ئاھ، بىز ئېشەكلەر

ئەزىز نەسىن 1958-يىلى يازغان ”ئاھ، بىز ئېشەكلەر“ ناملىق بۇ ھېكايىسىدە، ئۆتكۈر ھەجۋىي تىلى بىلەن تۈرك ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ”قېرى ئېشەك“ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىدۇ. كىرزىس تۇيغۇسى پۈتۈنلەي ئۆلگەن، كۆز ئالدىدىكى خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىمۇ ئويلىمايدىغان، ئۆزىنىڭ پۈتۈن تۇيغۇلىرىغا ئىشەنمەيلا قالماستىن، بارلىق كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىغا ئۆزىنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىپ يۈرگەن، ۋە پۈتۈن مۇشۇ خىل خاراكتېرى بىلەن ئادەمگە AQ نى ئەسلىتىدىغان بۇ ”قېرى ئېشەك“ ئوبرازى، بىر مەزگىل تۈركىيە جەمئىيتىدە (بولۇپمۇ ئەسەر يېزىلغان 1958-يىللىرى، تۈركىينىڭ دېموكراتىيە مۇساپىسى ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان چاغلار بولغان.) غۇلغۇلا قوزغىغان.

ئاھ، بىز ئېشەكلەر

ئاھ، بىز ئېشەكلەر. ئاھ، بىز ئېشەكلەر…

بىز ئېشەك مىللىتى بۇرۇن سىلەر ئىنسانلارغا ئوخشاش سۆزلىيەلەيدىكەنمىز. بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس بىر تىلىمىز باركەن. تىلىمىز مۇزىكىدەك گۈزەل، يېقىملىق، تاتلىق تىلكەن. شۇنچىلىك گۈزەل ناخشىلارنى ئېيتقانىكەنمىزكى… ئەلۋەتتە، بىز ئېشەك بولغىنىمىز ئۈچۈن سىلەر ئىنسانلاردەك ئەمەس، ئېشەكچە سۆزلەيدىكەنمىز. ئېشەكچە يۇمشاق، يەڭگىل، تاتلىق، باي بىر تىلكەن.

بىز ئېشەك مىللىتى بۇرۇن ھازىرقىدەك ھاڭرىمايدىكەنمىز، ھاڭراش كېيىنكى مەزگىللەردە پەيدا بولغانىكەن.

ھازىر، بىلىسىلەر، پۈتۈن ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى، بارلىق ئېھتىياجلىرىمىزنى، مۇھەببەت-نەپرىتىمىزنى بىر-بىرىمىزگە ۋە سىلەر ئىنسان خوجىلىرىمىزغا ھاڭراپ ئىپادىلەۋاتىمىز. ھاڭراش دېگەن نېمە؟ ھاڭراش دېگىنىمىز «ھاڭ-ھىھاڭ، ھاڭ…، ھى….»، مۇشۇ بىرى ئۇزۇن، بىرى قىسقا ئىككىلا تاۋۇش چىقىرىپ، كەينى-كەينىدىن توۋلاشتۇر… بىزنىڭ ھېلىقى باي تىلىمىزدىن ھازىر قىسقىراپ قىسقىراپ ئاخىرى مۇشۇ ئىككى ھەرپلىك يالغۇز بىرلا سۆز قالدى. بىر بەندە پۈتۈن تۇيغۇلىرىنى بىرلا سۆز بىلەن قانداق ئىپادىلىيەلىشى مۇمكىن!…

قانداق قىلىپ ھېلىقى باي تىل – ئېشەكچە تۈگەشكەن، ئۆلۈك بىر تىلغا ئايلىنىپ، بىز ھاڭرايدىغان بولۇپ قالدۇق، بۇنى بىلگۈڭىز يوقمۇ؟ قىزىقسىڭىز سۆزلەپ بېرەي. قىسقىسى، بىزنىڭ تىلىمىز تۇتۇلۇپ قاپتۇ: قورقۇنچلۇق بىر ۋەقەدە كاللىمىزدىن كېتىپ، تىلىمىز تۇتۇلۇپ، ئېشەكچىنى تامامەن ئۇنتۇپتۇق. شۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن پەقەت ھېلىقى ئىككى تاۋۇش بىلەن پۈتۈن ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولۇپ كېلىۋېتىپتىمىز.

بۇ، بۇندىن ناھايتى ئۇزۇن يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر ئىش.

شۇ ۋاقىتلاردا بىر قېرى ئېشەك بولغانىكەن. بىر كۈنى، ئۇ قېرى ئېشەك يالغۇز دالىدا ئوتلاشقا چىقىپتۇ. ئوتلاۋېتىپ، ئېشەكچە گۈزەل ناخشىلارنى ئوقۇپتۇ… تۇيۇقسىز بىر ھىد كەپتۇ بۇرنىغا، ئەمما ياخشى بىر ھىد ئەمەسمىش، بۆرىنىڭ ھىدى…

قېرى ئېشەك، بېشىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، چوڭقۇر-چوقۇر نەپەس ئېلىپ ھاۋانى پۇراپتۇ. ھاۋادىن، گۈپۈلدەپ بۆرە ھىدى كېلىۋاتقۇدەك.

قېرى ئېشەك:
- ياق، بۆرە ئەمەس بۇ… دەپ قويۇپ ئوتلاۋېرىپتۇ.

بۆرە ھىدى بارغانسېرى كۈچىيىپتۇ. دېمەك، بۆرە يېقىنلاۋاتىدۇ. بۆرە يېقىن دېگەنلىك، ئۆلۈم يېقىن دېگەنلىك…

قېرى ئېشەك:
- بۆرە ئەمەس، بۆرە ئەمەس… دەپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپتۇ.

ئەمما بۆرىنىڭ ھىدى دەھشەت كۈچىيىپتۇ. ئېشەك، بىر تەرەپتىن قورققاچ، بىر تەرەپتىن ئۇ يەرلىك ئەمەستەك ئۆز-ئۆزىگە:
- ئىنشائاللاھ بۆرە ئەمەستۇر. بۆرە بۇيەرگە قانداق كېلەلىسۇن، مېنى قانداق تاپالىسۇن؟… دەپتۇ.

مۇشۇنداق دەپ كۆڭلىنى ياساپ تۇرسا، ئەمدى ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ. ياخشى ئاۋازلار ئەمەسمىش يەنە، بۆرىنىڭ ئاۋازى…
قېرى ئېشەك ئۇزۇن قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ تىڭشاپتۇ: ئېنىقلا بۆرىنىڭ ئاۋازى!…
كۆڭلىدە بۆرىنىڭ كېلىشىگە رازى بولمىغاندەك:
- ياق، ياق… بۇ بۆرىنىڭ ئاۋازى ئەمەس، ماڭا شۇنداق ئاڭلىنىپ قالغان گەپ… دەپ ئوتلاۋېرىپتۇ يەنە. ئەمما ئاۋازمۇ يېقىنلاۋەرگۈدەك. ئېشەك يەنە ئۈمىدلىنىپتۇ:
- بۆرە ئەمەس. ياق، بۇ ئاۋاز بۆرىنىڭ ئاۋازى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس!

ئۇ ۋەھىمىلىك ئاۋاز پۈتۈنلەي يېقىنلىشىپتۇ. ئېشەك يەنە ئۆز-ئۆزىگە دەپتۇ:
- مۇمكىن ئەمەس… بۆرە بولمىسۇن ئىلاھىم… بۆرىنىڭ باشقا ئىشى يوقمىكەن بۇ يەرگە كېلىپ…

كۆڭلىدە قورقۇپ تۇرغاچقا، كۆزى ھەر تەرەپتىكەن ئېشەك بىچارىنىڭ. ئاخىرى قورققان ئىشى بېشىغا كەپتۇ: ئۇدۇلىدىكى تاغنىڭ چوققىسىدا تۇمان ئارىسىدا بىر بۆرە…

- ئاھا، – دەپتۇ ئېشەك، – مەن كۆرگەن بۇ نەرسە بۆرە ئەمەس، باشقا بىر نەرسە.
بېشىنى دەرھاللا ئوت-چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا ئاپتۇ.

- ماڭا شۇنداق كۆرۈندى بەلكىم، خىيال بۇ. توغرا، توغرا، خىيالىم بۇ…

بىر ئاز ئۆتۈپلا، ئۆزىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان بۆرىنى كۆرۈپ قورقۇنچى ئېشىپتۇ. ئەمما بۆرىنىڭ كېلىشىنى قەتئىي خالىمىغانلىقتىن، يەنە ئۆزىنى ئالداشقا باشلاپتۇ:
- بۆرە ئەمەس، ئىنشائاللاھ ئەمەس. بۆرىگە باشقا يەر يوقتەك بۇ يەرگە كېلىپ يۈرەمتى؟ كۆزۈم بۇ يېقىندىن ياخشى كۆرمەيۋاتىدۇچۇ شۇڭا…دەرەخلەرنىڭ سايىسىنى بۆرە دەپ قېلىۋاتىمەن…(

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش