بىلوگ ھەققىدە

بىلوگ ھەققىدە ئۈچۈن بىر ئىنكاس بار

  1. uigur مۇنداق يازغان:

    بۈگۈنكى مائارىپ – ئەتىكى دۇنيا، بۈگۈن كۆز ئالدىڭىزدا ئويناپ يۈرگەن سەبى بالىلار ئەتە مىللەتنىڭ، ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلىنىدۇ.
    بالىلارنى قانداق قىلغاندا، زامان ۋە ماكان بوشلۇقىغا ماس كېلىدىغان كېلىپ تەربىيلەش ھەققىدىكى ئىزتىراپلىق خىياللار ھەممىمىزنىڭ كاللىسىدا بار. بىراق ئېنىق بىر يول ۋە ئۆزىمىز رازى بولغۇدەك ئەندىزىمىز يوق….
    ئون نەچچە يىللىق مائارىپ ئەمىلىيىتىمدە «مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى يول زادى قەيەردە؟ ‘ دېگەن بۇ ئىزتىراپلىق خيال مېنى ئارامىمدا قويماي كەلدى.
    مانا بۈگۈنكى كۈندە ئارقامغا بىر نەزەر سېلىپ، مۇشۇ ھەقتىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش بوسۇغىسىغا قەدەم قۇيۇپتىمەن.
    شۇ ۋەجىدىن مىللى مائارىپىمىز ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر ۋە ئۆزلۈكىمىز، كىملىكىمىز ھەققىدىكى قەدەملىرىمىزنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە بۇ بىلوگنى ئىشلەپ چىقتىم.

    كەڭ كەسىپداش، تورداش، قېرىنداش دوستلارنىڭ سەمىمى تەكلىپ پىكىر ۋە ياردەم بېرىشىنى ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى، بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە ئورتاق كۆڭۈل بۈلۈش ئۈچۈن، ئىزدىنىش سوۋغىلىرىنى تەقدىم ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

    ھۆرمەت ئېھتىرام بىلەن:
    ياسىنجان قاسىم (ئۇيغۇر)
    2011-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى (پەيشەنبە)

بىر جاۋاب قالدۇرۇش