بۆزدۆڭ- ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، بۆزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى ۋە بۆزدۆڭ چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ ئومۇمىي نامى ھېساپلىنىدۇ. شەرقىي شىمالدا غۇلجا بىلەن، غەربىي شىمالدا قىرغىزىستان بىلەن تۇتىشىدۇ. مەشھۇر تۆمۈر چوققىسى بوزدۆڭنىڭ شىمالىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مۇزات دەرياسى، چوڭ قۇزىباي دەرياسى، كىچىك قۇزىباي دەرياسى، قۇرغۇيلۇق دەرياسى، بۇرالتاي دەرياسى، چوڭ تەرەڭ دەرياسى، كىچىك تەرەڭ دەرياسى قاتارلىق دەريا، ئېقىنلار بوزدۆڭ تەۋەسىدىكى تەڭرىتاغلىرىدىن كېلىدۇ. بوزدۆڭدە قىزىل، ئاق، كۆك، يېشىل، بىنەپشە … رەڭلىك تاغلار، بۇ تاغلاردا كۆمۈر، مىس، مەرمەر تاش، تۆمۈر، بور (ھاك تاش) ۋە سىمۇنت، چاقچۇق رۇدىلىرى چىقىدۇ. ئونسۇ سىرلىق جىلغىسى بوزدۆڭ تەۋەسىدە بولۇپ، ھازىر داڭلىق ساياھەت ئورنى بولۇپ قالدى.
مانا مۇشۇ داڭلىق ساياھەت ئورنى گەرچە يۇرتىمىزدا بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى. بۈگۈن بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىر قانچەيلەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئېلىپ، بوزدۆڭگە يولغا چىقتۇق. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام، قارايۇلغۇندىن ئۆتكەندىن كېيىن، شىمالغا خېلى مېڭىپ (تەخمىنەن 100 كىلومېتىردىن ئارتۇقراق) ، بىر تاغ قاپتىلىدا «بوزدۆڭ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى» دەپ تاختاي ئېسىلغان بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا يېتىپ كەلدۇق.
مېنىڭچە بۇ تاختايدىكى جۈملىدىمۇ خاتالىق بار ئىدى. چۈنكى چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى پەقەت قورغاستەك كىرىش چىقىش ئېغىزلىرىدا بولۇشى كېرەك. بىر ئەسكى كەپە، مەھەللىدىن چىققان بىر ئىككى ياللانما ساقچى كىيىمى كىيىگەن كىچىك بالىلار، بىر ئىككى رەسمى ساقچىلار بىلەن قانداقمۇ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرغىلى بولسۇن؟
بۇنى ۋە ياكى «بوزدۆڭ چېگرا ساياھەت رايونى تەكشۈرۈش پونكىتى» دەپ ئېلىش كېرەك.
بىز ئۈچ ماشىنىدىكى چوڭ كىچىك ئادەملەرنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىپ بولغاندىن سىرت، ئۈچ شوپۇرلارمۇ ئالاھىتەن بېرىپ، تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بۇلۇپ، ئەمدى ماڭايلى دەپ تۇرۇشىمىزغا، ھېلىقى «مەھەللىدىن چىققان ساقچى بالا» دىن بىرسى ماشىنىلارنىڭ ئىچىگە قاراشقا باشلىدى دە، تۇيۇقسىز ئاغىينەمنىڭ دېھقان ئاغىيىسىنىڭ ئىككى سانتىمېتىرمۇ كەلمەيدىغان ساقىلىغا ئېسىۋالدى.
- بۇ ماشىنىدا ساقىلى بار ئادەم بار ئىكەن….
- پونكىتقا مەسئۇل بۇلۇپ تۇرۇۋاتقان خەنزۇ يولداشمۇ ياشقا ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى. ئۇ يۇقىرىدىن شۇنداق يوليۇرۇق بارلىقىنى، ساقىلى بارلارنىڭ (50 ياشتىن يۇقىرىلار كىرسە بولىدىكەن) كىرسە بولمايدىلىقىنى سىلىق گەپلەر بىلەن ئېيتىپ، بىزنىڭ يالۋۇرۇشلىرىمىز، جۇڭگونىڭ ئاساسى قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇقرالىق ھوقۇقىنى كۆرسىتىدىغان سالاھىيەت گۇۋاھناملىرىمىز ۋە بىزدەك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېپىل بولۇشىمىزغىمۇ ئۇنىماي تۇرۇۋالدى. 100 نەچچە كېلومېتىر يولنى بېسىپ، ئەمدى يەنە 20 كېلومېتىر قالغاندا، 2 سانتىمۇ كەلمەيدىغان بىر ساقالنىڭ كاشىلىسى بىلەن ، ساياھەت رايونىغا كىرەلمەسلىكىمىز، بىردىنلا كەيپىمىزنى ئۇچاردى. شۇنداق بولسىمۇ، بىز ھېلىقى بىر قانچە ئۇيغۇر ساقچى بالىلارغا « نەدىمۇ مۇشۇنداق بىمەنە سىياسەت بولسۇن، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تۇرسا، ئۇ يەنە كېلىپ دېھقان تۇرسا، بىز ئون نەچچە ئادەم تۇرساق، ھەممىمىزنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق تۇرسا » دېدۇق. شۇنداقتىمۇ ھېلىقى ماشىنىدىن ساقالنى تېپىۋالغان ساقچى بالا ئۇنىماي قويدى. بىز نائىلاج ئارقىمىزغا قايتايلى دەپ تۇرساق،خەنزۇ يولداش «بولدىلا» دەپ توساقنى ئېچىپ بەردى. بىزنىڭ بىرىنچى ماشىنىمىز ئەمدىلا توساقتىن ئۆتۈپ تۇرۇشىغا، ئۇيغۇر ساقچى بالا ھېلىقى خەنزۇ ساقچىغا ۋارقىرىدى.
- تاقاقنى ئەت، كىم سېنى بۇلارنى ئۆتكۈز دېدى….
شۇنىڭ بىلەن بىز ئون نەچچە ئادەم ۋە بالىلار تەتىلنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى بۇ ياخشى پۇرسەتتىن بىر ساقالنىڭ سەۋەبى بىلەن مەھرۇم قالدۇق. بىراق ، بىزنىڭ ئېچىنىشىمىز ساقالغا ئەمەس، بەلكى مۇشۇ توساقتا تۇرۇپ، سىياسەتنى توغرا ئىجرا قىلمايۋاتقانلارغا ئىدى.
بەلكىم مەركەزدىكى باشلىقلار ياكى ئاپتونۇم رايوندىن جاڭ چۈنشىيەن شۇجى ھەرگىز بۇنداق بىمەنە بۇيرۇقلارنى چىقارمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېسى يادى دېھقانلارنى باي قىلىش، باياشات قىلىش تۇرسا، تېلېۋىزورلاردىن ئۇلارنىڭ دائىم ئۇزۇن ساقال قۇيۇۋالغان دېھقانلار بىلەن خوشال خورام قول ئېلىشىپ كۈرۈشۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلارنى سېلىشۋاتقانلىقىنى كۈرىمىز. ئۇ چاغلاردا دېھقانلارنىڭ ساقىلى ئۇلاررغا پۇتلاشمايدۇ. بىرەر باشلىق «مەركەزدىن باشلىق كېلىدىكەن، ساقىلىڭنى چۈشۈر » دېمەيدۇ. بىراق ئالدىن بېيىپ ماشىنا سېتىۋالغان دېھقانلار ساياھەت قىلاي دېسە، ئۇلارنىڭ ساقىلى بۇ يەردە قارشى ئېلىنمايدۇ.
ناۋادا ھېلىقى ساقچى بالىلار شىياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەن ۋە ياكى ئامېرىكا، ياپونىيەلەردىن كەلگەن ساقاللىق ساياھەتچىلەرنى كۆرسە، ئۇلارنى ئۆتكۈزۋېتىشى تەبىئى.
دېمەك، بۇنىڭدىن دۆلىتىمىزنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بىلەن چەتئەللىكلەرنىڭ پاسپورتىنىڭ ئادەمنىڭ قەدىر قىممىتىگە بولغان تونۇش دەرىجىسىنى كۈرۈۋېلىش مۈمكىن. ئەسلىدە ، ئاساسى قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇقرالىق كېنىشكىسى ئالغان دېھقانلىرىمىز ئۇنداق يەرلەردىن ئالدى بىلەن بەھىرلىنىشى كېرەك…. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ گۈزەللىكى ئۆزىمىزنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئادەملىرىمىز ۋە دېھقانلىرىمىز بىلەن بارلىققا كەلگەندە…..
گەرچە بىز بۇ تەكشۈرۈش توسۇقىدىكى ئىشلارنى توغرا چۈشەنسەكمۇ، دېھقانلار بۇنى توغرا چۈشىنەرمۇ؟ ئۇلار كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلار؟