بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ

بالىلارنى شوخ، بەڭباش خىياللىرى ۋە تەسەۋۋۇر دۇنياسىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئوقۇتقۇچى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلالايدىغان «ياغاچ قورچاق»قا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشنى «مائارىپ» دېگىلى بولامدۇ؟    ھازىرقى زاماندىكى چەكسىز بىلىم ۋە ئۇچۇر بايلىقلىرىنى، بىر-بىرىدىن سىرلىق ۋە مۇرەككەپ ئوقۇملارنى دەرسخانىدىن ئىبارەت ئاشۇ «يېپىق دۇنيا»دا جىمجىت ۋە ئىنكاسسىز ھالەتتە، پاسسىپ قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش «ئوقۇتۇش » بولامدۇ؟

    بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش تەپەككۈر، ئوخشاش بىر خىل ھېسسىيات، ئوخشاش بىر خىل ئېدىيە،ئوخشاش بىر خىل كۆز قاراش بىلەن تەربىيلەش ۋە ئاخىرىدا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش قېلىپتا قۇيۇپ چىقىشنى نىشان قىلىۋېلىش ،  «تەربىيلەش» بولامدۇ؟

    ئادەم تەربىيلەش دېگەن بۇ ئوقۇم «ھېسسىيات تەربىيەسى» دىن شۇنچىلىك يىراقلىشىپ كەتسە، ئۇ يەنىلا مائارىپ بولامدۇ؟

    بىز قانداق مائارىپقا ۋە قانداق ئوقۇتقۇچىلارغا مۇھتاج؟

تەربىيلىگىلى بولمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق، تەربىيلىيەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى بار. گەپ، بىزنىڭ ياخشى تەربىيلەش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالمىغانلىقىمىزدا:

    بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ۋە مۇستەقىللىقىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتالايدىغان، قول سېلىپ ئىشلىيەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرىدىغان مائارىپتۇر؛

    بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل بەس-مۇنازىرىگە تولغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئەركىن، دېموكىراتىك دەرسخانا مۇھىتىنى تەكىتلەيدىغان مائارىپتۇر؛بۈگۈنكى مائارىپ – دەل يېڭىلىق يارتىدىغان مائارىپتۇر.

«بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ»تىن

 
 
 

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مائارىپ كۆزنىكى كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش