مۇشۇمۇ دەرس باھالاشمۇ؟

گېرمانىيەدىكى برى قېتىملىق كۆز قاراش پۈتۈنلەي يېڭىلانغان دەرس باھالاش پائالىيىتى

يېقىندا مەن گېرمانىيەگە بىلىم ئاشۇرۇشقا باردىم. بۇ ئارىلىقتىكى بىر سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسىنى باھالاشقا قاتناشتىم. بۇ مېنى قاتتىق ئويغا سالدى.
ئۇ كۈنى، 4-يىللىقنىڭ تەنتەربىيە دەرسى زال ئىچىدىكى مەيداندا ئۆتۈلۈۋاتاتتى. دەرس ئۆتكۈچى ئايموند خانىم ئىدى. ئۇ بويى ئىنچىكە، ئېگىز، بىر يۈرۈش ساغلاملىق گۈزەللىك كىيىمى كىيىۋالغانىدى. ئۇنىڭ گۈزەل فىگورىسىغا، رەڭدار كىيىم قۇشۇلۇپ، مېنىڭدەك بىر شەرقلىقنىڭ نەزىرىدە، ئىنتايىن چەكتىن ئاشۇرۋەتكەندەك بېلىندى. ئون مىنۇتلۇق بەدەن چىنىقتۇرۇش گىمناستىكىسىدىن كېيىن، ئۇ بۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتۇشىنى باشلىدى.
گېرمانىيە يېزىلىرىدىكى تويدا ئوينىلىدىغان بىر كوللىكتىپ ئۇسۇلنى ئۆگەتتى. بۇ ئۇسۇلدا جەمئى 4 ھەركەت بار ئىدى. سولغا ئۈچ قەدەم، ئوڭغا ئۈچ قەدەم، ئوڭ قولدا قالپىقىنى كۆتۈرۈپ، بېلىكىنى ئىگىپ تەزىم قىلىش، قالپاقنى ئاسمانغا ئېتىپ، تۇتۇۋېلىش.
20 مىنۇتلۇق ئوقۇتۇش ھەقىقەتەن «چىداپ تۇرغۇسىز» بولدى. تۆتىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوڭ-سولنى پەرىق ئېتەلمەي، بەزىلىرى ئوڭ قولى بىلەن قالپىقىنى ئالسا، بەزىلىرى سول قولى بىلەن قالپىقىنى ئالاتتى. بەزىلىرى سول پۇتىنى ئاۋال يۆتكىسە، بەزىلىرى ئوڭ پۇتىنى ئاۋال يۆتكەيتى. مۇزىكىغا ئەگىشىپ، بەزىلىرى بېلىنى ئەگسە، بەزىلىرى تىك تۇراتتى. بېلەكلەر بىلەكلەرگە، يانپاشلار باشلارغا تېگىپ، تىلغا ئالغۇسىز قالايمىقان بۇلۇپ كەتتى. پەقەت بىرلا ھەركەت ئوخشاش ئىشلىنەتتى. ئۇ قولىدىكى قالپاقنى ئاسمانغا ئېتىپ، پۈتۈن مەيدانغا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ تېرىپ ئالاتتى. ئالتۇن چاچلىق، كۆك كۈزلۈك چىرايلاردىن تەرلەر قۇيۇلاتتى. مەن ئۇلارنى چەكسىز خوشال بۇلۇپ كەتتىغۇ دەپ ئويلىدىم.
قەھۋە ئىچىدىغان تەنەپۇس ۋاقتىدا مەن ئۆزۈمنىڭ پىكىرلىرىمنى رەتكە سالدىم:
دۆلەت ئەھۋالى ۋە مىللەتنىڭ ئۆرۈپ ئادىتى پەرقلىق بولغان ئەھۋالدا، مەن ئۇدۇل گەپ قىلالمايمەن، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاتقاندىن سىرت، قەيىرى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندۇ؟
دەرس باھالاش باشلاندى.
باھالىغۇچى ئوقۇتقۇچى كايگىن بىزگە ئالدى بىلەن قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئايموند 15 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق سىتاژىغا ئىگە. ئىككى بالىنىڭ ئانىسى؛
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. شۇنداق گۈزەل قامەت، قانداقمۇ ئانا بولسۇن؟ ئۇنىڭدىن كېيىن كايگىن ئاساسى تېمىا ئۆتۈپ 3 مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1. سىزنىڭچە تەنتەربىيە دەرسى ئۆتكەندە، چوقۇم مۇشۇنداق كەسىپلەشكەن شەكىلدە مۇنتىزىم كېىيىىنىش كېرەكمۇ؟
2. سىزچە بۇ سائەتلىك دەرستە ئوقۇتۇش نىشانى ئۇرۇندالدىمۇ؟
3. سىزچە بۇ دەرسنىڭ قانداق يېتەرسىزلىكى بار؟

ئايموند بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن جاۋاپ بەردى.
مەن تەنتەربىيە دەرسىگە مۇشۇنداق ساغلاملىق -گۈزەللىك كىيىمىنى كىيىپ كىرىشىم ناھايتى زۆرۈر دەپ قارايمەن. چۈنكى مەن ئوقۇغۇچىلارغا گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىمەن. قىزلار دائىم ماڭا «ئايموند خانىم، مەنمۇ كېيىن سىزدەك زىلۋا بولغۇم بار دەيدۇ، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارمۇ مېنى ماختاپ – قامىتىڭىز قالسىتكەن دەيدۇ. شۇڭا مەن كەسپى كىيىم كىيىپ دەرسكە كىرىش، مېنىڭ ئوقۇتۇشۇمغا پايدىلىق »
كايگىن كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتتى.
تەنتەربىيە دەرسى – ئۇسۇل دەرسى ئەمەس – ئايمود خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى – ئۇسۇل ھەركىتىنىڭ ئۆلچەملىك ۋە رەتلىك بولۇشى بۇ دەرسنىڭ نىشانى ئەمەس، ئۇسۇل مېنىڭ ئوقۇتۇش ۋاستەم، مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇسۇل ئۆگىنىشكە تەشنا پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى مۇئەيىيەن ھەركەت مىقدارىغا يەتكۈزىمەن. سىلەر كۆردۈڭلار، مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم بۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ھەركەت مىقدارى نىشانىغا يەتتى ۋە ئېشىپ كەتتى. شۇڭا مەن ئۈچۈن ئوقۇتۇش نىشانى ناھايتى ياخشى ئۇرۇندالدى. ئەپسۇسلىنارلىق ۋە يېتەرسىز تەرەپلىرى يوق دەپ قارايمەن.

بۇ خىل غەرىپچە ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئاڭلاپ، مەن ھاڭۋېقىپلا قالدىم. ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ۋاستىسى، ئوقۇتقۇچىنىڭ كېيىنىشى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىنچىكە ئويلانسام، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى باركەن. مۇپەتتىشلەر مۇزاكىرە قىلىشنى باشلىدى. ھەر بىر پىكىر قىلغان مۇپەتتىش سۇئال-جاۋاپ شەكلىدە ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىغىمۇ ئىزاھلاش پۇرسىتى بەردى.
مۇشۇنداق ئالماشتۇرۇش داۋامىدا، بىر ئوقۇتۇش ھالقىسىنىڭ ئىللىتى شەكسىز روشەن ئىپادىلىنىپ چىقىدىكەن.
پۈتۈن بىر سائەتلىك دەرستە، ئوقۇغۇچىلار يېزا تويىدا ئوينىلىدىغان بۇ كوللىكتىپ ئۇسۇل توغرىسىدا بىر ئازمۇ توغرا ئوبراز تەسىراتىغا ئىگە بولالمىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن كايگىن ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى يەكۈنلىگەندە مۇنداق دېدى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئۇسۇل توغرىسىدا كەم قالغان ئومۇمى بىلىمىنى تولۇقلاش ئۈچۈن دەرستىن كېيىن سىنئالغۇ يېكى ئوپتىك دېسكا كۈرۈش زۆرۈر؛
ئايموند خانىم بۇ تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدى.
كايگىن ئەپەندى يىراقتىن كەلگەن بىردىنبىر ئايال ئوقۇتقۇچى بولغان ماڭا قاىغاندا، مەن ھەقىقەتەن تەسىراتىمنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن تۈگىتەلمىدىم.
مۇشۇنداق ئوقۇتۇش نىشانى بىلەن ۋاسىتىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈش، ئوقۇتقۇچىنىڭ كىيىمى بىلەن گۈزەللىك تەربىيەسىنىڭ مۇشۇنداق جىمجىت تەسىر كۆرسىتىشى مېنىڭ كۆزۈمنى ئاچتى. دېمەكچىمەنكى، بۇ خىل باراۋار، ئوچۇق، سۇئال – جاۋاپ شەكلىدىكى دەرس باھالاش ئۇسۇلى ئوقۇتقۇچىنىڭ مول خارەكتىرىگە ئىگە ئوقۇتۇش تەپەككۈرىنىڭ ئاساسى دېمەكچىمەن.
ئەمما ئاغزىمدىن مۇنداق گەپ چىقتى.
مەن بۇ خىل دەرس باھالاش ئۇسۇلىدىن ناھايتى ھۇزۇرلاندىم. ئۇ دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئېدىيەسىنى ئەركىن شەرھىلىشىگە ئىمكان بېرىدىكەن. ھەم ئوقۇتۇشتىكى سەۋەنلىكلەرنى خوشاللىق بىلەن تۈزىتىدىكەن. مەن بۇنى جۇڭگودىكى ئوقۇتقۇچىلارغا تونۇشتۇرىمەن.
قايتىش سەپىرىدە مۇنداق ئويلىدىم.
بۇ خىل دەرس باھالاش ئۇسۇلىنى سىناق قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ئوقۇتۇش تەتقىقاتچىلىرى، ئوقۇتۇش قانۇنىيەتلىرىگە پىششىق بۇلۇپ، دەرس ئاڭلىغاندا، ئېنىق ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بۇلۇپلا قالماي، يەنە ياخشى ناتىق بولۇشى لازىم. جۇڭگودا كىم تۇنجى بۇلۇپ مۇشۇنداق قىلالايدۇ؟

مەنبە: ېيڭى دەرسخانا قانداق جاي؟

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مائارىپ كۆزنىكى كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش