ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ھامىلىنىڭ نېرۋا سېستىمىسى ئاساسەن يېتىلىپ بولغان بولىدۇ. بۇنداق چاغدا ھامىلىگە مۇزىكا قۇيۇپ بەرگەندە، ياكى مەقسەتلىك ناخشا ئېيتىپ بەرگەندە، ھەيران قالارلىق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ھامىلىگە ئەڭ ياخشىسى يېقىملىق كىلاسسىك مۇزىكىلار، بالىلار ناخشىلىرى، بالىلار چۆچەكلىرى، ئەللەي ناخشىسى قاتارلىقلارنى ئاڭلاتقۇزسا مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئۇچۇرلار ھامىلە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەمدە بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەزىمىنى ياخشىلاشقىمۇ پايدىلىق.
ھامىلدار ئايال قورساقتىكى بالىغا ئەتەي ناخشا ئېيتىپ بەرگەندە، بىرىنچىدىن ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى رۇسلاپ، ئۆزىنى خوشال-خورام تۇتالايدۇ، ئىككىنچىدىن، ئۆزىدىكى خوشال كەيپىياتنى ھامىلىگە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ، بۇنىڭ رولىنى ھەر قانداق ئېسىل مۇزىكىمۇ باسالمايدۇ.
ئانا ناۋادا ناخشا ئېيتالمىسا، ھەر كۈنى بىر قانچە قېتىم لېنتا ۋە دېسكىلارنى قۇيۇپ ئاڭلىغاچ، غىڭشىپ ئېيتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
مەنبە: يەھۇدىلارنىڭ پەرزەت تەربىيەسى