10 خىل تىپتىكى «بىنورمال» ئوقۇتقۇچىلار

ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپتىمىز بىلەن، كەسىپكە بولغان ئىزدىنىشىمىز ۋە غايىمىزنى ئۆزىمىز شۇغۇلىنىۋاتقان خىزمەتكە سىڭدۈرىشىمىز كېرەك ئىدى، بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، شۇنداقلا بۇرچىمىز ئىدى، لېكىن ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇكى، بىزدە، ئەتراپىمىزدىكىلەردە، ئازدۇر-كۆپتۇر بۇنداق ياكى ئۇنداق مەسىللەر ساقلانماقتا. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىزنىڭ پاكلىقى ۋە شەرىپى ئۈچۈن، ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۆزۈمىزگە بولغان ئېچىنىش ۋە ئويلىنىشنى قوزغاش زۆرۈر دەپ قارايمەن. شۇنداق قىلالىساقلا، مەيدىمىز كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمىز ھەم ”ئوقۇتقۇچى“ دېگەن بۇ ئۇلۇغ نامغا يۈز كېلەلەيمىز.
1. قۇلچىلىق تىپىدىكىلەر. مەيلى ئېتىراپ قىلايلى-قىلمايلى، قەلبىمىزدە بىر خىل قوللۇق ئىدىيىسى ساقلانغان بولۇپ، بۇ قىلمىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىرىنچى كۆرۈنۈش: مەكتەپ قورۇسىدا بىرەر رەھپەر تۇرۇپ قالسا، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن بەزىلەرئىشى بولۇش-بولماسلىقىغا قارىماي ئۇ رەھپەرنى ئورۇۋېلىپ، رەھپەر بىلەن باراڭلاشقىلى تۇرىدۇ.
ئىككىنچى كۆرۈنۈش: بەزىلەر مەيلى خىزمىتىنىڭ ئالدىراش بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر، رەھپەرلىك چاقىرىپ قالسىلا، ئۇچقاندەك چاپىدۇ، ئۆزىچە مېنى مۇدىر چاقىرىپتۇ، دەپ پەخىرلىنىپ كېتىدۇ.
ھەل قىلىش چارىسى: رەھپەرلىك ئىمتىيازىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئوقۇتقۇچىلار نەتىجە ۋە خىزمەت ئالدىدا پاراۋەر بولۇش كېرەك.
2. ئىككى يۈزلىمىچى تىپىدىكىلەر. ئېھتىمال ئامالسىزلىقتىندۇر، لېكىن بەزىلەر بەكمۇ ئاشۇرۋېتىدۇ.
بىرىنچى كۆرۈنۈش: بەزىلەر ئوقۇتقۇچىلار ئالدىدا رازى بولمىغىنىنى بىلدۈرۈپ، ئادىللىق يوق دەپ غەزەپلىنىپ سۆزلەپ كېتىدۇ، لېكىن رەھبەرلىك ئالدىدا بولسا قولىنى سېلىپ، ھىجىيىپ خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ.
ئىككىنچى كۆرۈنۈش: ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا داۋلى سۆزلەپ، كەسكىن تەلەپلەرنى قويغان بىلەن، باشقا ۋاقىتتا ئۆزى ھەممە ناچارلىقلارنى سۆزلەيدۇ ھەم قىلىدۇ.
ھەل قىلىش چارىسى: خىزمەتلەرنىنىڭ ئاشكارلىقىنى ئۆستۈرۈش.
3. پەزىلىتى ناچار تىپىدىكىلەر.
بىرىنچى كۆرۈنۈش: ماتېرىيال ئەكەلدۈرۈپ پايدىسىنى ئېلىش، ئىمتىھان قەغەزلىرىنى يىغىۋېلىپ ئەسكى قەغەز ئورنىدا سېتىش.
ئىككىنچى كۆرۈنۈش: باشقىلارنىڭ بۇ خىل ياكى ئۇ خىل مۇناسىۋىتىنى كۆرۈپ، بىئارام بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىسىغا ئۇنداق ياكى بۇنداق ئىشنى بېجىرگۈزۈش.
ھەل قىلىش چارىسى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىنى كۈچەيتىش.

4. ھەسەتخور تىپىدىكىلەر. ئادەمنىڭ ئالدىدا باشقىچە، كەينىدە بولسا باشقىچە ئىش تۇتۇپ، بىر-بىرىگە ئورا كولاش.
بىرىنچى كۆرۈنۈش: مەلۇم ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش نەتىجىسى ئالاھىدە بولۇپ كەتسە، كەينىدىن ”ئوقۇتۇش ۋاقتىنى ئىگەللىۋالدى“ دېگەندە گەپلەرنى تېپىش، يىل ئاخىرىدا ئۇ ئوقۇتقۇچىغا “ لاياقەتسىز“ دەپ بەلگە قويۇپ قويۇش.
ئىككىنچى كۆرۈنۈش: بىر ئوقۇتقۇچى ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلسا، كۆزى قىزىرىپ، ”كۆچۈرۈپلا قويغان نەرسىغۇ بۇ، قانچىلىك ئىشتى“ دەپ يۈرۈش. ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئۇ ئوقۇتقۇچىنى ئايرىپ قويۇش.
5. ھاكاۋۇر تىپىدىكىلەر. زىيالىي بولغانلىقى سەۋەپلىكىدىنمىكى، ئوقۇتقۇچىلاردا ﻫاكاۋۇرلۇق ناھايىتى كۈچلۈك.
بىرىنچى كۆرۈنۈش: دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۆز قىستۇرۇشقا يول قويماسلىق، ئۇنداق بولمىسا ئالام-مالەم بولۇپ كېتكەندەك، زور ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك بولۇپ كېتىش.
ئىككىنچى كۆرۈنۈش: سىرتتا ئىش بېجىرگەندە ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا پېتىنالماسلىق، خۇددى ئوقۇتقۇچى بولسا يۈزى چۈشۈپ كېتىدىغاندەك، بولۇپمۇ ئەر ئوقۇتقۇچىلار.
ھەل قىلىش چارىسى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈش.
6. جىگىرى يوق تىپىدىكىلەر. ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى پەقەت جان بېقىش ئۈچۈن دەپ قارايدىغانلار.
بىرىنچى كۆرۈنۈش: باشقىلار بىلەن قۇرۇق پاراڭلىشىش، تورغا چىقىۋېلىپ ئويۇن ئويناپ ياكى چايغانىلاردا پاراڭلىشىپ يۈرۈش، ئۆز كەسپىگە دائىر مەزمۇنلارنى ئەزەلدىن ئۈگەنمەسلىك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا تاغ دېسە باغ دەپ جاۋاب بېرىپ يۈرۈش.
ئىككىنچى كۆرۈنۈش: خىزمەت ۋاقتىنى توشقۇزالماي كېتىش، خىزمەتتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا بولسا ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ ئالدىراپ ئۆيىگە چېپىش، كۆڭلىدە پەقەت ئۆزىنىڭ شۇ ئائىلىسىنىلا ئويلاش.
ھەل قىلىش چارىسى: باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاش.
7. مەنمەنچى تىپىدىكىلەر. بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت ئۆزىلا بار بولۇپ، خۇددى ئۆزى ھەممىدىن ئۈستۈندەك، ئەزەلدىن باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ھەمكارلىشىش قارىشى يوق.
بىرىنچى كۆرۈنۈش: ئوچۇق دەرس باھالىشىدا، بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلار باشقىلارنىڭ پىكرىنى نەزىرىگىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ، ھەم مېنىڭچە مۇشۇنداق ئۆتكەندە ياخشى بولىدۇ، دەپ تۇرۇۋالىدۇ.
ئىككىنچى كۆرۈنۈش: “ بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، مەن شۇنچە قىلىپ باقتىم…“ دەپ تۇرىۋالىدۇ، ئۆزىنىڭ تەربىيىسىنىڭ ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە مۇۋاپىق-مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ باقمايدۇ.

ھەل قىلىش چارىسى: تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ياخشى بولغان مەكتەپ ئىستىلى يارىتىش.
8. ئىقتىدارسىز تىپىدىكىلەر. بىلىمى كەم، ئۆزى ئۆتەۋاتقان ئەننىڭ ھۆددىسىدىن ئاران-ئاران چىقىدىغان، ئوقۇتۇش پىلانىنى نەچچە يىللاپ يېڭىلىمايدىغانلار.
بىرىنچى كۆرۈنۈش: تور ئاللىقاچان كىشىلەرگە قولايلىق يارىتىدىغان قۇرال بولغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورغا چىققانلىقىنى ئاڭلاپلا، شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يامان ئوقۇغۇچى، ئۈگەنمەيدىغان ئوقۇغۇچىغا چىقىرىۋېتىدىغان، بۇ ئىشقا ئىلمىي يېتەكلەشتە بولمايدىغان — بىر ئېغىز سۆزگە يېغىنچاقلىغاندا كومپىيوتېرنى ئۇقمايدىغان.
ئىككىنچى كۆرۈنۈش: قارىتا ئويناش، ھەر خىل قىمار ئويۇنلىرىغا قاتنىشىدىغان، ئىشخانىدىمۇ دائىم شۇ ئىشلارنى دەپ يۈرۈيدىغانلار.
ھەل قىلىش چارىسى: ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتىلغان مەكتەپتىكى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش.
9. پىشقەدەملىكىنى پەش قىلىدىغان تىپىدىكىلەر. ئۆزىنى يېشىم چوڭ بولۇپ قالدى، تەجىرىبەم بار، دەپ بەزى ئىشلارغا پەرۋا قىلماي، سەن مېنى نېمە قىلالايتىڭ؟ دەپ قاراش.
بىرىنچى كۆرۈنۈش: دەرسلىك پىلانى يازامتىم؟ ئۇنى نېمە قىلاتتىم، دەرسخانىغا كىرسەملا پىلانىم كالامدا پەيدا بولۇپ بولىدۇ، دەپ يۈرۈيدۇ.
ئىككىنچى كۆرۈنۈش: ئوچۇق دەرس ئۆتۈشنى بۇ ياشلار قىلىدىغان ئىش، دەپ قاراش.
ھەل قىلىش چارىسى: ئوخشىمىغان قاتلام بويىچە باھالاش ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇپ، ئوخشاش قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا رىقابەت ئېلىپ بېرىش.
10. ئالاھىدە تىپىدىكىلەر. ھازىر مەكتەپلەردە بىر قىسىم ئالاھىدە شەخسلەر بولۇپ، ئۇلار ئىشنىڭ يېنىكىنى قىلىپ، مۇكاپاتنىڭ چوڭىنى ئالىدۇ.
ھەل قىلىش چارىسى: خىزمەت ئىش تۈزۈمىنى بېكىتىپ چىقىپ، رىقابەت ئارقىلىق ئىشقا قويۇش.

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مائارىپ كۆزنىكى كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش