خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟(4)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-12-04 00:07

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانلىرى ۋە تارىخى قىسسىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئۇچار قۇشلارنىڭ قۇت بەلگىسى سۈپۈتىدە قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىشى ھەرقانداق ئوقۇرمەننى تەئەججۈپلەندۇرمەي قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز يۇقۇردا ئوتتۇرغا قويغىنىمىزدەك، تارىخشۇناسلار ۋە ئارخولوگلارنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرىشى ئاستىدىكى مىلادىدىن 4000 يىللار مۇقەددەم تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ چەكسىز ئىپتىدائىي ئورمانلىق، سازلىق ۋە ئېكىنزارلىق ئەۋزەل ئېكولوگېيىلىك شارائىت ئاستىدا سۇمرۇغنىڭ ياشاش موھىيىتى تولۇق ھازىرلانغان بولسا، بۇ ئىككى ئويمانلىقنىڭ كېيىنچە قۇرغاقلىشىش ھادىسىسى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ بۇ رايۇندىكى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بولىشى سەۋەپلىك سۇمرۇغدىن ئىبارەت بۇ نەچچە مىڭ يىللىق قۇت بەلگىمىزنى گاھىدا لاچىن، گاھىدا شۇڭقار، گاھىدا توخۇ تەزردە تەسەۋۋۇرىمىزدا خاتا ھالدا زايىر بولىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. ئەگەر بىز بۇ ئىھتىماللىقنى نەزەرگە ئالمىغان ئەھۋالدىمۇ، پۈتكۈل تۈركىي قەۋملىرىنىڭ ھەرخىل ئۇچار قۇشلارنى قۇت بەلگىسى قىلىش ئومۇمىيىتىنى نەزەگە ئېلىپ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ شاھ قەبىلىسىنىڭ سۇمرۇغنى قۇت بەلگىسى قىلىشىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز.

تۆتىنچى دەلىل، سۇمرۇغ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قۇت بەلگىسى بولغاچقا پەررىدن ئەتتار بىلەن ناۋائىي ھەم ئۇنىڭدىن ئىگىرىكى پىشىۋالىرىمىز داستان، غەزەللەر ۋە ھېكمەتنامىلەر تۈزۈشكەن. بۇنىڭ تىپىك ئۆلگىسى ناۋائىينىڭ «مەنتىقۇتتەيىر» (قۇشلار تىلى) ناملىق داستانىدۇر. ئۇنىڭ ئايرىم پارچىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

چىن شەھرىنىڭ سۈپىتى ۋە سۇمرۇغنىڭ ئۇ يەرگە چۈشكەن پەرى (قانات پىيى) توغرىسىدا:

دىدى ھۇدھۇد كىم بۇ ئىش بولمىش يەقىن،

كىم ئىرۇر مەشرىقدە شەھرى ئاتى چىن.

شەھرى يوقكىم ۋۇسئەت ئىچرە بۇ جاھان،

ئول جاھان خەلقى ساۋادىندا نىھان.

خەتتەسى خۇشراق ئىرەم گۈلزارىدىن،

سۈيى دىلكەشراق بىھىشت ئەنھارىدىن.

بىر كېچە ئول شاھى دۆلەت ئاشىيان،

دەھر ئارا پەرۋازىنى ئەيلەپ ئايان.

ئىتتىپاقا سەير تۈشمىش چىن سارى،

ئول ساۋادى مۈلك خۇد ئايىن سارى.

ئول تۈن ئول كىشىۋەر سەراسەر يارۇمىش،

ۋاقىف ئەلنى بىشۇئۇر ئەتمىش ئول ئىش.

سىلكىنىپ چىن سارى تۈشمىش بىر پەرى،

تاپمىش ئاندىن زىيىب پەرھىن كىشىۋەرى.

رەڭگى، نىقىش ئول بىر دەغايەتتىن پۇزۇن،

كىم ئۇنىڭ شەرھىدە بولغاي سۆز ئۇزۇن.

تاڭلاسى چۈن كەلمىش ئەل ئۇز ھالىغە،

باقىپ ئول پەر رەڭ بىلە ئەشكالىغە.

ھەر كىشى باغلاپ تەخەييۇلدىن قەلەم،

قىلمىش ئول پەر نەقشىدىن تەرھى رەقەم.

بارچەنىڭ نەقشى خىيال ئەندىشەسى،

بۇ ئىش ئاندىن بولماس ئول ئېل پىشەسى.

ھەر كىشىنى قىلمىش ئول نەقىشى خىيال،

نەقىش تەسۋىر ئەمرىدە ساھىب كامال.

ئاتى مانى خامەسى مۇئىجىز ناماي،

سەنئىتى نەززارەسى ھەيرەت پەزاي.

بۇيلە نىسبەتلەردىن ئەھلى مەئىنەۋى،

چىندا دەرلەر كارگاھى مەئىنەۋى.

ئول پەر ئەمدى گويىياكىم چىندادۇر،

ھۆردەك ئول مۇلك خۇلد ئايىندادۇر.

بۇ ئىمىش بۇ پەر زوھۇرىنىڭ ئىشى،

مۇندىن ئارتۇق پەھىم قىلمايدۇ كىشى.

كۆرمەكىدىن كىمە دەم ئۇرمايدۇرۇر،

سۆزنى بۇ غايەتكە يەتكۈرمەيدۇرۇر.

زاتىدىن مىدەيدۇر ئول خۇدكىمە سۆز،

كىم ئېرۇر كۆر ئاندا ھەر بەندىدە كۆز.

ئول پەي ئۆزرە ھەر تەرەپ تارى ئانىڭ،

پىل سۇپاتىنىڭ نەمۇدارى ئانىڭ.

بى ئەدەد نەقىش ئولدى ئول پەر ھالىدىن،

ناقىل ئول پەر ساھىبى ئەفئالىدىن.

رەڭلار ئول پەردە بىھەد بىقىياس،

ھۆكىم ئەسماسىغە قىلدى رەھ شۇناس.

كىمە تەۋف ۋە سىررى ئەھۋالىن دىمەس،

ھەرگىز ئاندىن ھىچ پەر خالى ئىمەس.

ئەمرۇ نەھى بارچىمىزغە پەرز ئەين،

تەركى ئەمرۇ نەھيىدە يۈز شۈرەشىن.

كەلدى مەئىمۇرىغە ئۈمىدى ۋىسال،

ئاسى ۋە جافىسىغە بىمۇ- نىكال.

چۈشتى قۇشلارغا بۇ ھالەتتىن خۇرۇش،

شەۋق سالدى ھەر بىرى كۆڭلىگە جۇش.

«چىن شەھرىنىڭ سۈپىتى ۋە سۇمرۇغنىڭ ئۇ يەرگە چۈشكەن پەرى توغرىسىدا بايان» ناھايىتى موھىم بولغاچقا ئۇنىڭ نەسرى تەرجىمىسىنىدىن ھوزۇرلانغايسىلەر...

ھۆپۈپ دىدىكى: بۇ، كۈن چىقىش تەرەپتىكى چىن ناملىق شەھەردە بولغان ۋەقە... دۇنيادا چىن شەھرىدەك كەڭ شەھەر يوق، ئەمما جاھان خەلقى ئۇنى بىلمەيدۇ... ئۇ شەھەرنىڭ بوستانلىرى ئىرەم باغنىڭ گۈلزارىدىن ياخشىراق، ئۇنىڭ سۆيى جەننەتتىكى ھەۋزىكەۋسەرنىڭ سۈيىدىنمۇ دىلكەشراق... بىر كېچىسى ئۇ دۆلەتنىڭ شاھى ئاشيانىسىدە تۇرۇپ ئالەم ئارا پەرۋاز قىلماقچى بولدى... پايانسىز، گۈزەل چىن مەملىكىتىگە سەيلە قىلىشنى قارار قىلدى... شۇ كېچىسى چىن مەملىكىتى پۈتۈنلەي يورۇپ كېتىپ، ۋاقىپ بولغان كىشىلەر مەس، بىھۇش بولغانمىش... سۇمرۇغنىڭ سىلكىنىشى بىلەن بىر تال پىيى يەرگە چۈشۈپ، پۈتۈن چىن مەملىكىتى ئۇنىڭدىن زىننەت تاپقانمىش... ئول پەينىڭ رەڭدارلىقى نەقشىدارلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ... ئەتىسى ئەل ئۆز ئۆز ھالىغا كېلىپ، ئۇ پەينىڭ رەڭگى ۋە شەكلىگە قاراپ... ھەر كىشى قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۇ پەينىڭ نەقشىنى سىزغانمىش... بارچە نەققاشلار ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن نەقىشلىرىنىڭ ھەممىدىن يۇقۇرى بولىشىنىلا ئويلايتتى... بۇ نەقىشنى كۆرگەن ھەربىر كىشى تەسۋىرى سەنئەتتە شۇنداق كامالەت ئىگىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى... شۇلاردىن بىرى بولغان مانى ئىسىملىك كىشىنىڭ قەلىمى مۆجىزىلىك قەلەم بولۇپ، ئۇنىڭ سەنئىتى كۆرگىچىلەرنى ھەيران قالدۇراتتى... بىلىمدانلار بۇ ئىشلارغا قاراپ، ھۈنەر ئىگىلىرىنىڭ كارخانىسى چىن مەملىكىتىدە دەيدۇ... بۇنىڭدىن ئارتۇغىنى بىلگىلى بولمايدۇ، لېكىن بۇ گۈزەللىك شۇ پەينىڭ شۇ زىمىنغا چۈشكەنلىكىدىندۇر... كىشىلەر بۇنى كۆرگەنلىكىدىن ئارتۇق گەپ قىلىشمايدۇ... كىشىلەرنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغاندەكلا، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ زاتى توغرىسىدا دىيەلمەيدۇ... ئۇ پەينىڭ ھەر تەرەپتىكى تارىلىرى پىلنىڭ سۈپەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ... نەققاش ئۇ پەينىڭ ئىگىسىنىڭ ئىشلىرىدىن ۋە ئۇ پەينىڭ ئەھۋلىدىن سان-ساناقسىز نەقىشلەرنى ئىشلىدى... ئۇ پەيدىكى قىياسقا سىغمايدىغان رەڭلەر ئۇنىڭ ئىسىملىرىغا ھۆكۈم قىلىشقا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ... كېچ كىشى ئۇنىڭ سىرىنى دىمەيدۇكى، ئۇنىڭ ھەر بىر قانات پىيى خىسلەتلەردىن خالى ئەمەس... ئەمىرىنى قىلىش، نەھيىدىن يېنىش ھەممىمىزگە پەرز بولۇپ، بۇنى قىلمىساق نۇرغۇن غەۋغالار يۈز بېرىدۇ... ئەمىر ۋە نەھيىنى بىجا كەلتۈرگەنلەرگە ۋەسىلنىڭ ئۈمۈدى بار، گۇناھكارلارغا قورقۇنچ ۋە ئازاپ بار... قۇشلار بۇ ئەھۋالدىن غۇلغۇلىغا چۈشۈپ، قەلبىدە ئىتتىپاقلىرى قايناپ تاشتى.

ھۆپۈپنىڭ سۇمرۇغ ھەققىدە ھېكايە قىلىشى، مۇھەببەت ئوتىنىڭ قۇشلارنىڭ دىلىدىن تىلىغا ئۆتىشى

ھىچقايسى قەۋم ئارا يوق بۇيلە شاھ،

ئانسىز ئولغانلارغا يۈز مىڭ دەرت ئاھ.

دىدىلار ھۇددۇغەكىم، ئى پىشىۋا،

بۇيلە شاھنىڭ پۇرقەتى ئەرمەس راۋا.

دەھىر ئارا بولغاي بۇ يەڭلىغ شاھىمىز،

بارچە تۈرلىل ھالدىن ئاگاھىمىز.

بىر خىجالەتكە كىرىپتار ئولغامىز،

پۇرقەتى ئاشۇبىدىن زار ئولغايمىز.

بۇيلە غەپلەتكە ئۆلۈم راجىھ دۇرۇر،

ئەھلى ھۇش ئالىندا بۇ ۋازىھ دۇرۇر.

سەن ئارامزدە چۇ كەلدىڭ رەھ شۇناس،

بارچەمىزدىن بۇدۇر ئەمدى ئىلتىماس.

كىم بارىغە مۇقتەرالىق قىلغاسىن،

بۇ سەپەردە پىشىۋالىق قىلغاسىن.

كىرگامىز ئول شەھيولىغە جان بىلە،

جان ئاۋۇچلاپ دىدەئى كىريان بىلە.

ۋەسىل كامىن ئەيلەگەيمىز مۇلتەمەس،

ئىستەمەكتىن تىنماغايمىز بىر نەپەس.

ئانچە ئۇرغايمىز بۇ يولدا بالۇ پەر،

ئەيلەگەيمىز قەتئى ئانچە بەھرۇبەر.

كىم ۋىسال كامىغە يا يەتكەمىز،

يا تەمەنناسىدا جان تەرك ئەتكەيمىز.

بەشىنچى دەلىل، تاڭ دەۋرى شائىرى يۈەن جىڭ بىلەن لى بەينىڭ سۇمرۇغنى ئۇيغۇرلارغا سىمۋول قىلىپ يازغان شېئىرلىرى:

يۈەن جىڭ

بولدى ئۇيغۇرچە ياسانماق قىز-ئاياللار مەشغۇلى،

زور ماھارەت بولدى چالماق سازنى ئۇيغۇرلارسىمان.

سۇمرۇغ ئاتەشنىڭ ساداسى مۇڭ بىلەن تولسا ئەگەر،

نەۋ باھار بۇلبۇل كۈيى ياڭرايتتى بىر سالقىن ھامان.

ئاتقا ئۇيغۇرچە مىنىش، زىبۇ-زىننەت، تىل ئۆگىنىش،

بولدى بەس-بەسلىك ھەۋەس بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيان.

(«شىنجانىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى» 41-بەت)

لى بەي

يولۋاسلار تەڭ ساز ياڭرىتىپ، ئەنقا-سۇمرۇغ ھارۋا تارتىپ،

پەرىشتىلەر كۆز ئالدىمدىن سەلتەنەتتە ئۆتتى شۇنداق.

(«تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن» 34-بەت)

يۈەن جىڭ شېئىرىنىڭ ئىككىنچى بېيىتىدا سۇمرۇغقا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئۇيغۇر قىزلىرى ساز بىلەن مۇڭ قىلسا نەۋ باھارنى ئەسلىتەتتى دېگەن مەنا ئەسكىس ئەتكەن. لى بەينىڭ بېيىتىدىكى «ئەنقا -سۇمرۇغ ھارۋا تارتىپ» دېگەن مەزمۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ھارۋا ۋە ئېگىز ھارۋا ياسىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان «ئەنقا-سۇمرۇغ»نى ئۇيغۇرلارغا تەڭداش ئۇقۇم تەرىزدە ئالغان.

ئالتىنچى دەلىل، «چىن (秦)نىڭ ئەجدادى-قەبىلە ئاقساقىلى چۈەن شۈنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان قىز نۈشيۇ رەخىت توقىۋاتقاندا ئالدىغان چۈشكەن قالغاچنىڭ تۇخۇمىنى يەپ قويغانلىقتىن دايى ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغىدۇ...دايىنىڭ ئوغلى دافېي بولۇپ قەبىلە ئاقساقىلى شۇن ئۇنىڭغا يىڭ (赢) فامىلىسىنى سوۋغا قىلىدۇ...دافېي دالىيەن (大廉  يەنى نىياۋسۇشى 鸟俗氏) ۋە رۇمۇ () دەپ ئىككى ئوغۇل كۆرگەن... دالىيەننىڭ چەۋرىسى جۇڭيەن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆكرىكى قۇشقا ئوخشايدىكەن ئەمما ئادەمدەك سۆزلەيدىكەن، شاڭ خانى تەيۋۇ () ئۇنى ھارۋىكەش قىلغان. (جۇڭ يەننىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىدىن فېي لىيەن، ئې لەي شاڭ خانى جۇۋغا خىزمەت قىلغان.» بۇ ئابزاستىكى قىز نۈشيۇنىڭ قالغاچ تۇخۇمىنى يەپ ئېغىر ئاياق بولۇپ قېلىشى تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان كىشىنىڭ ئىشىنىش دائىرىسىدىكى تارىخى ئەينەنلىك ئەمەس.

نۈشيۇنىڭ قالغاچ تۇخۇمىنى يەپ قويغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى تارىخى ئابىدىگە قاراپ باقايلى:

رەسىم (29)

  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

رەسىمدىكى قۇش بىز يۇقۇردا كۆرسەتكەن ئافرىقا ۋە ئاۋىستىرالەيدىكى سۇمغۇرنىڭ ئەينەن ئۆزى بولۇپ، بۇ ئىككى قۇشنىڭ سۆل تەرىپىدىكى قۇشنىڭ تۇرۇش ھالىتى «ئۇغۇزنامە»دىكى شۇڭقارنىڭ ھالىتى بىلەن تامامەن ئوخشاش («ئوغۇزنامە» 26-بەت):

رەسىم (30)

  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

«تارىخىي خاتىرىلەر» بىلەن «ئوغۇزنامە»نىڭ بىرىدە «قالغاچ»، بىرىدە «شۇڭقار» دەپ خاتا ھالدا ئاتىلىپ ئەمەلىيەتتە «ئوغۇزنامە»نىڭ قەغەز يۈزىگە سىزىلغان قۇشنىڭ سۆرىتى نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ تەسۋىرىمىزدىكى سۇمرۇغقا ئوخشاپ قالىدۇ؟ بىز «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «قالغاچ»نىڭ ئىككى ئاچىماق قۇيرۇقى بىلەن سۇمرۇغنىڭ ئىككى تال ئۇزۇن قۇيرۇقىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرگىنىمىزدە مەسىنىڭ ماھايىتى تېخىمۇ ئېنىق بولۇپ قالىدۇ:

سۇمرۇغنىڭ ئىككى تال ئۇزۇن قۇيرىقى:

رەسىم (31)
       ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار