كاتېگورىيە ئارخىپلىرى: مېنىڭ يازمىلىرىم

مەن يازغان ماقالىلەر ۋە تەرمىلەر

ئايەملەر موللاشماقتا، بىراق…….

ئايەملەر موللاشماقتا…  مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ئىچى سودا دۇكانلىرىدا لىقلا ئادەم… يېزىدىن شەھەرگە قاتنايدىغان ئاپتوبوسلاردا لىقلا ئادەم. شەھەر ئىچىدىكى تاكسىلاردا لىقلا ئادەم….  بۈگۈن ھەتتا مەن چىققان 1-يول ئاپتوبوس شوپۇرىمۇ «ئادەم پاتمايدۇ، كېيىنكى ئاپتوبوسقا چىقىڭلار» دەپ ئاپتوبوسقا ئادەم چىقارمىدى. كوچا ئاپتوبوسلىرىدىمۇ … داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | خەتكۈش: | ئىنكاس يازاي

زاھىر ئابدۇراخماننى ياد ئېتىمىز

دۇنيادا ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئاڭلىشىمچە، ئاللاتائالا ياخشى بەندىلىرىنىڭ ئۆمىرىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇش سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ گۇناھى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ قېلىشىنى خالىمايدىكەن. شۇنداقلا گۇناھكار بەندىلىرىنىڭ گۇناھىغا تۆۋە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇنراق قىلارمىش. مېنىڭچە ئادەمدە ئادىمىيلىك ۋە مەردانىيلىق ، شۇنداقلا … داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | خەتكۈش: | ئىنكاس يازاي

بىز نېمىلەرنى كۈرۈۋاتىمىز؟

بۈگۈن يەنە توۋا دەي چۈنكى يەنە بىر پۇرسەت بىلەن بىر دېسكو كۇلۇبىدا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالدىم. مېنى كۈندە دىبادە، رېستوراندا يۈرۈپ يازما يازامدىكىن دەپ قالماڭلار يەنە. يەنە شۇ بىر تونۇشۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن باشقا بىر ناھىيەگە چىقىپ، بىر دىسكوخانىدا ئولتۇرۇشقا مۇۋەپپەق … داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | ئىنكاس يازاي

بالدۇر يېتىلىش ۋە بالدۇر بۇزۇلۇش

قەدىمقىنى بىلمەيدىغانلىقىمىز ئېنىق، بىر يىل بۇرۇنقىنى ئەمەس، بىر كۈن بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەستە ساقلىماقمۇ ناھايتى تەس بۇلۇپ كەتتى. بىراق ئېغىزىمدىن چىقىرالمايدىغان ئۇنتۇشلار كۆپ بولسىمۇ، قەلبىمىزدە ھەممىمىز «قىزلارنىڭ يولدىن چىقىشى»نى  شۇ ئائىلە، شۇ ئاتا-ئانا ، قەۋىم قېرىنداشلار ئۈچۈن ناھايتى نومۇسلۇق ئىش دەپ … داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | ئىنكاس يازاي

سابانا، مۆمىنجان، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

ئاقسۇ شەھىرىمىزنىڭ قاراتال بازىرى – ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى بولۇش سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېز بولۇشى بىلەن شىنجاڭ ئىچىدە داڭلىق بولسا كېرەك. ھېچ بولمىغاندا، ئاقسۇ ۋېلايىتىگە ۋە خوتەنلىك ئىشلەمچىلەرگە ناتۇنۇش ئەمەس. ھېلىمۇ ئېسمدە، مەن تېخى مەكتەپكە … داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | خەتكۈش: | ئىنكاس يازاي

بەزى دوختۇر، تىۋىپلارغا ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدىكەن…

يېقىنقى بىر ئىككى يىلدا نېمە بولدىكىن ، دوختۇرخانىدىن بېرى كېلەلمەي قالدىم. ئادەم خىزمەتتىكى بېسىمدىن چارچاپ ھالىدىن كەتكەندە، دوختۇرخانىغا كىرىپ، خۇددى بەشيۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدا ياتقاندەك ھوزۇر ھېس قىلغان بىلەن، 3 كۈندىن كېيىن تولا سانجىلىدىغان ئاسما ئۇكۇل يىڭنىسىنىڭ ۋەھىمىسى ۋە كۈندىن كۈنگە قېتىپ، … داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | ئىنكاس يازاي

بىر چىنە تاماق

يېقىندا شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى قەلبىنۇر ئېلياسنىڭ «ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرىسى» ناملىق نەسىرلەر توپلىمىنى نەشىر قىلدى. ئۇنىڭدىكى «بىر چىنە تاماق» ناملىق نەسىر ماڭا بەكلا تەسىر قىلغان بولغاچقا، دەرس ۋاقتىمدا ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇپ بەردىم ۋە تورداشلارنىڭ زوق ئېلىشى ئۈچۈن يوللىدىم. بىر چىنە … داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | ئىنكاس يازاي

بۈركۈتنىڭ بوينىدىكى توخۇ

پۇرسەت ئۆزى كېلىپ ئېشىكىڭنى چەكمىسە، پۇرسەت كېلىدىغان ئىشىكتىن بىرنى ئۆزۈڭ ئاچ (لېي.كروكېر) سەن ئۈچۈن تەر تۆكۈدىغان ئادەمنى تاپ! مۇنداق پەرز قىلىپ باقايلى. ئىرادەڭ ناھايتى يۈكسەك بولسىمۇ، لېكىن تەلىيىڭ ئوڭدىن كەلمىگەچكە، ماڭدامدا بىر كاشىلىغا ئۇچراپ بىر قەدەممۇ ئالغا ئىلگىرلىيەلمىدىڭ. خوش، ئەمدى … داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | ئىنكاس يازاي

قورقۇنىچلىق مەكتەپ مۇدىرى ئەمىلى

كىشىلەر ئۆتىدىغان بىر كۆۋرۈكتە يوغان بىر ئۆكۈز يېتىۋېلىپ، ھېچكىمنى ئۆتكۈزمەپتۇ. كىشىلەر ساقچىخانىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپتىكەن، ساقچىلار ھەر خىل ھەيۋا، قورال بىلەنمۇ بۇ ئۆكۈزنى ياتقان يېرىدىن تۇرغۇزالماپتۇ. يېزا باشلىقى كېلىپ، بىر ھازا پوپوزا بىلەن ھەيۋە قىلسىمۇ، ئۆكۈز ياتقان يېرىدىن قوپايمۇ دېمەپتۇ.

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | ئىنكاس يازاي

مەكتەپ مەدەنىيىتىدىكى بۇرۇلۇش

1. ئۈچ خىل قېلىپنىڭ ئۆزگىرىشى يەنى ئوقۇتۇش قېلىپى، مۇناسىۋەت قېلىپى ۋە تەقسىمات قېلىپىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئوقۇتۇش قېلىپىدىكى ئۆزگىرىش بولسا ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۇقۇل بىلىم يەتكۈزۈشتەك ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش، بايقاش، قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئۆزگەرتىشتۇر؛ مۇناسىۋەت قېلىپىدىكى ئۆزگىرىش بولسا، … داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | خەتكۈش: | ئىنكاس يازاي

ئامېرىكا، ياۋرۇپا مائارىپىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەركىتى

ياۋۇرۇپا ۋە ئامېرىكىنىڭ مائارىپتا يېڭىلىققا كۈچۈش ھەركىتى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، غەربىي ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەردە ۋە ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن ، مائارىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ھازىرقى زامان ئىجتىمائى ئۆزگىرىشىگە ماسلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان مائارىپتا يېڭىلىققا كۆچۈش ھەركىتىدۇر.    بۇ ھەركەتنىڭ بارلىققا كېلىشى … داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | ئىنكاس يازاي

ماتىماتىكىدىكى ھېساپلاش ۋە ئېغىزچە ھېساپلاش

ناۋادا سىز بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلسىڭىز، بالىڭىز ماتىماتىكىدا قىينالسا، بۇ سىزگە بىر ماياك بولغۇسى. ئىشنى بالىنىڭ ئېغىزچە تېز ھېساپلاش ئىقتىدارىنى ھېساپلاشتىن باشلاڭ. چۈنكى ماتىماتىكا مۇئەللىملىرى تارىختىن بۇيان «ئېغىزچە ھېساپلاڭ» دېگەن مېساللارنىڭ ھەممىسىنى بالىلارغا تاشلىۋېتىپ كەلگەن. ئېغىزچە ھېساپلاش كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ … داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | خەتكۈش: | ئىنكاس يازاي

سىتېنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى

بۈگۈنكى كۈندىكى بالىلارنى بالا باققۇچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، توي تۈكۈنلەردە يۈرگەن، ئۆزىنى مىللەتنىڭ ئانىسى ئەمەس، بالىنىڭ ئانىسى دەپ قارايدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئانىلار ئۈچۈن ، يېڭى بالىلىق بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى ئۈچۈن مۇھىم داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | خەتكۈش: | ئىنكاس يازاي

يۈننەندىكى ئۇيغۇرلار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ….

يېقىندا، مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يۈننەن ئۆلكىسىدە يېرىم يىل تۇرۇپ قالدىم.بۇ جەرياندا بۇ ئۆلكىنىڭ چوڭ – كىچىك شەھەرلىرىگە باردىم . سىلەرگە ئۇ يەردە كۆرگەن ئەھۋاللىرىمنى سۆزلەپ بېرەي . بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشلار … داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | خەتكۈش: | ئىنكاس يازاي

بوزدۆڭدىن قايتقان «ساقال»

بۆزدۆڭ- ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، بۆزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى ۋە بۆزدۆڭ چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ ئومۇمىي نامى ھېساپلىنىدۇ. شەرقىي شىمالدا غۇلجا بىلەن، غەربىي شىمالدا قىرغىزىستان بىلەن تۇتىشىدۇ. مەشھۇر تۆمۈر چوققىسى بوزدۆڭنىڭ شىمالىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مۇزات دەرياسى، چوڭ … داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | خەتكۈش: | ئىنكاس يازاي