ئاخىرقى تەنھالىق
ئاپتورى: ياسىنجان قاسىم
1- قىسىم
ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى،
ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ…
كىرىستىنا.گ.گ.روست
مەن كىشىلەرنىڭ رېئاللىقتىكى ، ئۆز يېنىدىكى كىشىلەرگە ئەمەس، ئەسەرلەردىكى پىرسۇناژلارغا قىزىقىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ، ئۇلارنى ئىزدەپ بىھۇدە ئاۋارە بولىدىغانلىقىدىن ھەيرانمەن.
دوستۇم ، ئالدىڭىزغا قاراڭ
1993-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى
1
خەيىر، خەيىر مېنى ئۇنۇتما؟
ئۇ بارلىق مۇتەپەككۈرلەرگە ، پەيلاسۇپ ، ئالىملارغا ئوخشاش، ئالدىغا بىرە ئىستاكان كافى، ئەڭ ئاددىسى بىرەر ئىستاكان چايمۇ قۇيۇپ، ئويلۇنۇپ ئولتۇرمىدى. پەقەت دەرىزىدىن كىرىۋاتقان سالقىن شامال بىلەن كۈن نۇرىلا، ئۇنىڭغا خۇددى مەڭگۈلۈك ھەمراھتەك مەھكەم چاپلىشىۋالغان ئىدى.
ئۇ خەت يازماقتا، چېكىلىرىدە پەيدا بولغان تامچە-تامچە تەر، ئۇنىڭ كۆز چانىقىدىكى ياشقا قاراپ ئاستا-ئاستا سىلجىماقتا ئىدى.
سالام ئادىلە! قانداق ئەھۋالىڭ؟ تېنىڭ سالامەت، ئاناڭنىڭ، ئۇكاڭنىڭ ئەھۋالى ياخشىدۇ؟ ئادىلە، بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئايرىلغىلى توپ-توغرا ئۈچ ئاي بولدى، ئەمما سەن تا ھازىرغا قەدەر بىزگە بىرەر پارچە خەتمۇ يازمىدىڭ؟!…
دەرۋەقە، سەندىن يامانلىمايمىز، چۈنكى بىزمۇ ساڭا ۋاقتىدا خەت يازالمىدۇق. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالغىنىڭدا ساڭا ۋاقتىدا تەسەللى بېرەلمىدۇق، بىزنى كەچۈرەرسەن. ئادىلە، ئاڭلىسام، بىزلەردىن قېچىپ يۈرگۈدەكسەن، نېمىشقا؟ نېمە سەۋەپتىن شۇنداق قىلغانلىقىڭنى ھېچ بىلەلمىدىم.
لېكىن ئادىلە، شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، بىز تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ئاشۇ چاغلىرىمىزدا، مەڭگۈلۈك دوست بولۇشقا قەسەم بېرىشكەن ئىدۇق. ھازىرمۇ ئەنە شۇ ۋەدىلىرىمىز ۋەدە بولۇشى كېرەك. سەن دۆلەتلىك ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىڭ، ئەمما بۇ ھاياتلىقتىكى تەبىئى ئىش. ئۇ سېنىڭ بەخت يولۇڭنى ، نىشانىڭنى، غايەڭنى پۈتۈنلەي بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئادىلە، ئۇنتۇما، بىز ئۆز غايىمىز ئۈچۈن ، ئۆز بەختىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلار، ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن، بولۇپمۇ ئىمتىھاندەك بىر سۈنئى ھەيكەلدىن بەخت، غايە، نىشانىمىزنى ئىزدەپ تېپىۋالىدىغان ياكى ئېلىۋالىدىغان روھىيەت قەلەندەرلىرى ئەمەس.
ئادىلە، … بۇ گەپلىرىم ساڭا ئېغىر كەتمىسۇن، بەلكىم ئېسىڭدە بولسا كېرەك! سەن پاۋىل كورچاگىننىڭ ھايات ھەققىدىكى ئاشۇ بىر ئابزاس سۆزىنى ئېغىزىڭدىن چۈشۈرمەيتىڭ. سېنىڭ ئىلھامىڭ، ئاشۇ ھايات قىبلىنامىسىنىڭ سېھرى كۈچىدىن، مەن ئۆزەمدىكى ئاجىز بىر نەرسىنى، يەنى ئىشەنچنى تولۇقلىغان ئىدىم. بىز دائىم كەلگۈسى توغرۇلۇق سۆزلىشىپ قالساق، ئالدى بىلەن سەن، ئەنە شۇ ئابزاسنى تەكرارلاپ ئىسپاتلاپ، بىزنى قايىل قىلاتتىڭ. بىز ئىلھاملىناتتۇق. ئۆزىمىزدە ئۇلۇغۋار بىر غايىنىڭ تىكلىنىپ قالغىنىنى سەزمەي قالاتتۇق. تالاش تارتىشىمىزنىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى زۇردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش»رومانى ئىدى. مەن ئەنە شۇنداق بىر رومان يېزىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىم. ئۇنىڭدىكى ئەلانى ئۈلگە قىلاتتىم. ھەر قېتىم بۇ رومان توغرۇلۇق تالاش-تارتىش بولغاندا، مەن جىمجىت ئولتۇرۇپ، دە-تالاشقا قۇلاق سالاتتىم. ئەمما رەقىب بىلەن گۈزەلئاي مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان پىرسۇناژ ئىدى. بولۇپمۇ گۈزەلئاينى بەك ئۆچ كۆرەتتىم. بۇنى سۆزلىگىنىمدە سەن قايىل بولمايتىڭ، سەۋەبىنى سوراپ تۇرۇۋالاتتىڭ.
ئۇنىڭ ياشاش مەقسىتىنى، غايىسىنى، ئىدىيىسىنى زادىلا چۈشەنگىلى بولمايدۇ- دەيتىم مەن.
ئادىلە، سەندىن كەچۈرۈم سوراۋېتىپ، كونا پاراڭلارغا كېتىپ قاپتىمەن، كەچۈرگىن.
ئاڭلىسام ئۆزەڭنى بەكلا تاشلىۋېتىپسەن، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنگىلا شۇنداق قىلدىڭمۇ؟ ھېچ بىلمىدىم. سېنىڭ بەختىڭ، ساڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى، بەختى – ئەنە شۇ بىر مەيدان سۈرلۈك، تىمتاس ، ئەمىلىيەتتە ئويلاپ باقسا، ئادەتتىكى بىر ھادىسىگە ئوخشايدىغان ئىمتىھان بىلەن ھەل بولارمۇ؟
ئادىلە، بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالىملىرىمىز ساڭا ۋە بىزگە ئوخشاش، بۇنداق ئىمتىھان بەرمەي تۇرۇپمۇ، ئۆزلىگىدىن ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. ئۇلار ئادەتتىكى ئىمتىھاندىن ئەمەس، بەلكى رېئاللىقنىڭ سىنقىدىن ، ئەلنىڭ، ئانا يۇرتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەنلەر…..
سەن ئەنە شۇنداق، رېئاللىقنىڭ خىلمۇ-خىل سىناقلىرىدىن ئۆتىشىڭ كېرەك.
بەلكىم، كۆپ ئازاپلانغانسەن، پىغان چەككەنسەن، قارا…. مەن شۇنداق تەسەۋۋر قىلىۋاتىمەن. تەبىئەت ئاتا قىلغان ۋاقىتسىز قىراۋ، ئاناڭنىڭ پىشانىسىگە يول-يول قورۇقلارنى ساپتۇ ئەنە ئۇ..سېنىڭ سۇلغۇن چىرايىڭغا قاراپ ئىچ-ئىچىدىن بوزلىماقتا.
ئاھ، شور پىشانەم قىزىم، داداڭ بولسىمىغۇ بۇنداق بولماس ئىدى، ئاھ ياراتقان ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم، بىز يېتىم-بىچارىلەرنىڭ ھالىغا رەھىم قىلساڭ نە بولغاي….
ئاناڭنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈنچىدەك ياشلار تۆكۈلمەكتە. بەلكىم سەن داداڭدىن كىچىك قالغان 15 ياز، 15 قىش بىر ئۆينىڭ يۈكىنى كۆتىرىپ، جاپايىڭنى تارتقان ئانا 15 يىلدىن بېرى بۇنچىلىك ياش تۆكمىگەن بولغىيدى….
ئادىلە، ئويلان… ئاناڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن…ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى بارلىق مۇشەققەتلىرى سەن ئۈچۈن…بىلەمسەنكىن تاڭ، يېقىندا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ مۇنۇ بىر جۈملە ئەقلىيە سۆزىنى ئاڭلاپ قالدىم.
«ئادەم ئۈلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ، بەلكى ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ» ؛
سەن بۇ سۆزنى مەھكەم ئەستە تۇت. ئادىلە، بەرىبىر ھېچكىم رېئاللىقنى ئۆزىگە قاراتقان ئەمەس، كىشىلەر نېمە دىسە دەۋەرسۇن، ئۆزەڭنى مەغرۇر تۇت…. تەقدىرىڭنىڭ چۇلۋۇرىنى قۇلۇڭغا ئېلىۋالساڭلا، غەلىبە ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ. ئۈمىدۋار بول، يە بىرەر يىل قايتا تەييارلىق قىلارسەن…
خەيىر ئادىلە، ساڭا ۋە مېھرىبان ئاناڭغا ئۇلۇغ ئاللادىن سالامەتلىك تىلەپ:
دوستۇڭ يالقۇندىن؛
(2)
شامال ياپراقلارنىڭ شىلدىرلىشىدىكى بىر ۋاستە. گۈگۈم بولسا، بۇلارغا رەڭ بەرگۈچى نەقىش.
شاراق-شۇرۇق بىلەن تەڭ ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىققان مۈشۈك ياكى ئىتلار، ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتى. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چۇۋۇرلىشىپ قىيامەت قايىم بولغۇچە بارلىق غەيۋەتلەرنى قىلىپ بولاي دەپ قالغان بىر توپ قۇشقاچلارمۇ گويا قىيامەتتە، ئۇى گۇۋاچى قىلىۋېلىشتىن ئەنسىرگەندەك پۇررىدە ئۇچۇپ كېتىشتى.
بولدى ئارتۇقچە بايانلىرىمىز مۇشۇ يەردە توختىسۇن.
سۇغا چىققان قىز چوكانلار تېز قايتىڭلار، ئانىلار، ئاچچىق يىغلاۋاتقان بوۋاقلارنى پەپىلەۋەرمىسۇن.بەرىبىر ئۇ تېپچەكلىگىنى بىلەن ، ئەتىلا ئايىغى چىقمايدىغۇ؟
يىراق يەردىن ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇندىن كېيىن بىر توپ بالىلارنىڭ چۇرقىراشقىنى پەسەيدى. ئاخىردا بىر مۇڭلۇق ناخشا ئاڭلاندى.
«يالقۇن، قانداق ئەھۋالىڭ؟ تېنىڭ سالامەت، كۈنلىرىڭ مەنىلىك ، كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتامدۇ؟كۆپ سۆزلەپ ۋاقتىڭنى ئالماي….
باشقا دوستلارغىمۇ سالام ئېيتىپ قويارسەن، ئىست، يالقۇن، مەن ئۆز-ئۆزەمگە نەپرەتلىنىمەن، مەندەك بىر ئىرادىسىز، ۋاپاسىز، نۇمۇسسىز دوستۇڭلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇڭلار….
مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن، چۈنكى مەن ئاشۇ ناپاك تېنىم بىلەن ، يىراق-يىراقلارغا كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن….مىڭ ئەپسۇس، … ئەلۋىدا دوستلۇرۇم!»
بۇ ئادىلەدىن يالقۇنغا كەلگەن خەت ئىدى. ئۇ خەتنى ئوقىدى. قايتا-قايتا ئوقىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا، سۇمبۇل چاچلىق، قارا قۇمچاقراق، زىلۋا بەدەن ئادىلە پەيدا بولدى. كېيىن ئۇ بىر كەپتەرگە ئايلاندى. ئۇچتى، پەسلىدى، ئۇ ئەمدى بىر قونداققا قونۇۋىدى، «پاڭ » قىلغان بىر پاي ئوق بىلەن يەنە ئۆز ئەكسىگە قايتتى. ئاندىن ئۇ ساراڭلاردەك قاقاھلاپ كۈلۈشكە باشلىدى. ئارقىدىن يالقۇنلارغا قاراپ، شۇنداق بىر غەمكىن قىياپەتتە قارىدى، كېيىن ئاستا-ئاستا ، كەچكى شەپەق قوينىدا يوقالدى. ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ ئاشۇ پاك، سەبى يۈرىكى ، كېيىن سۆزى يوقالدى. كېيىن بىر چاقماق چېقىپ، بىر بەدبەشىرە ئادەم ئادىلەنى يېتىۋالغان پېتى چىقىپ كەلدى. ئادىلەنىڭ قولىدا بىر لىگەن ، لىگەندە ساپلا يىلان-چايان…
شار-…..شۇر….
يالقۇن بۇ ئاۋازدىن چۈچۈپ كۆزىنى ئاچتى. ئەنە ئالدىدا، دولقۇنلاپ ، تولغۇنۇپ ئېقىۋاتقان ئاقسۇ دەرياسى….
ئۇنىڭ ئۇرغان ھەر بىر دولقۇنلىرى، چاچرىغان بۇژغۇنلىرى، بىچارە ئانىنىڭ يۈرەك باغرىدىن ئېتىلىپ چىققان قىپ-قىزىل ئازاپلىق نۇرلارغا، مەسۈمە قىزنىڭ بىھۈدە خازان بولغان گۈل ياشلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىگە ئوخشايتى.
(3)
- گۈلنار
-ھە
- بۇ.. بۇ خەتنى كۈرۈپ بېقىڭ..
- بۇ.. بۇ يەنە ئۆتكەن قېتىمقىدەك شوخلۇق قىلدىم دەپ، ئالاھىدە خەت يېزىپ، يۈرگەن بولسىڭىز…
- ياق،ياق… بۇ باشقا…
- ھە ماقۇل، ئەكىلىڭ ئەمىسە…
گۈلنار بىلەن يالقۇن بىز باشتا ئۆزىنى ئەمەس، ئەمما ياپراقلار ئارىسىدىكى سايىسىنى كۆرگەن ئادىلەنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن ئىدى. گۈلنار خەنزۇتىلى كەسپى سىنىپىدا، يالقۇن ئومۇمى پەن كەسپى سىنىپىدا ئوقۇيتى.
ئۇ چۈشتىن كېيىن گۈلنارنى ئۇچرىتالمىدى. ھەقىقەتەن خەتتىكى ئۇ ئىش ، ئۇ ۋە گۈلنار ئويلاپ –ئويلاپ باقمىغان، ھەتتا خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بىر ئىش ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئىرادىسى تاغنى يارىدىغان بىر قىزنىڭ ۋاقىتسىز خازانغا ئايلىنىشى كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلگەن؟ ھەي، تەقدىر دېگەنمۇ ئاجايىىپ تە…..
يەنە شۇ ئاقسۇ دەرياسى، ئەمما بۇ دەريانىڭ سۈيى ئاق ئەمەس، يالقۇنىڭ تىنىمسىز خىياللىرىغا ئەسرا بولۇشنى خالىمىغاندەك، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ئاقماقتا. مەيلى… ئاق، سەنمۇ….
سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. بىراق ئۇ بۇنى سەزمىگەندەك، سۇلارغا، يىراقلارغا قاراپ، چوڭقۇر خىيالغا پاتقان. ئۇلارنىڭ دوستلۇق گۈلىنى شۇ قەدىمى ئەزىم دەريانىڭ سۈيى ياشناتقان، ئېچىلدۇرغان ئىدى. ئۇ ئەمدى ھېچنىمىنى ئويلىمايتى. راستىنى ئيېتقاندا ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، ياكى ھېچنىمىنى ئويلىمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايتى. ئۇ ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيتى. ئەمما كاللىسى ھاراق ئىچكەندەك، گاراڭ بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
ئادىلە غايىپ بولغان، ئاپىسى بىلەن غۇلجىدىكى بىر تاغىسىنىڭ يېنىغا كۈچەپ كەتكەنمىش. ئەتىسى گۈلنار بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. ئۇمۇ كېچىچە يىغلاپ چىققاندەك قىلاتتى. ئۇ يۇقارقى گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، يەنە كۆزىدىن ياشلار تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى. يالقۇن ئۇنىڭغا قارىغىنىچە تۇرۇپلا قالدى. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن «ھە…..» دەپ قويدى-دە، ئاستا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ، ياتىقىغا كىرىپ كەتتى.
مەيلى كەتسۇن – دەپ ئويلىدى ئۇ- بەلكىم باشقىدىن قانات قاقار، ئۇ يەردە ئۇنى ھېچكىم تونۇمايدۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيدۇ. ئۇمۇ قانات قاقىدىغان مەيداننى تاپسۇن… بەلكىم… يەنە كەپ قالار….
تامغا چاپلانغان بەدىئى سۈرەتتىكى ساتتار تۇتقان ئاپئاق ساقال بوۋاي ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلىغاندەك، مۇڭلۇق مۇقامىنى باشلىۋەتتى.
دەريادا بېلىق يىلاننى قوغلاپ كېلىدۇ،
ئات ئالدىدا، قوي كەينىدە مەرەپ كېلىدۇ.
ئاتلىق بېرىپتۇق ياندۇق پىيادە،
قانداق قىلارمىز تەقدىر ئىرادە①
(4)
دۇنيادا راستىنلا ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلار كۆپمىدۇ؟
يالقۇن دەرىزىدىن يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارايتى.
يۇلتۇزلار ئارىسىدىن يىلبويى تەنھا يۈرىدىغان ئاشۇ ئاينى ئىزدەيتى. ئۇنىڭ مېڭىشىنى تاماشا قىلاتتى.
بۇ راست بولغان ۋەقەلەر. يېزىپ مۇشۇ دەقىقەلەرگە كەلگەندە، ئادىلەنى بىر زامانلارغىچە ، يېڭى ئاسماندا ئاي كەبى پەرۋاز قىلىشقا قۇيۇپ بېرىشنى قارار تاپتىم.
ئەمما يالقۇن مەڭگۈ مېنىڭ سايەمدۇر!
ئاي-يىللار ئكتۈپ، ئۇلار دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا قەدەم قويدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەمدى ئۇلار چوڭ بولۇشقان، ياشلىق چوقانلىرى خانلىق تەختىگە چىققان جۇشقۇن دەۋىرگە قەدەم قويغان ئىدى.
بۇ ياتاق سەككىز كىشلىك، ئوڭ تەرەپتە يالقۇن، بېھىشباغلىق ئېزىز، ئۇچقۇنتاغدىن تۇرسۇنلار ياتىدۇ. سول تەرەپتە قىزىللىق ئېزىز، توخسۇنلۇق ئارمان، خانىقاتامدىن ئەيساجان، دولانلىق پولاتلار ياتىدۇ.
بېھىشباغلىق ئېزىز- سىنىپىمىزدىكى چوڭ ئېزىز بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە قۇيۇۋالغان ئەدەبىي تەخەللۇسى-شۇڭقار.
ئۇنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ شۇڭقاردە ئۇچۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. لېكىن مەن ۋە ساۋاقداشلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئەبجەش سۇپى، چۈنكى ئۇ بەزىدە شۇنچىلىك ئېتىقادلىق ، بەزىدە «بىر رومكا» ئوتلىۋېلىپ، كۈزىمىزگە كىرىۋالىدۇ.
ئۇچقۇنتاغلىق تۇرسۇننىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى-ئۇچقۇن. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ قەدىمى ئانا دىيارىمىز مۆلجەرتاغ ۋادىسىدىن كەلگەن. ئۇنىڭغا بۇ تەخەللۇسنى قۇيۇشمۇ ئاسانغا توختىمىغان.ياتاقتىكى قالغان ئالتەيلەن ئىككى كۈن ئويلىنىپ، ئاران تاپقاندا:
- ئاغىينىلەر، بو بولمايدىكەن- دېدى ئۇ كەيپىمىزنى ئۇچۇرۇپ.
- نەرى بولمايدىكەن؟
- بولمايدىغان نېمىسى باركەن؟
- ھەي تۇرسۇن، سەن ئاخشاملىرى ئۇخلىساڭلا جۆيلۈيسەن، ئاندىن ئورنۇڭدىن چاچراپ تۇرۇپ كېتىسەن،مانا بۇ سېنىڭ ئۇچقۇندىغان ھالىتىڭ، سەن بۇ تەخەللۇسنى ئىشلەتسەڭ، كېيىن بىز سېنى ئاسانلا ئەسكە ئالالايمىز…
ئۇ نېمىمۇ دېيەلىسۇن، ياتىقىمىزدا، ناخشىچى، خەتتات، ئەدەبىياتچى قاتارلىق ھەر خىل ئىشىقتىكى بالىلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار مېنى دوراپ ئۆزلىرىگە تەخەللۇس قۇيۇۋېلىشقان ھەم ئۇنى ھۆسنىخەتچىلەپ يېزىپ، تاملىرىغا چاپلىۋېلىشقان ئىدى.
توخسۇنلۇق ئارمان، لەقىمى – قوپال. بۇ ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ ئەمەس، بەلكى ھەركىتىنىڭ قوپاللىقىغا قارىتا قۇيۇلغان.
ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق رىۋايىتى بار.
يېرىم كېچە…
ھەممەيلەن تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتاتتۇق.
-ئۇھ…ئاھ….ھەي دەردىم…..ھەي ئىسىت… ئىست ئەقىدەم…
يالقۇن جىمجىت كېچىدىكى بۇ ھەسرەتلىك نىدالاردىن ئويغۇنۇپ كېتىپ كۆزىنى ئاچتى.
«بۇ يېرىم كېچىدە تۇرسۇن يەنە ئۇچقۇنداپ، جۆيلۈۋاتامدۇ نېمە؟ .. ياق… بۇ ئارماننىڭ ئاۋازىكەنغۇ؟…»
ئۇ تۇيدۇرماي ئاستا كەينىگە ئۆرۈلۈپ، ئارمانغا قارىدى. ئاي نۇرى ياتاق ئىچىنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇراتتى. ئارمان بىرىنچى قەۋەتتىكى كارۋىتىدا ئولتۇرماي، داق يەردە كارۋاتقا يۆلىنىپ ئېڭەك تۇتۇپ ئولتۇرغىنىچە ھەسرەت چېكىپ، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىمەكتە ئىدى.
- ئاداش، نېمە بولدى؟ – دەپ سورىدى يالقۇن – بۇ يېرىم كېچىدە ئۇخلىماي نېمە ئىش قىلىۋاتىسلەر؟
- ھەي… بىر دېمەڭلار….ھەي ئىسىت….
- ھە نېمە بولدى؟ بالدۇرلا يوقاپ كېتىپ كىرىشڭلار ھازىر…. زادى نېمە ئىش بولدى؟
- قارىمامسىز… ھەي ئىسىت ئەقىدەم….ھېلىقى مەكتەپچۇ؟
- قايسى مەكتەپ؟
- ھېلىقى يېزا ئىگىلىك مەكتىپىگە چىقىپ كەلدىم.
-ھە…
ئاغىينە بالىلار ئولتۇرۇپ ئىچىشتۇق. قىزلارمۇ بار. قارىسام، تولۇقسىزدا بىرگە ئوقۇغان زۇلپىيەم ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. ئاشۇ زۇلپىيەم….خەپ…ھەي ئىسىت…
-ھە..زۇلپىيەم نېمە بولدى؟- دېدى يالقۇن تېخىمۇ قىزىقىپ.
-ھە..ئاشۇ….مەن بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خەت يېزىشىپ يۈرگەن قىز شۇ ئىدى….ھەي قارىمامسىز….قىز بالا دېگەن بارغۇ؟ …بىر دېمەڭ…
-ئادەمنى جېلە قىلماي، تېزرەك دېمەمسىلە….
- مەكتەپكە كەلگىلى 2 ئاي بولا بولمايلا ماڭا ئۇقتۇرماي، باشقىلار بىلەن يۈرۈۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟ خەپ دەيمەن….چىن مۇھەببەت مەۋجۇت، مەڭگۈلۈك مۇھەببەت مەۋجۇت ئەمەس دېگەن گەپ راست گەپكەن. …يالقۇن ئاداش، ماقۇل… خەپ….. سەن مەندەك بوپ قالمىغىن….قىز بالا دېگەننىچۇ؟….ھەي دەردىڭەي….
يالقۇن كارۋىتىدىن چۈشۈپ مىڭ بىر تەستە ئۇنى كارۋىتىغا چىقىرىپ، ياتقۇزۇپ، يوتقىنىنى يېپىپ قويدى.
قىزىللىق ئېزىز
يالقۇن ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن تولىمۇ كېچىلىپ خەۋەر تاپقان ئىدى. ئۇنىڭ سىنىپتىكى مودا گۈزەللەردىن مېھراي بىلەن يۈرۈۋاتقىنىغا خېلى كۆپ ۋاقىتلار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار دېگەندەك، بىراۋنىڭ كۆزى تەككەندەكلا ئۇلارمۇ ئايرىلىپ كېتىشكەن ئىدى.
باشقىسىنى سۆزلىمىسەكمۇ بولار؟
«قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يوقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى » دېگەندەك، يالقۇن بۇ قورغان ئىچىدىكى ۋەقەلەرنى كۈرۈپ ۋە ئاڭلاپ، بىر قىسمىلا بۇلۇپ قالدى. ئۇ بىر چىغىر يولغا دۇچ كەلگەن ئىدى. مەيلى بۇ يول بارسا كەلمەس بەخت يولى بولسۇن ياكى بولمىسۇقن، ئۇ بەرىبىر قەدەم باسماي بولمايدىغان ، بارچە ئىنسان بېشىدا بار بولغان مۇھەببەت يولى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.
دېگەندەك ھەپتە ئۆتمەي، بۇ بىخ كۆكلەشكە باشلىدى.
ئۇ ئەمدى ئاخشاملىرى، ۋاقتىدا ئۇخلىيالمايدىغان، تىنىمسىز جىمىرلاپ تۇرىدىغان ئاي يۇلتۇزلارغا قاراپ، چوڭقۇر خىيال دەرياسىغا غەرىق بولاتتى.
بولدىلا، ئۇ خيالىنى سۈرۈۋالسۇن…. چاڭقاق يۈرىكىگە ئاشۇ مەسۇمە خىياللىرى بىلەن تەسەللى تېپىۋالسۇن! كىشىلەر ھامان رېئاللىقنى خىيال ئارقىلىق كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، خوشال بولۇپ يۈرىشىدىغۇ؟
(5)
ئۇنىڭ قارىشىچە سۆيگۈ-ۋېسالغا يېتىشلا ئەمەس، بەلكى ۋېسالغا يېتەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆز سۆيگۈنىنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەڭ ئالىجاناپ سۆيگۈ ھېساپلىناتتى.
مۇشۇنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل بەخت، ئۇلۇغۋار، بۈيۈك مۇھەببەت بۇلۇپ قارىلاتتى.
تاكى ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن تارتىپ، بۈگۈنكىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەقىقى بىر كۈيۈك ئازابى-سېھرى سۆيگۈ ئۇنى ئاستا-ئاستا چاڭگىلىغا ئالماقتا ئىدى.
ئۇ قىزنىڭ ئىسمى – نۇربىيە !
يالقۇننىڭ نەزىرىدە ياق، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ تۇنجى ئاپئاق بېتىدە ئۇ بىر قىزىلگۈل. قەلب گۆھىرى، ئۇ تۇنجى زەر نۇر ئىدى. بۇ نۇر شۇنداق ئۇلغايدىكى…..
مەكەپنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى
قىز ئوغۇللار توپ توپ بۇلۇپ قارتا ئوينىماقتا.
چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ ، مۆرىسىگە كەتمەننى ئارتىۋالغان يالقۇن نۇربىيەنىڭ قېشىغا كەلدى. نۇربىيە بېرىلىپ كىتاپ ئوقۇۋاتاتتى. ئۇ بېشىنى ھاۋارەڭ ياغلىق بىلەن چىڭ تېڭىۋالغان، بوغماق چاپان كىيگەن، مەڭزى قىزىل ئوماق قىز ئىدى.
يالقۇنغا بۇ ئوت دەل مۇشۇ ئەمگەك مەيدانىدا، دەل ئاشۇ ئاددى ، لېكىن ئۇلۇغ سىمادىن تۇتاشقان ئىدى.
- قايسى كىتاپ ئۇ؟
- ئىزدىنىش…
-بۇ كىتاپنى قانچە قېتىم ئۇقۇپ چىققانسىز؟
- بەلكىم بۇ 6- قېتىم ئوقۇشۇمغۇ دەيمەن.
-ئوھۇي… ئوقۇۋېرىپ، ھېلىقى يوللارغا كىرىپ قالماڭ يەنە…
- ياقەي، بىزنى يېتىلەپ ماڭىدىغانلار يوق ئوخشايدۇ؟
- راستمۇ؟
-راست، ھازىرغا قەدەر…
-ئەپسۇس
-بۇنىڭ ئەپسۇسلانغۇدەك نەرى بار؟
ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى. ئۇ ئاشۇ سىيماسى ، قايرىلىپ بېقىشلىرى، – ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن زادىلا كەتمەيتى. ئۇ ياپراقلار ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەيتى. ئۇ پۇرىغان گۈللەرنى پۇرايتى. ئۇنىڭ يېنىدىن، ئەقەللىسى ئۇ ئۇلتۇرغان پارتىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندىمۇ، ئۆزىدە تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئاجايىپ بىر سېزىمنى ھېس قىلاتتى.
ئۇ ئايدىن سۇئال سورايتى. لېكىن ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتى. ئاخشاملىرى چەكسىز خىياللار ئىلكىدە ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپلىرىنى رەتلەپ چىقاتتى ھەم قەتئى ئىرادىگە كېلىپ، ئەتە ئۇنىڭغا چوقۇم تەلەپ قويىمەن دەپ ئويلايتى. ئۇ ئەنە، ئۆگۈن دەپ ساق بىر ئاينى ئۆتكۈزدى. بۇ بىر ئايدا ئۇ ئۆزىنى مەكتەپتە ئەمەس، ئۇنىڭ سايىسىدەكلا ھېس قىلدى. ئۇنىڭغا ئاشىقلىق قاپلىغان قەلبىدە نە مەكتەپ، نە دەرس، نە ئەتراپىدىكى كىشىلەر غۇۋالىشىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ نۇربىيەگە ئاتاپ، تۇنجى قېتىم بۇ شېئىرنى يازدى.
ئۆتەرمەنمۇ دۇنيادىن تەنھا،
خىيالىمغا بۇلۇپ مەن قوشماق.
بارچە يۈرسە جۈپ جۈپى بىلەن،
بۇلۇپ قالدىم قانداقسىگە تاق؟
(1992-يىلى 4-ئاي)
ئۇ ھەيران ئىدى، سۆيگۈنىڭ شۇنچە قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى كىتاپ يۈزىدە كۆرگەن. ئەمدى ھەقىقى كۆردى. كۆيدى.
ھەيرانمەن، مۇشتۇمچىلىك كېلىدىغان ئاشۇ يۈرەككە؟ كۆڭۈلگە!
(6)
قىزلار- سېھىرلىك قاراشلىرى، ئوتلۇق شەھلا كۆزلىرى، خۇشخۇي ناز، خۇلىقلىرى بىلەن، ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلسا كېرەك. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئاشۇ كۆزلىرى ، قەلب ئىزھارىنى ئىپادىلەيدىغان، ئەڭ ئۆتكۈر پولات قەلەم.
ئۆز-ئارا بىربىرىگە كۆڭلىنى ئىزھار قىلىش گۇناھ ئەمەسقۇ؟ ئىشق ئوتىنىمۇ ئاللاتائالا سالارمىش.
يالقۇن ئاخىرى بىر پارچە سۆيگۈ خېتى يازدى. ئاندىن ئۇنى «ئاجايىپ سەرگۈزەشتە» ناملىق كىتاپنىڭ قېتىغا سېلىپ، نۇربىيەگە بەردى.
قارىمامدىغان بۇ كېلىشمەسلىكنى؟ ھەممە ئىش ئاشۇ «ئاجايىپ سەرگۈزەشتە»دىن باشلاندى.
يالقۇننىڭ قەلبىدىكى تۇنجى داغ، دەرەت-ئەلەم، ۋە بارلىق ئازاپلار، ئاشۇ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىدىن باشلاندى. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ھەققىقەتەن ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈردى.
ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن ئەسلىدىنلا ئانچە چوڭ ئۈمىدىمۇ يوق ئىدى.
يالقۇننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
1992-يىلى ئاپرىل
«مەن ئۇنىڭغا خەت يازدىم. ھەم خەتنى «ئاجايىپ سەرگۈزەشتە» ناملىق كىتاپنىڭ قېتىغا سېلىپ، دوستۇم ئابلىز ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەردىم.
ھەر ھالدا پەرىزىم توغرا چىقتى. تەلىپىم رەت قىلىندى. بەزىلەر تەلىپى رەت قىلىنسا، قاتتىق ئازاپلىنىدىكەن. ئەمما مەن شۇ دەقىقىدە يا ئازاپلىنىشنى، يا كۈلۈشنى بىلمەي قالدىم. راستىمنى ئېيتسام، ئۆزەمنىڭمۇ ئانچە ئىشەنچى يوق بۇ ئىشقا نىسپەتەن كۆڭلۈم سەل ئارامسىزلىنىۋاتاتتى. »
يالقۇن كۆڭلىدە، نۇربىيەگە بەخت تىلەپ قالدى. ئەمما ئۇنتۇش، ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەسكەن. ئۇ نۇربىيەنى زادىلا ئۇنتۇيالمىدى. شۇنچە كەڭرى تەبىئەتتىكى ئىنسان ئەقلىنى لال قىلىدىغان بارلىق گۈزەللىكلەرمۇ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاشۇ بىر سىيمانىڭ ئورنىنى ئالالمىدى.
كۈنلەر ئۆتتى.
ماي ئېيى ئۆزىنىڭ ئىللىق نۇرلىرى بىلەن، ئۇنىڭغا بىر سۆزنى ئېيتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى چېگىش تۈگۈنلەر يېشىلگەندەك بولدى. ئەمما ئۇنىڭغا بىر غېرىپلىق قۇشۇلدى. ئاخىرى بېرىپ خوشاللىق ۋە غەمكىنلىك مۇجەسسەملەنگەن تەنھا بىر گەۋدىگە ئايلاندى.
مۆلجەر تاغ ئېتىگىدىكى بۇر ئاددى ئەمما ناھايتى كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇش ئۇنىڭغا يەنە بىر مىسكىنلىك قوشتى.
قىرىق نەچچە ساۋاقداشلار جەم بولدى. سەكسەن نەچچە كۆز ئۇنىڭغا تىكىلدى. قىرىق نەچچە قەلىب ئۇنىڭ ناخشىسىنى كۈتمەكتە. شۇ دەقىقىدە بۇ كۆڭۈللەر نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدىكىن؟
ئۇنىڭ لەرزان بارماقلىرى، گىتتار تارىلىرى ئۈستىدە جاراڭلىماقتا. ئوتلۇق نىدا، ئازاپلىق ئارمانلار سىڭىپ كەتكەن-سۆيگۈ نىدالىرى ئۇنىڭ بارماقلىرى، ئېغىزىدىن ئەمەس، بەلكى ئاشىق يۈرىگىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن يامغۇر كەبى تۈكۈلمەكتە ئىدى.
ھەممىنىڭ كۆزى ئۇنىڭدا….
ھاراقنىڭ تەسىرى كۈچىنى كۆرسەتكەن ئاشۇ ئوغۇللار،قىزارغان كۆزلىرىنى مۇڭلۇق بىر قىياپەتتە ئۇنىڭغا تىكمەكتە.
بەزىلەر «ئۇھ…» دېيىشىپ، يەنە بەزىلەر «ئاھ خۇدا…»دەپ نىدا قىلىشىپ قوياتتى.
دوستۇم، سىز ئۇلارنى خاتا چۈشەنمەڭ. چۈنكى ياشلىق – ئەڭ گۈزەل! ئۇنىڭ گۈزەللىكى شۇ يەردىكى ئۇنىڭدا چېچ بىر ئىنسان قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ، سۆيگۈ كۈيلىرى بار.
بۇ كۈيلەر ئەنە شۇنداق مۇڭلۇق ، ئەنە شۇنداق ھەسرەتلىك…
يالقۇننىڭ ناخشىسى داۋاملاشماقتا.
ئەجەپ قىلدىڭ يار، يار، يار ماڭا،
يۈرىگىمگە ئوتنى سېپ قۇيۇپ.
پاك قەلبىڭگە ئىنتىلگەن يۈرەك،
يىغلىماقتا ھەسرەتكە تۇلۇپ.
مېنى تاشلاپ كەتتىڭمۇ سۆيگۈ،
چەكتىم ئازاپ،ئىشقىڭدا جانان.
قەدىرلەڭلار ياشلىقنى دوستلار،
بۇ جاھان، ئۇزۇن جاھان.
ئوتتۇرىغا چۈشكەن جۇپ جۈپ قىز، يىگىتلەر پىقىرىماقتا. لەۋلەر مىدىرلىماقتا. يۈرەكلەر شىددەت بىلەن سوقماقتا. ناخشا داۋام قىلماقتا.
ئەجەپ قىلدىڭ يار، يار، يار ماڭا،
ئوتلارىڭدا كەتتىم مەن كۈيۈپ.
تەنھالىقتا قالدىم مەن غېرىپ،
سەن يۈرىسەن قاياندا كۈلۈپ.
خەيىر ساڭا بەخت تىلەيمەن،
بەختلىك بول، مەن سۆيگەن جانان.
قەدىرلەڭلار ياشلىقنى دوستلار،
بۇ جاھان، ئۇزۇن جاھان.
يالقۇننى يىغا تۇتتى. ئۇ ناخشىسىنى تۈگەتتى-دە، دەرھال سەپتىن ئايرىلدى. نېرىدىكى ئۇدۇل رەتتە ئولتۇرغان نۇربىيە بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان گۈلنار بولسا، يالقۇنغا قاراپ ، قاراپ قوياتتى.
قالپىقىنى يانتۇ قىرلاپ كىيىۋالغان، ئۇزۇن بۇرۇن ياغاق يۈز ئادىل، بىر رومكا ھاراق تۇتقىنىچە يالقۇننىڭ يېنىغا كەلدى.
ئۇنىڭغىچە ئۈنئالغۇدىن شوخ دېسكو مۇزىكىسى قۇيۇلدى. قىزىپ تەڭشەلگەن ئوغۇللار سۈرەن سالغىنىچە، ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشۈشتى.
- قېنى، دوستلۇقىمىز ئۈچۈن خوشە؟
- ئادىل، مەن ھاراق ئىچمەيمەن، بۇنى بىلىسەنغۇ؟
- مەن…مەن بىلىمەن… بولدى،.. ئاز….ئازراق ئىچكىن ھە..
- ياق، ئىچمەي….
-ئىچە… ناخشىنى شۇنداق ياخشى ئېيتىڭ… بەلكىم بۇ… بۇ بىر رومكا…. دەرتلىرىڭنى باسىدۇ….ئاغىينە…
يالقۇن ئۇدۇلغا قارىدى. گۈلنار مەيدانغا چۈشكەن، نۇربىيە يالغۇز ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى يالقۇن بىلەن ئۇچراشقان شۇ دەقىقىدە، دەرھال كۆزىنى باشقا ياققا ئەپقاچتى.
-كىم…كىمگە قاراۋاتىسەن؟ … نۇربىيەگىما….ھەي… ئەمدى قارىماي…لا قوي…. ئۇ تومۇچۇقنىڭ ئىگىسى باركەن…
ئادىل گەرچە بۇ گەپنى چالا مەستلىكتە ، پەس ئاۋازدا ئيېتقان بولسىمۇ، لېكىن يالقۇن ئۈچۈن گويا زەمبىرەك ئاۋازىدەك ئۇنىڭ يۈرىگىنى ئاچچىق بىر ئازاپقا دۇچار قىلدى.
«ئىگىسى…. كىم بولغىيدى؟…. ئەسلىدە….. ئۇ…»
- ئېگىسى؟
- ھەئە…
-كىمكەن ئۇنىڭ ئىگىسى….؟
-ھېچكىمگە دېمەيسەن ھە….
-ماقۇل.
-مەن!
-سەن؟!
-مەن ، ئىشەنمەيۋاتامسەن؟
-يالقۇن، نۆۋەت ساڭا كەلدى…
ئۆگىنىش ھەيئىتى جەمىلە، ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى.
-نېمە نۆۋەت؟
سەن يەنە بىر پەدە گىتتار چېلىپ بېرىسەن-دە
يالقۇن ئىختىيارسىز گىتتارنى قولىغا ئالدى. ناھايتى روھسىز بارماقلىرى تىترەۋاتاتتى.
ئەمما بۇ نۆۋەت ئۇ ھېچكىمگە قارىماي، كۆزلىرىنى گىتتارنىڭ پەدىلىرىگە تىكتى.
بىلمىدىم، كۈلمىدىم يۈرەكىم يارا،
سېنىڭسىز بۇ ھايات بەختىسز ماڭا.
قەلبىڭنى بەر ماڭا، جان ۋاپادارىم،
بىلمەيمەن قاچاندىن كۆيىمەن ساڭا.
تەلمۈرۈپ كۆزۈڭگە قارىسام ئەسلا،
كۆزۈمدىن تاراملاپ ئاقىدۇ ياشلار.
قەلبىمدە كۆيگۈنۈم، سۆيگۈنۈم سەن،
يىغلىسام سۇ بۇلۇپ ئېرىيدۇ تاشلار…
تەقدىرمۇ ئاجايىپ. ئۇ ئىنسانغا ھەر قانداق ئۇيۇنلىرىنى، چاقچاقلىرىنى ، تەپ-تارتماستىن قىلىۋېرىدۇ.
ئۇ ناخشىسىنى تۈگەتتى. ئاندىن غىپپىدە سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ، نۇربىيەنىڭ بىلىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، تانسا ئويناۋاتقان ئادىل لىپپىدە قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى.
سۈتتەك ئاپئاق ئاي مۆلجەر تاغ باغرىدىكى بۇ قەدىمى كىچىك شەھەر كوچىلىرىنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ يالغۇز قالدى. ئۇنىڭ ھەمراھى، سىردىشى ئەمدى ئۇنىڭغا تۈندە ھەمراھ بولىدىغان ئاشۇ ئاي بولامدۇ؟
توققۇز بۇلاقتىن ئېقىپ چىققان سۈزۈك بۇلاق سۈيىدىمۇ يەنىلا ئاينىڭ ئەكسى…
ئۇنىڭغا سۇلارنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشىمۇ، بىر خىل غەمكىن مۇزىكىنىڭ كۈيىدەك بىلىنەتتى. سۇلارنىڭ شىلدىرلاشلىرىمۇ، قانداقتۇر بىر غەم، ئازاپلار سىڭىپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتى. بەزىدە بۇمۇ ئاشۇ مۇھەببەتكە ئوخشايتى. مۇھەببەت دەشتىدە، نى-نى كىشىلەر ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرالماي ئارماندا.. ئۆتۈپ كېتىۋاتمامدۇ؟
ھەي سۇ… ئاخماق ئىنسان!
ئۇ ئەمدى بىر ئاددى ھەقىقەتنى تۇيغاندەك بولدى. گەرچە كونىلار «قوغلىغاندىن قاچ، قاچقاننى قوغلا» دەپ ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قوغلىماي، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە قېچىش قارارىغا، يەنى بۇ مۇھەببەت ئازابىدىن قېچىش قارارىغا كەلگەن ئىدى. ئۇنى ھېچكىم قوغلىمايدۇ، شۇنداقتىمۇ قېچىش كېرەك. بۇ ئۇنىڭ مۇھەببەتتىن باشقا كۆڭلىگە پۈككەن ئۇلۇغ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىردىنبىر يول.
سۆيگۈنىڭ سىرلىق بۇ ئۇۋىسىدىن قانچە يىراققا قاچالىسا شۇنچە ياخشى.
قارىمامسەن، سۈيۈملۈك ئايغا!
ئۇ زېمىنغا يۇرۇق نۇرىنى سېپىۋاتىدۇ. يۇلتۇزلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە…
ئومۇ ئايغا ئوخشاش، ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ، زېمىنغا، ئەڭ مۇقەددەس زېمىن سەبى غۇنچىلارنىڭ پاك قەلبىگەن ئىلىم پەن يۇرۇقلىقى ئاتا قىلىشى كېرەك.
ئۇنىڭ ياشىشى، ئۇنىڭ ھاياتلىقى بىھۇدە بولماسلىقى، ھاياتلىق ئۈچۈن ، مىللىتى، كندىك قېنى تۈكۈلگەن ئانا يۇرتى ، مۇقەددەس زېمىنى ئۈچۈن ئۈمىتۋارلىق بىلەن ياشىشى، ئۆگىنىشى، ئىزدىنىشى كېرەك.
خۇددى «ئىزدىنىش»رومانىدىكى ئەلاغا ئوخشاشلا…
ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بايلىق ۋە سۆيگۈ ئابىدىسىنى تىكلىشى كېرەك.
بايلىق – ئەل يۇرتنىڭ تەشەككۈرى دېمەكتۇر.
سۆيگۈ- ئۇنىڭغا بەخت تىلەش دېمەكتۇر؛
ئۇ ئاخىرى تەنھالىقىغا تەسەللى بولمىش « پەرۋايىم پەلەك» نى ئۆگىنىۋالدى.
(7)
دوستلۇق مۇقەددەس، بىراق…
ئۆتكەن ئىشلار قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھامان بىر ئەسلىمىگە ئايلىنىدۇ. گاھىدا ئەنە شۇ ئەسلىمەڭ سېنى پىسسىڭڭىدە كۈلدۈرۈپ قويسا، گاھىدا ئۇ بىر ئاچچىق قامچىسى بىلەن، قەلبىڭنىڭ مەلۇم جايلىرىنى ساۋاپ قويىدۇ.
بۇ سىنىپتا ئاقسۇدىن پەقەت نىغمەت، ئابلىز، يالقۇنلاربار. ئۇلار دائىم بىللە يۈرىدىغان ئايرىلماس دوستلاردىن ئىدى. دېيىشمەيدىغان ئىچ سىرى يوق ئىدى. ئىككى يىللىق مەكتەپ داشقازان تامىقى، يىلدا بىر كېلىدىغان ھەپتىلىك ئېغىر ئەمگەك پائالىيىتى ۋە باشقىلار ئۇلارنى ئەڭ يېقىن دوستلاردىن قىلىپ قويغان ئىدى.
-ئاداش يالقۇن- دېدى بىر كۈنى ئۇلار يالقۇنغا.
- ھە، نېمە گەپ؟
- ئاشۇ سىرىڭلىنى بىر دەپ بېرىڭلار بىزگە….
- ئۇئىشقا ئەسلىدىنلا ئىشەنچىم يوق.. شۇڭا دېمىگەن… ئەڭ ياخشىسى ئۇ ئىشلار مېنىڭ مەڭگۈلۈك سىرىم بۇلۇپ قالسۇن!
-مەيلى – دېدى ئابلىز- نىغمەتنى ئۇ ئىشقا ساپسىلە، مېنىڭدىن يۇشۇرۇپسىلەر،،، مەنمۇ بىر دوستلۇقنى يەتكۈزەي دەيمەن
-بۇنىڭ ئەمدى زۈرۈرىيىتى يوق.
- ئۇنداق دېمەڭلا… شۇنچە ئىتتىك ئۇنتۇپ كېتەلىدىڭلارما؟
- ئۇنداق ئەمەس… لېكىن … سىلە ئەمدى كىمنى دەۋاتىسىلە؟
- ئاۇۇنىڭغا- ئابلىز ئۇلاردىن سەل نېرىدا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان بىر قىزنى كۆرسەتتى.
- باھارگۈل!
-ھەئە…
يالقۇن بۇنداق بولارىنى، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئويلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. بەختىگۈل ئابلىزنى ياخشى كۆرەتتى. ئەمما ئابلىز باھارگۈلنىڭ دوستى بىلەن يۈرۈۋاتاتتى.
يالقۇننىڭ ئۇنىڭغا چاقچاق قىلغۇسى كېلىپ قالدى.
- ھە قېنى، نوچى بولساڭلار بېرىپ گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى….
ئابلىز ئورنىدىن تۇرغان پېتى باھارگۈل تەرەپكە ماڭدى. يالقۇن چاقچاق قىلىپ قويغان گېپىنىڭ راستقا ئايلىنىپ كەتكىنىدىن مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئابلىزنىڭ ئۇدۇل بېرىپ بۇ گەپلەرنى قىلالىشىغا تېخىچە ئىشەنمەي ئولتۇراتتى.
ئابلىز باھارگۈل بىلەن 10 مىنۇتلارچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن ھىجايغىنىچە يېنىپ كەلدى.
- سۈيۈنچە!
- نېمە سۈيۈنچە؟
- مەن ئۇنىڭغا سىلىگە ۋاكالىتەن تەلەپ قۇيۇپ، كۆڭلۈڭلىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇپ كەلدىم، سۈيۈنچە يوقما؟
يالقۇن ئىشەنمىدى.
- بوپتۇ، دەڭلار قېنى؟ ئۇ نېمە دېدى- دېدى يالقۇن بىر خىل ئۆزىمۇ سەزمىگەن قىزغىنلىق بىلەن.
- دەسلەپ تۇرۇپ قالدى، بۇ گەپنى دەپ بولغۇچە ئۆزەممۇ تەمتىرەپ كەتتىم. مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇنىڭغا دىققەت قىلغان . ئۇ دائىم سىلىنىڭ ئۇ، بۇ ئىشلىرىڭلارنى ئارىلاپ سۈرۈشتە قىلىپ قوياتتى. مەن ئۇنىڭ سىلىگە ئازراق قىزىپ قالغىنى سەزگەنتىم. شۇڭا بۈگۈن ئۇنىڭغا گەپنى ئۇچۇق دەۋەتتىم. قىزلارنى ئازاپلىساڭلار، جازاسى ئېغىر جۇمۇ؟
- ھەي، چاقچاق قىلمايۋاتقانسىلەر؟
- بۇنىڭغىمۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىشما؟ ئۇ ئازراق مەزگىل ساقلاپ تۇرسۇن، مەن ئويلىنىپ باقاي دەيدۇ.
- ئەنە، ئۇ قۇشۇلماپتىغۇ….. يالقۇن كۈلۈپ كەتتى.
- ھەي ئاداش، قىز بالىغا ئۇ تەرەپتىن تەلەپ قويساڭلا، بۇ تەرەپتىن ماقۇل دەمتى؟
كەچلىك مۇزاكىردە دەرسىنى تەكرارلاپ بولغان يالقۇن ئادىتى بويىچە شېئىر يېزىپ ئولتۇراتتى. ئالدىغا بىر پارچە قەغەز ئۇچۇپ چۈشتى. ئۇ پۇرلانغان قەغەزنى ئېلىپ ئەتراپىغا قارىدى. لېكىن كىمنىڭ تاشلىغىنىنى بىلەلمىدى. ئۇ قەغەزنى ئاچتى.
«ئۇياقتىن ئاجرىشىپ، ھەپتە ئۆتمەي بۇياققا تاش ئېتىپ يۈردىڭىزما؟ ھۇ ئۈجمە كۆڭۈل!»
ئۇ يەنە بىر قېتىم ئەتراپىغا قارىۋىدى، ئابلىزنىڭ يۈرگەن قىزى ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ كۈلۈپ كەتتى.
مۇزاكىرىدىن تارقىغاندىن كېيىن، ئۇ يالقۇننى چەتكە تارتتى.
- ھە، نېمە گەپ، خانئاچا- دېدى يالقۇن- چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ.
- باھارگۈل ھەممە گەپنى ماڭا دەپ بەردى.
- دېسە بوپتۇ، بۇ دېگەن ئابلىزنىڭ چاقچىقى….
- بىراق بۇ چاقچاق ئەمەس، يالقۇن، قارىسام ناھايتى ئازاپ ئىچىدە بىر يىلنى ئۆتكۈزدىڭىز، سىزدەك ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىلھام، ئىلھام دېگەن مۇھەببەتتىن كېلىدۇ. باھارگۈل مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم. ئۇ ماڭا تۈنۈگۈن سىزنىڭ ئابلىز ئارقىلىق تەلەپ قويغىنىڭىزنى دېدى.
- توۋا قىلدىم، خۇاديىم، بۇ باھارگۈلنى خېلى ساق كۆرەتتىم. ئۇ گەپنى يا مەن دېمىسەم، مەن بىلەن كۈرۈشمەي، سۆزلەشمەي تۇرۇپلا ئىشنىپ يۈرۈپتىما؟
- ئۇنداق دېسىڭىز باھارگۈل دوستۇمغا ئۇۋال قىلىسىز جۇمۇ؟
- ئېيتىپ قۇيۇڭ، ئۇ تېخى بالىكەن، كۆز يېشى دەردنى بوشىتىدۇ. لېكىن قەلب يېشى- كۆڭۈلنى زېدە قىلىدۇ. مەن ئوقۇش ھاياتىمدا مۇھەببەتلەشمەسلىككە ئەھدە قىلغانمەن…
يالقۇن ياتاققا كىرىپ ئورنىغا ئۆزىنى ئاتتى-دە، كۆڭلى بۇزۇلۇشقا باشلىدى. راستىنى ئيېتقاندا، بىر يىلدىن بۇيانقى نۇربىيەگە بولغان ئوتلۇق سېغىنىش ئۇنى تىنماي قىينۋاتاتتى. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇنى ھازىر ئاچچىق، ھەسرەتلىك بىر يىغا تۇتۇۋاتاتتى.
ھەممە ئۇخلاپ بولغان . پەقەت دولانلىق پولاتلا تېخىچە ياتاققا كىرمىگەن ئىدى.
بىر ۋاقىتلاردا ئىشىك تاراققىدە قىلىپ ئېچىلىپ، پولات شەرق-غەرىپكە دەسسىگىنىچە كىرىپ كەلدى.
- ئاھ…… خۇدا… ئاغىينىلەر….ھەي……
ئۇ ھەممەيلەننىڭ كارۋىتىغا بېرىپ، ئۇخلاپ بولغان ياتاقداشلىرىنى بىر بىرلەپ ئويغۇتۇپ چىقتى. ياتاقداشلار قاراڭغۇدا ئۇنىڭ چىراينى كۆرەلمىسىمۇ، بىراق ياتاق ئىچىگە تارقالغان قاڭسىق پۇراقتىن ئۇنىڭ تەڭشىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.
- يالقۇن……ئا…..داش…..
-ھە…
- بىر دەردىم بار…..
- سىزگە نېمە دەرت كەلدى ئەمدى؟ بۇ ياتاققا ساپلا مەجنۇنلار يىغىلىپ قالدىڭلارمۇ نېمە ئەمدى؟
- مەن بىرسىنى ياخشى….. كۈرۈپ قالدىم…. دېمىسەم بولمايدىغان يەرگە يەتكەندەك قىلىدۇ….
- كىم ئۇ…؟
پولات ئاستا كېلىپ يالقۇننىڭ كارۋىتىغا كېلىپ ئولتۇردى. ھەمدە ياتاقداشلاردىن ھېچكىمگە دېمەسلىك توغرىسىدا بىر بىرلەپ سوراپ ۋەدە ئالدى.
- مەن باھارگۈلنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم… سىزنىڭچە بولامدۇ؟
- خۇدايىمغا ئامانەت! بەلەن بوپتۇ!
يالقۇن يوتقاننى بېشىغا چۈمكىدى. ئۇ مەڭگۈلۈك تەنھا…. مەڭگۈلۈك ئۆز سايىسىگە ھەمراھ بۇلۇپ ياشايدىغان ئىنسان… مەڭگۈلۈك تەنھا ئادەم..
يالقۇن، ئۇخلىۋالا،.. ئەتىگىچە ھەممىنى ئۇنتۇ.. چۈنكى سېنى كۈتۈۋاتقىنى يەنىلا كېلىچەكتىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۆيگۈ..ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ سۆيگۈسى….
(8)
يالقۇن نىغمەتنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ئۆيىدىن ئۇزىغاندا، سائەت بىر يەرلەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. نىغمەت ۋە ئۆيىدىكىلىرى شۇنچە تۇتقان بولسىمۇ، ئۇ «مەن ئەتە نۆۋەتچى ئىدىم» دەپ ئۇنىمىدى.
خېلى كېچە بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ، كوچىدا ئادەم زاتى كۈرۈنمەيتى. كوچا چىراقلىرىمۇ سۇس جىمىرلاپ تۇراتتى. ئۇ قىزىل كۆۋرۈككە يېقىنلىشاي دېگەن ئۇغۇلدىن بىرسىنىڭ يۈگرەپ كېلىۋاتقىنىنى كۆردى-دە، دەررۇ ئۆزىنى چەتكە ئالدى.
ئۇ ناتۇنۇش گەۋدە بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا. ئەپتىدىن قارىغاندا، يۈگرەۋېرىپ ناھايتى ھېرىپ كەتكەندەك چوڭقۇر ھاسىرايتى.
ناتۇنۇش گەۋدە ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ كاللىسدا «ئادىل؟» دېگەن بىر سۇئال چاقماق تېزلىكىدە يېنىپ ئۆچتى.
- ئادىل!
يالقۇننىڭ ئۆزىمۇ تۇيماستىن چاقىرغان ئاۋازى بىلەن تەڭ، ئادىل چۈچۈپ ئارقىسىغا قاراپ توختىدى. ئۇ يالقۇننى كۈرۈپ، خۇددى نىجاتچىغا ئۇچرىغاندەك ئادەمدەك ناھايتى تېزلا يالقۇننىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەيتى. تېنىدىن قاڭسىق ھاراق پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى.
- نېمە بولدى؟ يەنە ئىچتىڭما؟ بۇ يېرىم كېچىدە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟
ئادىل گەپ قىلالمىدى. پەقەت قول ئىشارىتى بىلەن كۆۋرۈك تەرەپنى كۆرسىتىپ بىر نېمىلەرنى غىڭىرلايتى.
ئۇلار بىرلىكتە كۆۋرۈك تەرەپكە يۈگرەپ كېلىشتى. ئۇ يەردە ھېچكىم كۈرۈنمەيتى. ئادىل تۆت ئەتراپىغا ئالاق-جالاق قارىدى.
- نۇربىيە…. نۇربىيە ئۇ…. – دېگەن گەپنى ئاران قىلالىدى.
«نۇربىيە» بۇ مۇقەددەس ئىسىمنى ئاڭلاپ، يالقۇننىڭ ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلدى. ئۇلار بىرلىكتەكۆۋرۈكنىڭ ئاياغ تەرىپىگە ئۆتتى. ئۇنىڭغىچە ئادىل ئۇلارنىڭ كەچلىك سورۇنغا بېرىپ، ياناشىدا بىر قانچە لۈكچەككە ئۇچراپ قالغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ئادەم چاقىرىش ئۈچۈن ماڭغانلىقىنى ئېيتتى.
- سەن نۇربىيەنى لۈكچەكلەرگە تاشلاپ بېرىپ، ئادەم چاقىرغىلى ماڭغانمىدىڭ؟ – يالقۇننىڭ غەزەپتىن چىشلىرى كىرىشىپ كەتتى.
-مە…مە…مەن… تەڭ كېلەلمەي…
- نۇربىيە- يالقۇن بار .ئاۋازى بىلەن توۋلاپ، نۇربىيەنى ئىزدەشكە باشلىدى.
سېرىق دۇغسىمان دولان ئۆستىڭىنىڭ سۈيى يېنىك شىلدىرلاپ ئاقماقتا. ئىدى. يالقۇن كۆۋرۈك تەرەپتىن ئاياق تەرەپكە ئىزدەپ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن بىر پېشى سۇغا چىلىشىپ قالغان ياغلىقنى تېپىۋالدى. ئادىل ياغلىقنىڭ نۇربىيەنىڭ ياغلىقى ئىكەنلىكنى ئېيتتى. يالقۇننىڭ مېڭىسىگە شۇ تاپتا كەلمىگەن خىياللار كېلىشكە باشلىدى. ئادىل بولسا ، ياغلىقنى ئېلىپ، ئۆستەڭگە قاراپ «ئاھ نۇربىيە» دەپ ھۆڭرەك ئېتىپ يىغلاشقا باشلىدى.
- ھە….ھي ….ھې….ھېزىلەك…بايامقى تومۇچۇق قېنى؟
گەۋدىلىك بىر مەست شۇنداق دېگىنىچە، ئۇلارنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى. ئادىل دەرھال يالقۇننىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋالدى. – بايام، نۇربىيە ئىككىمىزنى قوغلىغان ئادەم شۇ- دېدى ئۇ تىترەپ تۇرۇپ يالقۇننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ.
يالقۇننىڭ قۇلىقىغا گەپ كىرمەيتى. ئۇنىڭ غەزەپتىن تۈكۈلگەن مۇشتلىرى ۋە پەشۋالىرى ھەشت پەشت دىگۈچە بۇ مەستنىڭ ئاللا توۋىسىنى چىقىرىپ، ئۇنى قۇيرىقىنى قىسىپ تىكىۋېتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇلار يەنە ئىزدەشكە باشلىدى.
- نۇربىيە!………………..نۇربىيە!
كېچىدىكى تىمتاس ئۆستەڭ بويىدىن سۇنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدىن بۆلەك ھېچقانداق سادا كەلمىدى.
ھاۋا گۈلدۈرلەيتى، چاقماق چاقاتتى. يامغۇر چىلەكلەپ قۇيغاندەك شارقىراپ ياغماقتا ئىدى.
تىنىمسىز سۇ، يىراق-يىراقلارغا ئۈن-تىنسىز ئاقماقتا ئىدى. يالقۇننىڭ يۈرەك باغرى ئېزىلدى. نۇربىيەنىڭ ئانىسىنىڭ ھەسرەتلىك بوزلاشلىرىغا كىشى چىداپ تۇرالمايتى. ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆستەڭدىن سۈزۈۋېلىنغان ، چىرايى تونۇغۇسىز بۇلۇپ كەتكەن جەسەتنى كۆرگەن ساۋاقداشلار قىيا چىيا سېلىشىپ، بىر-بىرىگە ئېسلىشىپ، ھۆڭرەپ يىغلاشماقتا ئىدى.
ھازىدارلار قۇشۇنى چىمەن دوپپا ئېسىلغان، زەر يۇپۇق يېپىلغان تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ، قەبرىستانلىق تەرەپكە قاراپ ماڭغاندا، ننۇربىيەنىڭ ئانىسى ۋە بىر قانچە ساۋاقداشلارنىڭ ھەسرەتلىك بوزلاشلىرى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقتى.
بۇ يالقۇن تاۋۇتنىڭ بىر پۇتىنى ھېچكىمگە بەرمەي ئۆزى كۆتۈرۈپ ماڭماقتا. باشقا ساۋاقداشلار ئوخشاش، ئۇ بار ئاۋازى بىلەن بوزلاپ يىغلىيالمىغان بولسىمۇ، بوغۇزى قاپلىشىپ، كۆزلىرىدىن ياشلار توختىماي سىرغىپ چۈشەتتى. بۇ ھازىدارلار ئىچىدە بىرلا ئادىل يوق.
جامائەت قايتىپ، تۇپراق بېشىدا يالقۇن، نىغمەت، ئابلىزلار قالدى. ئۇلار تۇپراق توپىسىنى بىرەر قۇر رەتلەپ بولغاندىن كېيىن، قايتىشقا تەمشەلدى. يالقۇن بولسا، ئۈن تىنسىز تۇپراققا قاراپ ئولتۇراتتى. ئاخىر ئۇلار ئۇنى ساقلاپ بېقىپ، «بىز ماڭغاچ تۇرايلى» دەپ كېتىپ قېلىشتى.
يالقۇن تېخى قۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن نەم تۇپراققا قارىغىنىچە خېلى ئۇزۇن ئولتۇردى. ئۇنى يەنىلا قاتتىق بىر يىغا تۇتۇپ تۇراتتى. يىغىسى بوغۇزىغا كەپلىشىپ قالغان ئىدى. لېكىن يىغلىيالمايتى.
ئۇ تەنھا، ئاشۇ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ، نۇربىيە ھايات ۋاقتىدىكى ئۇنىڭغا دېيەلمىگەن بارلىق گەپلىرىنى ئۈنسىز ئېيتماقتا ئىدى.
«ئاھ نۇربىيە، قەلبىمنىڭ ، پاك سۆيگۈمنىڭ نۇرى…
مەن سىزنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرەتتىم، كېچىلىرى يۇلتۇزلارنى ساناپ، ئاي بىلەن سىردىشىپ، سىز توغرۇلۇق جىق تالاش-تارتىشلارنى قىلىشاتتۇق. گاھى كۈنلىرى تاڭ ئاتقۇچى خىيالىمدا سىز بىلەن مۇڭدىشىپ تاڭلارنى ئاتقۇزۋەتكەن چاغلىرىم سانسىز ئىدى. كۈندۈزلىرى ياپراقلاردىن، سىز ماڭغان يوللاردىن، مەكتەپ ئىچىدىن سىزنىڭ سىمايىڭىزنى ئۈن تىنسىز ئىزدەيتىم. دەرس ۋاقتىمۇ كۈزۈم دوسكىدا بولغان بىلەن، خىيال قۇشلىرىم يەنىلا ، ئارقاڭغا بۇيرۇلۇپ ئۇنىڭغا بىر قارىۋال دەپ تۇراتتى.
راست، نۇربىيە، مەن سىزگە ئاشىق بولغان ئىكەنمەن.
ئۆزۈمنىڭ شۇنچە كۈچلۈك كۈيۈك ئوتلىرىغا، شۇنچە ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەنلىكىمگە ھەيرانمەن.
نۇربىيە، سىز تەلىپىمنى چىرايلىقچە رەت قىلدىڭىز.. بىراق شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىز بۇرۇنقىدەك يېقىن بولالمىدۇق. مەن نەچچە رەت ئارىمىزدا پەيدا بولغان بۇ توسۇق تامنى چېقىپ تاشلاپ، سىز بىلەن ئىلگىركىدەك يېقىن دوستلارچە ئوچۇق يورۇق پاراڭلىشىپ يۈرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم. كۆڭلۈمدە، تۈنلەردە، سىزنى يراقتىن كۆرگەندە، سىزدىن كۆرمىڭ قېتىم كەچۈرۈم سورىغاندىمەن. لېكىن شۇنچىلىك بىر ئىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماپتىمەن.
مانا ئەمدى، سىز ۋاقىتسىز كېتىپ قالدىڭىز… مەن بىر يىلدىن بېرى سىزگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي يۈرۈپ، ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئېغىر ئارمان ۋە پۇشايماندا قالدىم.
نۇربىيە، مېنى كەچۈرەمسىز؟
نۇربىيە ، سۆزۈمنى ئاڭلاۋاتامسىز؟ مەيلى سىز خالاڭ ياكى خالىماڭ، ھەقىقى سۆيگۈ يالدامىسى سۈپىتىدە، يۈرىگىمنى قەبرە بېشىڭىزدا قالدۇرۇپ كېتەي… ئۇ سىزگە ھەمراھ بولسۇن؟ كۈيۈپ كۈل بولۇشقا ئاز قالغان يۈرىگىم ، دانكونىڭ يۈرىكىدەك سىزگە يورۇقلۇق بەخىش ئاتا قىلىش يولىدا كۈيۈپ كۈل بولسا، مەن شۇنىڭغا رازى…. مەڭ مەرتىۋە رازى…
خەيىر، نۇربىيە، مېنىڭ قەلبىم مەڭگۈ سىزگە تالىق
تەتىل ۋاقتى يېتىپ كەلدى.
ئۇ نىغمەت، ئابلىزلار بىلەن خوشلاتى. ھەم گۈلنار بىلەن ئاپتوبوسقا چىقتى.
ئۇ دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ، قول پۇلاڭلىتىۋاتقانلار ئارىسىدىن باھارگۈلنى كۈرۈپ قالدى. ئۇ كۆزىگە لىق ياش ئالغان ھالدا، ئۇلار بىلەن خوشلىشىۋاتاتتى.
«نېمە دېگەن ياخشى قىز…. ئەدەپلىك، يۇۋاش، بىراق، سىزدىنمۇ كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرمەن.. چۈنكى مەندىكى كۈيۈك ئوتلىرى تېخى ئۆچكىنى يوق… ئەكسىچە ئويلىغانچە كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ھەر قانداق بىر سۆيگۈ زەررىچىلىرىگە قەلبىمدە ئورۇن بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىم مۈمكىن ئەمەس…. بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سۈيۈپ قالسام سېنى ناۋادا…..