كىشىلەر ئۆتىدىغان بىر كۆۋرۈكتە يوغان بىر ئۆكۈز يېتىۋېلىپ، ھېچكىمنى ئۆتكۈزمەپتۇ.
كىشىلەر ساقچىخانىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپتىكەن، ساقچىلار ھەر خىل ھەيۋا، قورال بىلەنمۇ بۇ ئۆكۈزنى ياتقان يېرىدىن تۇرغۇزالماپتۇ.
يېزا باشلىقى كېلىپ، بىر ھازا پوپوزا بىلەن ھەيۋە قىلسىمۇ، ئۆكۈز ياتقان يېرىدىن قوپايمۇ دېمەپتۇ.
ئاخىرى بولماي باشلىقلارنىڭ بېشى قېتىپ، ئاخىرى مەكتەپ مۇدىرىنى ئۆكۈزگە نەسىھەت قىلىشقا ئەۋەتىپتۇ.مەكتەپ مۇدىرى ئۆكۈزنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆكۈزنىڭ قۇلىقىغا شۇنداق بىر پىچىرلاپتىكەن، ئۆكۈز ئورنىدىن تۇرغان پېتى ئالدى ئارقىسىغا قارىماي، قېچىپ كېتىپتۇ
ساقچىخانا باشلىقى بىلەن يېزا باشلىقى ھەيران بۇلۇپ، مەكتەپ مۇدىرىدىن سوراپتۇ.
- مۇدىر، ئۆكۈزگە نېمە دېدىڭىز؟
مۇدىر مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.مەن ئۇنىڭغا:
- ئورنىڭدىن تۇرۇپ بۇ يەردىن كەتسەڭ كەت، بولمىسا، مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ساڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن – دېدىم دەپتۇ.
بۇ گەرچە بىر جانلىقلاشتۇرۇلغان كىچىك كارتىنا بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك تۈمەن ئىسلاھات بايرىقى ئاستىدا، داشقايناقتەك بۇلۇپ،نېمە قىلارىنى بىلمەي ، «سۈپەت زادى قەيەردە؟» دەپ شۇئار توۋلاۋاتقان ھازىرقى مائارىپىمىزدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ دەردى بىر ئاز بولسىمۇ، يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ.