ئىمتىھان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى بوغۇپ قويمىسۇن
غالىب مۇھەممەد قارلۇق
ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمى زور بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا يارىشا ئىمتىھان شەكلىنىڭ يەنىلا ‹‹ئىمتىھان مائارىپى››نىڭ ئەندىزىسىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقى ئەمەلىيەت بولماقتا. ئىمتىھان نەتىجىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىغا باھا بېرىش، شۇ نەتىجە بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى تۈرگە ئايرىش، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىغا باھا بېرىش قانچىلىك ئىلمىيلىككە ئىگە؟ ئىمتىھان شۇنداق قۇدرەتلىكمۇ؟ ئىمتىھان مەلۇم دەرىجىدە ئادەم بايقاش ئىقتىدارىغا ئىگە. لېكىن ئۇ مەلۇم ئادەم ھەققىدىكى ئۇنىۋېرسال ساپانىڭ مۇكەممەل دىياگنوزى ئەمەس. ئېينىشتىيىنمۇ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا كۆپ ھاللاردا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن، بىراق ئۇ كېيىنكى مەزگىللەردە تىرىشچانلىقى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان فىزىكا ئالىمى بولدى. ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى چېرچىلمۇ ئەينى چاغدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ، بىر دۆلەتنى سورىدى. بىزدىمۇ نۇرغۇن تالانتلىقلار ئىمتىھان سەۋەبىدىنلا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي، جەمئىيەتنىڭ نەزەرىدىن چەتتە قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ. يەنە بەزىلەردە ئىمتىھاندىن ئۆتكىنى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىدار يوق. بۇنداق ئەھۋالدا ئىمتىھانغا چوقۇنۇش بىر تەرەپلىمىلىك. شۇنداقتىمۇ ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى يەنىلا مەۋجۇت بولغانىكەن، ئۇنىڭ رولى، مەزمۇنى، ئىلمىيلىكى ھەققىدە ئويلىنىش زۆرۈردۇر.
يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن دەرسلىكلەرمۇ مۇئەييەن ئىسلاھ قىلىنىپ ياكى قايتا تۈزۈلۈپ، ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلدى. بىراق، شۇنىڭغا لايىق ئىمتىھان سوئاللىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر، تەپەككۇرىنى كېڭەيتىدىغان، ئوقۇغۇچىنىڭ مەسىلە تەھلىل قىلىشتىكى خاسلىقىنى نامايان قىلىشىغا تۈرتكە بولالايدىغان سوئاللار كەمچىل بولماقتا.
ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى بولسۇن، سوئال كۆپ، قىيىن، بېرىلگەن ۋاقىت قىسقا بولماقتا. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا پايدىلىقتەك قىلسىمۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىسىز. چۈنكى، ئادەمدىكى ئىجادچانلىق ئۇزاق مۇددەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش روھىدىن، بولۇپمۇ ئۆزى قىزىققان مەلۇم ساھە ياكى مەلۇم مەسىلىگە بولغان ئىزدىنىش، ئانالىز قىلىش، توختىماي كۈچ سەرپ قىلىشتىن كېلىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئىمتىھان بەرگەندىكى بىردەملىك، تېز ئىنكاسلىق مېخانىك تەپەككۇردىن كەلمەيدۇ. ئادەتتە، ئىمتىھاننىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىنئالا كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار شۇ بويىچە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى تەييارلىق قىلىپ، ياخشى نەتىجە قازىنىشىنى كۆزلىگەندەك قىلغىنى بىلەن ، ئوقۇغۇچىلار كۆرسەتمىلىك تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ – دە، ئۆزىدىكى ئىجادچانلىقنى يېتىلدۈرۈشكە كېرەكلىك ئېچىۋېتىش خاراكتېرىدىكى تەپەككۇر ئەندىزىسىدىن يىراقلاپ كېتىدۇ. ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىمتىھاندا ياخشى نومۇر ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، مۇشۇنداق بىر ئىستەك بولغاندىكىن، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھان بېرىش توغرىلىق تەربىيە بەرگەندە ھەمىشە ئىمتىھاندا ئىمكانقەدەر خاتالىق سادىر قىلماسلىقنى تەكىتلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇنداق يېتەكچىلىكى مۇقەررەر ھالدا ئوقۇغۇچىدا ئىمتىھان بەرگەندە خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇشتىن خەۋپسىرەيدىغان، مەغلۇبىيەتكە دادىل يۈزلىنەلمەيدىغان پىسخىك ئاجىزلىقنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، كىشىلىك ھايات سانسىز چوڭ – كىچىك مەغلۇبىيەتلەرگە تولغان بولىدۇ. ئۇلارغا دادىل يۈزلىنىپ، شۇ ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ. جاھاندىكى قايسىبىر ئۇلۇغ نەتىجە، كەشپىيات نۇرغۇن قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن قولغا كەلمىگەن؟ ئەگەر يۇقىرىقىدەك پىسخىك ئاجىزلىق شەكىللىنىپ قالسا، ئوقۇغۇچىلارغا قانداقمۇ مۇۋەپپەقىيەت تەربىيەسىنى ئوڭۇشلۇق بېرەلەيمىز؟ سانلىق مەلۇماتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىزغا، تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلىگەنچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا سوئالغا قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىش قىزغىنلىقى شۇنچە سۇسلىشىپ كېتىدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە نىسبەتەن ئاۋۋال ئۇلارنى مەغلۇپ بولۇشتىن قورقماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇش، خاتالىقتىن ساۋاق ئېلىشقا يېتەكلەش كەم بولسا بولمايدۇ. يەنە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ قويۇشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ: ئىمتىھان سوئالى چىقىرىلىشى بىلەن تەڭلا، شۇ سوئاللارنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابىمۇ چىقىپ بولىدۇ. ئۆلچەملىك جاۋابنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئورتاقلىقنى قوغلىشىدۇ، بىردەكلىك ۋە ئوخشاشلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەسىلە ھەل قىلىشتىكى خاسلىقىغا ئېتىبار بەرمەيدۇ، ئۇنى نەزەرگە ئالمايدۇ. ئۆلچەملىك جاۋاب ئارقىلىق مۇستەقىل، ئىجادچان روھقا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشىنى يوققا چىقارساق، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىجادچانلىقىنى بوغقانلىق بولىدۇ.
دېمەك، ساپا مائارىپى، دەرس ئىسلاھاتى دېگەندەك مائارىپ ئىسلاھاتلىرىنى يولغا قويۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كۈچلۈك تەكىتلىنىۋاتسىمۇ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان دەرس ئىسلاھاتى شارائىتىدىكى ئىمتىھان سوئاللىرىدا يەنىلا يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. ھازىر ئىمتىھانلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان جىسمانىي ۋە روھىي يۈكىمۇ ئېغىر بولماقتا. شەك – شۈبھىسىزكى، ئىمتىھان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ‹‹باش ئاغرىقى››. شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ياكى ئۆتەلمەسلىك شاڭخەي شەھىرىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى سەزگۈر مەسىلىگە ئايلانغان. ئىمتىھان ئوقۇغۇچىنى باھالايدىغان، ئۇنىڭغا دىياگنوز قويىدىغان، ئوقۇغۇچىنى ئىلھاملاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئوقۇش – ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. ھازىرقى دەرس ئىسلاھاتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويلاش، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن شۇ نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆلچەپ بېرەلەيدىغان، مۇئەييەن ئىلمىيلىككە ئىگە ئىمتىھان ئەندىزىسى، سوئاللىرىمۇ بارلىققا كېلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا باھا بېرىشتە قاراقويۇق ھالدا ‹‹نومۇر››نىلا ئۆلچەم قىلىۋالماي، باشقا ئۆلچەملەرنىمۇ تېپىپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق ئىلمىي، توغرا باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ۋە يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.