خاردۋارد مۇدىرىنىڭ خوشلىشىش نۇتقى

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى لاۋرېنېس.ساممېرس (lawrence summers)

مەن بۈگۈن مەكتەپ مۇدىرى سالاھىيىتىم بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بۇ يەردە تۇرۇپ نۇتۇق سۆزلەۋاتىمەن. مەن ۋەزىپەمدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، مەن ھەربىر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىغا، مەكتەپداش ۋە خادىملارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ھەمدە ئۆتكەن بەش يىلدا بۇ جايدا مەن سىلەر بىلەن بىرگە ئىشلىگىنىمگە ئۆزۈمنى تولىمۇ پەخىرلىك ھېس قىلىمەن. ئارىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ پىكرىنى پۈتۈنلەي بىردەك دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەمما مەن بىلىمەن، بىزنىڭ ئورتاق تونۇشىمىز ئۇزاقتىكى ئىختىلاپلاردىن ھالقىپ كەتتى. مەن مەمنۇنلۇق ھېسسىياتىم بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىلىمەن. سىلەرنىڭ ماڭا مۇشۇنداق بىر مەشھۇر ئىلىم يۇرتىغا رەھبەرلىك قىلىش پۇرسىتىنى بەرگىنىڭلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن.
بۇندىن 56 ئاي بۇرۇن مەن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش نۇتقىنى سۆزلىگەندىن تا ھازىرغىچە مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. بۇلار ئالىي مائارىپ، رەھبەرلىك سەنئىتى ھەمدە ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە تۇتۇشىدۇ. مەن ھازىر بەش يىل بۇرۇنقىغا ئوخشىمايمەن. بۈگۈنكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار يۈزلىنىۋاتقان دۇنيا باشقۇرغۇچى خادىملار ئەينى يىللىرى دۇچ كەلگەن دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئاسمان-زېمىن پەرق مەۋجۇت.
بۈگۈنكى دۇنيادا بۇ كىشىلەر ئۈچۈن غايەت زور پۇرسەت بار، ئۇلار باللىرىنى قانداق ئوقۇتۇشنى بىلىدۇ. ئۇ قانداق ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سېلىشنى بىلىدۇ، ئۇلار ئادەتتىكى ساقلاش بۆلىكى ماترىسساسى ۋە پىكسېل ئۇقۇمىنى چۈشىنىدۇ؛ ئۇلار تۈرلۈك قانۇنلار توپلاملىرىنى، ئەنئەنىۋى ئېتىقاد، كومپيۇتېر سۇپىسى، سىياسىي نۇقتىئىنەزەرنى ئىگىلىيەلەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن زور ماھارەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۈگۈنكى دۇنيادا بىر قىسىم كىشىلەر دەۋرنىڭ كەينىدە قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار مائارىپ تەربىيەسىنى قۇبۇل قىلماي، نامراتلىق ۋە زوراۋانلىق پاتقىقىغا پېتىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا باراۋەرلىك پۇرسىتى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالدى.
پەن-تېخنىكىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى بىزنى ئالەمنىڭ ئۇ چېتىنى تەكشۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ماددىي ئەشيانىڭ ئەڭ نېگىزلىك تەركىبلىرىنى ھاياتلىقنىڭ مۆجىزىسىگە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۈگۈن كىشىلەر قىلىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقىنى قىلىشقا قۇربىتى يەتمەيدىغان ئىشلار بولۇپ، بۇ خىل قىلمىشلار يەرشارىدىكى ھاياتلىققا ۋە يەرشارىنىڭ ئۆمرىگە ئېغىر خەۋپ ۋە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
يەرشارىلىشىش يەرشارىنى بارغانسېرى كېچىكلىتىۋاتىدۇ، يەرشارىنىڭ رىتىمىنى بارغانسېرى تېزلىتىۋاتىدۇ، ھەمدە يەرشارىنى تېخىمۇ مولچىلىققا ئىگە قىلىۋاتىدۇ. ھەمدە يەنە «9.11»، يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى ۋە ئىران بىزنى ئەسكەرتىۋاتىدۇ. تېخىمۇ كىچىك تېخىمۇ تېزلەشكەن دۇنيا تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.
بىز نۆۋەتتە بىلىم پارتلاۋاتقان بىر دۇنيادا تۇرۇۋاتىمىز، بىز ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج. ھازىر ئەسلى ئاۋاز (بۇ يەردە ئەينى يىللاردىكىدەك مەخسۇس ئۈن ئېلىش ئۆيلىرىدە ئالغان ئاۋاز كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ھازىر بىرەرىنى زىيارەت قىلىش ئۇنداق مۇرەككەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە.-ت) ئاڭلىتىشلىرىمۇ بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، ھازىر پەيت ئۇچۇرلار پارچە خاتىرىلەر ئەدەبىياتىنى شاللىدى. كىشىلىك تۇرمۇش ئەسەبىيلىكتە بىر چەككە بېرىپ قالدى. بۇ دۇنيا يەنە چوڭقۇر پىكىر قىلالايدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا موھتاج.
بۇ سەۋەبلەرنى ئويلىسام، مەن بۇرۇنمۇ ئىشەنگەن، بۈگۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىتقاد بىلەن ئۇنىۋېرستېت ئىندىئاللىقى ۋە ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان بۇرچقا ئىشەنگەنىدىم. ئۇنىۋېرسىتېت بولسا ئىنسانىيەت ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ھەمدە ئەقىل-پاراسەتنى دەۋردىن دەۋرگە يەتكۈزۈدىغان قەسىردۇر. كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورگانلىرىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىۋېرستېت نۆۋەتتىكى مىزانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كەلگۈسىىدىكى ئېھتىماللىقلارغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ ھەمدە بۈگۈنكى ھۆكۈملەر ئارقىلىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن پۇرسەتلەرگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ.
خارۋارد دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارىسىدا خۇددى توخۇ ئارىسىغا كىرىپ قالغان تۇرنىدەك ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلۇغ ئەنئەنىسى ۋە شان-شۆھرىتىگە ھەمدە 300 مىڭ مەكتەپدىشىغا تايىنىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان سەۋىيىگە يەتكۈزدى.  ئەمما خۇددى بىر ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشناش دەۋرىگە ئوخشاش ئۇلار قەتئىي بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدىغان خەتەرلىك ئامىللارنى يېڭىشى كېرەك: ئۇلارنىڭ ئەنئەنىسى تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بولۇش، ئىچكى ھوقۇقنى قوغلىشىش ۋە ئۆزىدىن قانائەتلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇلار ئۇلارنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
بۈگۈن خارۋارد تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ھازىرقى پەيت ھۇزۇرلىنىشقا ئىنتىلىش بىلەن جاھاننىڭ رەپتارىغا كېرىۋېلىش ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى ۋە يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ ئېغىۋاتىدۇ. بۇلار خاتا بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان بايلىق -ئىختىساسلىق خادىم، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى قاتارلىقلارنى بىزنىڭ يىراقنى كۆرۈشىمىزنى ھەمدە شىجائەت بىلەن ھازىرقى پەيتنى تۇتۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، بىز ئەڭ ياخشى پەيتنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولىمىز. بىز تارىختا مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان، كېيىن كىشىلەر ئەسلەيدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. خارۋارد جاسارەت بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتەلىگەن ۋاقىتتىلا، ئاندىن دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

مەنبە: http://nur.cn/html/news/21258.shtml

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما نادىر ماقالىلار كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش