يىللارغا جاۋاپ (لۇتپۇللا مۇتەللىپ)

يىللارغا جاۋاب

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان،سۇلار،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئارقىغا يانماي.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يـوپـۇرماقلار قـويۇلىدۇ پــولىشىپ.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چىغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمىرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.

يىللار شامىلى يەلپىنىدۇ،ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە بولىدۇ قاقشال…
يىللار سېخى،قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىدۇ بىرىدۇ،
قـىزلارغـا قـوروق،ئـەرلـەرگە سـاقـال.

بىراق، يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يـولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

يىللارنىڭ قوينى كەڭ،پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراپ باق،ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ،ھە…بۈگۈن مىڭىپ يۈرىدۇ.

كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر تاپىدۇ.

مەيلى،ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم،شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.

قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش،كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام-غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەردەم يادىمدا.

ئېسلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئاغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋىنىدا ھـارمـاسمەن ئـەسـلا،
يېڭىش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولىغا.

يىللار،مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتوق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىپتىمەن دەپ ئارتوق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.

يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئوپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ،
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ،دەپ بېرىمىز جاۋاب.

 

 


ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان،سۇلار،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئارقىغا يانماي.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يـوپـۇرماقلار قـويۇلىدۇ پــولىشىپ.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چىغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمىرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.

يىللار شامىلى يەلپىنىدۇ،ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە بولىدۇ قاقشال…
يىللار سېخى،قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىدۇ بىرىدۇ،
قـىزلارغـا قـوروق،ئـەرلـەرگە سـاقـال.

بىراق، يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يـولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

يىللارنىڭ قوينى كەڭ،پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراپ باق،ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ،ھە…بۈگۈن مىڭىپ يۈرىدۇ.

كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر تاپىدۇ.

مەيلى،ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم،شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.

قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش،كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام-غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەردەم يادىمدا.

ئېسلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئاغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋىنىدا ھـارمـاسمەن ئـەسـلا،
يېڭىش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولىغا.

يىللار،مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتوق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىپتىمەن دەپ ئارتوق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.

يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئوپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ،
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ،دەپ بېرىمىز جاۋاب.

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش