مىسىردىكى تاش ھەيكەل ۋە بىزنىڭ مائارىپىمىز

    سفىنكىس – شىر تەنلىك ، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل. قەدىمقى زاماندىكى بىرخىل غايەت زور تاش ھەيكەل بولۇپ، ئادەتتە شىر تەنلىك ياكى ھايۋان تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك قىلىپ ياسالغان. ئەڭ داڭلىق سفىنكىس قەدىمقى مىسىرنىڭ تۆتىنچى سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى ھافرا قاھىرە ئەتراپىدىكى گىزا(Giza) دېگەن جايدا ئۆز ئىھرامىنىڭ يېنىغا ياساتقان سفىنكىس بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 20 مېتىر، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 57 مېتىر كېلىدۇ. بۇ سفىنكىس بىر پارچە غايەت زور قورام تاشتىن ئويۇپ ياسالغان ، ئېيتىلىشىچە يۈزى ھافرانىڭ يۈزىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، فىرئەۋىنلەرنىڭ سۈرلۈكلىكىنىڭ سىموۋلى ئىكەن. ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ناپالېئون يىراققا يۈرۈش قىلىپ مىسىرغا بېسىپ كىرگەندە، بۇ سفنىكىسقا فىرانسىيە ئارمىيسىنىڭ زەمبىرەك ئوقى تېگىپ كېتىپ، يۈز قىسمى زەخمىلەنگەن. قەدىمقى ئاسسۇرىيە ۋە فىنكىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ سفىنكىسلار بولۇپ، تولىسى مىسىرنىڭكىگە تقلىد قىلىپ ياسالغان. ھازىر «سفىنكىس» دېگەن سۆز كۆپىنچە ئىمارەتلە ياكى ھۈنەر- سەنئەت  بويۇملىرىنى بېزەيدىغان ھەرخىل ئادەم باشلىق، كالا باشلىق، قوي باشلىق ھايۋان تەنلىك نەقىشلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مىسىر بىلەن ئارىلىقىمىز يىراقراق شۇنداقلا ئۇ يەرگە ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە بولسىمۇ بېرىپ، شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەللەرنى كۈرۈش بىزگە پەرز بولمىغان ۋە زۆرۈر بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەتراپىمىزدىكى شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھوقۇقدارلارنىڭ سىيماسى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ بۇ تېمىنى يېزىش ئىلھامىمغا سەۋەپ بۇلۇپ قالدى. داۋامىنى ئوقۇي

مۇئەللىم، قەلەندەر ۋە مەسئۇلىيەت

مۇئەللىم، قەلەندەر ۋە مەسئۇلىيەت

مۇئەللىم، نۇرلۇق شام
مۇئەللىم، نۇرلۇق ماياك
مۇئەللىم، ئىنسان روھىنىڭ ئالى ئىنژېنىرى
مۇئەللىم، 100 قەدەم يىراقتىن ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر
قاراڭ خىزمەتدىشىم، مانا بۇلار بىزنىڭ شەرەپلىك تاجىمىز…
- نېمە ئىش قىلىسىز؟ – مەن ئوقۇتقۇچى!
مانا بۇ جاۋاپقا باشلىقمۇ، بايمۇ، كەمبەغەلمۇ، ھاراقكەشمۇ، موللىمۇ، دېھقانمۇ، ھۈنەرۋەنمۇ، جەمىيەتتىكى ئىشسىز سەرگەردان قىز ئوغۇللارمۇ بىر خىل ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ. 2008-يىلى 8-ئايدا بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان پويىزدا 10 نەچچە يانچۇقچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىر ۋاگونغا چىقىپ قالغىنىمىزدىمۇ، ئەنە شۇ نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق يىراقتا سەرسان-سەرگەردانلىق بىلەن ياشاۋاتقان، ئاددىيسى يانچۇقچىلىق، ئاقچىلىق ، بۇلاڭچىلىق بىلەن ياشايدىغان بۇ كىشىلەر توپىمۇ «بىز ئوقۇتقۇچى» دېگەن جاۋاپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىزگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشكەن ، بىزمۇ ئۈرۈمچىگە ساق-سالامەت كېلىۋالغان ئىدۇق.     بۇنىڭدىن باشقا جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ نەزىرىدە بىزنىڭ يەنە بىر تاجىمىز بارلىقىنى مەن كېيىن ھېس قىلدىم.  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى مەمۇرلار مائاشىنىڭ 3 ھەسسىگە يەتكۈزۈش كېرەك دېگەندەك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دەبدەبىلىك يوليۇرۇقلىرى گەرچە ئەمىللەشمىگەن، داۋامىنى ئوقۇي

لۇشۇننىڭ دورا ھېكايىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىق ئەمىلى

لۈشۈننىڭ «دورا»ھېكايىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرى ئەمىلى

  يېقىندا جۇڭگونىڭ داڭلىق يازغۇچىسى لۇشۈن ئەپەندىنىڭ «لۈشۈن ئەسەرلىرى» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىن نەشىر قىلىنىپ، شىنخۇا كىتاپخانلىرىغا سېلىندى. كىتاپنىڭ باھاسى بىزنىڭ ھازىرقى ئىستىمال سەۋىيەمىزگە سېلىشتۇرغاندا، ھەممىنى بىراقلا سېتىۋېلىشقا سەل قىممەتچىلىك قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ 1-تومىنى سېتىۋېلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.     ھەممىمىزگە مەلۇمكى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن لۇشۇن ئەپەندى يات ئادەم ئەمەس، شۇنداقلا يات يازغۇچىمۇ ئەمەس. گەرچە لۇشۇن ئەپەندى بىز ئۇيغۇرلارنى بىلەمدۇ، بىلمەمدۇ بۇنىسى قاراڭغۇ بولسىمۇ، لېكىن توختى باقى ئارتىشى ئەپەندىنىڭ جاپالىق ئەجرى بەدىلىگە 90-يىللار بىلەن 2000-يىللار ۋە يېقىنقى بىر قانچە يىلدا تېزلا نام قازانغان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژورنىلىنىڭ فىليەتۇنلار سەھىپىسىنى ھەر بىر قېتىم ئاچقاندا، لۇشۇن ئەپەندىنىڭ يوشۇرۇن مەنىگە تولغان ئاچچىق كىنايە ئەسەرلىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. داۋامىنى ئوقۇي

ئۇيغۇر قىزلىرى، قولتۇقىڭلارمۇ ئۇچۇق قالمىسۇن!

بۈگۈن بىر تور بەتتىكى ناخشىنى ئاڭلاش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىشقا دىققەت قىلىپ قالدىم.
بىر توپ ئوغۇل ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئېلىكتىرونلۇق سازدا، يەنە بىر توپ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئاكاردىئوندا بىر قانچە چاتما مۇزىكىلارنى ناھايتى ماھىرلىق بىلەن ئورۇنداپتۇ. ئۇلارنىڭ ماھىرلىق بىلەن ئورۇندىغان مۇزىكىسى ئۇلارنىڭ نەقەدەر جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكى ۋە كەسپىنى نەقەدەر ياخشى ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈدۇ. بۇ ھازىرقى لايغەزەل، خىيالپەرەس ، مەۋھۇم ، چىركىنلىك دۇنياسىدا ياشاۋاتقان نۇرغۇن ياشلىرىمىزغا ئۈلگە بولۇشقا ئەرزىيدۇ. بىراق ئاكاردىئون چالغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرىدىن ئۇشتۇمتۇت بىر نەرسىدىن چۈچۈگەندەك بولدۇم. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلاردا قىزلار 5-6 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ياكى تىلى چىقىپ ئاق قارىنى پەرىق ئەتكۈدەك بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ، ئىزا تارتىش، ھايا قىلىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس مەنىۋى ئۇزۇقتىن بۇلۇشىچە ئۇزۇق ئالىدۇ. كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئېغى ئۇچۇق ئىشتان كىيىگەن ياكى قولتۇقى ئۇچۇق، كىندىكى ئۇچۇق كىيىملەرنى كىيگەن كىچىك قىزلىرىمىز شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ، ئىزا تارتىشنى خېلى ئوبدان ئۆگىنىپ قالىدۇ.     بىر مەزگىل تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن ساختا كۆرۈنۈشلەردىن ئەخلاق ئەندىزىلىرىمىز ئېغىر كىرزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلدە، ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ «مەيدىسى ئۇچۇق، كىندىگى ئۇچۇق» كىيىملەر ھەققىدىكى ئېتوتى جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، بۇنداق ئىشلارمۇ ئازايغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىدە ئۈرۈمچىدىكى بىر داڭلىق شەخسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى ئوينىغان ئۇسۇللارنى كۈرۈپ «ئۇلار ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتلىرىنى كۆرمىگەنمكىنە» دەپ توۋا دېيىشكەن، شۇ قىزلارمۇ كېندىكى ئۇچۇقلا دېگۈدەك كىيىملەر بىلەن سەھنىدە پىرقىراپ ئۆزلىرىنى كۆز كۆز قىلىشقان ئىدى. داۋامىنى ئوقۇي

ئەنئەنىۋى تېزلىك ۋە زامانىۋى تېزلىك

ئەنئەنىۋى تېزلىك ۋە زامانىۋى تېزلىك

بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ھەرگىزمۇ فىزىكا ئۇقۇملۇق تېزلىكنىڭ گېپى ئەمەس.چۈنكى فىزىكىدىكى تېزلىك ھەققىدىكى پىكىرلەرنى فىزىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ياكى تېزلىك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار دېسە توغرا بولىدۇ.

بىر قانچە يىل بۇرۇن  «ۋاقىت ئەجەپ تېز ئۈتۈپ كېتىپ بارىدۇ»دېيىشكەن بولساق، يېقىنقى ۋاقىتلاردا «ۋاقىت يوق شۇ، ئالدىراش» دېيىشىدىغان بولدۇق. بۇرۇن كۈندۈزلىرى دوست بۇرادەرلەر يىغىلىپ پاراڭلىشىدىغان بولساق، ھازىر كۈندۈزلىرى ۋاقىت چىقماي، كەچ ۋاقىتلىرى توق قورساققا تاماقنى بۇلۇشىغا زورلاپ، پاراڭلىشىدىغان بولدۇق… ھەي توۋا….

داۋامىنى ئوقۇي