مەرىپەتپەرۋەر دىنى زات- دانىش داموللا ھاجىم
ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن: ئايگۈل ھەسەن
دانىش داموللا ھاجىمنىڭ ئەسلى ئىسمى دانىش ياقۇپ، تەخەللۇسى ھەنەفى (پاكىز، ساغلام، پاك دېگەن مەنىدە)
1897-يىلى ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى سات كەنتىدە تۇغۇلغان. دادىسى ياقۇپ ھاجى مەلۇماتلىق ئادەم بولغاقچ،ا ئوغلىنى تېخىمۇ ئوقۇمۇشلۇق ئادەم قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە ئېلىم تەھسىل قىلىشقا ئەۋەتكەن. دانىش داموللا ھاجىم قەشقەر خانلىق ئالى مەدرىسىدە تىرىشىپ ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە تىل-ئەدەبىيات، ئىسلام تارىخى، دۇنيا تارىخى، جۇغراپىيە، ماتىماتىكا، ئىلمى نۇجۇم، تەبىئەت، تىبابەتچىلىك قاتارلىق پەنلەر ۋە ئەرەپتىلى، پارىس تىلى قاتارلىقلاردىمۇ كامالەتكە يەتكەن.
دانىش داموللا ھاجى قەشقەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاقسۇ مەدرىسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان ھەم ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۇدا تۇنجى قېتىم نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى داموللا بىلەن بىرلىكتە ئاقسۇ گېزىتخانىسىنى قۇرۇپ، ئاقسۇ گېزىتىنى چىقارغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلار گېزىتخانىدا ھەمىشە دانىش داموللا ھاجىم بىلەن مائارىپ، ئېلىم-مەرىپەت توغرىسىدا پىكىرلىشىپ تۇرغان.
دانىش داموللا ھاجىم 1936-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولغان. ئۇ ئىلغار پىكىرلىك دىنى زات بۇلۇپ، يېزا قىشلاقلارغىچە چېپىپ يۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇپ بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن، شارائىت ھازىرلىغان. يەنە يېتىم-يېسىرلار مەكتىپى قۇرۇپ، يېتىم بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ئىلھام بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدا شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى مائارىپقا خىراجەت چىقارمايدىغان مەزگىل بولغاچقا، دانىش داموللا ھاجىم كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقاتىش ئۇيۇشمىسىدىن پۇل چىقىرىپ، ئوقۇش ماتىرياللىرى ۋە يېمەك-ئىچمەك مەسلىلىرىنى ھەل قىلغان.
شىڭ شىسەي تەرەققىپەرۋەر ئىلغار زاتلارنى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلاشقا باشلىغاندا، دانىش داموللا ھاجىمنىمۇ 1939-يىلىدىن 1944-يىلى 4-ئايغىچە تۈرمىگە تاشلىغان. دانىش داموللا ھاجىم تۈرمىدە ئېغىر ئازاپلىق كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. 1944-يىلى 4-ئايدا تۈرمىدىن چىققاندىن ېكيىن، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، مەدرىس قۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان.
شۇ يىلى كۈزدە ئاقسۇدىكى بىردىنبىر مىللى باشلانغۇچ مەكتىپى گومىنداڭنىڭ ياردەمگە كەلگەن قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنىپ 8 سىنىپتىكى 400 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مەكتەپسىز قالغاندا، دانىش داموللا ھاجى مەدرىسنىڭ بىكار ئۆيلىرىنى ئاجرىتىپ، مىللى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.
دانىش داموللا ھاجىم داۋاملىق كىشلەرگە بالىلارنى ئوقۇتۇش، ئېلىم-ھېكمەتلىك ئادەم قىلىش ھەققىدە تەشۋىق تەربىيە ئېلىپ باراتتى. ناھايتى كەمتەر، كىچىك پېئىل ئادەم بۇلۇپ، ھەر قانداق سورۇن، ھەر قانداق ئادەمنىڭ پىكرىنى ئەستايدىل ئاڭلاپ، سەمىمى مۇئامىلە قىلاتتى. دائىم كېسەللەرنى يوقلاپ، ئۇلارغا ھەقسىز دورا بېرەتتى. بىرەر ئادەمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەتتى.
دانىش داموللا ھاجىم ئازاتلىققا ناھايتى تەشنا ئىدى. 1946-يىلىدىن 1947-يىلىغىچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىنتايىن چىرىكلەشكەن مەزگىل بۇلۇپ، خەلق ناھايتى ئېغىر ئازاپ ئوقۇبەتلىك تۇرمۇش ۋە ئېزىلىشكە ئۇچرىدى. 1947-يىلى 1-ئايدا دانىش داموللا ھاجىم ئاقسۇ شەھىرىدىكى كەڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئېزىشكە قارشى تۇرۇش نامايىشى قىلىپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنى چۆچۈتۈپ ، خەلقنىڭ چەكسىز ھۆرمىتىگە نائىل بولغان ئىدى.
1949-يىلى شىنجاڭ تېنىچ يول بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىن، ئۇ پارتىيەنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلغان.
1956-يىلى مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدى ئەپەندىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نېمشېھىت ئارمىيە ئېلى داموللا قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلغار زاتلر بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا شەرقنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، ھەج تاۋاپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگى، مىسىر، ئىران، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېكىسكۇرسىيەدە بۇلۇپ كەلگەن.
دانىش داموللا ھاجىم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ، پاارتىينىڭ دىنى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغان. ئۇ دائىم كەڭ خەلق ئاممىسىغا پارتىينىڭ ئادىللىقى، ئىللىقلىقىنى يەتكۈزگەن. بولۇپمۇ تول ئايال، يېتىم بالىلارنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۈرۈپ، دورا بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە نائىل بولغان.
1954-يىلى ئاقسۇ ناھىيلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىلى، ئاقسۇ ناھيلىك ھۆكۈمىتى دائىمى كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان. 1956-يلى 7-ئايدا ئاقسۇ ناھىيلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسى كېڭەش دائىمى كومىتىنىڭ ھەيئىتى بولغان.
دانىش داموللا ھاجىم ئازاتلىقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن، يۇرتىمىز ئاقسۇدا ئېلىم مەرىپەت تارقىتىش ئىشلىرىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. مەدەنىيەت تارقىتىپ، كىشىلەرنى نادانلىقتىن قۇتۇلۇشقا چاقىرغان. ئۆزىنىڭ مول بىلىمى، كەمتەر مىجەزى بىلەن خەلق بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بۇلۇپ، خەلقنىڭ قەلبىدىن ئەبەدى ئورۇن ئالغان.
داشنى داموللا ھاجىم 1970-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى يۈرەك كېسىلى سەۋەبى بىلەن 73 يېشىدا ۋاپات بولغان.
مەنبە: ئاقسۇ تەزكىرىسى (خەنزۇچە) توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.