يېقىندا شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى قەلبىنۇر ئېلياسنىڭ «ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرىسى» ناملىق نەسىرلەر توپلىمىنى نەشىر قىلدى. ئۇنىڭدىكى «بىر چىنە تاماق» ناملىق نەسىر ماڭا بەكلا تەسىر قىلغان بولغاچقا، دەرس ۋاقتىمدا ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇپ بەردىم ۋە تورداشلارنىڭ زوق ئېلىشى ئۈچۈن يوللىدىم.
بىر چىنە تاماق
قەلبىنۇر ئېلياس
ئال قىزىم!
ئەقىدە قازىنىدا پىشقان يۇمشاققىنە كۆڭۈلنى مېھىر-ۋاپانىڭ قاچىسىغا ئاۋايلاپ تۇرۇپ ئال! ئۇنى چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان، ئېغىزىدا چىشلىرى قالمىغان ، نۇرسىز كۆزلىرىدە قۇلۇڭغا گويا كىچىك بالىلاردەك تىلىنىپ قاراپ قالغان بوۋاڭ ياكى موماڭنىڭ ئالدىغا ئاستاغىنە قوي! ئۇلار قەلب تۆرىمىزدىكى مۇقەددەس مېھمانلار. شۇڭا بىر چىنە تاماقنى ئالدى بىلەن ئۇلارغا قۇيۇشنى ئۇنتۇما! چوڭلار ئالدىغا قۇيۇلغان بىر چىنە تاماق پەرزەنت ساداقىتىنىڭ يېلىنجىغان خىسلەتكارلىقى، مانا بۇ مىللىتىمىز ئادەت-ئۇدۇملىرىنىڭ گۈزەل ئابىدىسى.
ئال قىزىم!
ئادەمىگەرچىلىك قاچىسىغا ئۇسۇلغان، سەمىمىيلىك لىقمۇ لىق تولغان يەنە بىر چىنە تاماقنى قۇلۇڭغا ئال! يەڭگىل قەدەملىرىڭ بىلەن ئۇنى ئىسسىققىنە پېتى يان قوشنىمىزغا ئەكىرىپ بەر، سەپەر مۇشەققىتىدىن چارچىغان ئادەم ئۆيىدە تاتلىققىنا تائام بولۇشىنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلىدۇ. ئەپسۇس، رېئاللىقتا دەل مۇشۇنداق دەقىقىلەردە ، ئادەمسىز ئۆيدە غېرىپسىنىپ قالىدىغان پەيتلەرمۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەنە شۇنداق چاغلاردا قوشنىدارچىلىقنىڭ قىممىتىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرالىغان ئادەم ئالىجاناپتۇر….
ئىنسان ھايات ياشىمىدا بىر چىنە تاماققا شۇ قەدەر ئېھتىياجلىق. چەكلىك ئۆمۈرنىڭ ئەھمىيەتلىك سورۇنلىرىدا ۋېسال داستىخىنىدا جەملەشكەن ئارمانلارنىڭ چەكسىز ھوزۇر ۋە قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇشىنى ئىستەيدىغان كىشىلەر ھامان سېخى قوللىرىدا ئەنە شۇنداق بىر چىنە تاماقنى باشقىلارغا سونۇشقا شۇ قەدەر ھېرىسمەن. مانا بۇ چىن ئىنسانى خىسلەتنىڭ بۈيۈكلىكى.
گەرچە بىر چىنە تاماق ئىنسان نەپسىنى تۇيۇندۇرۇشقا قادىر بولمىسىمۇ، ئەمما چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت سەمىمى دوستلۇقنىڭ قۇۋۋىتىنى ئىنسان روھىيىتىگە مەڭگۈلۈك بېرەلەيدۇ.
ئال ، قىزىم!
خەيىر-ساخاۋەتنىڭ قاچىسىغا ئۇسۇلغان بىر چىنە تاماقنى ئىككىلەنمەي قولۇڭغا ئال! ئارىلىقنىڭ يىراقلىقىدىن ۋايسىما! ئىنسانپەرۋەر تۇيغۇ قەلبىڭدە يېلىنجاپ تۇرسىلا، ئادىمىيلىك مەجبۇرىيىتىنىڭ بىر چىنە تاماقنى غېرىبانە كۆلبىدە يۆلەكسىز قالغان قېرى-چۆرىگە ياكى مۇساپىرغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئالدىرايدۇ. ئىنسان يۈرىكىنىڭ نازۇك ھېسسىياتىدا پەپىلەنگەن ھېسداشلىق ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ. ئۇ ھېچقاچان تەبىقىسىنى دەرىجىگە ئايرىمايدۇ. پەرقلىق ئادەملەرگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنىمۇ خالىمايدۇ.
سەن شۇ خىل ھېسداشلىق خىسلىتىنى ئۆزۈڭگە ئۇدۇم قىل. قىزىم! بىر چىنە تاماق ئۈچۈن قىزغانچۇقلۇق يۇندىسىنى غورۇرۇڭغا چېچىۋالما! ئەگەر روھىڭ ئېچىرقاپ كەتمىگەنلا بولسا ، بىر چىنە تاماققا تالاي ئادەم