ساپا مائارىپى توغرىسىدا….

                       ساپا مائارىپى نۇقتىنەزەرلىرى
    ھەر بىر مائارىپ خىزمەتچىسىدىن ساپا مائارىپىنىڭ يېڭى ئىدىيىلىرى، يېڭى قاراشلىرى، شۇنىڭدەك مائارىپ ئەمەلىيىتىدە بارلىققا كەلگەن ياخشى ئامال، ياخشىتەجرىبىلىرى بىلەن ئۆزىدىكى ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، ساپا مائارىپىدىكى ئىدىيە-قاراشلارنى زادى قانچىلىك چۈشىنىپتۇق؟ قانچىلىكىنى قىلالاپتۇق؟ ئوقۇتۇش شەكلى، ئۆگىنىش ئۇسۇلى جەھەتلەردە تۈپكى ئۆزگىرىش بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مائارىپ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش، مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش جەھەتلەردە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
   مائارىپچىلار ھەر ۋاقىت «جەمئىيەت تەرەققىياتى زادى قانداق ئىختىساسلىق خادىملارغا موھتاج، مائارىپ ئىنسان تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرىدۇ؟» دېگەن مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
  «ئادەم بولۇشنى بىلىش»، «ئىش قىلىشنى بىلىش»، «ھەمكارلىشىشنى بىلىش»، «ئۆگىنىشنى بىلىش» قاتارلىق تەلەپلەر، ئاللىقاچان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جەمئىيەتكە چىقىش، جەمئىيەتتە خىزمەت قىلىشىنىڭ ئاساسىي شەرتلىرى بولۇپ قالدى.
     مەكتەپ شۇنى ئالاھىدە تەكىتلىشى كېرەككى، ئېسىل ئىدىيىۋى پەزىلەت بولسا ئەڭ يۇقىرى نەتىجە. ئوقۇتقۇچىلار شۇنى ھېس قىلىشى كېرەككى،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەزىلىتى ۋە تەربىيلىنىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قوغداپ،  ئۇلارنىڭ غايە ۋە ئىنتىلىشىنى قوزغاش— مائارىپنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇتۇقىدۇر.
   ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە ئەقىللىق-قابىلىيەتلىك، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ۋە ئەمەلىيەتچانلىق ئىقتىدارغا ئىگە، كۆرىنەرلىك خاسلىقى ۋە ھەمكارلىشىشقا ماھىر بولغان يېڭى بىر ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەپ چىقىش بولسا زاماننىڭ مائارىپقا قويغان تەلىپى، جەمئىيەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلاردىن كۈتكەن ئۈمىدى.
    جەمئىيەتتىكى ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھاتىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسى قېتىرقىنىپ خىزمەت ئىشلەش روھى، خوجايىنلىق مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش روھى، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، تىرىشىپ-قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلسىلا ھەرقايسىسى ئۆز ساھەسىدە نەتىجە قازىنالايدۇ، جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
      ھەر بىر ئادەمدە تالانت بولىدۇ دېگەنگە ئىشەنگەندىلا، ئاندىن ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە توغرا قارىغىلى بولىدۇ.
   مائارىپچى يېتەرلىك ھالدا «ئىپادىلەش، ئويلاش، تەتقىق قىلىش، يارىتىش پۇرسىتى» بىلەن تەمىنلىسىلا، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈگۈنىدۇ ھەم ئۈگۈنەلەيدۇ. ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ ماھارىتى ۋە سەنئىتى بولسا ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆگىنىش مۇۋاپىقىيىتىنىڭ خۇشاللىقىدىن تولۇق ھوزۇرلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
    ھازىرقى ئىمتىھان نەتىجىسى ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئەھۋالىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ، يېڭى چۈشەنچىلەرنى ئىگەللەش، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىلا ئوقۇغۇچىغا ئۆمۈرۋايەت ئەسقاتىدۇ.
   ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى، بىلىمگە ئىنتىلىشى ۋە ئويلاش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ قوغدىغاندا، ئوقۇغۇچىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى قوزغىغىلى، ئوقۇغۇچىلاردا يېڭىلىق يارىتىش تونۇشىنى شەكىللەندۈرگىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرگىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
   يېڭىلىق يارىتىش بولسا ئادەم مېڭىسىدىكى ئەڭ سەزگۈر ئىقتىدار، شۇنداقلا ئەڭ ئاسان بېسىمغا ئۇچرايدىغان ئىقتىداردۇر. ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدا، ئادەمنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى چاقناشقا باشلايدۇ، ياكىئاستا-ئاستا ئۆچۈشكە باشلايدۇ. مائارىپى يېڭىلىق يارىتىشقا تەرەققىيات پۇرسىتى بېرىشىمۇ، ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشىمۇ مۇمكىن، ھەتتا يېڭىلىق يارىتىش قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.
   تاپشۇرۇق پەقەت ئاددىيغىنا يېزىپ تاپشۇرىدىغان ۋە مەسىلە يېشىدىىغان بولماستىن، يەنە يېڭىچە تاپشۇرۇق شەكىللىرىنى (مەسىلەن: يېڭى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش، ئەمەلىي تەتقىقات قاتارلىق) بىر تۈرلۈك تەتقىقات ۋەزىپىسى، بىر قېتىملىق مەخسۇس زىيارەت، بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى، بىر نەرسە ياساپ چىقىش، بىر قېتىملىق جەمئىيەت پاراۋانلىق پائالىيىتى، بىر قېتىملىق دوكلات پائالىيىتى، بىر يۈرۈش سۈرەت ئەسەرلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاھىلەش، ئانالىز، ئويلاش، قول سېلىش قاتارلىق تۈرلۈك جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. 
   ئاچچىق-چۈچۈكنىڭ ھەممىسى ئوزۇق بولىدۇ، مۇۋاپىقىيەت-مەغلۇبىيەتنىڭ ھەممىسىنىڭ پايدىسى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزى ياشاش مۇھىتىغا چۆكۈپ، تۇرمۇش، جەمئىيەتنى چۈشىنىشكە يول قويۇش كېرەك.
   تەربىيلىگىلى بولمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق، بەلكى تەربىيىلەشكە ماھىر بولمىغان ئوقۇتقۇچى بار. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلى-ئىقتىدارىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات كۈچىگە توغرا ھۆكۈم قىلىش بولسا تەربىيىلەش پاراسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم قىسىم.
   ئەڭ مۇھىمى بولسا، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يېتەرلىك تاللاش پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقى بېرىش.

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مېنىڭ يازمىلىرىم كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش