سىتېنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى

گەرچە سىتېنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ئالاھىدە مۇھىتتىكى ئالاھىدە تەربىيەنىڭ مەھسۇلى بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىكى نادىر يازمىلار ، بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى بالىلارنى بالا باققۇچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، توي تۈكۈنلەردە يۈرگەن، ئۆزىنى مىللەتنىڭ ئانىسى ئەمەس، بالىنىڭ ئانىسى دەپ قارايدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئانىلار ئۈچۈن ، يېڭى بالىلىق بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى ئۈچۈن مۇھىم تەۋسىيە دەپ قارايمەن.

مەن قىزىمنى ئۇيۇن ئارقىلىق تەربىيلىدىم.ئۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايتى ياخشى بولدى.

تەربىيە مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلاردىنلا باشلانماستىن، مۇھىمى ئائىلىدە ئانىلاردىن باشلىنىشى كېرەك.

ئانا بالا نەزىرىدە بىر دىپلۇمات بولۇشى كېرەك.

بالىلار تۇغۇلۇشىدىنلا شەخسىيەتچى ، ئەركە كېلىدۇ. ئۇلار باشقىلاردىن كۆپ نەرسە تەلەپ قىلىپ، باشقىلارنى كۆپ ئويلىمايدۇ.

بالىغا نىسپەتەن تەسەۋۋۇر نەچچە مىڭ سەر ئالتۇندىمۇ قىممەتلىك؛

 

سىتېنا خانىمنىڭ تەربىيەسىدە قىزى بىر يېرىم ياشقا توشمايلا كىتاپ ئوقۇيالايدىغان،ئۈچ ياشقا كىرگەندە، شېئىر، نەسىر يازالايدىغان،تۆت ياشقا كىرگەندە، سىنارىيە يازالايدىغان،بەش ياشقا كىرگەندە، سەككىز دۆلەتنىڭ تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان بولغان.ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىر،نەسىرلىرى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىغان. رىۋايەت،تارىخ ۋە ئەدەبىيات جەھەتتە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە يەتكەن.ئۇ «ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى تېنىچلىق ئىتتىپاقى»نىڭ باشلىقى ۋە ئامېرىكا پېتىسبورىگ شەھىرى بويىچە ئەڭ داڭلىق ياش ئوقۇتقۇچىغا ئايلانغان.

 

دوكتۇر باررى مۇنداق دەيدۇ:

بالىلارنىڭ قەلبى ئاجايىپ بىر پارچە مۇنبەت تۇپراققا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا ئېدىيۋى ئۇرۇق چېچىلسا، ھەرىكەت جەھەتتە ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. ئادەت ئۇرۇقى چېچىلسا، ئەخلاق پەزىلەت جەھەتتە ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. ئەخلاق پەزىلەت جەھەتتە ئۇرۇق چېچىلسا، بالىلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

 

1.رىم ئىمپىريىسىنىڭ يوقىلىشى ئۇلارنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

 پەقەت ئىنسانلارلا ئۆز پەرزەنتىنى باشقىلارنىڭ تەربىيلەپ بېرىشىگە تاپشۇرۇدۇ. ئەمما ھايۋانلار ھەرگىز مۇنداق قىلمايدۇ. رىملىق ئانىلار پەرزەنت تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس بۇرۇچنى ئۆزى ئادا قىلماي، ئۇلارنى باشقىلارغا تاپشۇرغاچقا، رىم ئىمپىرىيىسى مەغلۇپ بولغان. بالىنى مەكتەپتە نۇقۇل ھالدا ئوقۇتقۇچى ياكى ئائىلىدە ئانىسى تەربىيلىمەستىن، بەلكى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئانىسى ھەمكارلىشىپ تەربىيلىشى كېرەك.

پەرزەنت تەربىيلەشتە، ئاۋال ئانا ئۆزىنى تەربىيلەشتىن باشلاش كېرەك.

 

* مەن ھامىلدار بولغاندىن باشلاپلا بىر لاياقەتلىك ئانا بولۇشقا تەييارلانغانىدىم.

بالىنىڭ ئۇلۇغ ئادەم بولۇپ چىقىش ياكى چىقالماسلىقى پۈتۈنلەي ئانا تەربىيىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق؛

كۆپ ساندىكى ئانىلار  بالىسىنى بالا باققۇچىغا تاشلاپ قۇيۇدۇ. مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئانىلارنى ئانا ھېساپلانمايدۇ دەپ قارايمەن. ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى يالغۇزلا بالىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىشلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى ئەتراپلىق تەربىيلەش. ئانا بولغۇچى بالىسىنى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە تاشلاپ قويماسلىقى، بەلكى چوقۇم ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيلىشى كېرەك.

بىز ئادەتتە مىنىدىغان ئېتىمىزنىمۇ ھەرگىز لاياقەتسىز ئات باقارلارغا باقتۇرمايمىز. لېكىن بەزى ئانىلار پەرزەنتلىرىنى قىلچە بىلىمى يوق ئىنىكئانىلارغا باققۇزۇدۇ. بۇ ئىنىكئانىلار ئەتىدىن كەچكىچە بالىغا «ئۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، بۇى قىلساڭ بولمايدۇ»دەيدۇ. بالىنى بۇ خىل ئۇسۇلدا تەربىيلەش بالىنى چۈشكۈنلۈككە ئېلىپ بارىدۇ.

گېرمانىيەلىك بالىلار پىداگوكى فۇلۇپېر (1782-1852) «ئادەمنىڭ تەقدىرى ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرغۇچىنىڭ قولىدا دېگەندىن كۆرە، ئانىلارنىڭ قولىدا دېگەن ياخشىراق؛ شۇڭلاشقا ئىنسانىيەتنىڭ تەربىيلىگۈچىسى بولغان ئانىلارغا تىرىشىپ ئىلھام بېرىشىمىز شەرت» دېگەن ئىدى؛

 

* لاياقەتسىز ئانا قانداق بولىدۇ؟

مەن پەرزەنت تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇشەققەتلىك جەرياندىن مۇنداق بىر داۋالىنى يەنى، بالا پۈتۈنلەي ياىشى –يامان مىجەزلەرنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۆگىنىدىغانلىقىنى، پەرزەنت قەلبىدە ئانىنىڭ ئەڭ مېھرىبان، ئەڭ سۈيۈملۈك ئادەم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتتىم.

ئەلۋەتتە ئۆز پەرزەنتىگە كۈيۈنمەيدىغان،كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئانا چوقۇم لاياقەتسىز ئانا؛ پەرزەنتىگە ھەددىدىن ئارتۇق ئامراقلىق قىلىدىغان، ئۇنىڭ رايىغا باقىدىغان ياكى قىلچىمۇ ئويلانماي ، قارغۇلارچە ناتوغرا ئۇسۇل قوللانغان ئانا پەرزەنتىگە ئىچ – ئىچىدىن قانچە كۆيۈنگەن تەقدىردىمۇ ، مېنىڭچە يەنىلا ۋەزىپىسنى ئادا قىلالمىغان ئانا ھېساپلىنىدۇ.

 

* پەرزەنت ۋە ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرى

نۇرغۇنلىغان ئاتا- ئانىلار«مەن سەن ئۈچۈن شۇنچىلىك باش قاتۇرىمەن، سەن ئەلۋەتتە ۋاپانى بىلىشىڭ كېرەك. ئەگەر مەن خالىسام سېنى ئۆزۈمگە بويسۇندۇرالايمەن»دەپ ئويلايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلىشى ۋە ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. بىراق زامان ئۆزگەرمەكتە. نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى نەرسىلەر يوقالماقتا؛ نۇرغۇن ئىشلاردا ۋاقىتنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلاردىن باققان ئەجرىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان پىسخىكىسى بالا بىلەن ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى سەۋەپ؛ ئاتا-ئانا بولۇش شەرەپلىك ھەم ئەڭ جاپالىق ئىش؛

ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىمەن دەيدىكەن چوقۇم تۇرمۇشقا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشى، كەسىپىنى، ئائىلىسىنى قەدىرلىشى، ئۆزلىرىدە ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشى كېرەك؛

 

* ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ ياخشى ئانا بولالايدىغان ئىقتىدارىدىن گۇمانلانماسلىق لازىم.

كۆڭۈلدىكىدەك ئانا مەڭگۈ سەۋىر تاقەتچان ئاق كۆڭۈل بولۇشى، تولۇپ تاشقان مۇھابەت بىلەن بالىسىغا مۇئامىلە قىلىشى، بالا باشقۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى بىلىشى، بالىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىشى، بالىسىغا نىسپەتەن ئۈمىدۋار ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇشى، بالىسىنىڭ سۇئاللىرىغا قانداق جاۋاپ بېرىشنى بىلىشى كېرەك .

 

* بالىنى تەربىيلەشنىڭ تۈپ نېگىزى- ئانىنىڭ مۇستەقىل ئىجادكارلىقىدا؛

بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ ئانا بولغۇچىدىن ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇشنى، ئەمىلىيەت جەريانىدا توختىماي ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ياخشى پەرزەنت تەربىيلەش ئۈچۈن، چوقۇم ئانا بولغۇچى ئاۋال ئۆزىنى ئەتراپلىق تەربىيلىشى كېرەك.

 

 

2. بالا تەربىيلەشنى بالا ئىمىتكەندىن باشلاش كېرەك.

مېنىڭچە بالىغا يىمەكلىك بېرىش بالىنى ئالاھىدە كۈتۈش ئەمەس.

* ئابىھايات سۈيىمۇ ئانا سۈتىگە يەتمەيدۇ.

* مەن ئەزەلدىن قىزىمنى يىمەكلىك ئارقىلىق ئۆزۈمگە قاراتمايتىم.

* قىزىمنىڭ تاماقنى ئۆز مەيلىچە يىيىشىگە ئىلھام بەردىم.

 

3. قىزىمنىڭ بەش ئەزاسىنى چېىنىقتۇردۇم.

* مۇزىكا ئارقىلىق قىزىمنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈدۈم.

* كۆپ خىل رەڭلەر ئارقىلىق قىزىمنىڭ كۈزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈردۈم.

* قىزىم ئىككىمىز «دىققەت بىلەن كۈزىتىش» ئويۇنى ئوينىدۇق.

* جانلىق شەيئىلەر ئارقىلىق قىزىمغا ھەر خىل سۈپەت سۆزلىرىنى ئۆگەتتىم.

 

4. دەسلىپىىدىلا قىزىمغا توغرا ۋە مۇكەممەل تىل ئۆگەتتىم.

* تىل ئۆگىتىش- بالىنىڭ مېڭىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.

* بالىغا مۇكەممەل تىل ئۆگىتىشتە ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ.

* مەن ئەمەلىي نەرسىلەر ئارقىلىق قىزىمنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇردۇم.

* بالىغا چەتئەل تىلىنى تەرتىپلىك ھالدا ئاستا ئاستا ئۆگىتىش كېرەك.

* قىزىم ھەر خىل تىلدا چەتئەللىك بالىلار بىلەن خەت ئالاقىسى قىلىپ تۇردى.

 

5. بالىنى ئۇيۇن ئويناش ئارقىلىق چېنىقتۇرۇش

* ئۇيۇن ئويناش ئارقىلىق ھەرىپ ۋە سۆز ئۆگىنىش

* مۇزىكا ئارقىلىق بالىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش .

* ماشىنكىنى ئويناش داۋامىدا خەت يېزىشنى ئۆگىنىش.

* ئۇيۇنچۇق ئارقىلىق قىزىمغا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆگەتتىم.

* قىزىقارلىق ئۇيۇن قىزىمنى ماتىماتىكىغا جەلىپ قىلدى.

* دىراماتىك ئۇيۇن بالىلارنى قائىدە يوسۇنلۇق قىلىدۇ.

 

6. تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئادەم بەخىتنى چۈشەنمەيدۇ.

* تەسەۋۋۇرسىز تۇرمۇش مەنىسىز تۇرمۇشتۇر.

* تەسەۋۋۇر كۈچى پۈتكۈل دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

* قىزىم دائىم گۈزەل يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر سالاتتى.

* دۇنيادا ئەڭ بەختسىز ئادەم تەسەۋۋۇرغا ماھىر بولمىغان ئادەمدۇر؛

* تولۇپ تاشقان تەسەۋۋۇر كۈچىنى كۆرسىتىش ئۇيۇنى

* قىزىمغا مۇكەممەل بولغان ئۇيۇنچۇقلارنى بەرمىدىم.

 

7. ياخشى ئادەت مۇۋەپپقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ ئۇدۇل يولى

* بۇ قىيىن مەسلىنى مەن ئۆزەم ھەل قىلاي

* كۆڭۈلنى توختاتمىغاندا، ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ.

* مەن چوقۇم ياخشى قىلالايمەن

* مۇكەممەللىككە ئىنتىلگەندە، مۇكەممەل بولغىلى بولىدۇ.

* مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ كۆپ خىل ئېھتىماللىقىنى ئىزدەش.

* ئالدىرىغان يولدا قالار

* ئىزچىل قەتئى داۋاملاشتۇرۇش بىلىم ئىگىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى

 

8. قىزىمغا كۆڭۈللۈك ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىنى يارىتىپ بەردىم.

* ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ قىزىمنىڭ ئىززەت ئابرۇيىغا تېگىپ سالمىدىم.

* «ئۆزىنى توختىتىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇلايىم روھى ھالەتنى ساقلاپ قىلىش

* مەن قىزىمنى ئىززەتلەيمەن، قىزىم مېنى ھۆرمەتلەيدۇ.

* بالا ئىلھاملاندۇرۇشقا، ماختاشقا مۇھتاج.

* قىزىمدا كائىناتنى ئەركىن تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىدىغان جاسارەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلدىم.

* «تەخىر قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق قىزىمنىڭ سەۋىرچانلىقىنى يېتىلدۈردۈم.

* قىزىمغا يېتەرلىك ۋاقىت بەردىم.

* ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك.

 

9. قىزىم بەخىتلىك ئادەم بولسۇن

* بەخىتنى قوغلىشىشنى بىلگەندىلا بەخىتلىك بولغىلى بولىدۇ.

* ئۈمىدسىزلىكنى ئۈمىدكە ئايلاندۇرۇش.

* مەن قىزىمغا مەغلۇبىيەت ئۇزاققا بارمايدۇ دېدىم.

* بالىلارغا ئىچ ئاغرىتىش زىيانلىق.

* ھەقىقى كۆيۈنۈش دېگەن نېمە؟

* قىزىمنى باشقىلار بىلەن دوستانە مۇئامىلىدە بولىدىغان قىلىپ تەربىيلىدىم.

* بالىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسە نېمە؟

 

10.بۆشۈكتىكى مەزگىلىدىن باشلاپلا قىزىمنى ئەخلاق پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيلىدىم.

* بالىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنى تەربىيلەشتە ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم.

* ئاتا-ئانا پەرزەنتنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى.

* كىچىكىدىن باشلاپ قىزىمدا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يېتىشتۈردۈم.

* مەن قىزىمنى قەيسەر ئادەم قىلماقچى؛

* قىزىمنىڭ تېجەشلىك بولۇشتەك گۈزەل ئەخلاقىنى يېتىلدۈردۈم.

* تىرىشچانلىق ئىنساندىكى ئەڭ ياخشى ئەخلاق.

* قىزىمدا ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈردۈم.

* قىزىڭىزدا ناچار قىلىقلار كۈرۈلگەندە.

* قىزىمنى مېھرىبان ئادەم قىلدىم.

 

11. قىزىڭىزغا ئۆزى قىلالايدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىپ بەرمەڭ

* ئىشەنىچ ھاياتلىقنىڭ ئۇل تېشى

* قىزىم، سىز قىلالايسىز

* بالىدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى

* ئىشىنىش قاچاندىن باشلىنىدۇ.

 

12. ئۈسۈملۈك قۇياش نۇرىغا مۇھتاج بولغاندەك، بالىڭىز ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج.

* بالىڭىزغا ئازراق ئىللىقلىق بېرىڭ.

قىزىم، يارايسىز !

سىز ئەڭ ياخشى! چوقۇم ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلىشىڭىز كېرەك !

گۈزەللىككە ئېرىشىش ئەڭ ئالىي مۇكاپات

باشقىلارغا ئازراق ئىشەنچ بېرەيلى، بولامدۇ؟

ئانام ئەزەلدىن مېنى ئۇرۇپ باقمىغان.

 

13. ھالىنى ھەقىقى چۈشەنگەندىلا ئاندىن بالىنى ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ.

* ئانا ، ماڭا ئىشىنەمسىز؟

* بالىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا كىرىش.

* كۆڭلۈمنى ئاشكارىلاپ قىزىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم.

* ئانا مېنى ياخشى كۆرەمسىز

* مەن قىزىمنى مۇۋاپىقىيەتلىك تەربىيلەپ چىققانلىقىمدىن خوشالمەن.

 

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مېنىڭ يازمىلىرىم كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش