قاراتەنلىك كۈلدۈرگە چولپىنى بىل كاۋىسپى رىياسەتچىلىك قىلغان ”بالىلارنىڭ ئېغىزىدىكى غارايىپ نەرسىلەر“ئامىرىكىدا مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
بىر قېتىم ، يەتتە-سەككىز ياشلاردىكى بىر قىزدىن سورىدى:
_قىزىم سىز چوڭ بولغاندا نېمە بۇلىسىز ؟
_زۇڭتۇڭ بولىمەن،_دېدى قىز ئىشەنچ بىلەن .
پۈتۈن مەيداندىكىلەر چوقان سېلىشىپ كەتتى.بىل ھەيرانلىقىنى ھەززىللىك بىللەن ئىپادىلەپ،ئۇنىڭدىن سورىدى:
_ئۇنداقتا سىز دەپ بېقىڭا ،نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدا تا ھازىرغىچە ئايال زۇڭتۇڭ چىقمايدۇ ؟
قىزچاق ئويلىنىپ تۇرمايلا جاۋاپ بەردى:
_ئەرلەر ئاياللارغا بىلەت تاشلىمايدۇ دە.
مەيداندا يەنە كۈلكە كۈتۈرىلدى.
_سىز جەزمەن ئەرلەر بىلەت تاشلىمايدۇ دەپ قارامسىز؟_سورىدى بىل.
_ئەلۋەتتە شۇنداق !_جاۋاپ بەردى قىز پەرۋاسىزلىق بىلەن .
بىل چۇڭقۇر مەنىلىك كۈلۈپ قۇيۇپ ،مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا دېدى:
_بۇ قىزغا بىلەت تاشلايدىغان ئەرلەر قۇلۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار !
كۈلكە ساداسى ئىچىدە نۇرغۇن ئەرلەر قول كۈتۈرۈشتى.
_قاراڭ،شۇنچە كۆپ ئەرلەر سىزگە بىلەت تاشلىدىغۇ!_دېدى بىل كۈرەڭ قىياپەتتە.
قىز سوغاق جاۋاپ بەردى:
_تېخى ئۈچتىن بىرىگىمۇ يەتمىسە !
بىل بىرخىل ئىشەنمىگەن ھەم ناخۇش ھالدا ،تاماشىبىنلارغا قاراپ :
_مەيداندىكى بارلىق ئەرلەر قۇلۇڭلارنى كۈتۈرۈڭلار !دېدى ،ئۇنىڭ سۈزىدىن قۇلىنى كۈتۈرمىگەنلەر ئەر ئەمەس ،دىگەندەك مەنە چىقىپ تۇرسا ،قايسى بىر ئەر قۇلىنى كۈتۈرمەي تۇرالىسۇن ؟ئەرلەر قاقاقلاپ كۈلىشكىنىچە ،ھەممىسى قۇلىنى كۆتۈرۈشتى .
بىل كەسكىنلىك بىلەن دېدى :
_ئۇنىڭغا بىلەت تاشلايدىغان ئەرلەر قۇلۇڭلارنى چۈشۈرمەي ،بىلەت تاشلىىمايدىغانلار قۇلۇڭلارنى چۈشۈرۈڭلار!
بىلنىڭ سۈزى ئۇلارنى ئوسال ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى :كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى كۈتۈرگەن ئەركەكلەرنىڭ قولىنى قايتا چۈشۈرىۋېلىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ،شۇنداق قىلىپ ،گەرچە بەزىلەر قۇلىنى چۈشۈرۋالغان بولسىمۇ ،بىراق ئۇنىڭغا بىلەت تاشلايدىغانلار خېلىلا كۆپەيدى.
_قانداق ”زۇڭتۇڭ خانىم“ بۇ نۆۋەت ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئەرلەر سىز ئۈچۈن بىلەت تاشلىدىغۇ ؟
قاينام تاشقىنلىق سورۇن بىردىنلا جىمىپ كەتتى ،كىشىلەر بۇ قىزچاقنىڭ يەنە نىمە دەيدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدى ،قىز بالىلارغا قىلچە ماس كەلمەيدىغان بىرخىل مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن كۈلۈپ قۇيۇپ دېدى:
_ئۇلار سەمىمىي ئەمەس ،ئۇلارنىڭ ماڭا بىلەت تاشلىغۇسى يوق !
ھەممەيلەن ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىشتى ،ئاندىن بىردىنلا ئالقىش ياڭراتتى.