ئاقسۇدىن تېپىلغان قەدىمقى پۇللار

 ئاقسۇنىڭ زېمىنى قەدىمكى زاماندىكى قۇم ۋە ئونسۇ بەگلىكى جايلاشقان جاي بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە ۋە كۈسەن تۇتۇق مەھكىمىسىگە تەۋە بولغان. ‹‹كېيىنكى خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى›› ناملىق ئەسەرنىڭ 1575-، 1580-بەتلىرىدە كۈسەن بەگلىكى كۇچانى مەركەز قىلغان ھالدا بۈگۈر، توقسۇ، شايار، باي، ئونسۇ، ئۇچتۇرپان، كەلپىن، مارالبېشى قاتارلىق جايلارنى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ كەييۈەن يىللىرىغا قەدەر ئۆز ئىلكىدە تۇتقانلىقى خاتىرىلەنگەن. 

    غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يېرىم سەرلىك پۇلنىڭ ئەڭ دەسلەپتە شىنجاڭدىكى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن تېپىلىشى، خەن سۇلالىسىدىن كېيىن ئىچكىرى بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ ناھايىتى قويۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. خەن ۋۇدى پۇل تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، يېرىم سەرلىك پۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بەش مىسقاللىق پۇلنى قۇيۇپ ئوبوروت قىلىشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، خەن سۇلالىسىنىڭ بەش مىسقاللىق پۇلى شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرنىڭ سودىسىدا ئىككى تەرەپ ئورتاق ئىشلىتىدىغان پۇلغا ئايلانغان.   
    غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بەش مىسقاللىق پۇلنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، تېپىلغان سانىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاقسۇنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسى ۋە شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى قەدىمكى زامان خارابىلىقىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى گەۋدىلىك بولدى. ئاقسۇدىكى خارابىلىقلاردىن تېپىلغان خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت بەش مىسقاللىق پۇلنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى، خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتتا غەربىي يۇرتنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان غەربىي يۇرت قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغاندىن بۇيان، خەن سۇلالىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى دەۋردىكى سۇلالىلەر پۇللىرنىڭ غەربىي يۇرتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ، شۇ جاينىڭ پۇل ئوبوروتىغا قاتناشتۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. خەن سۇلالىسىنىڭ بەش مىسقاللىق پۇللىرى خەن سۇلالىسى يۈەنشۈنىڭ 5-يىلى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 118-يىلى)قۇيۇلۇشقا باشلىغان، بۇ پۇل مىستىن قۇيۇلغان يۇمىلاق شەكىلدىكى ئوتتۇرىسىدا تۆشۈكى بار پۇلدىن ئىبارەت بۇلۇپ، تاڭ سۇلالىسى گاۋزۇنىڭ ۋۇدې 4-يىلى (مىلادىيە 621-يىلى)غىچە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 700 يىلدىن كۆپرەك ئوبوروت قىلىنغان، شۇڭا، بۇ پۇل ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىكى ئاساسلىق پۇل ھېسابلىنىدۇ.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ دائىرسىدىكى قەدىمكى زامان خارابىلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش داۋامىدا، قەدىمكى كۈسەن بەگلىكى ئۆزى قۇيۇپ ئوبوروتقا قاتناشتۇرغان خەنزۇ ۋە كۈسەن يېزىقى چۈشۈرۈلگەن بەش مىسقاللىق پۇل ۋە كۈسەننىڭ كىچىك مىس پۇللىرى كەڭ دائىردە قېزىۋېلىندى. خەنزۇ ۋە كۈسەن يېزىقى چۈشۈرۈلگەن بەش مىسقاللىق پۇل كۈسەن رايونىدا مىلادىيە 5-ئەسىردە بەش مىسقالنى بىرلىك قىلىپ، قۇيۇپ تارقاتقان مىس پۇلدىن ئىبارەت بولۇپ، كۈسەن بەگلىكى دائىرسىدە ئوبوروت قىلىنغان. پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىگە خەنزۇچە بەش مىسقال دېگەن خەت، تەتۈر يۈزىگە كۇسەن يېزىقى چۈشۈرۈلگەن. قەدىمكى كۈسەننىڭ زېمىن دائىرسىدە خەنزۇ ۋە كۈسەن يېزىقى چۈشۈرۈلگەن بەش مىسقاللىق پۇللار كۆپلەپ قېزىۋېلىنغان.     ‹‹شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسىنىڭ 30 يىلى›› ناملىق خەنزۇچە كىتابنىڭ 138-بېتىدە، 1959-يىلى شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ توققۇزساراي قەدىمكى شەھىرى خارابىلىقىنى قېزىش داۋامىدا، كۈسەن بەگلىكىنىڭ خەنزۇ ۋە كۈسەن يېزىقى چۈشۈرۈلگەن بەش مىسقاللىق پۇللىرى ۋە مىس پۇل قۇيۇش قېلىپلىرىنى قېزىۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۈگۈر ناھىيەسىدىكى كوناشەھەر قەدىمكى شەھىرىدىن بىر قېتىمدا 200 تالدىن ئارتۇق خەنزۇ ۋە كۈسەن يېزىقى چۈشۈرۈلگەن بەش مىسقاللىق پۇللار قېزىۋېلىنغان. 1986-يىل كۇچا ناھىيەسىدىكى دۆڭمەھەللە مەسچىتىنى سېلىش داۋامىدا گەمىدا ساقلانغان خەنزۇ ۋە كۈسەن يېزىقى چۈشۈرۈلگەن كۈسەن بەگلىكىنىڭ بەش مىسقاللىق پۇللىرىدىن 10 مىڭ 76 دانە قېزىۋېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا توقسۇ ناھىيەسىدىكى توپاشەھەر قەدىمكى شەھىرى، لەخمە قەدىمكى شەھىرى، قارايۇلغۇن قەدىمكى شەھىرىدىن خەنزۇ ۋە كۈسەن يېزىقى چۈشۈرۈلگەن بەش مىسقاللىق پۇللار تېپىلغان. بۇ پۇللارنىڭ قۇيۇلغان ۋە ئوبوروت قىلىنغان ۋاقتى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە (مىلادىيە 5-ئەسىردىن 7-ئەسىرگىچە) ئىككى ئەسىر ئوبوروت قىلىنغان بولۇپ، قۇيۇلۇشىنىڭ نەپىس، يېزىقلىرىنىڭ رەتلىك ۋە پۇل شەكلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىكەنلىكى، ئەينى زاماندا كۈسەن بەگلىكىنىڭ پۇل قۇيۇش تېخنىكىسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. كۈسەننىڭ كىچىك مىس پۇلى كۈسەندە قۇيۇلغان شەكلى يۇمىلاق، تۈشۈكلۈك خەت يوق نېپىز مىس پۇلدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتا كۈسەن بەگلىكىنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلانغانلىقىنى، سودىنىڭ جانلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئاقسۇ تەۋەسىدىكى قەدىمكى خارابىلىقلاردىن قېزىۋېلىنغان ۋە تېپىلغان كۈسەن بەگلىكىنىڭ كىچىك مىس پۇللىرى ۋە پۇل قۇيۇش قېلىپلىرىنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. كۇچا ناھىيەسىدىكى بىر قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىدىن بىر قېتىمدا 200 تالدىن كۆپرەك كۈسەن بەگلىكىنىڭ كىچىك مىس پۇللىرى، كۈسەن شەھىرى خارابىلىقىدىن تەخمىنەن 60 تال كۈسەن بەگلىكىنىڭ كىچىك مىس پۇللىرى ۋە كۈسەن بەگلىكىنىڭ ئۈچ تال پۇل قۇيۇش قېلىپى تېپىلغان. باي ناھىيەسىدىكى ئومباش خارابىلىقى، قىزىل مىڭئۆي، كۇچا ناھىيەسىدىكى سۇبېشى خارابىلىقى، بوستانتوغراق خارابىلىقى، توقسۇ ناھىيەسىدىكى قىزىلشەھەر قەدىمكى شەھىرى، توڭگۇزباش قەدىمكى شەھىرى، قارايۇلغۇن قەدىمكى شەھىرى خارابىلىقى ۋە كەلپىن ناھىيەسىدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىلىقلىرىدىن كۈسەن بەگلىكىنىڭ كىچىك مىس پۇللىرى قېزىۋېلىنغان. بۇ مىس پۇللار شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىگىچە (مىلادىيە 4-ئەسىردىن 8-ئەسىرگىچە) ئوبوروت قىلىنغان. بۇنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى راھىب شۈەنزاڭ ‹‹بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلىگەن كۈسەن بەگلىكىدە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە كىچىك مىس پۇل ئىشلىتىلىدۇ، دېگەن بايانلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.

   تاڭ سۇلالىسى ۋۇدېنىڭ 4-يىلى (مىلادىيە 621-يىلى) بەش مىسقالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يېڭى پۇل قۇيۇشتىن ئىبارەت پۇل تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان. تاڭ سۇلالىسى جيەن گۇەننىڭ 14-يىلى (مىلادىيە 640-يىلى) تاڭ سۇلالىسى قوچۇدا غەربىي يۇرتنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى قۇرۇپ، تاڭ سۇلالىسى شيەن پېڭنىڭ 3-يىلى (مىلادىيە 658-يىلى) ئۇنى كۈسەنگە يۆتكىگەندىن كېيىن، كۈسەن رايونى تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىشىدىكى سىياسىي، ھەربىي ئىشلار ۋە ئىقتىسادىي مەركىزىگە ئايلانغان .كۇچا ناھىيەسىدىكى سايىم مىراپ خارابىلىقى، سۇبېشى بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى، بوستانتوغراق خارابىلىقى، سىم – سىم مىڭئۆيى، باي ناھىيەسىدىكى قىزىل مىڭئۆي، توقسۇ ناھىيەسىدىكى توڭگۇزباش قەدىمكى شەھىرى خارابىلىقى، شاھتۇر تۇراسى، شايار ناھىيەسىدىكى يانتاقشەھەر قەدىمكى شەھەر خارابىلىقى قاتارلىق خارابىلىقلار ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىزلىرىدىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ كەييۈەن تۇڭباۋ، چەنيۈەن جۇڭباۋ خەتلىك پۇللىرى كۆپ مىقداردا قېزىۋېلىنغان بولۇپ، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان.

 ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، كۇچا ناھىيەسىدىكى سايىم مىراپ خارابىلىقىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە جەنجۇڭ تۇڭباۋ خەتلىك پۇلدىن بىر دانە، بوستانتوغراق خارابىلىقىدىن دالى يۈەنباۋ خەتلىك پۇلدىن بىر دانە، سىم – سىم مىڭئۆيىنىڭ ئالدىدىكى خارابىلىقتىن جەنجۇڭ تۇڭباۋ خەتلىك پۇلدىن بىردانە، چەنيۈەن جوڭباۋ خەتلىك پۇلدىن ئۈچ دانە، بوچىخانا ئىبادەتخانىسى خارابىلىقىدىن جەنجۇڭ تۇڭباۋ خەتلىك پۇلدىن بىردانە، شايار ناھىيەسىدىكى يانتاقشەھەر قەدىمكى شەھىرى خارابىلىقىدىن دالى ۋۇباۋ ۋە جەنجۇڭ تۇڭباۋ خەتلىك پۇللارنىڭ ھەر بىرسىدىن بىر دانە، يەنە يۈەن خەتلىك پۇلدىن بىر دانە قېزىۋېلىنغان. 1992-يىل توقسۇ ناھىيەسىدىكى توڭگۇزباش قەدىمكى شەھىرىدىن دالى يۈەنباۋ خەتلىك ۋە جەنجۇڭ تۇڭباۋ خەتلىك پۇلدىن جەمئىي 3000 تالدىن كۆپرەك قېزىۋېلىنغان.

  ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى ۋە پۇل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى دائىرسىدىن قېزىۋېلىنغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دالى يۈەنباۋ، جەنجۇڭ تۇڭباۋ ۋە جوڭ، يۈەن خەتلىك پۇللار كۈسەننىڭ ئۆزىدە قۇيۇلغان.

خەن سۇلالىسىنىڭ بەش مىسقاللىق پۇلى

خەنزۇچە ۋە كۈسەنچە يېزىق چۈشۈرۈلگەن بەش مىسقاللىق پۇل

كۈسەن بەگلىكى كىچىك مىس پۇللىرى

كۈسەن بەگلىكى مىس پۇل قۇيۇش قېلىپلىرى

تاڭ سۇلالىسىنىڭ كەييۈەن خەتلىك پۇللىرى

مەنبە:

http://bbs.misranim.com/read.php?tid=52256

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما ئۆزلۈك ۋە كىملىك كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش