ئاقسۇ رەستە جامەسى

ئاپتورى: ئابدۇخالىق ئالىم

ئاقسۇ شەھەر تەزكىرىسى ۋە بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق، پىشقەدەم زاتلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھىجرىيە 1140-يىلىرى (مىلادى 1728-يىلىرى) ئاقسۇنىڭ ھۆكۈمەت، رەئىيەت ۋە مەھكىمەئى شەرئى ئورگانلىرى ھازىرقى ئاقسۇ ۋېلايىتىگە قاراشلىق ئونسۇ ناھىيەسىدە بۇلۇپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئورنى قەشقەر، خوتەن ۋە باشقا جايلاردىن كەلگە تىجارەتچى، يولۇچىلار ئۈچۈن چۈشۈپ ئۆتىدىغان ھاۋاسى ساپ، سۇلىرى مول، يايلاق ۋە ئوت-چۆپلىرى مول بىر لەڭگەر ئىكەن. ھىجرىيە 1160-يىللىرى (مىلادى 1747-يىللىرى) غا كەلگەندە ئاقسۇغا ھەرقايسى تەرەپلەردىن دېھقان، چارۋىچىلار كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ خېلى ئاۋات بولغان بىر مەھەللە بەرپا بولۇپتۇ. مۇشۇ جەرياندا شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق زاكىراخوننىڭ تەكلىپ ۋە تەشەببۇسى بىلەن ئاددىيغىنە بىر مەھەللە مەسچىتى بەرپا قىلىنىپتۇ. ھىجرىيە 1195-يىللىرى (مىلادى 1781-يىلى)غا كەلگەندە مەھەللە ئاۋاتلىشىپ مۇنتىزىم تۈس ئالغان بىر بازار شەكىللىنىپ، مەسچىت شۇ يەردىكى ئائىلەرگە تار كېلىپ، مەسچىتنى چوڭايتىش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەھەللە چوڭلىرىدىن مۇھەممەت سابىت ھاجىم بىلەن ئۇبەيدۇللا قارىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھويلا ئاراملىرى كەڭرى، ئەتراپى باغ بىلەن قورشالغان مۇكەممەل بىر مەسچىت بىنا قىلىنىپتۇ. ھېجرىيە 1245-يىلى (مىلادى 1830-يىلى)غا كەلگەندە ، مەسچىتنىڭ تاملىرى كونىراپ، ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھالىتىگە كەلگەندە، يۇرت چوڭلىرىدىن ھەمدۇللا ئەلىماخۇنۇم، قاسىم بەگ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن مەسچىت قايتىدىن چوڭايتىپ سېلىنغان. بۇ ۋاقىتتا مەسچىت ئەتراپى رايونى تاشقارقى بازار كۆۋرۈك مەھەللىسى دەپ ئاتالغان.

ھىجرىيە 1300-يىلى (مىلادى 1883-يىلى) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تاشقارقى بازارنىڭ شەرقى جەنۇبى تەرىپىدە كۆلىمى چوڭ، ھەربى ۋە مەمۇرى ئورگان تۇرىدىغان كاتتا بىر ئېگىز سېپىل سوقتۇرغان. مۇشۇ جەرياندا بازار ئەتراپىغا تەرەپ-تەرەپتىن ھەر خىل كەسىپ، ھۈنەرۋەن، تىجارەتچىلەر كۈچۈپ كېلىپ، مۇنتىزىم شەھەر ئاھالىسى بۇلۇپ شەكىللەنگەن. ھىجرىيە 1305-يىلى (1888-يىللىرى) موللانسىر داموللام كونا شەھەردە مەدرىس ئېچىپ ياراملىق ۋە ئىقتىدارلىق ئەھلى-ئىلىملەرنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ، مۇشۇ تەۋەلىكتىكى مەسچىت، مەدرىسلەرگە ئەۋەتكەن. جۈملىدىن ئاقسۇنىڭ تاشقارقى بازار رەستە كوچىسىدىكى مۇشۇ مەسچىتكىمۇ ئاشۇ ياراملىق، ئىقتىدارلىق ئەھلى-ئىلىملەر تەيىنلەنگەن. ھىجرىيە 1312-يىلى (مىلادى 1895-يىلى) موللاناسىر داموللامنىڭ تەشەببۇسى، تالىپىلىرى مۇھەممەت ئىمىن قازى ھاجىم، باسىت قازى كالان قاتارلىق ئەھلى-ئىلىملەرنىڭ قوللىشى ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى يۇرت موتىۋەرلىرى ۋە جامائەتنىڭ ماددى، مەنىۋى ياردەملىرى ئاستىدا كۆلىمى 1300 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان ھۇجرا (ياتاق)، دەرسخانلىرى ۋە تاھارەت ئېلىش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل مەدرىس تۇسىنى ئالغان كۆركەم بىر مەسچىت، مەدرىس بىنا قىلىنغان. ھىجرىيە 1364-يىلى (مىلادى 1945-يىلى) ئۈچ ۋېلايەت ئىنقلاۋى ئارمىيىسى قۇشۇنلىرى ئاقسۇ شەھىرىدىكى گومىنداڭچىلارنى قورشىۋالغاندا، گومىنداڭچىلار سېپىل ئەتراپىدىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرۈپ خانىۋەيران قىلىۋەتكەن. شۇ قاتاردا مۇشۇ مەسچىتمۇ پۈتۈنلەپ كۆيدۈرۈلۈپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن.

1947-يىلى يۇرت موتىۋىرى داۋۇت قۇزات ھاجىمنىڭ ۋە باشقا يۇرت كاتتىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ مەسچىت ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، سەل كېڭەيتىپ قۇرۇلغان.

1964-يىلى سول سىياسەتنىڭ كاساپىتى بىلەن بۇ جامەنىڭ ئورنىنى ئاقسۇ قۇمتام دېھقانچىلىق مەيدانى ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا ئۆزگەرتىۋالغان. 1978-يىلىغا كەلگەندە ھۆكۈمەتنىڭ مىللەت-دىن سىياسىتى ئەمىللىشىپ، شۇ جامەنىڭ ئورنىغا رەستە مەھەللىسىدە (تۈگمەن بېشى يولى ئۈستىدە) كۆلىمى 340 كۋادىرات مېتىر ئەتراپىدا يەر كۆرسىتىپ بېرىلگەن. شۇ مەھەللىدىكى ساۋۇتاخۇنكام، قاسىماخۇنكام قاتارلىق يۇرت چوڭلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن جامائەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاددىيغىنا بىر مەسچىت بىنا قىلىنغان. كېيىن جامائەت كۆپىيىپ ، مەسچىت ئورنى تارلىق قىلغاچقا، مەسچىت ئەتراپىدىكى بەش ئائىلىنىڭ تام زېمىنى سېتىۋېلىنىپ، مەسچىت كېڭەيتىپ ، مېھمانخانا، مۇنچا ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان 1010 كۇۋادىرات مېتىر ئەتراپىدىكى بىر مەسچىت ۋە مىللى بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا كۆركەم بولغان بەش قەۋەتلىك پەشتاق ياسالغان.

2002-يىلى مەسچىت شەھەر قۇرلۇشىغا توغرا كېلىپ ، خەلق يولىنىڭ غەربى پاشالىق مەھەللىسى ئورنىغا يۆتكەلدى. جامەنىڭ ئىمامى خاتىپى روشەن قارى ھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا، شەھەر رەھبەرلىك ئورگانلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆلىمى 3000 كۇۋادىرات مېتىر، نازار ئوقۇش ئورنىلا 1200 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان، ئەسلىھەلىرى زامانىۋى بولغان كۆركەم ئىككى قەۋەتلىك جامە 2003-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى تولۇق پۈتۈپ، جامائەتكە ئېچىۋېتىلدى.

جامەنىڭ ھازىرقى ئىچكى ۋە تاشقى كۈرۈنۈشى ناھايتى كۆركەم بۇلۇپ، مەسچىتنىڭ ئاستى 1-قەۋىتىدە بىتون بىلەن پۇختا قۇيۇلغان 10 تۈۋرۈك، ئىككى يېنىد پەلەمپەي ئارقىلىق چۈشىدىغان ئىككى ئىشىك، قىبلە تېمىدا مىراب، مىھرابنىڭ ئىككى يېنىدا ئىككى بىخەتەرلىك ئىشىكى بار. 2-قەۋىتى ئالتە بۈرجەك بۇلۇپ، بىتون بىلەن قۇپۇرۇلغان ئالتە تۈۋرۈك بار. ئوتتۇرىسى ياي شەكلىدە بۇلۇپ، 1-قەۋەتتىكى ئىمام ۋە نامار ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىلى بولىدىغان ئوچۇقچىلىق بار.

مەسچىت ئۈستىدە ئالتە ئېگىز مۇنار، مۇنار ئوتتۇرىسىدا چوڭ گۈمبەز، گۈمبەز ئەتراپىدا ئۇنى ئىھاتە قىلىپ تۇرىدىغان ئۇششاق ئالتە گۈمبەز بۇلۇپ، بۇ كۆرۈنۈشلەر مەسچىتكە كۆركەملىك ئاتا قىلغان.

جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 2011-يىى 3-سانىدىن ئېلىندى.

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما ئۆزلۈك ۋە كىملىك كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش