سول قولىڭىزنى ئېگىز كۆتۈرۈڭ

بىر قېتىملىق ئوچۇق دەرستە، مەن ئەزەلدىن قول كۆتۈرۈپ باقمىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قول كۆتۈرگەنلىكىنى كۈرۈپ قالدىم. بۇنىڭدىن ئەجەپلەندىم. لېكىن ئۇنى يەنىلا تۇرغۇزدۇم. ئو ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئىزا تارتىپ، ئالاقزادە بولغانلىقتىن، سۇئاللارغا پەقەت جاۋاپ بېرەلمىدى.
مەن ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ قۇيدۇم ھەم ئۇنى تەنقىدلىمىدىم. كۆڭلۈمدە «بۇ ئوقۇغۇچى نېمە ئۈچۈن قول كۆتىرىدۇ؟ قول كۆتىرگىنى بىلەن نېمىشقا جاۋاپ بېرىشنى ئۇقمايدۇ، ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىنكى ئىزا تارتىشى بىلەن ئالاقزادە بولۇشى ئۇنىڭ پىسخىكىسىغا زىيان يەتكۈزەرمۇ؟ » دەپ ئويلاپ قالدىم.
دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن مەن ئۇنى ئىشخانامغا چاقىرتتىم ھەم ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ « بۈگۈن سەن قۇلۇڭنى كۆتۈردۈڭ، بۇ ئىنتايىن ياخشى ئىش، دېمەك، بۇ سېنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىغا قويغان مەسلىنى ئويلانغىنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ، سەن ئەمدى ماڭا ئەينى چاغدىكى مەسلىنى قانداق ئويلىغىنىڭنى دەپ بېرەلەمسەن؟ » دېدىم.
ھېچ ئويلىمىغان يەردىن ئو ئوقۇغۇچى« ئەمىلىيەتتە مەن ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى ئەسلا بىلمەيتىم، ساۋاقداشلار مېنى كۆزگە ئىلماي قالامدىكىن دەپ قۇلۇمنى كۆتۈرگەنتىم. تەلىم كېلىپ قالسا، ئەپلەپ-سەپلەپ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالارمەن دەپ ئۈمىد قىلسام، قېرىشقاندەك سىز مېنى جاۋاپ بېرىڭ دەپ قالدىڭىز» دېدى ئۇ.
مەن ئەينى چاغدا بۇنى ئاڭلاپ بەك تەسىرلەندىم. بىر پەس ئارىسالدى تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم « ئۇنداقتا بىز كېلىشۋالايلى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىملىق دەرستە سەن ئاكتىپلىق بىلەن قۇلۇڭنى كۆتۈرۈۋەر، ئەگەر جاۋابىنى بىلەلمىسەڭ ئوڭ قۇلۇڭنى، جاۋابىنى بىلەلىسەڭ سول قۇلۇڭنى كۆتۈر، سەن قۇلۇڭنى كۆتۈرۈش بىلەنلا مەن ئىسمىڭنى ئاتاپ ئورنۇڭدىن تۇرغۇزۇپ جاۋاپ بەرگۈزىمەن»
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە كۈندە دەرۋەقە ئوقۇغۇچى ھەر سائەتلىك دەرستە قول كۆتۈردى. ئوقۇغۇچىلار دەسلىپىدە بۇ ئىشقا ئەجەپلەندى لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلار  ئۇنىڭ بارا-بارا ئۆگىنىشنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشنىدىغان بولدى.
بىر مەزگىل سىتاتىستىكا قىلىپ، ئۇنىڭ سول قولىنى 25 قېتىم، ئوڭ قولىنى 10 قېتىم كۆتۈرگەنلىكىنى بايقىدىم. لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئونىڭ ئوڭ قول ،سول قوللىرىنى كۆتۈرۈش سانىنى سىتاتىستىكا قىلغانلىقىمنى ئېيتقاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول كۆتۈرۈش قېتىم سانى بارغانسېرى ئازىيىپ باردى.
ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى.
كېيىن ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ ماڭىدىغان چېغىمدا، مۇئەللىم مېنى ئۆزىتىپ، مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلدى. «ئۆز-ئۆزۈڭنى تۆۋەن چاغلىشىڭ ئىشەنچىڭنى يوققا چىقىرۋەتمىسۇن، ئەمدى ھېلىقى قۇلۇڭنى ئالماشتۇرۇپ، ئىشەنچىڭنى ئېگىز كۆتۈر؛
مەن ئاخىرى مۇئەللىمنىڭ ياخشى نىيىتىنى- ئۇنىڭ ماڭا ئوڭ قۇلۇقنى كۆتۈرتكەنلىكى ھەم ئاز كۆتۈرتكەنلىكى ئۆزۈمدىن ھالقىپ كېتىشىم ئۈچۈن، قولى ئالماشتۇرغۇزۇپ كۆتۈرتكەنلىكى ئۆز ئىشەنچىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆزۈمدىن غالىپ كېلىشىم ئۈچۈن مەدەت بېرىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
كىشلىك ھاياتتا رەقىبلەر ۋە قىيىچىلىققا دۇچ كېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەگەر سول قولىمىزنى كۆتۈرۈشىمىزگە بولمىسا، ئۇ ھالدا قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىمىز ئوڭ قولىمىزنى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت؛

مەنبە: ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپتە قانداق تەربىيلەش كېرەك؟

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مائارىپ كۆزنىكى كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش