ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچ- ئوقۇتقۇچى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە.
ئاپتورى: مۇھەممەتجان جېلىل
دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۇسۇلى ۋە تەلىم-تەربىيە ئەمەلىي بولۇش ، ئىلمى بولۇش، جانلىق بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرەلمەسلىكىمىز-مائارىپ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.
مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى – تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالماسلىقى – مائارىپچىلارنى چوڭقۇر ئويغا سالماقتا.
مائارىپ نۇرغۇنلىغان خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە.
بۇ مەسلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى-يەنىلا ئوقۇتقۇچىلاردا؛
ئۇنداق بولسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسىنى قايسى تەرەپتىن يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؟
1. ئوقۇتقۇچى ئاساسى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ھەقىقى تۈردە كۆڭۈل بۈلۈشى كېرەك.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بىر ئۆمۈرلۈك جاپالىق ھەم بەخىتلىك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمەن دەپ ئويلايدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن ھەر بىر ئوقۇتقۇچى كەسپى ئەخلاق مىزانى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇشى كېرەك. بولۇپمۇ ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۈيۈش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۈيۈشى، ئۇلارغا كۆڭۈل بۈلۈشى كېرەك.
2. توغرا ئوقۇتۇش ئېدىيەسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
توغرا ئوقۇتۇش ئېدىيەسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇش – تۇرغۇزۇلماسلىقى ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، مۇھىمى پەرزەنتلەرنىڭ كېلىچەكتىكى ئاساسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئەنئەنىۋى مائارىپ ئاسارىتىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ، ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيەنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە دەرس ئۆتۈشى، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىك رولى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك رولى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇشى، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا توغرا ئەخلاقى پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشى، ئادەم بولۇش يوللىرىنى بىلدۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىلىم ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى توغرا ئىگەللىتەلەيدىغان بولۇشى، جەمىيەتتىكى تىپىك ئىشلارنى مىسال قىلىپ، مۇستەھكەم غايە تىكلەشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھىس قىلدۇرۇشى كېرەك.
3. ئوقۇش تارىخىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۆڭۈل بۈلۈشى كېرەك.
ئوقۇش تارىخى – بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسى ساپاسىنى نامايەن قىلىدۇ.
4. تىل ئىپادىلەش سەنئىتى ۋە ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئانا تىلدىن باشقا تىللارنىمۇ ئۆگىنىپ، ئۇچۇر ۋە بىلىم ئىگەللەش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، بولۇپمۇ دوسكا خېتى ئۆلچەملىك، توغرا، ئىملا قائىدىسى بويىچە يېزىلىشى، دەرس تەييارلىقىمۇ توغرا تۈزۈلۈشى، خاتالىقلاردىن ھەر ۋاقىت خالىي بولۇشى لازىم.
5. مۇستەقىل دەرس تەييارلاش ئىقتىدارى بىلەن دەرسلىك ماتىريالىنى توغرا ئىگىلەش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە كۆڭۈل بۈلۈشى كېرەك.
دەرس ئۆلچىمى، دەرسلىك ماتىريالىنى پۇختا ئىگەللەش، ھەر بىر بۆلەك، ھەر بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئوقۇتۇش تەلىپى، نىشانى، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرىنى پۇختا ئىگەللەش – ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسلىكنى چۈشىنىش، دەرسلىكنى ئىگەللەش جەھەتتىكى ئىقتىدارىغا باغلىق. مۇشۇ ئىقتىدار بولغاندىلا، ئوقۇتقۇچى مۇستەقىل دەرس تەييارلاش شەرتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.
6. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرى ۋە ئىلمى ماقالە يېزىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
7. ئوقۇتقۇچىلار نەزىريە ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
مەنبە: مائارىپ تەتقىقاتىدىن ئۆرنەكلەر