بولۇپ قاپتىمەن
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
باھا:14 دانە
19-02-2015
بۇرۇن سورۇنغا ئۇدۇل كەلگەن نەرسىنى يوللاۋېرەتتىم، باشقىلار يوللىغان نەرسىنى تېمىسىنىمۇ ئوقۇماي تارقىتاتتىم، ھازىر سورۇنغا بىر نېمە يوللاي دەپ بىر نېمىلەرنى قىلىۋېتىپ تۇيۇقسىز يالتىيىۋالىدىغان ۋە ياكى يوللاپ بولغان نەرسىنى تۇيۇقسىز ئۆچىرىۋاتىدىغان، خەق يوللىغان نەرسىنى كۆڭلۈم ۋە كۆزۈمدىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ تارقىتىدىغان بولۇپ قاپتىمەن.
تولۇق مەزمۇنى
ۇرۇن سورۇنغا ئۇدۇل كەلگەن نەرسىنى يوللاۋېرەتتىم، باشقىلار يوللىغان نەرسىنى تېمىسىنىمۇ ئوقۇماي تارقىتاتتىم، ھازىر سورۇنغا بىر نېمە يوللاي دەپ بىر نېمىلەرنى قىلىۋېتىپ تۇيۇقسىز يالتىيىۋالىدىغان ۋە ياكى يوللاپ بولغان نەرسىنى تۇيۇقسىز ئۆچىرىۋاتىدىغان، خەق يوللىغان نەرسىنى كۆڭلۈم ۋە كۆزۈمدىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ تارقىتىدىغان بولۇپ قاپتىمەن.
بۇرۇن مېنى نامسىز-مەنزىلسىز، باش سۆرىتى ۋە ئىسمىدىن جىنمۇ ئالۋاستىمۇ ياكى مايمۇنمۇ بىلگىلى بولمايدىغان نامسىزلار دوستلۇققا قوشسا قوشۇۋېرەتتىم. دوستلار قاتارىدا ھەممىسى مەن تونۇيدىغان، نامىنى ئاڭلىغان «تونۇش» كېشىلەر ئىكەن، باشقىلارنى دوستلۇققا قاتقاندا ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇۋالمىسام، باشقىلار مېنى دوستلۇققا قاتقاندا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالسا ئۆچۈرۈۋېتىدىغان بولۇپ قاپتىمەن.
بۇرۇن ۋەتەن، مىللەت، دىن دەپ چالۋاقاپ سۆزلەيدىغانلارغا كۆپ ئەگىشىۋالىتىم، ھازىر مېغىزلىق، ئورۇنلۇق، مەزمۇنلۇق گەپ قىلىدىغانلارنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قاپتىمەن.
بۇرۇن ھەممە نەرسىنى كۆرگۈم كېلىدىغان، ھازىر كۆرگۈم كەلسىمۇ ماڭا ياكى قىلىۋاتقان ئىشىمغا مۇناسىۋەتسىز بولسا كۆرمەس بولۇپ قاپتىمەن.
بۇرۇن ئۆزەمنى بەك چوڭ چاغلايتىم، قايسى كۈنى بىر زۇكام بولۇپ قېلىپ مىدىرلىماي ياتقاندا، كۆز ئالدىمدىن نۇرغۇنلىغان خاتالىقلىرىم ئۆتۈپ كەتتى، ئويلاپ باقسام بۇرۇن كۆپ ئۈمىد قىلاتتىم، ھازىر كۆپ سەۋىر قىلىدىغان بولۇپ قاپتىمەن.
بۇرۇن دۇنيانى كىزىشكە تولىمۇ تەلپۈنەتتىم، ھازىر ئۇخلىسام قوپسام يۇرتنى چۈشەيدىغان بولۇپ قاپتىمەن.
639 گىرادۇس 14