ئاقسۇ قۇمباشقا كاۋىچى دېگەن لەقەمنىڭ قۇيۇلۇشى ھەققىدە ئۇلۇغ شائىرىمىز موللا شاكىر «زەپەرنامە»دە مۇنداق شېئىرى بايانلارنى قىلغان.
بۇ قۇمباش دېگەن كەنتىدە بىر دېھقان،
تېرىلغۇ زىرائەت قىلىپ ئۇل زامان.
تېرىپ ئەردىلەر بىر ئېتىزغا قۇغۇن،
ئاڭا تەربىيە ئەيلەدى كۈن-تۈن،
چۈشۈپتۇ ئېتىزدا ئىككى كاۋا زور
ۋە يا گۇرزى رۇستەم ۋە يا لەندىھۇر،
خالايىق ئاڭا ئەيلەدى ئاپەرىن،
تەئەججۇپ قىلىپ ئەردى بۇ يارەدىن.
كۈمۈپ كاۋىنى ئەيلەدىلەر كاۋاپ،
مۇنى تۆھپە ئەيلەپ خوجامنى تاۋاپ.
كۆشۈككە سالىپ يۈكلەدى بىر بەقەر،
يۈرۈپ مەردى دېھقان يۈسۈپ شەھەر.
يىغىلدى خالايىق تاماشا ئۈچۈن،
ئوقۇپ ئاپەرىن مەردىن دېھقان ئۈچۈن،
كېلۇر ئاقسۇ خەلقى ئارقەدىن تەمام،
چىقىپ خانەقەغا ھەمەخاسۇ-ئام.
بۇ ئۆيدىن ئالىپ سالدى زەنبىلگە باز،
كۆتۈردى ئۇنى تۆرت ئادەم پىشى باز.
بۇ ئالتۇن سارايدا خوجام پادىشاھ،
بۇ ئاخۇنۇ ئەشرەپ، خەلىپە، سۇباھ.
ئالىپ بەردى شاھ ئالدىغە تۆھپەنى،
تەئەججۇپ قىلىپ سۈنئە ھەڭگامەنى.
سوراپ ئىستەدى بەندەنى قىلدى دۇئا،
نەزەردىن كىلۇرسەن دېدى ئىنى بابا.
كىلور مەن دېدى كەنتى قۇمباشتىن،
يېڭىلىق تۇتاي دەپ يېڭى ئاشىدىن.
دېدى ئۇل بابا شاھى ئالەم ماقام،
ماجالىڭنى كۆرمەك ئىدى مۇددىئام.
دېدى ئاقسۇنىڭ شەھىرى بولدى بىنا،
يەنە قەسرى ئالى بىلەن خانە قاھ،
پەقىر قوللىرى موپلىسۇ نا مۇراد،
كۆرۈنۈشكە تاپالماي تىۋە بىرلە ئات.
يوق ئەردى پەقىرنىڭ قويۇم پاقلانىم،
جانابىڭغا ئەكەلدىم بۇدۇر تاپقانىم.
تاپالماي جانابىڭغە ھېچ تۆھپەنى،
كۆمۈپ كەلتۈرۈپتىمەن ئىككى كاۋىنى.
كۈلۈپ خەندە ئەيلەپ خوجام پادىشاھ،
بوسۇرۇن كۈنى ئەردى ئەل جابەجا.
جاكاۋۇلغا دىدى كاۋىنى سىز كېسىڭ،
تامامۇ بۇ مېھمانلىققا تارقاتىڭ.
يىغىلغان خالايىققا يەتتى تامام،
ئاشىپ قالمادى خەلقىدىن يا برىسى كام،
ئەجەپ زور ئىكەن ئاقسۇنىڭ كاۋاسى،
لەزىزدۇر دېدى تەئىمۇ-شىرەسى،
كۆلۈشتى ھەم چوڭ-كىچىكلەر تامام،
قۇيۇلدى قۇمباشقا ئۇچبۇ نام.
بۇ دېھقانغا ئەيلەدى ھەم ئىلتىپات،
باش ئاياغ سەرۇپا بىلەن ياخشى ئات،
بېرىلدى ئامانلىققا ئالتۇن نىشان،
بالادىن بالاسىغا يۈردى ئامان.
ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ۋە تارىخچى- موللا شاكىر