(نەسىر)
ئەخمەت ئىمىن
ئەي ئانا تىلىم-ئانامنىڭ تىلى!
ئانا تىلىم!ئەي ئانام بەرگەن تىل!
مەن سىنى ئانامدەك ئەزىزلەيمەن!سىنى ئاڭلىسام،ئانامىنىڭ ئوتلۇق يۈرەك خىتابىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن؛ سىنى سۆزلىسەم،شۇ خىتابقا جاۋاپ سادايىمنى ياڭراتقاندەك بولىمەن.
ئانام ماڭا تۇنجى قېتىم“بالام-باغرىم“ دىگىنىدە سەن بىلەن-دەل مۇشۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلىگەن.مەنمۇ تۇنجى قېتىم“ئانا ئانام“دىگىنىمدە،سەن بىلەن-مۇشۇ تەۋەرۈك تىل بىلەن سۆزلىگەن.
ئانا تىلىم ،سىنىڭ ھەر بىر تاۋۇشىڭدا ئانامنىڭ يېقىملىق تىنىقلىرى بار؛ سىنىڭ ھەر بىر ئۇرغۇڭدا ئانامنىڭ نەپىس ھېسسياتىنىڭ ئۇرغۇشلىرى بار؛سىنىڭ ھەر بىر ياڭرىشىڭدا ئانامنىڭ غۇرۇرى بار،ئپتىخارى بار.
مەن سەن ئارقىلىق ئانامنىڭ كەچمىشلىرىنى ئۇققان؛سەن ئارقىلىقلا ئەجدادلارنىڭ كىملىكىنى ئۇققان؛سەن ئارقىلىقلا ئانا ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى ئۇققان.
شۇنداق،سەن ئارقىلىق مىنىڭ ئۇققان-بىلگەنلىرىم جىق،ناھايتى جىق: سەن ئارقىلىق ئۇرخۇن ۋادىسىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ سىرىنى ئۇقتۇم،ئەجدادلىرىمنىڭ گۈللىنىش ۋە خاراپلىشىش تارىخى كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى.ئۇنىڭدىكى غالىبلىققا بولغان مەدھىيە كۆڭلۈمنى يايراتتى، مەغلۇبىيەتكە ئۇقۇلغان مەرسىيە يۈرىكىمنى قاقشاتتى.
سەن ئارقىلىق“ئۇغۇزنامە“نى-مەشھۇر قەھرىمانلىق داستانىنى ئۇقۇدۇم.ئۇغۇز خاقاننىڭ ”ئاتلان“ دەپ نەرە تارتىشلىرى يۈركۈمنى لەرزىگە سالدى،جەڭ تۇلپارلىرىنىڭ تاشقا تەگكەن تۇياقلىرىدىن چاچرىغان ئۇچقۇن كۈزۈمنى چاقناتتى.
سەن ئارقىلىق ”ئالتۇن يارۇق“نىڭ نىمىلىكىنى ئۇقتۇم.بېشبالىقلىق تىلشۇناسىمىزنىڭ تاۋغاچ تىلىدىن ئۆرۈگەن بۇددا ھىكايىلىرى مىنى گۈزەل بىر ئەپسانە دۇنياسىغا باشلاپ باردى. بۈگۈنكى ئىدىقۇت خارابىسىگە قاراپ ئۆتمۈشتىكى ئاجايىپ بىر سەلتەنەتنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم.
سەن ئارقىلىق“ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسى“مۇ،“چاشتانى ئېلىگ داستانى“مۇ قەلىپ سەھىپەمگە نەقىشلەندى.مەن ئۇلارنى ئانام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەردەك زوق-ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدىم.
سەن ئارقىلق“مايتىرى سىمىت“تەك قەدىمكى بىر دىرامىنى كۈرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بولدۇم؛مايتىرىدىن مەسھىكىچە،مەسھىتىن ئىمام مەھدى ئاخىر زامانغىچە بولغان باغلىنىش مىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.
سەن ئارقىلىق“تۈركىي تىللار دىۋانى“نى ئۇقۇدۇم.“قۇتادغۇبىلىك“نى ئۇقۇدۇم،“ئەتەبەتۇل ھەقايىق“نى ئۇقۇدۇم،قەدىمكى شېئىر-داستانلارنى ئۇقۇدۇم،نۇرغۇن-نۇرغۇن بىباھا ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئۇقۇدۇم.
سەن ئارقىلىق ”ئون ئىككى مۇقام“نى ئاڭلىدىم،سەن ئارقىلىق“ئون ئىككى مۇقام“نى توۋلىدىم،كۈي-مۇقام دېڭىزىدىكى ھېكمەت گۆھەرلىرى سەن ئارقىلىق،پەقەت سەن ئارقىلىقلا ئۆز قىممىتىنى ،كارامىتىنى نامايان قىلدى.
شۇنداق! ئانا تىلىم-پاراسەتلىك،باتۇر،ئەمگەكچان مىللىتىمىزنىڭ تىلى! سەن ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدۈردۈڭ،سەن ماڭا نۇرغۇن ھېكىمەتنى سىڭدۈردۈڭ.سەنسىز مەن مەۋجۈدىيىتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن،سەنسىز مەدەنىيىتىمنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.
ئەي ئانا تىلىم- ئانىلىرىم سۆزلىگەن تىل،ئاتىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛سەن ئاكىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛ ئاچىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن ئىنىلىرىم سۆزلىگەن تىل،سىڭىللىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن باللىرىمنىڭ تىلى؛سەن ھەممىمىزنىڭ تىلى! ھەممىزنىڭ تىلى سەن بىلەن، پەقەت سەن بىلەن چىققان.
ئاتامنىڭ“قارا،بالام“دىگەنلىرىدىن مەن خۇددى تەرەپنى پەرىق قىلدىغان كومپاسقا ئىرىشىمەن.
ئانامنىڭ“ئويلا،بالام“دىگەنلىرىدىن مەن خۇددى قاراڭغۇلۇقنى يۇرۇتىدىغان مەشئەلگە ئېرىشىمەن.
جانانىمنىڭ“بېقىڭ،جېنىم“ دىيىشلىرىدىن مەن گويا چاڭقىغان يۈرەكنى سۇغىرىدىغان بۇلاققا ئېرىشىمەن.
بالامنىڭ“مانا،دادا“ دىيىشلىرىدىن مەن گويا مېنى كۆككە ئۆرلىتىدىغان قاناتقا ئېرىشىمەن.
ھەر جۈملەڭدە بىر ھېكمەت، ھەر جۈملەڭدە زور قىممەت.
ھەر جۈملەڭكى بىر سەنئەت،ھەر جۈملەڭكى بىر رىغبەت.
شۇنداق،سەن مەن ئۈچۈن قۇۋۋەت،سەن مەن ئۈچۈن قۇدرەت.
سەن مەن ئۈچۈن سۆلەت ،سەن مەن ئۈچۈن دۆلەت.
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۆزگىچىلىكى دۇنيادا سەن بىلەن نامايان بۇلۇپ تۇرىدۇ.سەن گويا ئىنسانىيەت تىل دېڭىزىغا قۇيۇلۇپ تۇرغان بىر دەريا. ئىنسانىيەت دېڭىزىنىڭ شاۋقۇنلىرىدا سىنىڭ پىچىرلاشلىرىڭ بار،ئانا تىلىم!
جاھان گۈلىستانىدا تۈمەن مىڭ قۇشلار ناۋا قىلدۇ،سەنمۇ ئۇنىڭدا ئۆزگىچە سايراۋاتقان بىر قۇش. سېنىڭ سايرىشىڭدىن باشقىلارمۇ زوق ۋە بەھىر ئالىدۇ.
ئىنسانىيەت سىمفونىيىسى پۈتكۈل ئىنساننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مۇكەممەللىككە ئېرىشكەن.ئۇنىڭدا سېنىڭ ئۆزگىچە ياڭراۋاتقان كۈيۈڭ بار.
ئانا تىلىم ،سەن بىر گۈل،ھەر خىل تىلنى ھەر خىل گۈلگە ئوخشاتقانغا ئوخشاش،مەنمۇ سىنى بىر گۈلگە ئوخشىتىمەن.گۈلزار بىر خىل گۈل بىلەنلا رەڭدارلىققا ئىگە بولالمايدۇ.جاھان گۈلزارىنىڭ رەڭدارلىقىدا سېنىڭمۇ بىر ئۈلۈش جىلۋەڭ بار.
ئانا تىلىم-ئانام بەرگەن تىل! مەن سىنى ئانام قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن،ئانامنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن.ئانامنى قەدىرلىگىنىم ئانىلارنى قەدىرلىگىنىم،ھەممە ئىنساننىڭ ئانىلىرىنى قەدىرلىگىنىم! ئاشۇ ئانىلارنى ئۇلۇغلاۋاتقانمۇ مىنىڭ تىلىم،مىنىڭ مۇشۇ ئانا تىلىم
2011-يىل نويابىر دۈ سە چا پە جۈ شە يە « ئۆكتەبىر 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15 16 17 18 19 20 21 22 23 24 25 26 27 28 29 30 تىزىملىك
كاتېگورىيىلەر
- ئىجادى ئەسەرلىرىم (7)
- ئۆزلۈك ۋە كىملىك (16)
- ئەدەبىي ئەسەرلەر (12)
- تىل ئۆگىنىش (2)
- مائارىپ كۆزنىكى (26)
- مېنىڭ يازمىلىرىم (37)
- مەشھۇر شەخىسلەر (4)
- نادىر ماقالىلار (16)
ئارخىپلار
- 2011-يىل نويابىر (3)
- 2011-يىل ئۆكتەبىر (10)
- 2011-يىل سېنتەبىر (53)
- 2011-يىل ئاۋغۇست (54)
ئۇنىۋرسال بەتلەر
- ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى
- ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورى
- ئانا تۇپراق تورى
- ئۇلىنىش تورى
- ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى
- ئۇيغۇر پاي چەك تورى
- ئەلقۇت تورى
- دولانلىق تورى
- شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى
- كېلەچەك تەبىئى پەن تورى
- مۇختەر رۇزى تورى
- مەرىپەت تورى
- مەشئەل ئۇنىۋېرسال تور دۇكىنى
- مەشئەل ئۇنىۋېرسال تورى
- يۇمشاق دېتال تورى
- پىرىستان بىلوگى
بىلوگلار
تور كۈتۈپخانىسى
تىل ئۆگىنىش
خەۋەر، ئۇچۇرلار
شىركەتلەر
مائارىپ تور بەتلىرى
-
يېقىنقى يازمىلار
- ئەلىشىر نەۋائى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقى خاتىرلەندى
- قۇربان ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
- ئايەملەر موللاشماقتا، بىراق…….
- زاھىر ئابدۇراخماننى ياد ئېتىمىز
- بىز نېمىلەرنى كۈرۈۋاتىمىز؟
- بالدۇر يېتىلىش ۋە بالدۇر بۇزۇلۇش
- سابانا، مۆمىنجان، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
- ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن قەيەرلىك؟
- ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەيمىز!
- شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تارىخى- كىنوچىلىق ھەققىدە
- ئاقسۇ رەستە جامەسى
- بەزى دوختۇر، تىۋىپلارغا ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدىكەن…
- بىر چىنە تاماق
- تاۋۇس ئەللەيىن
- تۈركىيە پىرىزدىنتى ئەردۇغاننىڭ نوتۇقى
- دېلو تۈرلىرىدىن ئەخلاق كىرزسىمىزگە نەزەر
- ئەنئەنىۋى مېھماندارچىلىق
- ئۇيغۇر مىللىتى
- يىللارغا جاۋاپ (لۇتپۇللا مۇتەللىپ)
- مۇئەلىممەن (تاھىر قاسىم)
- ياشنىسۇن ، گۈللىسۇن، ئۇيغۇر تىلى
- ئاقسۇغا كاۋىچى لەقىمىنىڭ قۇيۇلۇشى
- ئوغۇزنامە
- ئانا – تىلىم
- تەنھا ھەقىقەت ۋە كۈپۈك شان-شەرەپ
- ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىقى
- ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز…
- بۈركۈتنىڭ بوينىدىكى توخۇ
- ئەركەكلىك زېمىنىدىكى سېغىنىش
- ئارتۇقچىلىق، ئاجىزلىق، تەنقىد ۋە پۇرسەت
- مائارىپ ھەققىدە ھېكمەتلەر
- 10 خىل تىپتىكى «بىنورمال» ئوقۇتقۇچىلار
- سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچ- ئوقۇتقۇچىلاردا
- چىڭغىز ئايتماتوف ۋە قوش تىل
- بۈگۈن دەرستىن كېچىكىپ چۈشتىڭىزمۇ؟
- مەن ئوچۇق دەرسنى ياقتۇرۇپ قالدىم
- مۇشۇمۇ دەرس باھالاشمۇ؟
- سول قولىڭىزنى ئېگىز كۆتۈرۈڭ
- كېچىككەن ئوقۇغۇچىنى يەنە جازالامسىز؟
- بالىلاردىكى 10 تۈرلۈك مەسلىلەر ۋە ھەل قىلىش تاكتىكىسى
- مائارىپ ۋە تەرەققىيات
- قورقۇنىچلىق مەكتەپ مۇدىرى ئەمىلى
- بالىلارغا تەپەككۈر قىلىشنى ئۆگىتەيلى
- بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ
- ئىلىم ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ
- ئىمتىھان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى بۇغۇپ قويمىسۇن!
- چەتئەل مائارىپى ۋە پەرزەنت تەربىيىسى
- ئەندىزە چاڭگىلىدىن خاسلىق ساھىلىغا يۈزلىنەيلى
- مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تۈكلۈك قۇرت ھادىسىسى
- مىللى مائارىپىمىزدىكى ئەپسۇسلار
- دەرس ئىسلاھاتى ۋە ئوقۇغۇچىلار قارىشى
- ياخشى مەكتەپ مۇدىرى بولالامسىز؟
- خاردۋارد مۇدىرىنىڭ خوشلىشىش نۇتقى
- ئوقۇتقۇچى نېمىشقا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى بىلەلمىدى؟
- مەكتەپ مەدەنىيىتىدىكى بۇرۇلۇش
- ئامېرىكىچە مۇستەقىل تەپەككۈر
- ئامېرىكا، ياۋرۇپا مائارىپىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەركىتى
- ئۇيغۇر مائارىپى
- سەئىدىيە خانلىقىدىكى ئۇيغۇر مائارىپى
- «ئىز» ناملىق شېئىرنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمىسى
- ئانا تىل ۋە ئىككىنچى تىل
- غەرىپ دۇنياسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى
- ئابدۇللا تالىپ
- بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى
- ماتىماتىكىدىكى ھېساپلاش ۋە ئېغىزچە ھېساپلاش
- سىتېنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى
- يۈننەندىكى ئۇيغۇرلار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ….
- دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئېنگلىزچە جۈملىلەر
- ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- ئابدۇقادىر جالالىدىن قانداق ئادەم
- مۇئەللىم بىز (مۇخەممەس)
- ئاھ، بىز ئېشەكلەر
- ئادەم خارەكتىرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى
- قەدىمقى قۇرۇقلۇق دۆلىتى – مۇ
- بوزدۆڭدىن قايتقان «ساقال»
- بۈگۈنگە سۇئال!
- لۇتپۇللا مۇتەللىپ قوللانغان ئىسىم ۋە تەخەللۇسلار
- ئاقسۇ چوغتال مەشرىپى
- قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كورىيەدە قوللىنىلىشى
- ساپا مائارىپى توغرىسىدا….
- يەھۇدىلار،مەكتەپ، تەربىيە، ئۆگىنىش
- ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىدىن تەرمىلەر
- نەسىردىن ئەپەندىم ھەققىدە
- ئەرز قىل
- ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت
- ئۇيغۇر تارىخچىسى-جىيەن بوزەن
- ئاقسۇدىن تېپىلغان قەدىمقى پۇللار
- ئاخىرقى تەنھالىق 2-بۈلۈم (رومان)
- ئاخىرقى تەنھالىق 1- بۈلۈم (رومان)
- بەخت تىلەش
- مەڭگۈلۈك تىلەك
- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر
- مىللى مائارىپىمىزدىكى «ئەپسۇس»لار….
- مەرىپەتپەرۋەر دىنى زات-دانىش داموللاھاجىم
- سىلەرنىڭ مەملىكەتتە ئېشەك يوقمىدى؟
- بۈيۈك قوي ئىمپىرىيىسى
- تامدا ساراڭ بار
- قورقىنىشلىق مەكتەپ مۇدىرى ئەمىلى
- مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تۈكلۈك قۇرت ھادىسىسى
- ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلالايدىغىنى ۋە قىلالمايدىغىنى
يېقىنقى ئىنكاسلار
- ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىدىن تەرمىلەر - ئەۋلات تورى: «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىدىن تەرمىلەر» دىكى ئىنكاس
- ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى » * ئەدەبىيات - سەنئەت * مائارىپ ۋە كەلگۈسىمىز » ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت: «ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت» دىكى ئىنكاس
- ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى » *ئائىلە تەربىيىسى *تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى *ساغلام تەندە ساپ ئەقىل » بوۋاقلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش: «بوۋاقلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش» دىكى ئىنكاس
- ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى » * تارىخىي شەخسلەر » نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە: «نەسىردىن ئەپەندىم ھەققىدە» دىكى ئىنكاس
- ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى » * ئىسلامغا ئائىت ئەسەرلەر * مەدەنىيەت تارىخ *تەرجىمە ئەسەر » قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ چاۋشىيەندە قوللىنىلىشى: «قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كورىيەدە قوللىنىلىشى» دىكى ئىنكاس
خەتكۈچلەر
ئابدۇقادىر جالالىدىن،تارىخ،مىللەت،بىلىم ئاتا-ئانا ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ئاقسۇ گېزىتى ئوقۇتقۇچى، جاپا مۇشەققەت،راھەت ئونسۇ بەگىلىكى، قەدىمقى پۇللار ئىمىنجان، ئەپسۇس،مىللى مائارىپ ئۆزگىرىش ئەدەبىيات، مەسىلە، مۇھەببەت قاسىم ئەدەبىيات دەرسى ئەرز قىل ئەزىز نەسىن، ئېشەك، مەملىكەت بوۋاق، ئەقىل بۇلىقى بۈيۈك، قوي، ئىمپىرىيە بەخت، چىن سۆيگۈ تاتار، ئاقسۇ مائارىپى تام، ساراڭ تەكلىپ قىلىش تەنھالىق، نۇربىيە،ئادىلە جيەن بوزەن، خەلىل باشى دىئالوگ دىنى زات، دانىش داموللا،ھەنەفى رومان، تەنھالىق، يالقۇن ساپا ، مەكتەپ سۇئال سۇفىيە خانىم، كۇچار غوجا، ھەزرىتى قورچاق، ياساش قۇم،نام قەدىمقى، ئۇيغۇر، يېزىق، كورىيە، چاۋشىيەن لاي سۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ، قاينام ئۆركىشى مائارىپ ئىسلاھاتى، تۈكلۈك قۇرت، ھادىسە مائارىپتىكى تېڭىرقاش مائارىپتىكى گۇناھ مۇزىكا، ئۇچۇر مەكتەپ مۇدىرى، ئەمەل،قورقۇنۇچلۇق مەڭگۈلۈك تىلەك، سۈبھى، تۈرمە،سەپەرداش، يۈرەك،غەمكىن،ئۇچقۇن،يۇمران،خىيال،نەپرەت، لالە، نەسىردىن ئەپەندىم،تۈركىيە،خوجا نەسىردىن، موللا نەسىردىن ياپراق، شامال، قاتىل يىلنامە، ئىزدىنىش يەھۇدى،ئۆگىنىش،تەلمۇت چوغتال، مەشرەپ ھامىلە، ئىجابى، ھېس-تۇيغۇ ھەركەت ئۇچۇرى