باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ساقلانغان مەسلىلەر
كەسپى: تىل-ئەدەبىيات
ئىسىم فامىلىسى: ياسىنجان قاسىم
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: مۇھابەت قاسىم (پىرافېسسور) شىنجاڭ ئۇنىۋرسىتىتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتى
ۋاقتى: 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
ئوقۇتۇش – ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيتىدىن تەركىپ تاپقان. ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان ئىنسان تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىدۇر؛
نۆۋەتتە يولغا قۇيۇلۇۋاتقان ساپا مائارىپى ئوقۇتۇشقا بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا جىددى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى باشلانغۇچ مەكتەپ تەلىم-تەربىيەسىدىكى بىر ئاساسى پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن ساپا مائارىپى تەلىپى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋرسال ساپاسىنى، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتەك يېڭى ئېھتىياجنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر بولماقتا.
ئوقۇتۇشتىكى يېڭى يۈزلىنىش، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى جەمىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالماسلىقتەك ئاجىزلىقنى ئاشكارلاپ، ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى شاللىنىش گىرداۋىغا ئىتتىردى.
ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇلارنىڭ توغرا دۇنيا قاراش، كىشلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى شۇنداقلا ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى ، تۇرمۇشنى سۆيۈش تۇيغۇسىنى ۋە مۇئەييەن ھۇزۇرلىنىش ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش- ساپا مائارىپى تەلىپىگە لايىقلاشقان ساپا تەربىيەسىدىن ئىبارەت بۇلۇپ، مۇشۇ تەلەپ بويىچە ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقاتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلى ياخشى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.
ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ «تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پىروگراممىسىدا »ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش، ئاڭلاش، سۆزلەش، يېزىش ۋە ئوقۇش، كۈزىتىش، پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەمدە ئوقۇتۇش ۋە ھەر خىل ئەمىلى مەشىقلەرنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئېدىيۋى ئەخلاق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ئاساسى مەقسەت قىلىنغان بۇلۇپ، بۇ دەرسلىكنى ئوقۇتۇشتا تۆۋەندىكىچە تەلەپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.
1. تىل يېزىق جەھەتتە:
(1) ئېلپبەنى ۋە ئادەتتىكى ئىملا قائىدىلىرىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش؛
(2) ئادەتتە كۆپ قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنى بىر قەدەر مۇكەممەل ئىگەللىتىش ھەم ئاغزاكى تىلدا ھەم يېزىق تىلىدا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش؛
(3) جۈملە ۋە تېكىستلەرنى توغرا، راۋان ۋە ھېسسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان، شېئىر قوشاقلارنى ئىنتۇناتسىيەلىك دېكلىماتسىيە قىلالايدىغان،تېكىستلەرنى ۋە بالىلارغا ماس كېلىدىغان كىتاپ، گېزىت، ژورناللارنى ئىچىدە ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان قىلىش ھەم مۇستەقىل ئوقۇش ئىقتىدارى ۋە ياخشى ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش؛
(4) تېكىست ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مەزمۇنىنى يىغىنچاقلىيالايدىغان ، تېكىست ۋەقەلىكىنى تەپسىلى بايان قىلىپ چۈشەنچىسىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، قىسقا ئابزاس ھەم مۇھىم سۆز جۈملىلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە تەھلىل قىلالايدىغان قىلىش؛
(5) باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەزمۇنىنى چۈشىنەلەيدىغان قىلىش، مۇھىم نۇقتىلىرىنى تۇتۇۋېلىش، ئەدەپ بىلەن ئاڭلاش.
(6) ئورتاق ئەدەبىي تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان بولۇش، تەلەپپۇزى ئېنىق، ئاۋازى مۇۋاپىق، تەققى تۇرقى تەبىئى بولۇش، كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆز مەقسىتىنى ئۇقتۇرالايدىغان بولۇش، پىكرىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدىغان بولۇش، روشەن، ئېنىق، مەركەزلىك ۋە تەرتىپلىك سۆزلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سۆزلىگەندە ئەدەپلىك بولۇش، ئەدەپ-ئەخلاق سۆزلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش؛
(7) خەتلەرنى يېزىش تېخنىكىسى ۋە ئىملا قائىدىسى بويىچە قېرىنداش ۋە سىياھ قەلەم بىلەن چىرايلىق توغرا، رەتلىك تېز يازالايدىغان قىلىش، خۇش خەت ۋە ھۆسنىخەت يازالايدىغان قىلىش؛ »
(8) ئاددى ئىخچام بايان ماقالىلەر ۋە خەت –چەكلەرنى يېزىشنى بىلىش، ئېدىيەسى ساغلام، ئاساسى گەۋدىسى روشەن، مەزمۇنى كونكىرت، تەلىپى ئېنىق، تەپسىلى ھەم ئىخچام، سۆز جۈملىلىرى راۋان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېزىلغان خەتلەر راۋۇرۇس بولۇش، خەتنى خاتا يېزىشتىن ساقلىنىش، دائىم قوللىنىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش؛
2. ئېدىيۋى –پەزىلەت جەھەتتە:
ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈش، خەلقنى سۈيۈش، ئەمگەكنى سۈيۈش، پەننى سۈيۈش، سوتسىيالىزىمنى سۈيۈش تەربىيەسىنى تەبىئى سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاسارىتىنى ، خىسلىتىنى ۋە گۈزەللىكىنى سۈيۈش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
ئوقۇتۇش پىروگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان مەقسەت ۋە تەلەپ بىلەن ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئېھتىياجىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، بىزنىڭ ئوقۇتىشىمىز ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىمىز يۇقارقى تەلەپتىن خېلىلا يىراق بۇلۇپ، ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتى توختام سۇدەك يېنىك تەۋرىنىش ئىچىدە بىر ئىزدا توختاپ قالدى.
ئۇنداق بولسا، ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسمەسلىكىدىكى سەۋەپ زادى نەدە؟
سەۋەپ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك بولۇشى مۈمكىن.
1) ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ھەقىقى تەكشۈرۈپ باھالايدىغان ئۆلچەم ۋە بەلگىلىمە يوق.
مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى ئوقۇتۇش. تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى مەزمۇن دائىرىسى كەڭ، تەلەپ كۆپ خىل بولغان ئوقۇتۇش پائالىيىتىدۇر؛
بىز ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نومۇر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى خىزمىتى، ئوقۇغۇچى سەۋىيەسى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى باھالاشتەك «نومۇر ئارقىلىق تەقدىرىنى بەلگىلەش» تۈزۈلمىسى، ئوقۇتۇش پىروگراممىسىدىكى بىر قانچە تۈرلۈك مەقسەت ۋە تەلەپلەرنىڭ ئىشقا ئېشىشىنىلا تەمىن ئېتەلەيدۇ. نۇرغۇن تەلەپلەر سىرىتتا قالىدۇ-دە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇشىدىكى كۆپ تەرەپلىمە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەقىقى ئۈنۈمگە ئىگە بولالمايدۇ.
مەسىلەن: ئوقۇتۇش پىروگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ۋە نوتۇق ئىقتىدارى، ئاڭلاش، ئورتاق ئەدەبىي تىلدا سۆزلەش ، ئوقۇغۇچىلاردا يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بىر قىسىم ئەخلاقى تەربىيە ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش، باھالاشقا مۈمكىن بولمايدۇ-دە، ئوقۇتۇشتا بۇ تەرەپلەرگە سەل قارىلىپ، ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلمەسلىكىگە سەۋەپ بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپقا ئائىت قانۇن-نىزام ۋە ھۆججەتلەردە ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى سۈپىتىنى باھالاشقا دائىر كونكىرت بەلگىلىمە يوق؛ بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەر خىلمۇ-خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىلارنى نومۇر بىلەن كۈرەش قىلىش يولىغا ئىتتىرىدۇ. بۇ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىدە ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە:
2) ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدىكى مەسلىلەر
نەچچە ئون يىل قوللىنىلغان ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئەندىزىسى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پىداگوكىكا پەنلىرى تەرىپىدىن قانۇنلىشىپ ، تار دائىرلىك ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئوقۇتۇش رامكىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ رامكا ئىچىدە ئوقۇتقۇچى تىنماي سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش، ئوقۇغۇچى جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاش، ئوقۇتقۇچىنىڭ «كىم سۆزلەپ باقىدۇ؟ چۈشەندىڭلارمۇ؟، توغرىمۇ؟» دېگەندەك ئادەت سۆزلىرى ئارقىلىق دەرس ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش، ئوقۇغۇچى يادقا ئېلىپ ئۆگىنىش پائالىيىتى مۇنتىزىملىشىپ، قارىماققا ئىنتايىن نۇرمال ۋە ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇشتەك بىر مەزگىل جان بېقىپ كەلدى. لېكىن جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئوقۇتۇش پىروگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان تەلەپلەرنى بۇ خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق ئۇرۇنداش قەتئى مۈمكىن ئەمەس.
ساپا مائارىپى ئېھتىياجى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان نىشانلىق ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئۆز خاسىيىتىنى كۆرسىتىپ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى يېا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا «ئوقۇتقۇچى كەم، ئاۋارىچىلىق جىق» دېگەندەك باھانە سەۋەپلەر بىلەن بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئەمىللەشمەي، تەشۋىقات باسقۇچىدىلا تاشلاپ قۇيۇلدى.
يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارمۇ نىشانلىق ئوقۇتۇشنىڭ ئەمىللىشىشىنى، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىختىيارىغا تاشلاپ قويدى.
ئاددى بىر مېسالنى كۈرۈپ ئۆتەيلى؛
بىزنىڭ بازىرىمىز 1998-يىلىدىن باشلاپ نىشانلىق ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تەجرىبە ئۆگىنىش، تەجرىبە كېڭەيتىش ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، نىشانلىق ئوقۇتۇشنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمىللەشتۈرگەن مەكتەپلەر %30 گىمۇ يەتمەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە مەكتەپلەرنىڭ نىشانلىق ئوقۇتۇشقا بولغان تونۇشى ئېنىق ئەمەس.
مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 40 ئوقۇغۇچىغا «يامغۇر» دېگەن تېمىدا ماقالە يازدۇرغاندا، ئوقۇغۇچىلار ئالدىنقى سائەتلىك دەرستە ئۆتكەن «يامغۇر»دېگەن تېكىستنى كۆچۈرۈپ يازغان. ئىجادى پىكىر يوق.
مانا بۇلار ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتىكى تار رامكىنىڭ تەسىرى ۋە نەتىنجىسى؛ بۇمۇ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئۆسمەسلىكىدىكى مۇھىم بىر سەۋەپ؛
3) دەرسلىكنىڭ مۇكەممەللەشمەسلىك مەسلىسى
دەرسلىك – ئوقۇ-ئوقۇتۇش پائالىيىتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق قورال؛ ئەدەبىيات بولسا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشى ۋە ساقلىنىشىدىكى كۆۋرۈك بۇلۇپ، ئۇ تىل ۋاستىسى ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ ئىجتىمائى تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ، يازغۇچىنىڭ ئېدىيە ۋە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان سەنئەت؛ شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى.
مۇشۇ مەنىدىن ئيتقاندا، كەلگۈسىنىڭ ئىگىسى بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر ئالدى بىلەن ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ قورالنى پۇختا ۋە مۇستەھكەم ئىگەللىشى كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋرسال ساپاسى – ئەدەبىيات دەرسلىكىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يېتىلدۈرۈلدۇ. دەرسلىك ياخشى تۈزۈلسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ياخشىلىنىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ مىسلىسىز تەرەققىياتى ، ئوقۇغۇچى ئوقۇتۇشقا بېقىنىشتىن، ئوقۇتۇشنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇشقا قاراپ تەرەققى قىلىپ، دەرسلىك ئىسلاھاتىدا 1990-يىلى، 1995-يىلى، 1997-يىلى ۋە 2000-يىلى يېڭىدىن تۈزۈش خىزمەتلىرى ئىشلىنىپ، ئوقۇتۇش قانۇنىيىتى ۋە ئوقۇتۇش تەلىپىگە كۆپ يېقىنلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگۈرۈش بولمىدى. دېمەك؛ دەرسلىكىمىز ساپا مائارىپى تەلىپىگە ۋە ئوقۇغۇچى ساپاسىغا تېخى مۇكەممەل ماسلىشىپ كېتەلمىگەن بۇلۇپ، بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەپلەر بولۇشى مۈمكىن؛
(1) ئەدەبىيات دەرسلىكىگە ئائىت نەزىريە تەتقىقاتىمىز يېتەرلىك ئەمەس.
(2) «شىنجاڭ مائارىپى»ژورنىلى، «شىنجاڭ مائارىپى»گېزىتى ۋە باشقا ماتىرياللاردىن ئەدەبىيات ئوقۇتۇش دەرسلىكىگە ئائىت نەزىريە ماقالىلىرى بارماق بىلەن ساناشقىمۇ يەتمەيدۇ.
سابىق ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ كومىتىتى 1998-يىلى ۋە 2000-يىلى تۈزۈپ تارقاتقان ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پىروگراممىسىدا، ئەدەبىياتنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى بولۇشتەك خارەكتىرىگە توغرا ۋە ئەتراپلىق تەبىر بېرىلدى. ئەمما ئەدەبىياتنىڭ قوراللىق خارەكتىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋرسال ساپاسىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەر يوق دېيەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، دەرسلىكنىڭ مۇكەممەل تۈزۈلىشىگە ئاساس بولىدىغان بۇ بوشلۇق ھازىرغىچە كاۋاك پېتى تۇرۇۋەردى.
(3) ئەەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقاتى يېتەرلىك بولمىدى.
ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىدە، كىشىلەر ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى ئاسان ، ئوقۇغۇچىلار يادقا ئالسىلا ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ دەپ قاراپ، ئوقۇتۇش پىروگراممىسىدىكى تەلەپلەرنى ئۇرۇنداش ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى ئۈنۈملۈك تەجرىبىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە سەل قارىدى. ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقات تەجرىبىلىرىمىزنىڭ ئاز ۋە يېتەرسىز بولۇشى دەرسلىكنىڭ مۇكەممەل تۈزۈلۈشىدىكى ئاساسنىڭ يوق بولۇشىغا سەۋەپ بولدى.
(4) ئوقۇتۇش مىتودىدىكى قاتماللىق بۇزۇلمىدى.
ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىتىشكە كۈچ سەرىپ قىلىش، ئوقۇغۇچى يادلاش ئارقىلىق ئېگەللەش، كىتاپنىڭ سىرتىغا چىقالماسلىقتەك تار بېكىنمىچىلىك، ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا يەنىلا ئاساسى ئۇرۇندا تۇرغاچقا، يېڭى تۈزۈلگەن دەرسلىكنى كونىچە ئۇسۇلدا ئوقۇتۇش ئارقىلىق، دەرسلىك بىلەن ئوقۇغۇچى ماسلاشمىغاندەك ھادىسىنى مەيدانغا چىقىرىپ، كىشىلەردە دەرسلىكنىڭ مۇكەممەللىكىگە بولغان تونۇش مۇستەھكەم بولمىدى.
ئوقۇتۇشنىڭ تار بېكىنمىچىلىكى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋرسال ئىقتىدارىنى بۇغۇشتىن سىرت، يۇقارقىدەك سۈنئى ھادىسىنى پەيدا قىلىپ، دەرسلىك تۈزۈش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزدى.
(5) ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى سۇئال چىقىرىش ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىنجىسىگە باھا بېرىشتە بىر تەرەپلىمىلىك مەسلىسى مەۋجۇت؛
ئوقۇتۇش پىروگراممىسىدىكى تەلەپلەردىن شۇنى كۈرۈۋېلىش مۈمكىنكى، ئەگەر دەرسلىك، ئوقۇتۇش ۋە باشقا خىزمەتلەر پىروگرامما تەلىپى بويىچە ئۇرۇندالسا، ئۇنداقتا مىللى مائارىپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىدىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز ئىدى. ئەمما يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى نېمىنى سۆزلىسە، ئوقۇغۇچى شۇنى ئۆگىنىش، ئوقۇتقۇچى قايسى دەرسنى ئۆتسە، سۇئال شۇنىڭدىن چىقىرىلىش ۋە ئوقۇغۇچى باھاسىغا نومۇرنى ئاساس قىلىش ئادەتلىرى، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېدىيەسىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى چەكلەپ، دەرسلىكنىڭ مۇكەممەل تۈزۈلىشىگە ئاساس بولىدىغان ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى توسلۇپ قويدى.
(6) ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش ماتىرياللىرى دەرسلىكتىكى قىسمەن يېتىشسىزلىكلەرنى توسۇپ قويدى.
ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان تۈرلۈك ماتىرياللار دەرسلىكتىكى قىسمەن يېتىشسىزلىكنى تولۇقلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتا دەرسلىكتە ساقلانغان مەسلىلەرنى تېپىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى.
دېمەك: ئوقۇتۇش پىروگراممىسى تەلىپىنى ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق سىڭدۈرىدىغان ، مۇكەممەل، ئەمىلىيەتكە ، ئوقۇتۇش قانۇنىيىتى ۋە ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىگە ماس كېلىدىغان دەرسلىكنى تۈزۈشتىكى ئاساس، تەجرىبە ساۋاقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى دەرسلىكتىكى قىسمەن يېتىشسىزلىكنىڭ ساقلىنىشىغا سەۋەپ بولۇپ، ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.
4. ئوقۇتقۇچى ساپاسىدىكى مەسلىلەر
ئوقۇتقۇچى- ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنىرى؛ خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تىنىمىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنى تەربىيلەشتەك ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچى – مەدەنىيەت تارقاتقۇچى؛ ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، مەكتەپ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكى باشقا ئىشلەپچىقىرىش ئەمگەكلىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئەمگىكى ئىجاتچانلىققا ، مۇرەككەپ ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىككە ، ئېغىر ئەقلى ئەمگەك بولۇشتەك خارەكتىرگە ئىگە ئۇلۇغ خىزمەت.
ھەر قانداق بىر دۆلەت ، مىللەت ۋە رايوننىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى مائارىپقا، ئوقۇتقۇچىلارغا باغلىق بولىدۇ. دانىشمەن ئۇستازلىرىمىز ئېيتىدۇركى: ئوقۇتقۇچىدا بىر چىلەك سۇ بولسا، ئوقۇغۇچىغا بىر چۈمۈش سۇ بېرەلەيدۇ.
بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، ساپاسىز ئوقۇتقۇچى – ساپاسىز ئوقۇغۇچى تەربىيلەيدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ ساپاسى – ئوقۇتقۇچى ساپاسىغا باغلىق بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىن سىرت، ئۇلارنىڭ توغرا دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى، ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتىنى، تۇرمۇشنى سۆيۈش تۇيغۇسىنى ۋە مۇئەييەن ھۇزۇرلىنىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولغان ساپا تەربىيەسى بۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىدا يۇقارقى ئىقتىدار ۋە تەلەپنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان ئىقتىدار بولۇشى كېرەك. ئەمىلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى، ئوقۇغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ساپانى ھازىرلاش تەلىپىدىن بەكلا يىراقتا تۇرۇدۇ. سەۋەپ:
(1) مائارىپ – ئىشسىزلىقنى تۈگىتىدىغان مۇھىم ئورۇن بۇلۇپ قالدى.
مائارىپتىن ئىبارەت ئادىمى كەمچىل، ئىقتىسادى ئاجىز، نامرات كەسىپ- ئىشقا ئۇرۇنلىشالمىغانلارغا ئەۋزەل بولغان ئىشقا ئۇرۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.
پىداگوگىكا، پىسخولوگىيە، ئوقۇتۇش مىتودىكىسى ھەتتا ئاساسى پەن بىلىملىرىدىن ئازراقمۇ ساۋاتى يوق ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر كۆپلەپ قۇبۇل قىلىنىپ، بىر تۈركۈم ساپاسىز ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى بارلىققا كەلتۈردى.
(2) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىمى كونىرىدى.
رايونىمىز تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسلسىنى باھانە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتمەسلىك، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق بىلىم ئاشۇرۇشنى قوللىماسلىق، مىللىتىمىزدىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەكتەپكە ئۆگەنگەننى 20-30 يىل دەسمايە قىلىش، ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىش، مەڭگۈلۈك ئۆگۈنۈشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئىللىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كۈندىن كۈنگە تارايتىپ، بىلىمنىڭ ئاستا-ئاستا قېرىپ كونىرىشىنى، نۆۋەتتىكى ساپا مائارىپى ۋە ئوقۇتۇشنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالماسلىق مەسلىسىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇنداق مەسلىلەرنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا بولغان زىيىنى مۆلچەرلىگۈسىز بولدى.
مەسىلەن: بازىرىمىزدىكى 200 دىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىىدىن باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئىمتىھان ئېلىپ كۆرگىنىمىزدە، %60 تىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى. ماقالە يېزىشتىمۇ تەلەپكە يېتىدىغانلار %20 گىمۇ يەتمەيدۇ.
بۇ ئوقۇتقۇچى ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىمىنى يېڭىلاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇتتى.
(3) قاتماللىق ۋە ياش ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەش مەسلىسى – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى قىيىن مەسلىگە ئايلاندى.
نۆۋەتتە نىشانلىق ئوقۇتۇش- ئوقۇتۇش پائالىيىتىمىزگە سىڭىپ كىرىپ، ئوقۇتۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى. لېكىن مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، كۆپ سانلىق پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئاۋارىچىلىقى كۆپ، ياشلار قوللىنىدىغان ئۇسۇل دەپ قاراپ، ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن ياكى ئۆزىنى قاچۇرغان.
پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار يېڭى ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ئېگەللىيەلمىگەچكە، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەن. ئىشلەنگەن تەقدىردىمۇ كۆنىچە ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بويىچە يېتەكلەش بولغان. بۇ ئوقۇتقۇچى ساپاسىنىڭ ئۆسمەسلىكىگىدىكى مۇھىم بىر سەۋەپ؛
(4) ئوقۇتقۇچىلاردا ئىزدىنىش روھى كەمچىل؛
دەرسخانا ئوقۇتۇشى خۇددى جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ. پۇختا ۋە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلمىغاندا، ئوقۇتۇشتا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتكىلى بولمايدۇ.
مېسال: مەلۇم بىر مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى «يالغانچى بالا» دېگەن تېكىستنى ئوقۇش، ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتۇش، تېكىست ۋەقەلىكىنى بايان قىلىش، خۇلاسىلەش بىلانلا دەرسنى تۈگەتتى. دەرس ئىنتايىن ئاددىلا ئۆتۈلدى. بەلكىم بۇ بىر قىزىقارلىق دەرس تېكىستى بولغانلىقى ئۈچۈنلا بالىلار ئەسكە ئېلىۋالغان بولىشى مۈمكىن؛ بىر ھەپتىدىن ، بىر ئايدىن، بىر يىلدىن كېيىنچۇ؟ ۋەقەلىك ۋە ئېدىيۋى تەربىيە جەھەتتە ئەڭ ياخشى تىپىك بولغان بۇ دەرسنى شۇنداق ئادەتتىكىچە ئۆتۈش- ئوقۇتۇشتىكى ھورۇنلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
تەجرىبە ئەسلىھەلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنگەن بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى نېمە ئۈچۈن پىرويېكسىيە ئاپاراتى، ئۈنئالغۇ قاتارلىقلاردىن پايدىلانمايدۇ؟ «بوۋام ئېيتقان ھېكايىلەر»، «مومام ئېيتقان چۆچەكلەر» دېگەن بالىلار ئۈنئالغۇ لېنتىسىدا، بۇ تېكىست شۇنداق ياخشى، روللار بويىچە ئوقۇلغان تۇرسا؟
ئوقۇتۇشتىكى ئىلگىرىدىن تارتىپ بار بولغان كىتاپ ئوقۇش ۋە سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىقلا ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى ئېلىپ بېرىش – دائىرىسى كەڭ، تەلىپى يۇقىرى بۇ دەرسكە نىسپەتەن ئوقۇتقۇچىنىڭ سەل قارىغانلىقى ۋە ئىزدەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىزدەنمەسلىك، ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلماسلىق- ئوقۇتقۇچى ساپاسى تۆۋەن بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى.
(5) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل بىلمەسلىكى
گەرچە مىللى مائارىپىمىزدا قوش تىل ئوقۇتۇشى تېخى ئومۇملاشمىغان بولسىمۇ، ئاز ۋاقىتتىن كېيىن بىز دۇچ كېلىدىغان رىقابەت بۇنى مەۋجۇتلۇققا ئايلاندۇرۇدۇ.
ھازىر دۇنيادىكى ئىلغار ئۇچۇرلار، تېخنىكىلار، مائارىپ تەرەققىياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر، ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇچۇرلىرى ، تېلېۋىزور، كىتاپخانلار ۋە ئىنتېرنت تورى ئارقىلىق دۇنياغا تارقىلىدۇ. تىل بىلمەسلىك مەيلى ئوقۇتۇشنى ئىسلاھ قىلىشتا بولسۇن، مەيلى ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىنى بولسۇن، توسۇپ تۇرىدىغان بىر قورغان.
گەرچە مىللى تىلدىكى دەرسلىكلىرىمىزنىڭ ماھىيىتىنى تېخى چۈشىنىپ بولالماي، تىرىكچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۈچۈن بۇ كۈلكىلىك تۇيۇلسىمۇ.. بىراق كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئوقۇتقۇچى ساپاسى تۆۋەن بولۇشتىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولالايدۇ.
(6) ئوقۇتقۇچى ئەخلاقىدىكى مەسلىلەر
ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنىرى بولغان ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى نەزىرىدىكى بۈيۈك ئىنسان؛ شۇنداقلا بىر ئەينەك.
ئوقۇتقۇچىدا ياخشى ئەخلاقى ساپا بولۇشى زۆرۈر؛ ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ئەخلاقى ئالدى بىلەن ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۇلارنىڭ ئېدىيۋى ساپاسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلار ئەڭ قىزىقىدىغان، دىققىتىنى ئەڭ مەركەزلەشتۈرىدىغان، دوراش ھەركىتى ۋە ئىپادىسى ئەڭ كۆپ دەرس بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىنىڭ قىياپىتى، مېھرىۋانلىقى، ھەركىتى، ھەر خىل تېكىستلەرنى ئوقۇشتىكى ئىنتۇناتسىيەسى، دوسكا خېتى ۋە بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچى گاھىدا كۈلدۈرۈپ، گاھىدا يىغلىتىپ، گاھىدا روھلاندۇرۇپ مەدەت بېرىپ دېگەندەك تېكىست ئالاھىدىلىكىگە ماس كەلگەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، كىچىك دوستلارنى ۋەقەلىك ئىچىگە ئەكىرىش ئارقىلىق، ئېدىيۋى تەربىيە بېرىش ۋە تەربىيەنى تەبىئى سىڭدۈرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ.
ئەمما يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مۇئامىلىسى«سەن» بىلەن «سىز»، ئادەت سۆزلىرىدىن «دۆت»،«كالۋا»،«ئېشەك»،«قاپاقباش» دېگەندەك ئوقۇغۇچىلار ئۈنۋانلىرى ، ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىنلا بىر قانچە قۇتۇپقا ئايرىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇتۇش پىروگراممىسىدىكى ئەدەپلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش تەلىپىگە قانداقمۇ يەتكىلى بولسۇن؟
ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىرگە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچى ئۇستازىنىڭ كىيىم-كېچىكى، سىرتقى قىياپىتى، يۈرۈش-تۇرۇشىدىن تارتىپ ھەممىسىگە دىققەت قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى سىرتقى قىياپەتكە دىققەت قىلمىسا، ئوقۇغۇچىدا قانداقمۇ تەبىئى گۈزەللىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ؟
يەنە بىر جەھەتتىن ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى ماقال-تەمسىللەر ۋە لەتىپىلەر ئوقۇغۇچىلارغا ئېدىيۋى تەربىيە بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزمۇنلار بولسىمۇ، لېكىن ئايرىم ئوقۇتقۇچىلار «ھەممە ئىشنى موللا بىلەر، موللا بېرىپ كۆلگە سىيەر» دېگەندەك، ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن تەربىيەسىنىڭ ئەكسىچە ئوقۇغۇچىلار بار سورۇندا تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان ، غەلىتە كىينىۋالىدىغان، ئۇرۇش-جېدەل، سەت، تېتىقسىز گەپلەرنى قىلىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئىرادىسى ئاجىز ئوقۇتقۇچىلىرىمىز جەمىيەتتىكى چىرىك ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىش، پۇلغا ھەددىدىن زىيادە قىزىقىش نەتىنجىسىدە، ئۆزىنىڭ يۇقارقىدەك ئىللەتلىرى ئارقىلىق جىنايەت يولىغا ماڭىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىدىكى يات مەسلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئوقۇتقۇچى ساپاسىنى تۆۋەنلەشتۈرۋېتىدىغان مۇھىم ئامىل؛
(7) ئوقۇتقۇچىلاردىكى كۆچۈرمىكەشلىك مەسلىسى؛
نۆۋەتتە ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش ماتىريالىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى – ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەقلى كۈچىنى ۋە خىزمەت ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئاسراپ قالغان بولسىمۇ، يەنە كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلاردا پايدىلىنىش قوللانمىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئەمگىكىگە ئايلاندۇرمايلا كۆچۈرۈپ قويىدىغان ، باشقىلارنىڭ كونسىپىكىنى كۆچۈرۈپلا دەرسخانىگە تەييارلىقسىز، نىشانسىز دەرس ئۆتۈش ئەھۋالى ئومۇملىشىپ كەتكەن. ئوقۇتقۇچىلاردا بۇ خىل «تەييارغا ھەييار بۇلۇپ، جاننى ئۇپراتماسلىق»تەك كۆچۈرمىكەشلىك ھادىسلىرى ئۇلارنىڭ ئەستايدىللىق ۋە ئىجاتچانلىقىنى بۇغۇپ تاشلاپ، ئوقۇتقۇچى ساپاسىدىكى يېتەرسىزلىكنىڭ كۆپيىشىگە سەۋەپ بولماقتا.
دېمەك: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىمى، ئەخلاقى، مىتودى ۋە باشقا جەھەتلىرىدە ساقلانغان يۇقارقىدەك بىر قاتار مەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلار ساپاسىنىڭ ئۆسمەسلىكىگە سەۋەپ بۇلۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە توسالغۇ بولۇۋاتقان ئەڭ تۈپكى سەۋەپ بولماقتا.
5. ئوقۇغۇچىلاردا ساقلانغان مەسلىلەر
ئوقۇغۇچى – تەلىم-تەربىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئوبىكتى ھېساپلىنىدۇ. بالىلار تۇغۇلۇپ يېشىغا توشۇپ، تىلى چىقىشقا باشلىغاندىن تارتىپلار، ئاتا-ئانىلىرى، قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن تۇرمۇشتىكى ئاددى سۆز جۈملىلەرنى ۋە ئاددى بالىلار شېئىر قوشاقلىرى بىلەن تەربىيلىنىشكە باشلايدۇ. ئۇلار ھېكايە، چۆچەك ئاڭلاشقا، بالىلار فىلىملىرىنى كۈرۈشكە قىزىقىدۇ. مانا بۇ مەكتەپتىن بۇرۇنقى بالىلار قۇبۇل قىلىدىغان ئەدەبىيات تەربىيەسىدىن ئىبارەت؛
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولغان ئەدەبىيات دەرسى بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە بىر قىسم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان دەرس بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەپ مەۋجۇت؛
(1) ئېنىق ئۆگىنىش نىشانى بولماسلىق؛
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئوقۇتقۇچى نىشانسىز دەرس ئۆتسە، ئوقۇغۇچىلاردا نىشاندىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟
مېسال: مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %80 تى ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقىدۇ. قالغان %20 ئوقۇغۇچىدىن نېمە ئۈچۈن قىزىقمايدىغانلىقىنى سورىغاندا سەۋەبىنى دەپ بېرەلمىدى. ھەتتا شۇ دەرسنى بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىمۇ بۇ مەسلىنى ئويلاپ كۆرمىگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات بىلىمى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە بولغان قىزىقماسلىق ۋە بىلمەسلىك سەۋەبى توغرىسىدا ھېچنىمە دەپ بېرەلمىگەن.
دېمەك: ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىكىنىڭ ئەتراپلىق بولماسلىقى، ئوقۇغۇچىلاردا ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆگىنىشتە ئېنىق بىر ئۆگىنىش نىشانىنىڭ بولماسلىقى، ئايرىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا تەدرىجى شالىنىپ قېلىشنى مەيدانغا چىقاردى.
(2) ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىق؛
كىچىك ۋاقىتلىرىدا چۈچۈك تىللىرى بىلەن قىزىقارلىق گەپلەر ۋە ناخشىلارنى ئوقۇپ ھەممىنى خوشال قىلىدىغان بالىلار نېمە ئۈچۈن، ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆگەنمەيدىغان بولۇۋالدى؟ بىز 5-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن «ئەدەبىيات دەرسىدىكى سىلەرگە ئەڭ تەس تۇيۇلىدىغان ئىش قايسى» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇلار «تېكىست مەزمۇنىنى يادلاش» دەپ جاۋاپ بەردى.
«لەغمەننى تولا يېسە، ئەمەن تېتىپتۇ» دېگەندەك، بىر خىل قېلىپتىكى ئوقۇتۇش بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئۇلارنى يۇقارقىدەك زېرىكىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقماسلىق پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن.
(3) ھەممىدە نومۇرنى چوڭ بىلىش؛
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىغا كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ خوشاللىق ئىشى 100 نومۇر بۇلۇپ، 1-يىللىقتىن باشلاپلا، ئۇلارنىڭ ئېدىيەسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن. سىنىپتىكى ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچى تەسادىپى ئىمتىھاندا 100 نومۇر ئېلىپ قالسا، سىنىپتىكى ئەڭ كەمسۆز، ئەدەبىيات سەۋىيەسى تۆۋەن ئوقۇغۇچى 100 نومۇر ئالالىسا، ئۇنىڭ بارلىق يېتەرسىزلىكلىرى يوقىلىپ كېتىدۇ.
مانا بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇر ئۈچۈنلا ئەدەبىيات ئوقۇشىدىكى نۇقتىلىق دائىرىنى ئۆگىنىش، باشقا مەزمۇنلار بىلەن كارى بولماسلىق خاھىىشىدىن ئىبارەت؛
(4) ئوقۇغۇچىلاردىكى ئىشەنچ كەملىك مەسلىسى؛
ئىشەنچ- بىر خىل ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەخلاققا خىلاپ تەنقىد ھاقارەتلىرى ۋە ئوقۇتۇشىمىزدىكى ئىزگۈلۈك ئوقۇغۇچىلارنى بىر خىل ئىشەنچسىز ئۆگىنىش كەيپىياتىغا ئىگە قىلىپ قويغان.
(5) ئوقۇغۇچىلاردىكى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنىڭ كەمچىللىك مەسلىسى؛
ئۆزلىگىدىن، ئالدىن ئۆگىنىپ كېلىش – ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىق خارەكتىرىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەرسكە بولغان تەييارلىقىنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ. لېكىن ئەمىلى ئوقۇتۇش پائالىيىتىمىزدە، بولۇپمۇ يېزا مىللى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا بۇ مەسىلە ئوقۇغۇچىلاردا ساقلىنىۋاتقان بىر كاۋاك ھېساپلىنىدۇ.
6. ئەدەبىيات بىلەن باشقا پەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق مەسلىسى ؛
مەكتەپ ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە ئورنى؛ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆتۈلۈۋاتقان تەبىئى پەن ۋە ئىجتىمائى پەنلەر باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىدىكى ئاساس بۇلۇپ، ئۇلار بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىپ تۇرىدۇ؛ ھەر قايسى پەنلەر ئۆزئارا ئايرىلىپ تۇرۇدۇ ھەم ئۆز ئارا زىچ بىرىكىپ تۇرۇدۇ.
ھازىر مىللى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بىلەن باشقا پەن ئوقۇتۇشىنى ئىككى دۇنيا دەپ قارايدىغان بىر تەرەپلىمە قاراش مەۋجۇت بۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىشى بىلەن ئەدەبىيات ۋە باشقا پەنلەر زىچ بېرىكەلمىگەن. بۇمۇ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىدە ساقلىنىۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلە؛
7. ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ كەمچىللىكى، ئوقۇتۇشنىڭ زامانىۋىلاشماسلىق مەسلىسى؛
يولداش دېڭ شىياۋپىڭ ناھايتى يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن «مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش» ئۇلۇغۋار چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئوقۇتۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى – زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىدە ساپا مائارىپى تەلىپىگە لايىقلاشقان ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىدە يېڭى يۈزلىنىش ھاسىل قىلىدۇ.
ئەمما يېزا-بازارلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئاددىسى ئۈنئالغۇدىن ئىبارەت بۇ كۆپ تېپىلىدىغان ئوقۇتۇش ۋاستىسىدىنمۇ يىراق تۇرماقتا؛
8. ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئۇچۇر بېكىنمىچىلىكى مەسلىسى
ھازىرقى دۇنيا ئۇچۇرنىڭ كونتىروللىقىدا تۇرۇۋاتىدۇ؛ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى ئۇچۇردىن ئايرىلالمايدۇ؛ كومپىيوتېر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ ئائىلىلەرگىچە كېڭىيىشى دۇنيانى تارايتىپ، ئىنسانلارنى ئۇچۇردىن بەھىر ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
بىراق بىزنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتىشىمىز خۇددى تەكلىماكاندىكى يېشىلمىگەن سىرلاردەك دۇنيادىن ئىنتايىن يىراقتا يەككە-يىگانە تىركەشمەكتە؛ ئوقۇغۇچىلار دۇنيا ئۇچۇرلىرىدىن بىخەۋەر «خاتىرجەم» ئوقۇماقتا؛ بۇ ساپا مائارىپى تەلىپىگە ئۇيغۇن ئەمەس.
يۇقارقىدەك كۆپ تەرەپلىمە ھەر خىل مەسلىلەرنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى، مەسلىلەرنىڭ ۋاقتىدا ھەل قىلىنماسلىقى ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سۈپەتنىڭ تۆۋەن بولۇش مەسلىسى بۇلۇپ، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
ھازىرقى ئوقۇتۇش ئەھۋالىمىزنى ئاساس قىلغاندا، ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛
1. مائارىپتىكى «داشقازان»نىمۇ چېقىش كېرەك.
مەيلى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىسۇن ياكى چىقمىسۇن ئوخشاش ھەق ئېلىش مەڭگۈلۈك ھۆكۈمەت تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش، توختاملىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ، سۈپەتكە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش، سۈپەتسىز ئوقۇتقۇچىلارنى قۇشۇندىن تازىلاپ چىقىرىپ، جەمئىيەتتىكى ئالى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش ئورنى كۈتۈۋاتقان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەكلىپ قىلىش، يەنە بىر جەھەتتىن يېزا كەنىتلەردىكى ئۆمۈرلۈك مەكتەپ مۇدىرى بولۇشتەك تۆمۈر قالپاقنى چېقىپ تاشلاپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلالايدىغان، سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قۇشۇنىنى بەرپا قىلالايدىغان ئىقتىدارلىق خادىملارنى باشقۇرۇش ئورنىغا قۇيۇش كېرەك؛
2. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش لازىم.
ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى كۈرۈش، ئاڭلاش، سۆزلەش، يېزىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارنى سىنايدىغان ئىمتىھان تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش، ئوقۇتقۇچى ساپاسى، ئوقۇغۇچى سۈپىتىنى تەكشۈرىدىغان ئۆلچەمنى بارلىققا كەلتۈرۈش، مائارىپ مۇپەتتىشلىكىدە، ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىمۇ مۇپەتتىش قىلىشنى يولغا قۇيۇش كېرەك؛
3. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈزۈم بەلگىلەش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىغا پايدىسىز بولغان قالاق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، يېڭى ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك؛
4. رەھبەرلىك پىلانلاش، ئوقۇتقۇچىلار ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك؛
5. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىدە ساقلانغان مەسلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە، ئەڭ مۇھىمى باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى يېزىقچىلىق مەشقىگە بولغان يېتەكچىلىكنى چىڭ تۇتۇش لازىم.
6. ئىمتىھان سۈپەت تەھلىلى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ساقلانغان مەسلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ئىلغار تەجرىبىلەرنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
7. ئەدەبىيات بىر سەنئەت؛ شۇنداق بولغان ئىكەن ئەدەبىياتتىكى مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك ئېلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنى تولۇقلاش، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇ ۋە پىريوكسىيە پىلاستىنكىسىنى ئىشلەپ تارقىتىش كېرەك؛
8. ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئېدىيۋى تەربىيەنى ياخشى ئىشلەش، يېزىلاردىكى دەم ئېلىش كۈنىنى بۇغۇۋالىدىغان ھادىسىلەرنى قەتئى تۈگىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتتىكى قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپچانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.
9. ئەدەبىيات دەرسلىكىگە مىللى ئۆرۈپ-ئادەت ۋە ئەنئەنە تەربىيەسىگە دائىر مەزمۇنلارنى قۇشۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئېدىيۋى تەربىيەنى ئەتراپىمىزدىكى رېئاللىققا يېقىنلاشتۇرۇش لازىم.
يۇقارقىلار باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر ۋە ھەل قىلىش توغرىسىدىكى قىسقىچە پىكىر؛
ئەدەبىيات دائىرىسى ۋە مەزمۇنى كەڭ ئىجتىمائى پەن؛ ئۇنىڭدا تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسلىلەر ئىنتايىن كۆپ؛
بىز كەڭ خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن مىللى مائارىپىمىزدىكى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتى مەسلىسىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىدىغانلا بولساق، ساپا مائارىپى تەلىپىگە لايىقلاشقان يېڭى ئەسىرگە خاس باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز؛
پايدىلانغان ماتىرياللار:
(1) «پىداگوگىكا ساۋادى» شىنجاڭ پىداگوگىكا تەتقىقات جەمىيىتى تۈزگەن؛ 1984-يىلى 8-ئاي نەشرى؛
(2) «باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پىروگراممىسى» شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1995-يىلى 6-ئاي نەشرى؛
(3) «شىنجاڭ مائارىپى » ژورنىلى
1999-يىلى 7،8،9،11-سان؛ 2000-يىلى 1،2،4،10،11-سان؛ 2001-يىلى 1،2-سان؛