ئوقۇتقۇچى
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت ،
بولدۇممۇ تارتىمەن جاپا-مۇشەققەت.
لېكىن ئىستىگىم ئارزۇيۇم شۇكى ،
ئوقۇغۇچى بولۇپ بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكلىشىدە
بىلىم بېغىنى كەزسەم تائابەت.
ئوقۇتقۇچى
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،
بولدۇممۇ چارچايمەن كۆرمەسمەن راھەت .
لېكىن تىلىگىم ئارزۇيۇم شۇكى -
ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ھىمايىسىدا
ئەقىل دېڭىزىدا ئۈزسەم تائابەت
ئوقۇتقۇچى
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت
بولدۇممۇ كۆرمەيمەن قىلچە ھالاۋەت
لېكىن ئۈمىدىم ئارزۇيۇم شۇكى ،
ساددىلىغىمنى ساقلاپ شۇ پېتى ،
ئۇستاز روھىغا نائىل بولۇپ ئۆتسەم تائابەت.
قايتما: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى » * ئەدەبىيات - سەنئەت * مائارىپ ۋە كەلگۈسىمىز » ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت