ئامېرىكا، ياۋرۇپا مائارىپىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەركىتى

ياۋۇرۇپا ۋە ئامېرىكىنىڭ مائارىپتا يېڭىلىققا كۈچۈش ھەركىتى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، غەربىي ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەردە ۋە ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن ، مائارىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ھازىرقى زامان ئىجتىمائى ئۆزگىرىشىگە ماسلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان مائارىپتا يېڭىلىققا كۆچۈش ھەركىتىدۇر.
   بۇ ھەركەتنىڭ بارلىققا كېلىشى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىجتىمائى ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق.
  19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئىلغار كاپىتالىستىك دۆلەتلەر ئىلگىر كېيىن بۇلۇپ، 2-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلاۋىنى تاماملىدى. سانائەتلەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن ماددى بايلىقنىڭ جىددى كۆپيىشى ۋە ئاھالىنىڭ شەھەرگە يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىشى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئەمما يەنە ئىقتىسادى تۇرمۇشتىكى قالايمىقانچىلىق، ئىقتىسادى بوھراننىڭ تېز يامرىشى، باي-گادايغا ئايرىلىشنىڭ تېزلىشىشى، ئەمگەك ئىش ھەققى جەھەتتىكى قارشىلىقنىڭ كۈچيىشى، ئەخلەق، مەدەنىيەتنىڭ چۈشكۈنلىشىشى، مەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ تەڭ تەرەققى قىلماسلىقى قاتارلىق ئىجتىمائى مەسلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
  شۇنىڭ بىلەن مائارىپتا يېڭىلىققا كۈچۈش شامىلى پەيدا بۇلدى. ئۇنىڭ مەقسىتى – ئەنئەنىۋى مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىپ، مائارىپنى ئىجتىمائى تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلپىگە ماسلاشتۇرۇش ھەمدە مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ۋاستە ئارقىلىق جەمىيەتتىكى ئىللەتلەرنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت.
  بۇ ھەركەت ئەنئەنىۋى مائرىپ تۈزۈلمىسىگە، مەزمۇنىغا، ئۇسۇلىغا ۋە مائارىپ نەزىريىسىگە كۆپ تەرەپتىن زەربە ھازىرقى زامان مائارىپى تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يېڭىچە مائارىپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرىپ قىلدى. بۇ بىر مەيدان يېڭىلىققا كۈچۈش ھەركىتى رايوننىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئىككىگە بۆلۈندى. غەربىي ياۋرۇپادىكىسى «يېڭى مائارىپ ھەركىتى» دەپ ئاتالدى. ئامېرىكىدىكىسى بولسا، «ئىلغار مائارىپ ھەركىتى» دەپ ئاتالدى. بۇ ھەركەتلەر جەرياندا بىر مۇنچە پىداگوكشۇناسلار مەيدانغا كەلدى.

مەنبە: چەتئەل ھازىرقى زامان مائارىپ تارىخى

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مېنىڭ يازمىلىرىم كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش