مائارىپ ۋە تەرەققىيات

مائارىپ ۋە تەرەققىيات
ئاپتورى: مۇھەممەتجان جېلىل

مائارىپ – ئەڭ قەدىمقى ئىجتىمائى ئۈنۈمدارلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر خىل كەسىپ. ئۇ ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن پەيدا بولغان. ئۇ ئادەملەرنى تەربىيلەش، ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ تەرەققىياتنى تېزلىتىش، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، ئادەملەرنىڭ مەنۋىى تەشنالىقىنى قاندۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مەزمۇنى قىلغان ھالدا ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىدۇ.
   مائارىپى بولمىغان، تەرەققى قىلمىغان ئەللەرنىڭ ئىقتىساسلىق خادىملار قۇشۇنىدىن سۆز ئاچقىلى بولمىغاندەك، ئۇنىڭ تەرەققىيات ۋە كېلەچىكىنىڭ قانداقلىغىدىن سۆز ئاچماقمۇ تەس.
   مائارىپتىن ئىبارەت قىلچىمۇ ساختلىقنى خالىمايدىغان كەسىپتە، ئاز بولمىغانلار ناتوغرا ئىللەتلەر ئەۋىج ئېلىپ، قەغەز يۈزىدىكى سۈپەت كۈرسەتكۈچى بىلەن تەربىيلىنىۋاتقانلار ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىختىلاپلار كۈنسېرى بىخ سۈرمەكتە. بۇنىڭ بىلەن مائارىپچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقى، كەسپى قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ چېچىلىپ، مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا سەلبى تەسىر كۆرسەتمەكتە.
   ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز مائارىپىغا ئالدى بىلەن ئۆگەي ئانىلارچە مۇئامىلە قىلىشتىن ھەر ۋاقىت ئاگاھ بۇلۇپ، ساختىپەزلىك، شەكىلۋازلىق، غەيۋەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، ھورۇنلۇق، پۇلپەرەسلىك، ھەشەمەتخورلۇقلارغا مائارىپ تۇپرىقىدىن قىلچىمۇ ئۇرۇن بەرمەيدىغان ئىگىلمەس، ئۆزگەرمەس ئىرادىگە كەلگەندىلا، ئاندىن ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالالايدۇ.
   شۇنى بىلىش كېرەككى، مائارىپ بۈگۈن دەسمايە سالسا، ئۈچ تۆت ئايدىلا ھوسۇل بېرىدىغان يەر ئەمەس، بۇ بىر قانچە يىللىق مۇنتىزىم، سستىمىلىق تەربىيە بېرىش، ئىلمنىڭ سورتلۇق ئۇرۇقىنى مۇنبەت قەلىبلەر ئېتىزىدا بىخلاندۇرۇپ، ئۇنى سەۋىرچانلىق بىلەن پەرۋىش قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى بېغىشلاش، بەل قۇيۇۋەتمەي داۋاملاشتۇرۇش ئاساسىدىلا، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ قۇدرىتىنى نامايەن قىلالايدۇ.
  شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلار مائارىپقا كۆز تىكىپ ئۈمىد باغلاۋاتقانلار، بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىدىكى تەرنى كۈرۈپلا، مائارىپتىن ئۈمىد ئۈزۈپ، دىققەت ئېتىبارىمىزنى بولمىغۇر ئىشلارغا چېچىۋەتسەك خەلقىمىز ئالدىدا، كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلار ئالدىدا مەڭگۈ كەچۈرگىلى بولمايدىغان گۇناھكار بۇلۇپ قالىمىز.
    كۈرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، قايسى مىللەتنىڭ مائارىپى بالدۇر تەرەققى قىلسا، شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەتلىك ، ئەقىللىق، كۈچلۈك مىللەتلەر قاتارىدا ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ. مائارىپى تەرەققى قىلمىغان، ئىگىلىكى جانلانمىغان، قاتمال ئېدىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەي نادانلىقتا، يوقسۇزلۇقتا كۈنلىرى سېرىقتال ئۆتۈۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ھالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
   ئۇلارنىڭ مائارىپى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئېدىيەسىدىن، ئىمتىھان مائارىپىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغان بولغاچقا، تەلىم تەربىيە ۋە ئوقۇتۇشتا بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنەلمەيۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا يۈزلەنمەي، ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلار تەربىيەسىگە يۈزلىنىۋاتىدۇ.
  مائارىپ – تەرەققىياتنىڭ ئانىسى. تەرەققىيات – شاد-خورام، باياشات تۇرمۇشنىڭ قۇرغۇچىسى. شۇڭا ھەر قانداق بىر ۋىجدان ئىگىسى مائارىپ ئۈچۈن ئەجىر قىلىش، ئۆزىنىڭ ئەۋزەل شارائىتىنى مائارىپقا بېغىشلاش، ئەمەلى كۈچى بىلەن ياردەم بېرىش ۋە ئۇنى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، قىلچە باش تارتماسلىقى كېرەك.
  مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ، تەلىم تەربىيە ئۈنۈمى بىلەن ئوقۇتۇش سۈپتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم كاپالەت – ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلمى باشقۇرۇش، ئۇلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار، مائارىپ مەمۇرى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ باشقۇرۇش سەنئىتىنى ئىلمى، سەرخىللاشتۇرۇش، كەسىپتىكى ناتوغرا ئىللەتلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشتىن ئىبارەت.
   مەنبە: مائارىپ تەتقىقاتىدىن ئۆرنەكلەر

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مائارىپ كۆزنىكى كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش