كېچىككەن ئوقۇغۇچىنى يەنە جازالامسىز؟

ئۇنىڭ كېچىكىپ قالىدىغان ئادىتى بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم سىرداشتىم ھەمدە ئۇنىڭ چاقماقتەك چاققان بولۇشتەك ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشى ھەققىدە تەكلىپ بەردىم لېكىن ئۇ يەنىلا كېچىكىۋەردى.
ھېلىقى كۈنى ئەتىگەندە، ئۇ يەنە كېچىكىپ قالدى. مەن ئۇنى سىنىپنىڭ سىرتىدا تۇرغۇزۇپ قۇيدۇم. بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، مەكتەپ مۇدىرى كۈرۈپ قالمىسۇن دەپ ئۇنى سىنىپقا كىرگۈزۈپ قويدۇم. سىنىپقا كىرگەندىن كېيىن ئۇ ئورنىغا كېلىپ ئولتۇرۇشىقا تەمشىلىۋىدى. مەن «كىم سېنى ئولتۇر دېىدى، يەنە بىر ئاز ئۆرە تۇر» دېدىم
ئۇنىڭ كۆز يېشى ئاقتى. ېكىن ئىتائەت قىلىپ، ئۇرۇندۇقنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرۇپ، كىتاپنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئەتىگەنلىك ئوقۇش تۈگىگەنگە قەدەر جەمئى 15 مىنۇت ئوقۇدى.
ئىككى سائەتلىك دەرستىن كېيىن  ئۇ : بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ، ئۆيگە بېرىپ دەم ئالسام« دەپ رۇخسەت سوراپ ئالدىمغا كەلدى. مەن بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ ئۇنىڭدىن : ئەتىگەندە ئۇزۇن تۇرغۇزۇپ قويغۇنىمغا شۇنداق بولۇۋاتامدۇ» دەپ سورىدىم. ئۇ «ئۇنداق ئەمەس، ئادەتتىمۇ بېشىم ئاغرىيدۇ، بۇ كونا كېسەل» دېدى.
ئىككىنچى كۈنى ئانىسى مەكتەپكە كېلىپ، «ئۇ كېچە كېسەل بۇلۇپ قالدى، بىر مەزگىل داۋالىنىپ، ئۆيدە دەم ئالسا بولغۇدەك» دەپ رۇخسەت سورىدى. مەن دەسلەپتە قىلغان ئىشىمنىڭ ھەددىدىن ئېىشپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ھەمدە « ئۇ ئەسلى ئەتىگەندىلا ئاغرىپ قاپتىكەندە، لېكىن مەن ئۇنى جازالاپ ئۇزۇن تۇرغۇزۇپ قۇيۇپتىمەن» دېگەننى ئويلاپ قالدىم.
مەن ئۇنىڭ ئاپىسىدىن« ئۇ زادى قانداق كېسەل بۇلۇپ قاپتۇ؟ » سورىغىنىمدا، ئۇنىڭ ئاپىسى «ئۇنچىۋالا چوڭ كېسەلمۇ ئەمەس، لېكىن شۇ…»؛
ئۇ ئېنىق بىر نېمە دېمىگەن بىلەن قانداقتۇر بىر دەرد-ئەلەم پۇرىقى كېلىپ تۇرغاچقا، مەنمۇ كوچىلاپ سۇرىمىدىم.
ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ھەم بىر يىللىق تۆۋەنلىتىلدى. ئۇ مەكتەپ ئىچىدە ماڭا يولۇققان ھامان ئىزا تارتقان ھەم ئەدەپلىك ھالدا «مۇئەللىم ياخشىمۇسىز » دەپ سالام بېرەتتى.
بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ، چارەكلىك ئىمتىھان باشلاندى. شۇ كۈنى ئەڭ ئاخىرقى دەرسنىڭ ئىمتىھانى تۈگىگەندە، بىر ئوقۇغۇچى ئالدىمغا كېلىپ « ياخشىمۇسىز مۇئەللىم، ئۇ بۈگۈن ئەتىگەن قازا قىلىپتۇ» دېدى.
ئىختىيارسىز قولۇم تىترەپ، ئەمدىلا يىغىۋالغان ئىمتىھان قەغەزلىرى يەرگە چېچىلىپ كەتتى. 20 مىنۇتتىن كېيىن، نەچچە ئون ئوقۇغۇچى بىلەن دەپتە سارىيىغا كەلدىم. ئۇنىڭ ئانىسى ئالدىمىزغا چىقىپ كۆپ يىغلاپ پۈتۈپ كەتكەن ئاۋازى بىلەن ماڭا «شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ كەپسىز، سىزگە ۋە ساۋاقداشلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.
مەن ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا « بۇ ئىش بەك تۇيۇقسىز يۈز بەردى، پەقەت ئويلىماپتىمەن» دېدىم.
ئۇنىڭ ئاپىسى كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇ ئالتە ياش ۋاقتىدا قان راكىغا گىرىپتار بولغان. شۇ چاغدا دوختۇر ئۇنى 3 يىل ياشىيالايدۇ دېگەن. ئۇنىڭ خاتىرجەم، گۈزەل تۇرمۇشى بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭغا ھازىرغىچە ئيېتماي كەلگەن ئىدىم ھەم بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنمىغان ئىدىم . نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن ئۇ مۆجىزە يارىتىپ سەككىز يىل ياشىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر قانچە كۈندە سىزنى ۋە ساۋاقداشلىرىنى سېغىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. ئۇ ئوقۇشى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن يېڭى سىنىپنى ئىزچىل ياخشى كۆرمەي، كۆپ قېتىم ئەسلىدىكى سىنىپىغا قايتىش ئارزۇسىنى دېگەنىدى. لېكىن ئۇ نېمە دېگەن…«
ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ گەپلىرى گويا يۈرىكىمنى پىچاق تىلغاندەك تۇيۇلدى. ئۇنىڭ ساپ قەلبىدە مېنى سېغىغانلىقىنى بىلمەي، ئۇنى بىر سىنىپ تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكمدىن خۇرسەن بۇلۇپ يۈرۈپتىكەنمەن.!
شۇ كۈنى كەچتە، كۆزۈمنى ياشلىغان ھالدا بە مىڭ خەتلىك « سەن مەڭگۈ 14 ياش – ** ساۋاقداشقا بېغىشلايمەن» دېگەن بىر پارچە ماقالىنى يېزىپ چىقتىم. ئىككىنچى كۈنى، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا يىغلاپ تۇرۇپ دېكلىماتسىيە قىلىپ، قايغۇلۇق ماتەم ۋە ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك ھېسسىياتىمنى ئىپادىلىدىم.
شۇ ئىشتىن كېيىن، كېچىككەن ئوقۇغۇچىلارنى ھەرگىز جازالىماسلىققا قەسەم ئىچتىم.

مەنبە: مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق تەربىيلەش كېرەك؟

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مائارىپ كۆزنىكى كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش