ئەندىزە چاڭگىلىدىن خاسلىق ساھىلىغا يۈزلىنەيلى

نەچچە مىڭ سائەت دەرس ئۆتۈپ، نەچچە ئون يىل ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنى تەربىيلەپ ئۇزىتىپتىمەن. ئۆزۈممنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزەم قايسى؟ ئوقۇتۇش ئالاھىدىلىكىم قايسى دەپ سورىسام، ھەقىقەتەن ئېنىق بىر نېمە دىيەلمەيمەن.  مانا بۇ كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەچۈرمىشى.
ھازىرقى زامان ئوقۇتۇشى ، ئوقۇتقۇچىلاردىن ئالاھىدە ئاڭ تۇرغۇزۇپ، خارەكتىرلەشكەن ئوقۇتۇشنى شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى -  بىر خىللاشتۇرۇش، ئەندىزىلەشتۈرۈش، فورمىللاشتۇرۇشتىن قاچىدۇ.
ئۇنداق بولسا، ئۆزىمىزنىڭ خارەكتىرلەشكەن ئوقۇتۇشىمىزنى قانداق شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك؟
بۇ ئوقۇتقۇچىدىن كونا قائىدىلەرگە ئېسىلۋالماي ، يېڭىلىق يارىتىشقا، توپلاشقا، خۇلاسىلەشكە، ئۆستۈرۈشكە جۈرئەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئوقۇتۇش بىر خىل ئىجابى پائالىيەت. بۇ مەسلىنى ئاڭدىڭلاشتۇرۋالمىغاندا، ئوقۇتقۇچىنىڭ بۈگۈنكى دەرسىنىڭ خارەكتىرلىك ئۇسلۇبىغا ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىگە، يېڭى دەۋىردىكى ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا ، ئەقىل- پاراسەتلىك، ئىجادچان ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشكە پايدىلىق ياكى پايدىلىق ئەمەسلىكىگە توغرا تەھلىل يۈرگۈزۈش ۋە ھۆكۈم قىلىش مۈمكىن بولماي قالىدۇ.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ئىجادچانلىقى:
بىرىنچىدىن: دەرسلىكنى بىر تەرەپ قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. دەرسلىك دائىم بىلىمنى ھۆكۈم شەكلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا بىۋاستە قويىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرگىنى – تەپەككۈرنىڭ نەتىنجىسى- ئوقۇتۇش يەكۈنى بولىدۇ. ئەمما تەپەككۈر پائالىيىتىنىڭ جەريانىنى كۆرەلمەيدۇ. ئىجادچانلىققا ئىگە ئوقۇتقۇچى دەرسلىكتىكى بىلىمگە جان كىرگۈزۋېتىدۇ. رېژىسسورنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى بىر خىل قايتا ئىجادىيەت ھېساپلانغاندەك ئوقۇتقۇچىمۇ ھەرگىز دەرسلىك ۋە پايدىلىنىش كىتابىنىڭ «ئۈنئالغۇسى» ئەمەس. بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە، ئەسلىدىكى بىلىمىگە ئاساسەن، دەرسلىكنى ئىلمى ۋە بەدىئى جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىپ، مەشغۇلات قىلىشقا بولىدىغان ئوقۇتۇش تەسەۋۋۇرىغا ئايلاندۇرۇدۇ. مانا بۇ ئوقۇتۇشتا قايتا ئىجاد قىلىش جەريانى ھېساپلىنىدۇ. مۇھىمى «دەرسلىكنى ئوقۇتۇش ئەمەس، دەرسلىك ئارقىلىق ئوقۇتۇش»’
ئىككىنچىدىن: ئوقۇتۇشتىكى ئىجادچانلىق؛ يەنە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تۈزۈش ۋە ئەلالاشتۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. ھەر تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى-يامان تەرەپلىرى بولىدۇ. كەسىپنى قانداق ئۆگىتىشتە ، ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنى ھەزىم قىلىش ئاساسىدا، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى رەتكە رەتكە تىزىپ لايىھىلەپ ۋە پىششىقلاپ ، تەشكىلى شەكىلدىكى ئەندىزىلەشتۈرۈشنى يېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. ئوقۇتۇش جەريانىدا ، ئوقۇتقۇچى ياخشى تەشكىللىگۈچى ۋە يېتەكلىگۈچى بولىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىكتىن ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىگە خىزمەت قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى لازىم.
ئۈچىنچىدىن، ئوقۇتۇشتىكى ئىجادچانلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ مول خاس خارەكتىرىگە ئىگە ئوقۇتۇش ئۇسلۇبىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئوقۇتۇش بىر خىل سەنئەت، ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى بىر خىل ئوقۇتۇش سەنئىتىنىڭ ئىجابى ئىپادىسى؛ ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش داۋامىدا، ئادەتتىكى ئوقۇتۇش قانۇنىيەتلىرىگە رىئايە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەمىلىيىتىگە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونكىرت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ ۋە يېڭىلىق يارىتىدۇ.

مەنبە: يېڭى دەرسخانا قانداق جاي؟

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مائارىپ كۆزنىكى كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش