مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تۈكلۈك قۇرت ھادىسىسى

مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ غەلىتە چەمبىرىكى
ئاپتورى: تۇرغىناي ئەخمەت

فىرانسىيەلىك پىسخولوگ جون فاربېر ئىلگىرى «تۈكلۈك قۇرت تەجربىسى » دېگەن بىر تەجرىبە ئىشلىگەن.
ئۇ تۈكلۈك قۇرتلارنى گۈل تەشتىكىنىڭ گىرۋىكىگە باش ئاخىرىنى تۇتاشتۇرۇپ چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ تىزغان. ئاندىن گۈل تەشتىكى يېنىغا بىر نەچچە قارىغاي يۇپۇرمىقى قۇيۇپ قويغان. قۇرتلار بىر-بىرىگە ناھايتى يېقىن تۇرغان. ئۇلار گۈل تەشتىكىنىڭ گىرۋىكىنى بويلاپ توختىماي يەتتە كېچە كۈندۈز ئايلىنىپ ، ئاخىرى ئاچلىق ۋە ماغدۇرسىزلىقتىن كەينى كەينىدىن ئۈلۈپ كەتكەن.
جون فاربېر تەجرىبە ئىشلەشتىن ئىلگىرى، تۈكلۈك قۇرتلار ئەھمىيەتسىز ئايلىنىشتىن رايى يېنىپ، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىككە قاراپ ماڭىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. بىراق قۇرتلار ئۇنداق قىلمىغان. كېيىن ئالىملار بۇنداق لېنىيە بويىچە ئەگىشىپ مېڭىشنى «ئەگەشكۈچىلەر» ئادىتى، ئەگىشىش ئارقىلىق مەغلۇپ بولۇش ھادىسىسىنى «تۈلۈك قۇرت تەسىرى» دەپ ئاتىغان.
ئەمىلىيەتتە، تۈكلۈك قۇرت ھادىسىسى مەكتەپ مائارىپىدىمۇ مەۋجۇت. بەزى مائارىپ خىزمەتچىلىرى كونا تەپەككۈر ئادىتى، ھازىرقى خىزمەت ھالىتى ۋە دەۋىرلىك ئايلىنىشقا ئادەتلەنگەن. يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى كۆپ تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ، بۇ دەرسلىك ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋە ئىجرا قىلىش سالمىقىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئەمەس بەلكى، ئۇ بەزى مائارىپ خىزمەتچىلىرىدە ئەنئەنىۋى ئېدىيەنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەنلىكىدىن، «ئەگەشكۈچىلەر» ئادىتىنىڭ ئۇلارنى كونا يولنى بويلاپ مېڭىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىدىن بولغان. يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كونا تەپەككۈر ئادىتى، ئەنئەنىۋى قاراشلاردىن قۇتۇلۇش، بۇ غەلىتە چەمبىرەكتىن چىقىپ كېتىش كېرەك.
بەزى مەكتەپلەر ئېغىزدا ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇشنى تەكىتلەپ، ئەمىلىيەتتە ئىمتىھان مائارىپىدا چىڭ تۇرۇدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
بەزى مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار يېڭىلىق يارىتىشنى ياقتۇرمايدۇ. ئىسلاھات قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. چۈنكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىسلاھات ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە، مەلۇم خەۋپ خەتەرنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭدىن كۆرە چوڭ ئېقىمغا ئەگىشىپ ماڭغان بىخەتەر دەپ قارايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ئەنئەنىۋى مائارىپ تەپەككۈر ئەندىزىسىنىڭ كونتىروللىقىدىكى مائارىپ شارائىتىدا، يېڭىلىق يارىتىمەن دەپ ئكزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇلار باشقىلارنىڭ كەينىدە مېڭىپ ھېچقانداق يېڭىلىق يارىتالمىساممۇ مەيلى، خاتالىق ئۆتكۈزمىسەملا بولدى دەپ قارايدۇ. بۇنداق مائارىپ ھەقىقى مەنىدىكى مائارىپ بولالمايدۇ. ئۇنى پەقەت پايدا-مەنپەت قوغلىشىدىغان مائارىپ دېيىشكە بولىدۇ. بۇنداق مائارىپتا بۆسۈش ۋە تەرەققىيات بولمايدۇ.
مائارىپ خىزمەتچىلىرى «تۈكلۈك قۇرت تەسىرى»دىن قۇتۇلۇش، «ئەگەشكۈچىلەرنىڭ غەلىتە چەمبىرىكى»دىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇشتا ئاقىلانە بولۇشى كېرەك. مائارىپ ئىشلىرىدا ئاقىلانە بولۇش ئۈچۈن، ئادەمدە مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئېڭى بولۇشى، تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان سەگەك كاللا بولۇشى كېرەك. شۇڭا، مائارىپنىڭ ھەقىقى نىشانىنى ئېنىق تونۇشىمىز، ئەنئەنىۋى ئادەتلەرگە قارغۇلارچە يېپىشۋالماسلىقىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، مائارىپ يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مائارىپ نىشانىنى تاللىيالايمىز. مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا ئىككىلەنمەي ماڭالايمىز.
مائارىپ خىزمەتچىلىرىدە ئىسلاھات ئېڭى كەم بولسا بولمايدۇ. ئىسلاھات مائارىپقا ھاياتى كۈچ ئېلىپ كېلىدۇ. مائارىپنى گۈللەندۈرەلەيدۇ. مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۇنىڭدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن، چوقۇم ئىسلاھات يولىدا ماڭماي بولمايدۇ. ئەنئەنىۋى تەپەككۈر ئەندىزىسى، ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش ئۇسۇلى، ئەنئەنىۋى مائارىپ ئۇسۇلى مائارىپىنى قالاقلىق ھالىتىدە قالدۇرۇدۇ. تەرەققى قىلىش ئۈچۈن ، دادىل ئىسلاھ قىلىش، كونا قاراش، كونا تەپەككۈر ئادىتىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇش كېرەك.

مەنبە: بەشتاش تورى

 
 
 

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مائارىپ كۆزنىكى كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش