پۇرسەت ئۆزى كېلىپ ئېشىكىڭنى چەكمىسە، پۇرسەت كېلىدىغان ئىشىكتىن بىرنى ئۆزۈڭ ئاچ (لېي.كروكېر)
سەن ئۈچۈن تەر تۆكۈدىغان ئادەمنى تاپ!
مۇنداق پەرز قىلىپ باقايلى. ئىرادەڭ ناھايتى يۈكسەك بولسىمۇ، لېكىن تەلىيىڭ ئوڭدىن كەلمىگەچكە، ماڭدامدا بىر كاشىلىغا ئۇچراپ بىر قەدەممۇ ئالغا ئىلگىرلىيەلمىدىڭ. خوش، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟
باشقىلاردىن نارازى بۇلۇپ، پەرۋاردىگارىغا داد-پەرياد ئېيتقۇلۇقمۇ؟
يوقسۇ، پەقەت ھاماقەتلەرلا شۇنداق قىلىدۇ! لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئەشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئەقىل بىلەن كاللا ئىشلىتىپ باقماي، ھە دېسىلا، باشقىلارنى ياكى ئۆزىنى ئەيىپلەشكە ئادەتلەنگەن. بىلىشىڭ كېرەككى، بۇنداق ئادەت سېنىڭ تېپىلغۇسىز قايتا ئۆگىنىش پۇرسىتىڭنى ۋەيران قىلىۋېتىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. بۈيۈكلەر ھەرگىز مۇشكۇلاتلار ئىچىگە بەنت بۇلۇپ قالمايدۇ. ئۇلار ھەر قانداق نەتىنجىنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن باغرىغا باسالايدۇ.
ئۇنداقتا، باش كۆتۈرمەي جاپالىق تىرماشقۇلۇقمۇ؟
ناۋادا سەن خالىساڭ ئۇمۇ بولىدىغان ئۇسۇل، لېكىن ئۇمۇ ئەڭ ئاقىلانە چارە ئەمەس.
نۇرغۇن كىشىلەر چىشىنى چىشلەپ ئىزچىل تىرىشسا، قىلىۋاتقان ئىشىغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرىپ قىلسىلا، مۈشكۇلاتلارنى يېڭىپ، مۇۋاپىقيەت قازانغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئەمىلىيەتتە ئۇ پۈتۈنلەي خاتا، بالىلارچە خام خىيال، خالاس، دۇرۇس، ئىقتىدار بىلەن تىرىشچانلىق ئوخشاشلا مۇھىم، لېكىن ئەڭ مۇھىمى- ئىقتىدارنى ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىپ ئىشقا سېلىش.
«كۆپ تەر تۆككەنلەرنىڭ كۆپ نەتىنجە قازىنالىشى ناتايىن» دېگەن ھېكمەت ناھايتى جايىدا ئېيتىلغان. دېمەك، باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، كۆزلىرىڭنى يوغان ئېچىپ، سەن ئۈچۈن تەر تۆكۈدىغان ئادەمنى ئىزدەپ تاپ! ئۇلارنى تاپقان ھامان ئۆزۈڭنى غايىلىرىڭگە تۇتاشقان ئۇدۇل يولدا كۆرىسەن.
گىئورگى بوشنىڭ غايىسى نېمە؟ ئۇنىڭ غايىسى راستىنلا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقىدا سۆزلىگەن بۇرۇچلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشمىدۇ؟ ئېھتىمال شۇنداقتۇ.. لېكىن شۇنداق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇكى، گىئورگى بوش (ئامېرىكا زۇڭتۇڭى) ئېتىقادى كۈچلۈك، غايىسى ئۇلۇغۋار ئادەم. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ غايىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت كاتىپى رايىس بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راموسفىلىدنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلانغان تەدبىركار؛
ئۇنداقتا، سەندىن سوراپ باقاي، قانداق قىلغاندا، توخۇنى بۈركۈتتىن ئېگىز ئۇچۇرغىلى بولىدۇ؟ (يازمىنىڭ داۋامىنى ئوقۇماي تۇرۇپ جاۋابىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ)
بۇنى ئالدىرىماي ئوبدان ئويلاپ باققىن!
ناۋادا جىك.ۋېلىچ ھەممىباپ شىركىتىگە كىرمىگەن بولسا، «ئامېرىكىدىدىكى بىرىنچى تەدبىركار» دېگەن شەرەپكە ئېرىشەلىگەن بولارمىدى؟
ناۋادا فېئار.جېكسون بۇقا كوماندىسى بىلەن لاكېرىس كوماندىسىدا مەشقاۋۇللۇق قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ NBA تارىخىدىكى ئەڭ قابىل مەشقاۋۇل ئاتىلىشى مۈمكىنمىدى؟
مېنىڭچە ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش سەنئىتى ھەر قانچە كامالەتكە يەتكەن تەقدىردىمۇ ئەشۇنداق شان-شەرەپلەرگە نائىل بولالىشى ناتايىن ئىدى.
سەنن سىتاتلاردىن يۇقارقى سۇئالىمنىڭ جاۋابىنى يەنىلا تاپالمىغان بولساڭ، مەن دەپلا بېرەي:
توخۇنى بۈركۈتنىڭ بوينىغا مىندۈرۈپ قويساڭ، ئۇ ئەلۋەتتە ئېگىز ئۇچالايدۇ-دە!
ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۈچى چەكلىك بولىدۇ. شۇڭا ئۆزۈمنىڭلا كۈچىگە تايىنىمەن دېسەڭ، مۇۋاپىقىيەت سەپىرىڭ بەك ئۇزۇن بۇلۇپ كېتىدۇ-دە، ئاخىر ھېرىپ چارچاپ ھالىڭدىن كېتىسەن. ھەتتا ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە مەيۈسلىنىپ، ئۆزۈڭ زارىققان نىشانىڭدىن ۋاز كېچىشىڭ مۈمكىن.
مۇھىم نۇقتا: ئەڭ مۇھىمى – پايدىلىنىش !
تاكتىكا: باشقىلارنىڭ كۈرەشلىرىدىن پايدىلان!
باشقىلارنىڭ پۇلىدىن پايدىلان!
باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىدىن پايدىلان!
باشقىلارنىڭ ۋاقتىدىن پايدىلان!
باشقىلارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىدىن پايدىلان!
ئېسىڭدە بولسۇن: پايدىلىنىش-ئوغۇرلىغانلىق ئەمەس، ئەخلاققا مۇخالىپمۇ ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىپ بىئارام بولۇشۇڭنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنياغا داڭق چىقارغان مۇۋاپىقىيەت ساھىپلىرىمۇ دەل باشقىلارنىڭكىدىن پايدىلنىشنىڭ باشىلىرى….
شۇڭا، ھەر قانداق نەرسىنى رەت قىلساڭ قىلىغىنكى، لېكىن باشقىلارنىڭكىدىن پايدىلىنىشنى ھەرگىز رەت قىلما!
مەنبە: ئۆزۈڭدىن ھالقى
مىللەتلەر نەشرىياتى