ئاپامنىڭ ماڭا بەرگەن «ئىلمىيلىق بولۇش» تەربىيەسى
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
باھا:6 دانە
11-02-2015
ئېسىمنى بىلسەم ئاپام ماڭا ئىلمىي بۇلۇڭ دەپ كۆپ تەربىيە قىلىدىغان. چوڭ بولغانسىرى، بولۇپمۇ يۇرتتىن ئايرىلىپ ياشىغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئىلمىي بۇلۇشنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى شۇنداقلا ئادىمىيلىك خىسلەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئاپامنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلمىي بولۇش تۆۋەندىكىدەك ئىدى:
1. چوڭلارنى ھۆرمەتلەڭ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەڭ، ئاجىزلارغا قۇربىتىڭىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىڭ. قۇلىڭىزدىن كېلىدىغانلا بولسا ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋان قىلىڭ، ئۇلاردىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانغۇسى.
2. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە راستچىل، ئادىل بولۇڭ، خاتالىق ئۆتكۈزگەندە بوينىڭىزنى ئىگىشنى ئۆگىنىڭ، ھەقسىزلىككە يولۇققاندا ھەرگىز تاماشا كۆرمەڭ. باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئۆزىگە ئايرىم يەتكۈزۈڭ، ئەمما باشقىلارغا تارقىتىپ يۈرمەڭ.
3. يۈرۈش-تۇرۇشتا دىققەتچان، كىيىنىشتە رەتلىك-پاكىز، گەپ-سۆزدە سىپايە بولۇڭ، باشقىلار سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلىسا تەسىرلەنگۈدەك چىرايلىق سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىڭ.
4. ياقتۇرمايدىغان كىشى ۋە سۆز-ھەرىكەتلەرگە يۇلۇققاندا بېشىدا سۈكۈتتە تۇرۇشنى، كېيىن پۇرسەت تېپىپ تەنبىھ ئەمەس، تەكلىپ بېرىشنى ئۆگىنىڭ. يەنە ئۆزگەرمىگەندە ياكى سىزگە ھۇجۇم باشلاپ كەتكەن ئەھۋەلدا ئۇلاردىن ئۇزاقلىشڭ، تەڭ تۇرۇپ ئۇلار بىلەن زاكۇنلاشماڭ.
5. ئاچچىقىڭىزنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىڭ، ئاچچىق كەلگەندە قارار ياكى يەكۈن چىقارماڭ.
6. ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ھەر قانداق كىشىلەرگە تىل تەككۈزمەڭ، ھاقارەت قىلماڭ، تۆھمەت چاپلىماڭ، مەينەت گەپلەر بىلەن تىللىماڭ، مەيلى ئۇلار شۇنداق گەپلەرگە لايىق بولسىمۇ.
7. ئالىملار بىلەن كۆپرەك ئۈلپەتتە بولۇڭ، ئالىملارنىڭ ئېسىل خۇيلىرىنى ئۆگىنىشكە تىرىشىڭ.
8. چوڭلارنىڭ تەربىيەلىرىگە ۋايسىماڭ، چۈنكى ئۇلار سىزنى ئۆزلىرى تارتقان كۈلپەتلەرنى كۆرمىسىكەن دەيدۇ ئەمەسمۇ.
ئاپامنىڭ ئىلمىي بولۇش تەربىيەسىنى شۇنداق ئاڭلاپ، ئەمما ئاپامنىڭ دېگىنىدەك ئىلمىي بۇلالمىغانلىقىمغا ئۆكۈنىمەن.
2015-يىلى 9-فىۋرال ئىستامبۇل