يېقىنقى يىللاردىن بېرى،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات باغچىسىدا ئۇشتۇمتۇت ئېچىلغان قىرغىز ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت بۇ گۇل پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى . بۇنى ئەلۋەتتە ئايتماتوۋنىڭ ئىجادىيىتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.ھازىرغا قەدەر ئايتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردە جەمىي يەتمىش نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى .
قىرغىزلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ، ئاھالىسى ئىككى مىليونغا يەتمەيدۇ ، 1924 – يىلىغا كەلگەندىلا ئۆز يېزىقىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان . روشەنكى ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىز ئەدەبىيات ئەسەرلىرىدىن بەھرە ئالدۇرۇش خېلىلا قىيىن ، شۇڭا ئىككىنچى بىر خىل تىلنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ تىل سوۋېت ئىتتىپاقىدا رۇس تىلى ھېسابلىنىدۇ . باشقا دۆلەتلەرنى دېمەي ، مەملىكىتىمىزنى ئالىدىغان بولساق ، ئايتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرى رۇس تىلى ئارقىلىق خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قىرغىزچىدىن رۇسچىغا باشقىلار تەرجىمە قىلغان ئەمەس ، بەلكى ئۆزى يېزىپ چىققان ، ئايتماتوۋ قوش تىللىق يازغۇچى ، يەنى ئىككى خىل تىل بىلەن يېزىقچىلىق قىلىدىغان يازغۇچى . ئۇ مۇنداق دەيدۇ : " ئەگەر ئەسەرلىرىمنى قىرغىز تىلىدا يازسام ، ئۇنى رۇسچىغا ئۆزۈم تەرجىمە قىلىمەن ،رۇسچە يازغان بولسام قىرغىزچىغا تەرجىمە قىلىمەن " . ئۇنىڭ بىرمۇنچە ئەسەرلىرىدە قىرغىز خەلقىنىڭ مول ، رەڭگا – رەڭ تۇرمۇش كارتېنلىرى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەم ئالدى بىلەن رۇس تىلىدا ئېلان قىلىنغاچقا ،ناھايىتى تېزلا ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تارقىلىپ ، دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئىلگىرى زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان قىرغىز ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ رەسىملىك كارىدورىنى بەرپا قىلغان .ئايتماتوۋنىڭ مۇنداق دېيىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس : " ئەگەر مېنىڭ ئەسەرلىرىم رۇس تىلىنىڭ ياردىمىدە دۇنيادىكى كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولسا ، رۇس تىلى ئانا تىلىم بولغان قىرغىز تىلىنىڭ ئورنىنى كۆتۈردى ….. " بىر قوش تىللىق مىللەت يازغۇچىسىغا نىسبەتەن ، باشقا مىللەتنىڭ تىلى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشنى ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىي تەرەققىيات ئىشلىرىغا پايدىسىز دېيىشكە بولامدۇ ، يوق ؟ بۇ مەسىلىنى كونكرېتنى تەھلىل قىلىش كېرەك.ئايتماتوۋنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى بىزگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى: رۇس تىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قىرغىز ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە تارقىلىشىغا ياردەم بەردى . شۇڭا ، بىز مۇنداق ئىلھامغا كېلىمىز : تەرەققى قىلىۋاتقان بىر ئاز سانلىق مىللەت دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە قەد كۆتۈرۈش ، ئۆز مىللىتى ئەدەبىياتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تېخىمۇ تېز تارقىلىشى ئۈچۈن ئۆز مىللەت يازغۇچىلىرىغا قارىتا قوش تىللىق بولۇش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك .
"قوش تىل " دېگەن نېمە ؟ ئايتماتوۋ مۇنداق دەيدۇ : " قوش تىلنىڭ ئاساسىي شەكلى ئىككى خىل تىلنىڭ باراۋەر قوللىنىشىدا ئىپادىلىنىدۇ — بىرى ، دۇنيادا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىل ، يەنە بىرى شۇ جايدىكى مىللەتنىڭ تىلى. "ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ : دۇنيادا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىل بىرقەدەر تەرەققى قىلغان تىل ھېسابلىنىدۇ ، ئۇنداقتا ئىككى خىل تىل ئىشلىتىش جەريانىدا تارىختا ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەندەك ، دۇنيادا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىل يەنى بىرقەدەر تەرەققى قىلغان تىل كىچىك مىللەتنىڭ،"شۇ جايدىكى" تىلنى ئاسمىلياتسىيە قىلىدىغان، يۇنۇۋېتىدىغان ئەھۋاللار شەكىللىنەمدۇ،يوق؟توغرا،تارىختا نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى يوقىلىپ كېتىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ، تاجاۋۇزچى مىللەتنىڭ تاجاۋۇز قىلىنغۇچى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى نابۇت قىلىۋېتىش سىياسىتىنى قوللانغانلىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى گەپنى دېمىسەكمۇ ،تارىختا نۇرغۇنلىغان كىچىك مىللەتلەرنىڭ تىلى چوڭ مىللەتلەرنىڭ تىلى تەرىپىدىن ئاسمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن ئەھۋاللار كۆرۈلگەن (تاكى بۈگۈنكى قەدەر يوقالمىدى).بۇ تىللارنىڭ يوقىلىشى دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى بىر چوڭ يوقىتىش، بىراق بۇ تارىختىن قېپقالغان ھادېسە ، بۇ مەسئۇلىيەتنى شۇ دەۋردىكى كىشىلەر ئۈستىگە ئالالمايدۇ . بولۇپمۇ سوتسىيالېستىك دۆلەتلەردە شۇنداق،سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقى باراۋەر ئورنىدا تۇرىدۇ.ھازىرقى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش.ئايتماتوۋ مۇنداق دەپ قارايدۇ:"چوڭ مىللەتنىڭ تىلى كىچىك مىللەتلەرنىڭ تىلى بىلەن قارشىلىشىش ئورنىدا تۇرۇشى ناتايىن . بۇلار ئوتتۇرسىدا ئۆزئارا رول ئويناش ، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تامامەن مۈمكىن " ، " قوش تىلنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ ھەم ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك ."
ئايتماتوۋنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى كىشىلەرگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى،قوش تىل ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىياتىنى ئاجىزلاتماي، ئەكسىچە ئۇنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئۇنداقتا قوش تىل مىللەتلەر ئەدىبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرىدۇ ؟ بۇ ھەقتە ئايتماتوۋ ئىنتايىن قىزىقارلىق قىلىپ مۇنداق دېگەن : " چۈنكى قوش تىل ئوخشىمىغان تىللارنى بىر – بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ . خۇددى پەندىكى ھەرقايسى ئىلىملەر ئۆزئارا بىرلەشكەندە ھەر خىل ھادىسىلەر بارلىققا كەلگەنگە ئوخشاش ،يېڭى بىلىش سەۋىيىسى بىلەن ئالاھىدە ھەرىكەت ۋە ئالاھىدە رولنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى." يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبىنى " تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش " ئۈچۈن ، بۇ تىل " تېخىمۇ ئوبرازلىق بولۇشى " كېرەك . ئايتماتوۋنىڭ " ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن " دېگەن رومانىنى مىسالغا ئالساق ، ئەسەردە مىللەتنىڭ خاراكتېرى بىلەن دەۋر ئېقىمى ، قەدىمكى رىۋايەت بىلەن ھازىرقى كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ، ئىلمىي فانتازىيە بىلەن ئاچچىق رېئاللىق ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن . مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى ياخشى ئىپات .
ھەممىگە ئايانكى ، يازغۇچى بىلەن تىلنىڭ مۇناسىۋېتى ھەرگىز تىلدىن پايدىلىنىپ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ . ئەكسىچە ، يازغۇچى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ، مىللەت مەدىنىيىتىنىڭ ئالغا قاراپ ئىلگىرلىشىنى يۈكسەلدۈرىدۇ . شۇڭا ، ئايتماتوۋ ،تىل دېگەن " مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئامىلى ،شۇنداقلا مىللى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ۋاستىسى " دېگەنىدى.ئۇنىڭ قارىشىچە ،بۇنداق راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى " باشقا مىللەتلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى يېڭى شەكىللەرنى پائال تۈردە" قوبۇل قىلىش قوبۇل قىلالماسلىقتا ،" دۇنيادىكى ئىلغار تىللارنىڭ تەجرىبىلىرى" نى ئۆگۈنۈش – ئۆگۈنەلمەسلىكتە كۆرۈلىدىكەن . پاكىتلار بىزگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى ، مەيلى قايسى مىللەتنىڭ تىلى تەرەققى قىلماقچى بولىدىكەن ، باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى قوبۇل قىلماي بولمايدۇ . ھازىرقى رۇس تىلىنى ئېلىپ ئېيتساق ، 1981 – يىلى نەشر قىلىنغان " رۇس تىلىغا باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر لۇغىتى " غا ئون توققۇزمىڭدىن ئارتۇق چەتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن . رۇس تىلى بۇنداق بولغان يەردە ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ – دە ! ئايتماتوۋ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ھەم ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ : " سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر بىر ھازىرقى زامان مىللى ئەدىبىياتى ئىككى خىل مەنبەگە ئىگە ، بىرى ، شۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى ، يەنە بىرى ، رۇس تىلى مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسى . " ، " تۇرمۇش بىز سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلىرىغا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر تەقدىرنى — ئىككى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلدرنى قوبۇل قىلىپ،ئىككى مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ بۇلىقىغا سەجدە قىلىشقا ھەدىيە قىلدى . "
رېئال تۇرمۇشتا ، مىللەت مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى كونكرېت مەسىلە ئۈستىدە دائىم دېگۈدەك بىرمۇنچە كىشىلەرنىڭ "مىللى ئالاھىدىلىك" نى ساقلاپ قېلىشنى باھانە قىلىپ ، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدىيىتىنى ئۆگۈنۈشكە سەل قارشى تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز . ئايتماتوۋ بۇ خىل كىشىلەرنى تەنقىدلەپ : " ئەگەر قاتتىق بېكىنمىچىلىك قىلساق قانداق نەتىجە بولۇشى مۈمكىن ؟ ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئېرىشكىنىمىز ماھىيەت جەھەتتىكى ساختا مەدەنىيەت بولۇشى مۈمكىن ، چۈنكى ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكىنى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ شۇ بىر مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىر تەرىپىلا بولىدۇ . باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتى بىلەن ئالماشتۇرۇش بولمىسا ، بولۇپمۇ بىرقەدەر تەرەققى تاپقان مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتى بىلەن ئالماشتۇرۇش بولمىسا ، بۇ ئەمىلىيەتتە شۇ بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىش مەنبەسىنى توسۇپ ، بوغۇپ قويغانلىق بولىدۇ . ئەگەر <مىللەت ئالاھىدىلىكى> نى ساقلاپ قېلىش ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت قىلىنغان بولسا ، ئۇ ھالدا بۇنداق <ئالاھىدىلىك> ئالغا باسماي بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ، ئالەمدىن بىخەۋەر ئۆتۈش ، نەزەر دائىرىسى تار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە شۇ مىللەت مەدىنىيىتىنىڭ سىرتقا تارقىلىشىغىمۇ توسقۇن بولىدۇ . مەدەنىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا پاراڭ بولغاندا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن پەخىرلىنىدۇ ، بىراق بۇ خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا مىللەتنىڭ تەكەببۇرلۇق كەيپىياتى ئارلاشقان بولامدۇ ، يوق ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولسا ئۇنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك ؟ بۇنىڭغا قارىتا ئايتماتوۋ ناھايىتى ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئۇ مۇنداق دەيدۇ : " مىللىي غۇرۇر ۋە تەكەببۇرلۇق ناھايىتى روشەنكى ، مەنىداش نەرسە ئەمەس ، ئالدىنقىسى ئۆز مىللىتىنىڭ گۇمانلىنىشىغا بولمايدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پەخىرلىنىش ، ئەمما ئۇنى تېپىلماس نەرسىدەك ھەممە يەردە كۆز – كۆز قىلىپ يۈرمەسلىكنى كۆرسەتسە ، كېيىنكىسى ئۆزىنىڭ ساختا ئارتۇقچىلىقلىرىدىن مەغرۇرلىنىش ، ھەتتا ئۇلارنى شۇ مىللەتنىڭ 'ئارتۇقچىلىقى' قىلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ . باشقا مىللەتلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا ، غۇرۇر بىلەن تەكەببۇرلۇقنىڭ چەك – چېگرىسىنى ئايرىۋېلىشىغا زور ياردىمى بولىدۇ . "
ئومۇمەن ، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت تىرىخىي ۋەزىپە ئالدىدا مىللىي يازغۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار ، ھازىرقى زامان مىللىي يازغۇچىسى ئايتماتوۋنىڭ قارىشى بويىچە : " يېڭى زامانىۋى مىلودىيە ۋە يېڭى ئىدىيىۋى ئېقىمنى ئالقىشلاش كېرەك ." پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا " ئۇ ئەسلىدىكى مىللىي شەكىللەرنى بېيىتىدۇ " ، چۈنكى " مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ئەسىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن مىللىي ئالاھىدىلىكلەرنىڭ يىغىندىسى . مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىچىدە ئەزەلدىنلا بار بولغان ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن نەرسىلەر ، بۇرۇنقى دەۋرلەردە شەكىللەنگەن تەجرىبىلەر بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ھازىرقى دەۋر رېئاللىقىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى نەرسىەرمۇ بار . " ئايتماتوۋنىڭ بۇ خىل مىللىي مەدەنىيەت قارىشى كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ .
ئاخىرىدا شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەنكى،ئايتماتوۋنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى كۆپ مىللەتلىك مەملىكەتتىكى ئالاھىدە بىر خىل ئەھۋال . ئۇنىڭ تەجرىبىلىرى بىلەن قاراشلىرى باشقا كۆپ مىللەتلىك مەملىكەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ئەھمىيەتكە ئىگىمۇ يوق ؟ مېنىڭچە بۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .
ئاپتۇرى:شۆھرەت مۇھەممىدى تەرجىمىسى
خەۋەرئېلىنغان ئورۇن:دۇنيا ئەدىبىياتى
مەنبە:سۈبھى تورى