تۇرانلارنى «ئەھرىمەن دېۋە»گە ئوخشىتىپ:

دۇنيادا يوق ئىدى ئاڭا بىر دۈشمەن،

ئەمما پىنھان ئىدى دىۋە ئەھرىمەن.

ئەھرىمەن دىلىدا پايانسىز ھەسەت،

يامانلىققا ئاستا كۆتىرەتتى قەد.

بۆرە بالىسىدەك ئوغلى بار ئىدى،

ۋەھشىيلىك يىرتقۇچلۇق ئاڭا يار ئىدى.

بايانى بىلەن «ئەھرىمەن دېۋە»نىڭ بالىسىنى بۆرىگە ئوخشىتىپ، بىزگە ئىختىيارسىز ھالدا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرىنى توتېم قىلغانلىقىدەك «ئوغۇنامە»دىكى تارىخى كەچمىشنى ئەسلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سام ئۇيغۇر (بۆرى)گە ئوخشاش سىياقتا تۇغۇلۇپ قالغان پەرزەنتى زالنى باياۋان چۆلگە تاشلىۋەتكەندە ئۇنى سۇمرۇغنىڭ بېقىپ چوڭ قىلىشى تەپەككۇرىمىزنى ئالاھىدە غىدىقلايدۇ. دېمىسىمۇ، قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىنسان بالىسىنى بىر قۇشنىڭ بېقىپ چوڭ قىلىشى ھېچقانداق ئەقىلغا سىغمايدىغان پەۋقۇلاددە ھادىسە بولۇپ، بۇ ماھىيەتتە سۇمرۇغقا ۋەكىللىك قىلغۇچى ياكى سۇمرۇغنى قۇت بەلگىسى قىلغان مەلۇم ئىنسان توپىنىڭ ئەمدىلا تۇغۇلغان بالا (زال)غا خەيرىخاھلىق قىلىپ ئۆز ھامىسىغا ئالغانلىقىدەك تارىخى ئەسلىمە بولىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرغا ئوخشاش تۇغۇلۇپ قالغان بالىنى تاشلىۋەكتەندە ئۆز دۆلەت تەۋەلىكىدە ياكى قەدىمكى ئىران بىلەن دوستانە ئۆتىۋاتقان خوشنا ئەلدىن قايسى بىر كىشى بۇ بالىغا شاھنىڭ ھەيۋىتىدىن قورۇقماي ھامىلىق قىلالىشى مۇمكىن؟ بۆرىگە ئوخشاش تۇغۇلۇپ قالغان بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئىھتىماللىقى پەقەت تۇران (ئۇيغۇر)لاردا... دېمىسىمۇ، تارىختا نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان تۇران بىلەن ئىراننىڭ ئايىغى چىقماس مارافونچە جەڭگە-جېدەللىرى ھەر ئىككى تەرەپنى زىيادە ھالسىراتقانلىقتىن، تۇران تەرەپ ئىككى دۆلەت زىددىيىتىنى پەسەيتىش مەخسىدىدە ئەۋلاتلار ئىجىللىقىنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن شۇبۇ بۆرە نۇسخىسىدىكى شاھ پەرزەنتى تاكتىكىسىنى يۈرگۈزگەن بولۇش ئىھتىمالەنلىكى چوقۇم. «شاھنامە»داستانىدىكى سامنىڭ ئۆز خانىشىدىن كۈنلەپ قېتىلغان كۈلكىلىك مۇنۇ بېيىت ھۆكۈمىمىزنى تېخىمۇ قۇۋەتلەش كۈچىگە ئېگە:

بۇ بالا مىسالى كىچىك ئەھرىمەن،

كۆزلىرى قارايۇ چېچى ياسىمەن.

ئەگەر باشقىچىرەك بولۇپ چىقسا ئىش،

سىرنى ئانىسىدىن كېرەكتۇر بىلىش.

(«شاھنامە» 12-33-بەتلەر)

دېمەككى، سامنىڭ پەرزەنتىنى بېقىۋالغۇچى تۇرانلار ئىچىدىكى سۇمرۇغنى قۇت بەلگىسى قىلغان مەلۇم قەبىلە بولىشى چوقۇم. «شاھنامە»دە «ئەھرىمەن دېۋە» بىلەن «سۇمرۇغ» سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى بىر جۈپ ئۇقۇم تەرزدە بولۇپ. ئەھرىمەن دېۋە سام پەرزەنتىنى «بۇ بالا مىسالى كىچىك ئەھرىمەن» تەسۋىرىگە كەلتۈرسە، سۇمرۇغ ئەھرىمەن دېۋىنىڭ تاكتىكىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ھالەتتە كېلىپ، ئەھرىمەن دېۋە بىلەن سۇمرۇغنىڭ ئېتنىك مەنبە بىردەكلىكى ھۆكۈمىنى پەيدا قىلىشىمىزغا سەۋەپ تۇغدۇرىدۇ.

ئۈچىنچى دەلىل، «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دا مەھمۇد بوۋىمىز » ماڭا مۇھەممەد چاقىر تونقاخان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېگىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: ‹زۇلقەرنەين ئۇيغۇرغا يېقىنلاشقاندا، تۈ*رك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ‹ئىنان خۇزخۇرەند – بۇلار باشقىلارغا مۇختاج بولماي، ئۆز ئوزۇغىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ› دەپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل ‹خۇزخۇر› دەپ ئاتىلىپتۇ.» («تۈ*ركى تىللار دىۋانى»، 1-قىسىم، 151-بەت) دېگەن باياندىكى «ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن...» تەسۋىر بىلەن تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئېتنىك قامۇسى «ئوغۇزنامە»دە «...شۇڭقارنىڭ ئاڭاغۇسۇ ئۇشبۇ تۇرۇر...» («ئوغۇزنامە» 1980-يىلى بىرىنچى نەشرى، 26-بەت) دېگەن قۇر ئاستىغا شۇڭقارغا ئوخشىمايدىغان بەلكى بىز يۇقۇردا كۆرسىتىپ ئۆتكەن سۇمرۇغقا ئەينەن ئوخشايدىغان سۆرەتنىڭ بېرىلىشى. يەنە ئۇشبۇ «ئوغۇزنامە»دە قىرىق غۇلاچ خادا ئۈستىگە ئالتۇن توخۇ («تاغۇق»)، كۆمۈش توخۇ («تاغۇق») قويدى دېگەن بايان.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار